تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› ساغلاملىق ۋە پىسخولوگىيە ›› مىدىتسىنا ۋە ساغلاملىق ›› .ئۆت ياللۇغى ئۆتتە تاش كېسىلى بارلار داۋالىنىش ۋە ئۇزۇقلىنىشتا دىققەت قىلدىغان تەرتىپلەر.
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    yultuzay
    يىڭى ئەزا
    دەرىجىسى : 7
    جۇغلانما نۇمۇر : 0
    yultuzay@msn.com

    يازما سانى : 0
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    .ئۆت ياللۇغى ئۆتتە تاش كېسىلى بارلار داۋالىنىش ۋە ئۇزۇقلىنىشتا دىققەت قىلدىغان تەرتىپلەر.

     



    .ئۆت ياللۇغى ئۆتتە تاش كېسىلى بارلار داۋالىنىش ۋە ئۇزۇقلىنىشتا دىققەت قىلدىغان تەرتىپلەر.
     ماي، خولېستېرىن يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەرنى- مەسىلەن: سېمىز گۆش، قايماق، تۇخۇم سېرىقى،  ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزاسى قاتارلىقلار ئاز ئىستىمال قىلىشى. مايدا پۇشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلماسلىقى، ھاراق ئىچمەسلىكى كېرەك. 
    2. ئەگەردە قورساقنىڭ ئۈستى ئوڭ تەرىپى ئاغرىسا، گۆشسىز تاماقلىنىش،  تۆۋەن ئوڭ تەرىپى ئاغرىسا، دوختۇرنىڭ رېتسىپى بۇيىچە سپازمىنى بوشىتىش ۋە ياللۇغ قايتۇرۇپ ئۆت سۇيۇقلۇقىنى راۋانلاشتۇرىدىغان دورىلارنى ئىچىش كېرەك.
    3. ئەگەردە قورساقنىڭ ئۈستى ئوڭ تەرىپى قاتتىق ئاغرىسا، ھەمدە دۈمبىنىڭ ئوڭ تەرىپىمۇ ئاغرىپ، كۆڭلى ئېلىشىپ، ياندۇرۇپ، قىزىپ ھەتتا چىرايى سارغىيىپ كەتسە چوقۇم دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ سەۋەبىنى تېپىش كېرەك، ئۆزى قالايمىقان دورا يەپ ئاغرىق توختىتىشقا  بولمايدۇ.
    4. B تىپلىق ئاپپاراتقا(B چاۋ) چۈشۈش، ئۆت ياللۇغى ۋە ئۆتكە تاش چۈشۈشنى تەكشۈرۈشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى بۇلۇپ، ئۆزىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا يېيىش ۋە  قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى كېرەك.
    5. ئۆت ياللۇغى، ئۆتكە تاش  كېسىلى بار بىمارلار كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانماي تەكرار قوزغالسا ، ئامال بار بالدۇر ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇش ، باشقا ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۆت خالتىسى تېشىلىپ كېتىش،ئۆت يولىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشى قاتارلىق  كېسەل ئالامەتلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
    6. ئۆتكە تاش چۈشۈشنى داۋالاشنىڭ  ھەر خىل ئۇسۇللىرى بار،  دورا ئارقىلىق داۋالاش، تەۋرىتىش ئارقىلىق تاش چۈشۈرۈش، لاپاروسكوپ ئوپېراتسىيىسى قىلىش(قورساق ئەينىكى ئارقىلىق تاشنى سۈمۈرۈپ ئېلىش ئوپېراتسىيىسى)، قورساقنى يېرىپ ئوپېراتسىيە قىلىش قاتارلىقلار، بۇلارنى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى ۋە بىمار ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا قاراپ  تاللاش كېرەك.
    7.ئۆتكە تاش چۈشكەن بىمارلار ئوزۇقلىنىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. دورا بىلەن داۋالانغۇچىلار دورا ئىشلىتىش مەزگىلىدە ئەتىگەنلىك ناشتىنى بالدۇر قىلىش ئىمكانىيىتى يار بەرگەن ئەھۋالدا سەھەردىكى ناشتىلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش،قۇۋۋەتلىك ئاسان ھەزىم بولدىغان يېمەكلىكلەرنى يىيىش كېرەك. چۈشتە نورمال ئادەتتىكىدەك، ئەمما كەچتە ئېھتىيات بىلەن مايلىق، تەستە ھەزىم بولدىغان يېمەكلىكلەرنى يىيىشتىن  پەرھىز تۇتۇش كېرەك.
     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئۆت ياللۇغى , ئۆتتە تاش كېسىلى , ئۇزۇقلىنىش , داۋالاش ئالدىنى ئېلىش. , _ ,
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-11-10 11:47:57
    تەھرىر : yultuzay
    باھا : 0 كۆزىتىش : 759
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证