تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› شەخسلەر ›› ئەدىپ-مۇتەپەككۈرلەر ›› جامالىددىن ئافغانىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    halisa
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 13097
    115170089@qq.com

    يازما سانى : 55
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-5-20 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    جامالىددىن ئافغانىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى



    جامالىددىن ئافغانىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى 
    جامالىددىن ئافغانىنىڭ مەرىپەتچىلىك ئىدىيىسى   


    1. جامالىددىن ئافغانىنىڭ ياشلىق دەۋرى ۋە ساياھەت ھاياتىنىڭ باشلىنىشى


    جامالىددىن ئافغانى مىلادىيە 1830-يىلى (ھىجىرىيە 1254-يىلى) ئافغانىستاننىڭ كابۇل شەھەر ئەتراپىدىكى كانارىنىڭسادابات قەلئەسىدە دۇنياغا كەلدى. دادىسىنىڭ ئىسمى سەيىد سەقەدەل بولۇپ، ئائىلىسى شۇ يەردىكى چوڭ جەمەت ئىدى. ئۇنىڭ ئەجدادى تۆت خەلىپىنىڭ بىرى بولغان ھەزرىتى ئەلى ئىبىن ئەبۇ تالىپ (600-661) قا تاقىشىدۇ. دېمەك، جامالىددىن ئافغانى ئەرەب ئەۋلادى بولۇپلا قالماستىن، پەيغەمبەر پۇشتى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ جەمەتى يەرلىك مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ناھايىتى يۇقىرى ئابرويغا ئىگە بولغان. ئۇنىڭ جەمەتى شۇ يەردە نۇرغۇن يەر-زېمىنگە، ئىنتايىن زور بايلىققا ئىگە ئىدى. ئۇلارنىڭ شۇ يەردىكى كۈچىنى ئاجىزلىتىش ئۈچۈن ئافغانىستان پادىشاھى دوست مۇھەممەدخان (1793-1863) ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنى كابولغا كۆچۈرۈپ كېلىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. جامالىددىن ئافغانى دادىسىغا ئەگىشىپ كابولغا كېلىپ، سەككىز يېشىدا مەكتەپكە كىرىپ، ئەرەب تىلى، گرامماتىكا، ئىستىلىستىكا ئوقۇيدۇ، ئەرەب-ئىسلام تارىخى ۋە ‹قۇرئان كەرىم›، تەپسىرشۇناسلىق، ھەدىس، ئەقىدە، شەرىئەت، مەزھەپلەر نەزەرىيىسى قاتارلىق دىنىي دەرسلەرنى ئۆگىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ماتېماتىكا، فىزىكا، ئىلمىي نۇجۇم، تەلىم-تەبىيە، مەنتىقە، ئىلمول ئىلاھ قاتارلىق تەبىئىي پەن ۋە پەلسەپە دەرسلەرنى ئۆگىنىدۇ، ئۇ تۇغما ئەقىللىق بولۇپ، كىچىكىدىن ياخشى تەربىيىلىنىپ، كېيىنكى تەرەققىياتىغا ياخشى ئاساس سېلىنىدۇ.
    18 يېشىدا ئىپتىدائىي ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن، ھىندىستانغا بېرىپ داۋاملىق بىلىم ئاشۇرىدۇ. ئۇ يەردە ئاساسلىقى ماتېماتىكا قاتارلىق تەبىئىي پەنلەرنى ئۆگىنىدۇ. يېڭى ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە ئىدىيىسى بىلەن ئۇچرىشىدۇ. كېيىن مەككىگە ھەج قىلىپ بارىدۇ. مەككىگە بېرىپ كەلگۈچە نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايونلاردىن ئۆتۈپ شۇ يەرلەردىكى خەلقلەرنىڭ پاجىئەلىك تۇرمۇشىنى ۋە بۇ دۆلەتلەردىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ چىرىك-ئىقتىدارسىزلىقىنى كۆرىدۇ. بۇ ھال ئۇنىڭدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ. ھەج قىلىپ بولغاندىن كېيىن، جامالىددىن ئافغانى ئافغانىستانغا يېنىپ كېلىپ، پادىشاھ مۇھەممەدخاننىڭ قول ئاستىدا خىزمەت قىلىدۇ. پادىشاھ
