ﺷﺎﺋﯧﺮ ﺑﺎﻻ ﯪﺷﯘﻣﯩﻜﯩﻨﺎ (1)
ﺗﻪﮔﺴﯩﺰ ﻛﻮﺯﻟﻪﺭ ﺗﯩﻜﯩﻠﻪﺭ ﻣﺎﯕﺎ ،
ﺷﺎﺋﯧﺮ ﺑﺎﻻ ﯪﺷﯘﻣﯩﻜﯩﻨﺎ ..!!!
ئىيتىمەن سوزۇمنىڭ خەۋەرلىرىنى ،
دەپ ئىيتىدۇ –ماڭا ئايدىڭدا.
جايلىشىمەن يۇرىگىڭگە دەپ ،
ئايغا ھەسرەتلىك قاراپ قويىدۇ
بۇ كېچىنىڭ قىيانلىرىدا .
يىقىنلىشار ماڭا قىزىل رەڭ ،
ئۇنىڭ يۇرىگى بەك تىز سوقۇدۇ .
كۇزىتىلگەن يۇرەكلىرىمگە ،
ئاۋۇ قۇشلار سايراۋاتىدۇ ،
دەپ پىچىرلاپ قوشاق قاتىدۇ ،
سەنەم
بۇ قەلبىمگە نۇرنى چاچىدۇ .
سەنەم
بۇ قەلبىمگە چىدىر تىكىدۇ .
سەنەم
-تاپاي دەيمەن كۇلكەڭنى سەنەم ،
بىلەمسەن مەجنۇندەك سويىمەن سىنى ،
قارلىغاچ ئۆيىدە تۈنۈدۇق بىر كۇن
دەريانىڭ ئاۋازى چاقىرار بىزنى .
-قەلبىمنى ئوقىغىن ،گۇللەردىن سەنەم ،
مەن يىراقنىڭ قىشىغا كەتتىم .
سوزلەپ بىرەي ساڭا ھىكايە ،
مەن كېچەمگە ئويۇمنى سالدىم .
شەھلا كوزلەر تىكىلەر ماڭا ،
شائېر بالا ئاشۇمىكىنا ..!!
-قەلبىمنى تېڭشىغىن ،قۇشلاردىن سەنەم ،
مىنىڭ «ھۇجرام »-سىنىڭ كۇلكەڭدە .
مەن قۇياشنى بايان قىلىمەن ،
قايتىپ كىلىپ سالغان ئويۇمگە .
جىمجىت كوزلەر تىكىلەر ماڭا ،
شائېر بالا ئاشۇمىكىنا ...!!
مەن ئوقۇدۇم، ئېسمىڭنى سەنەم ،
يۇرۇقلۇقتا ئوقۇپ باققىن مىنىمۇ .
چىراغ ياقتىم غىرىپ كۇلبەمگە ،
كىچىدە ئىشىكنى چەككىنى كىم –ئۇ ؟
2008-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۇنى (يەكەن )
ئاشىقنامە
ئازاپمەن كوزۇڭدە يالتىراپ تۇرغان ،
بەخىتمەن ،قەلبىڭدە قانىتى سۇنغان .
بىر ئوتمەن مەڭگۇلۇك ۋىسالنى ئىزلەپ ،
ماڭا خاس يۇرەكتە بىر تەخىت قۇرغان .
بىر قەبىھ ناخشىمەن بۇزۇپ ئىيتىلغان ،
سەن كەبى پەرىشتە ئاڭلىماس ئۇنى .
تىنىقىڭغا يامغۇر بولغۇم بار ،
سىم –سىم يىغىپ ئويغاتسام سىنى .
سەن قەلبىمدە كۆيىسەن گور-گور ،
مەن قەلبىڭدە ئاپپاق بىر كەپتەر .
قول تۇتۇشۇپ كىردۇق ئاق نۇرغا ،
قار گۇلىدىن باشلاپ بىز سەپەر .
بىر قەدەھ ئوت كەلتۇر قەدىرلىك جىنىم
بىر قەدەھ ئوت كەلتۇر قەدىرلىك جېنىم ،
مەن سۈيىمەن يۇرەكلىرىڭنى .
كوزلىرىمدە ياشاۋاتىسەن ،
سەن كورمۇدۇڭ يۇرەكلىرىمنى .
مەن سىغىندىم چېچىڭنى جىنىم ،
ئىيىتقىنا نىمىشقا زەھەردە جېسمىم ؟!.
سەھەردە بىر ئېسىم يىغلار ھۇجرامدا ،
ئاسىيلىق قىلمەن ساڭا بىر قىتىم .
بىر قەدەھ زەھەرنى بەرگىنە جىنىم ،
سەھەردىن ...ئېسمدىن ...قىچىپ چىقىمەن .
چىغىر يولدا ئىزىققان سەپەر ،
مەن يەنىلا سىنى سويىمەن .
1995-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۇنى (يەكەن )