تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› تەرجىمە-تەرمىلەر ›› تەرجىمە-تەرمىلەر ›› [بوزقىر]ئۇنۋېرسىتېتلارغا كاتتا ئەمەلدارلار بولسىلا كۇپايىمۇ؟
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    bozqir
    سېنىيور
    دەرىجىسى : 4
    جۇغلانما نۇمۇر : 11181
    bozqir@126.com

    يازما سانى : 9
    باھا يازما سانى : 5
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-4-12 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    [بوزقىر]ئۇنۋېرسىتېتلارغا كاتتا ئەمەلدارلار بولسىلا كۇپايىمۇ؟

     


    ئۇنۋېرسىتېتلارغا كاتتا ئەمەلدارلار بولسىلا كۇپايىمۇ؟

    لىيۇ مولىن

    بوزقىر تەرجىمىسى

      

    ئالدىنقى كۈنلەردە چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتېتى قۇرۇلغانلىقىىڭ 100يىلىقىنى قۇتلۇقلاش پائالىيەتلىرى ناھايتى داغ-دۇغىلىق ، ھەيۋەت-ھەشەم بېلەن ئۆتكۈزۈلدى.مۇشۇ يىللاردا بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتېتى ، چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتېتى قاتارلىق ئالىي بىلىم يۇرتلىرى دۇنيادىكى داڭلىق ئۇنۋېرسىتېتلارنىڭ رەت تەرتىپىدىن ئورۇن ئېلىشنىڭلا كويىدا بولۇپ كەلدى. شۇڭا ئەھۋالدا ئازراقلا ئۆزگىرىش بولسىلا كاتتا خەۋەرلەر قاتارىدا بازارغا سېلىندى.دۇنيانىڭ  ئالدىنقى قاتاردىكى ئۇنۋېرسىتېتلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىش ئۇلار كېچە-كۈندۈز تەلپۈنىدىغان ئارزۇغا ، توختىماي توۋلايدىغان شوئارغا ئايلىنىپ قالدى.ئەپسۇسكى ، مەمۇرىي تۈزۈلمە چېكىنىپ چىقماي تۇرۇپ ، ئىلىم ساھەسىنىڭ پۈتۈنلەي ئەركىنلىككە ئېرىشمىكى بەسىي مۈشكۈلدۇر.18-ئەسىردە گېرمانىيە پادىشاسى ۋېليامⅢ ئۇنۋېرسىتېتلارنىڭ مۇتلەق پەلىسەپە ئەركىنلىكىگە ئىگە بولۇشىنى تەشەببۇس قىلغان. بىزنىڭ ئۇنۋېرسىتېتلىرىمىز بېلەن بۇ ئۆلچەمنى سېلىشتۇرساق ئارىلىقىمىزدا كۆز يەتكۈسىز بىر ھاڭنىڭ تۇرغانلىقىنى ھېس قىلماي تۇرالمايمىز.

    ئالدىنقى قاتاردىكى ئۇنۋېرسىتېتقا ئايلىنىمىز دەيدىكەنمىز ، خارۋارت ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ قۇرۇلۇش مۇراسىمىنى قانداق ئۆتكۈزگەنلىكىگە قاراپ باقماي بولمايدىغاندەك تۇرىدۇ! خارۋارت ئۇنۋېرسىتېتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 350يىللىقىنى تەبرىكلىگەن چاغدا 60مىڭدىن ئارتۇق مەكتەبداشلار ئانا مەكتىپىگە يىغىلغان ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى  جايلىرىدىن كەلگەن مىڭدىن ئارتۇق داڭلىق مۇخبىر قەدەم تەشرىپ قىلغان، مەكتەپ شۇ چاغدىكى پىرزېنىت رېگاننى تەبرىكلەش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلىش ۋە موھىم سۆز قىلىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلغاندا رېگان ئادەم ئەۋەتىپ « ماڭا پەخرىي دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى بېرەلەمدىكەن ؟» دېگەن تەلەپ سۆزىنى يەتكۈزگەن. خارۋارت ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى بۇ تەلەپنى ئادىللىق ئەمەس ، دەپ قارىغان ھەم پېرزېنىتلىق مەنسىپى بېلەن ئىلىم ساھەسىنىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقلۇقى ئۈستىدە مۇھاكىمىلەرنى قىزىتىۋەتكەن. ئاخىردا خارۋارت ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ  مەكتەپ مۇدىرى باۋكې ئاخبارات ۋاستىلىرىغا بىۋاستە ھالدا : «مەكتەپ  پېرزېنىتقا پەخرىي دوكتۇرلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى بېرەلمەيدۇ » دەپ ئېنىق جاكارلىغان.شۇڭا خارۋارت ئۇنۋېرسىتېتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 360يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىدا پېرزېنىتنىڭ سايىسىمۇ كۆرۈنمىگەن.

