تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› ساغلاملىق ۋە پىسخولوگىيە ›› مىدىتسىنا ۋە ساغلاملىق ›› .ئاشقازان، ئون ئىككى بارماق ئۈچەي يارىسىغا گىرىپتار بولغۇچىلار
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    yultuzay
    يىڭى ئەزا
    دەرىجىسى : 7
    جۇغلانما نۇمۇر : 0
    yultuzay@msn.com

    يازما سانى : 0
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    .ئاشقازان، ئون ئىككى بارماق ئۈچەي يارىسىغا گىرىپتار بولغۇچىلار



    .ئاشقازان، ئون ئىككى بارماق ئۈچەي يارىسىغا گىرىپتار بولغۇچىلار :
    1.جىددى قوزغىلىش مەزگىلىدە ئارام ئېلىشقا دىققەت قىلىش ، خىزمەت بىلەن دەم ئېلىشنى مۇۋاپىق تەڭشەش ، جىددىيلىشىشتىن ساقلىنىش، كەيپىياتنىڭ تۇراقلىق بۇلۇشىغا، ياخشى ساغلام روھى ھالەتنى ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
    2.ئاشقازاننى غىدىقلايدىغان، تەستە ھەزىم بولدىغان يېمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك. مەسىلەن، ياغداقورۇلغان يېمەكلىكلەر،زىيادە قاتتىق، سوغاق، ئاچچىق،چۈچىمەل يېمەكلىكلەر، قېنىق چاي ،قەھۋە قاتارلىق يېمەكلىكلەر. ئۇنىڭدىن باشقا زىيادە تاتلىق يېمەكلىكلەرمۇ ئون ئىككى بارماق ئۈچەي يارىسى بىمارلىرىنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا ماس كەلمەيدۇ.
    3.ھاراق-تاماكىنى تاشلاش. ھەر خىل تۇردىكى سوغاق ئىچىملىكمۇ ئاشقازان ياللۇغىنىڭ ياخشىلىنىشىنى ۋە جاراھەتنىڭ ساقىيىشىنى كېچىكتۈرۋېتىدۇ.
    4.تەرتىپلىك قەرەلىك غىزالىنىش، بەك تويغىچە تاماق يېۋىلىشتىن ساقلىنىش، تاماقنى ئاز –ئازدىن قېتىم سانىنى كۆپەيتىپ يېيىش، ئاسان ھەزىم بولىدىغان، يۈمشاق، سۈيۇقراق تاماقلارنى كۆپرەك يېيىش كېرەك. ئىككى ۋاق تاماقنىڭ ئارلىغىدا مۇۋاپىق مىقتاردا قوشۇمچە يېمەكلىك يىسە بولىدۇ.
    5.پۇرچاق،سۈت تۈرىدىكى ئىچىملىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك، چۈنكى بۇنداق ئىچىملىكلەر قورساقنى كۆپتۈرۈپ بىئارام قىلىدۇ.
    6.دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى دورا ئىشلىتىش، دورىنى قەرەلىدە يېيىش كېرەك. ئاشقازان شىللىق پەردىسىگە زىيانلىق دورىلارنى - مەسىلەن، ئاسپىرىن، ياللۇغ قايتۇرۇش دورىسى، فىنىلبوتازون تىپىدىكى قىزىتما قايتۇرۇش، ئاغرىق توختىتىش دورىسى قاتارلىقلارنى ئىمكان بار ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش، ناۋادا زۇرۇريەت بولغاندا بۇ خىل دورىلارغا ئاشقازان شىللىق پەردىلەرنى قوغدىغۇچى دورىلارنى قوشۇپ ئىشلىتىش كېرەك.
    7.قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇش،دورىلارنى تەڭشەپ ئىستىمال قىلىش، كېسەللىك ئالامەتلىرىگە قاراپ دوختۇرنىڭ كورسەتمىسى بويىچە دورا ئۆزگەرتىش.ئەھۋال ئېغىرلاشسا دەرھال يېتىپ مۇنتىزىم داۋالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : .ئاشقازان , ئون ئىككى بارماق ئۈچەي يارىسى , داۋالاش , ئالدىنى ئېلىش , ئوزۇقلىنىش. , _
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-11-12 12:10:09
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 629
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证