تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› ساغلاملىق ۋە پىسخولوگىيە ›› مىدىتسىنا ۋە ساغلاملىق ›› Bتىپلىق جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغۇچىلار نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك.
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    yultuzay
    يىڭى ئەزا
    دەرىجىسى : 7
    جۇغلانما نۇمۇر : 0
    yultuzay@msn.com

    يازما سانى : 0
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    Bتىپلىق جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغۇچىلار نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك.



      

    1.B تىپلىق جىگەر ياللۇغى  HBVۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقارغان يۇقۇملۇق كېسەل بۇلۇپ ۋىرۇس ئاساسەن Bتىپلىق جىگەر ياللۇغى بىمارلىرىنىڭ ۋە   HBV ۋىرۇسنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەرنىڭ قېنىدا بولىدۇ.

    2. ئادەتتە بۇ خىل كېسەللەرنىڭ يۇقۇش يولى: قاندىن يەنى قان سېلىش، يۇقۇملانغۇچى ئىشلەتكەن  ئۇكۇل يىڭنىسىنى تەكرار ئىشلىتىش،  ئانىدىن بالىغا  يەنى Bتىپلىق جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان ئانا ئارقىلىق بوۋاققا يۇقىدۇ.  ئۇنىڭدىن باشقا ئاز بىر قىسىم  بىمارلارنىڭ شۆلگىيى، سپېرمسى قاتارلىق ئاجىراتمىلاردىنمۇ يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كۆرىلىدۇ. بىراق  ئادەتتە بۇ  ئەھۋال ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ.

    3. Bتىپلىق جىگەر ياللۇغىنى بالدۇر بايقاپ، ۋاقتىدا  داۋالاتمىغاندا ئاسانلا ئاستا  ئاستا خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغىغا ئۆزگۇرۇپ ۋاقىت ئۇزىراپ داۋالىنىش مۇۋاپىق بولمىغاندا، جىگەر قېتىشقا، جىگەر راكىغا ئايلىنىش ئېھتىمالى چوڭ بولىدۇ.  Aتىپلىق جىگەر ياللۇغىغا قارىغاندا خەتىرى چوڭراق بولۇپ، ۋاقتىدا  سېستىمىلىق داۋالىتىش، جىگەر خىزمىتىنىڭ ناچارلاپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىنتايىن مۇھىم.   

    4. تەكشۈرۈشتىن ئۆتمىگەن قاننى ئىشلەتمەسلىك، چىش چوتكىسى، ساقالئالغۇچ قاتارلىقلارنى ئورتاق ئىشلەتمەسلىك، بۇلۇپمۇ سىرتتا ئاممىۋى سورۇنلاردىكى تۇرمۇش بۇيۇملىرنى ئىمكان بار ئورتاق ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش، بەدەنگە گۈل چىكىش، كۆز قاشقا چەكتۈرۈشتىن ساقلىنىش كېرەك.

    5. ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرنى قوللىنىش، Bتىپلىق جىگەر ياللۇغى  HBVئېلىپ يۈرگەن بىمارلاردىن باشقىلار ئامال بار Bتىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى ئۇرغۇزۇش كېرەك. ئۇكۇل ئۇرغۇزغاندىن كىيىنكى ئۈنۈم ۋاقتى 3 ـ 5يىلغىچە بولىدۇ.

    6. Bتىپلىق جىگەر ياللۇغى كېسەللىرى ياكى Bتىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى ئېلىپ يۈرگۈچىلەر قان تەقدىم قىلىشقا بولمايدۇ، ئاغرىپ قالغاندا، ئاكتىپلىق بىلەن بىر قېتىملىق داۋالىنىش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتش، كېسەلنىڭ باشقىلارغا يۇقۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. Bتىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى ئېلىپ يۈرگۈچىلەر، ھەر پەسىلدە ياكى يېرىم يىلدا بىر قېتىم  جىگەر ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇش كېرەك.



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : Bتىپلىق جىگەر ياللۇغى , HBVۋىرۇسى , داۋالاش , ئالدىنى ئېلىش. , _ ,
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-11-10 12:13:41
    تەھرىر : qarluq
    باھا : 0 كۆزىتىش : 683
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证