    ئەجىبا، پېرزېنىت قاتماشمىغان تەبرىكلەش مۇراسىمى قاناقراق ئۆتتىكىنە ؟ خارۋارت ئۇنۋېرسىتېتى دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئابى ھايات ، ئۇ ئالتە نۆۋەتلىك پېرزېنت يېتىشتۈرۈپ چىققان ، ئۇنىڭ ئۆمرى ئامېرىكىنىڭىدىن ئۇزۇن ، ئامېرىكا رەھبەرلىرىگە ھامېلە بولغانلىقى ئۇنىڭ شۇنچە كۆپ نەتىجىلىرى ئىچىدىكى پەقەت ۋە پەقەت تىرناقچىلىكلا نەتىجە ھېساپلىنىدۇ ، خالاس. ئەڭ پەخىرلىنىشكە تېگىشلىكى  ئۇنىڭ 34 نەپەر نوبېل مۇكاپاتىنىڭ ساھىبىنى يېتىشتۈرۈپ چىققانلىقىدۇر. شۇڭا پېرزېنىت قاتناشمىغان خارۋارت ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ تويى تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك يوسۇندا ئۆتۈۋەرگەن.

    يەنە كېلىپ بۇ پەقەت خارۋارت ئۇنۋېرسىتېتىغىلا تالىق ئەن-ئەنە  ئەمەس. كولومبىيە ئۇنۋېرسىتېتىمۇ ئەنگىلىيە ئايال پادىشاسىغا دوكتۇرلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى بېرىشنى رەت قىلغان، ئوكىسفورت ئۇنۋېرسىتېتى ساچىر خانىمغا پەخرىي دوكتۇرلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى بېرىشنى رەت قىلغان ، سابىق پىرزېنت بۇشنىڭ ئىنىسى فىلورىدا شىتاتىنىڭ شىتات باشلىقى بولغان مەزگىلدە فىلورىدا ئۇنۋېرسىتېتىمۇ ئوخشاشلا ئۇنىڭغا پەخرىي دوكتۇرلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى بېرىشنى رەت قىلىپ ، پەقەتلا پەخرىي مەكتەبداش دېگەن ئاتاقنى بېرىپ قويۇش بېلەن كۆڭلىنى خوش قىلىپ قويغان.

