بەرگدىن- شەۋققە
مەھمۇد مۇھەممەد ئۆزلەت
چۈمبەل ئىچرە پورەكلىگەن گۈل
بەرگىسىنى يۇشۇرار لىۋەن.
نۇرلانغان خىسلەت
ئىزگۈ لاتاپەت
ئامان بولغاي ئۇ قارا كۆزلەر ،
قات-قېتىدىن بۇلدۇقلاپ فىترەت.
مەتلۇبىمىز بولسا ھىدايەت
قەلبىم ئېغىپ، يوق باشقا تىلەك.
بەندىچىلىك سەپىرى ئارا
نەپسىمدىن ئۆرلىگەن تۈتەك
ئۆز-ئۆزۈمگە قىلدىم نادامەت .
كىمنىڭ يۈرىكى داغقا تولمىغان؟
كۆڭۈلگە، بىخۇد ئېيتىلغان سۆزگە
جەزم ھساب بەرمىكىم كىرەك.
مەنبە-ئىجادىيەت