    ئۇنۋېرسىتېت خۇددى پىل چىشى مۇنارىغا ئوخشايدۇ. ئۇنى پىل چىشى مۇنارىغا  قانداق ئوخشىتىمىز ؟ بىرىنچىدىن ، ئۇنۋېرسىتېت سېپى ئۆزىدىن بىلىم ۋە مەنىۋىيەتنى مەنبە قىلغان دەرىجىدىن تاشقىرى ئىنتىلىىش ۋە شۇ ئىنتىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى ئەمەلىي ھەركەتنىڭ مەھسۇلىدۇر ، ئىككىنچىدىن ئۇنۋېرسىتېت تاشقى دۇنيانىڭ تاجاۋۇزچىلىقى ۋە ئارىلىشىشىدىن مۇتلەق مۇستەسنا بولۇپ، مۇستەقىل ھالدا پەلەسەپە ۋە پەنلەرنىڭ ئەركىنلىكىگە ئىنتىلىدۇ. شۇڭا تارىختىن بۇيان قۇرۇلغان ئۇنۋېرسىتېتلار دىنىي جەمئىيەتلەرنىڭ ئىمتىيازىغا جەڭ ئېلان قىلىپ كەلگەن. گېرمانىيىدە 17-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا قۇرۇلغان خارىي ۋە گوتېنگىن ئۇنۋېرسىتېتلىرىنىڭ ھەر ئىككىسى ئەشۇ خىل بۇرۇچ ۋەزىپىسىنى تولۇق تاماملىغان. ئۇنۋېرسىتېتلار ، بولۇپمۇ ئەنگىلىيىنىڭ ئوكىسفورد ئۇنۋېرسىتېتى ، كامبىرچ ئۇنۋېرسىتېتىگە ئوخشاش 20-ئەسىردە قۇرۇلغان ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئۇنۋېرسىتېتلار  ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىدىكى ئەقىل-پاراسەتنىڭ گۈل-غۇنچىلىرى سۈپىتىدە تەرىپلىنىپ كەلمەكتە. «ئۇنۋېرسىت ئۇقۇمى»دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورى نومان ئۇنۋېرسىتېتقا «بىلىم ئەسلىدىنلا مەقسەت ئۈچۈندۇر»دەپ ئېنىقلىما بەرگەن. ئەقىل، ئىدراك ۋە بىلىم ئۇنۋېرسىتېتلارنىڭ بارلىق غايىسىدۇر. مۇشۇ دۇنيادىكى 1-ئېقىمدىكى ئۇنۋېرسىتېتلار قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان تۇپراق ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت ۋە بىلىمگە بولغان ئىنتىلىشىنىڭ مەھسۇلىدۇر . مەمۇرىيەت ۋە ئىمتىياز تۇپرىقىدا ئەقىل-پاراسەتنىڭ گۈل-غۇنچىلىرى قانداقمۇ پورەكلەپ ئېچىلالىسۇن؟

    گېرمانىيە پىداگوكى ياسبېرس مۇنداق دېگەن : «ئۇنۋېرسىتېت تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان ۋە ئىلىم تارقىتىدىغان قەسىر. يېڭى ئادەملەرنى تاۋلايدىغان دۇنيا، شەخىسلەر ئارا ھاياتى كۈچكە تولغان ئالاقە سورۇنى، ئىلىم گەۈللەپ ياشنايدىغان ساھە». ئەمما ، ئۇ كىشى ھېچقاچان ئۇنۋېرسىتېتنىڭ سېياسىي شان-شەرەپلەرگە ئىنتىلىدىغان بازار ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالمىغان .

    چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ پىشقەدەم مۇدىرى مىن تەيجىنىڭ مۇنداق بىر مەشھۇر سۆزى بار : « ئۇنۋېرسىتېتتا بىنا بولمىسىمۇ بولىۋېرىدۇ، ئەمما پىر –ئۇستازلار بولمىسا بولمايدۇ » .شۇ چاغلاردا چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتېتىدا لىياڭ چىچاۋ، چېن فۇكې ، ۋاڭ گوۋېي ، جاۋ يۇەنرېن قاتارلىق تۆت نەپەر مەشھۇر دۆلەت ئۇستازلىرى بار بولۇپ ، ئۇلارنىڭ شان –شۆھرىتى ئاللىقاچان دەۋىرداش مەكتەپلەرنىڭكىدىن ئېشىپ كەتكەن ئىدى. بىراق ھازىرچۇ ؟ ئارىدىن 100يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتېتى خەلق سارىيىدا ئولتۇرىدىغان مەكتەپداشلىرىدىن پەخىرلىنىدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالدى. ئەجىبا ، ئەمدىلىكتە : «ئۇنۋېرسىتېتلارغا كاتتا ئەمەلدارلار بولمىسا بولمايدۇ » دېسە مۇۋاپىق بولىدىغان ئوخشىمامدۇ؟!

     

    [بۇ ماقالە ئەسلىدە «ياڭچېڭ كەچلىك گېزىتى» نىڭ 2011-يىل 1-مايدىكى سانىغا بېسىلغان ] 



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئۇنۋېرسىتېت سېياسىي تۈزۈلمە ئىلىم مۇستەقىللىقى تەرجىمە بوزقىر , _ ,
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-11-1 7:06:21
    تەھرىر : admiral
    باھا : 0 كۆزىتىش : 461
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证