     خارات شەھىرىگە جازا يۈرۈشى قىلغاندا، جامالىددىن ئافغانى بىللە بارىدۇ. قوشۇن يۈرۈشى قىلغاندا، جامالىددىن ئافغانى بىللە بارىدۇ. قوشۇن شەھەرنى ئالالمايدۇ. پادىشاھ ھەربىي لاگېردا قازا قىلىدۇ. شاھزادىلەر تەخت تالىشىپ ئۆزئارا قىرغىن قىلىشىدۇ، ئۇزۇندىن بۇيان ئافغانىستانغا خىرىس قىلىپ تۇرغان ھىندىستاندىكى ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۆزىگە كەتمەن چاپىدىغان شاھزادە شىرئەلىنى يۆلەپ، بۆلۈنۈشنى كۈچەيتىپ، قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىپ، ئافغانىستاننى ئومۇميۈزلۈك كونترول قىلىشقا كىرىشىدۇ. بۇ ھال جامالىددىن ئافغانىدا ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرىگە ئۆچمەنلىك پەيدا قىلغان مەنبە بولدى. نەچچە قېتىملىق جەڭدىن كېيىن، جامالىددىن ئافغانى ياردەملەشكەن شاھزادە ئەئازەم مەغلۇپ بولۇپ ئىرانغا كېتىدۇ، نەچچە ئايدىن كېيىن نىشاپور شەھىرىدە ئالەمدىن ئۆتىدۇ. شۇ چاغدا جامالىددىن ئافغانى دەرھال كېتىپ قالمايدۇ. ئۇ پەيغەمبەر ئەۋلادى بولغاچقا، يېڭى پادىشاھقا تەھدىت بولۇپ تۇيۇلىدۇ، يېڭى پادىشاھ ئەلنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ قويماسلىق ئۈچۈن، ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلماي، كۆرۈنۈشتە ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ. ئاستىرتتىن بولسا نازارەت قىلىدۇ ۋە قىيناپ تۇرىدۇ. شۇڭا جامالىددىن ئافغانى ئافغانىستاندىن كېتىشنى ئەۋزەل بىلىپ، ھەج قىلىپ كېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. تەلىپى ماقۇللىنىدۇ، لېكىن ئىراندىن ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ. چۈنكى شۇ چاغدا شاھزادە مۇھەممەد ئەئازەم ئىراندا ھايات ئىدى. 1869-يىلى مۇھەممەد ئەئازەم ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىنكى ئۈچ ئايدا جامالىددىن ئافغانى كابۇلدىن ئايرىلىپ، ھىندىستانغا بېرىپ، ھىندىستاندا تۇرۇپ قېلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئۇنىڭ ھىندىستاندىكى دوستى، ئافغانىستانلىق سودىگەر ئۇنىڭغا خەت يېزىپ، ئۇنى ھىندىستانغا مېھمان بولۇپ كېلىشكە تەكلىپ قىلىدۇ، ھەمدە ئۇنىڭ ئارزۇسىغا ماس كېلىدۇ، لېكىن ئىنگلىزلار جامالىددىن تەدبىرلەرنى قوللىنىدۇ. شۇڭا جامالىددىن ئافغانى ھىندىستان چېگرىسىغا يېتىپ بارغاندا، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى تەرىپىدىن تەنتەنىلىك قارشى ئېلىنىدۇ. بۇ ئىش ئۇنى قاتتىق ھەيران قالدۇرىدۇ، چۈنكى ھەر قانداق جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئۇ بۇنداق مۇئامىلىدىن بەھرىمەن بولماسلىقى لازىم ئىدى. بولۇپمۇ ئۇنى ھەيران قالدۇرغىنى ئۇنى قارشى ئېلىشقا كەلگەنلەر ئارىسىدا ئۇ تونۇيدىغان بىرەر ئادەم كۆرۈنمەيتتى. ئافغانىستانلىق سودىگەر دوستىنىڭ سايىسىمۇ يوق ئىدى. جامالىددىن ئافغانى ‹بۇنىڭ سەمىمىي قارشى ئېلىش ئەمەس، بەلكى يامان نىيەتتىكى ئورۇنلاشتۇرۇش› ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ئۇ دوستىنىڭ ئۆيىگە بارىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، ئەمەلدار ئۇنىڭغا ھۆكۈمەت ھەممىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى، باشقا يەرگە بېرىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، ھەممە ئورۇنلاشتۇرۇشلارغابويسۇنسىڭىزلا بولىدۇ، دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئۇلار جامالىددىن ئافغانىدىن ھىندىستاندا قانچىلىك تۇرىدىغانلىقىنى سورايدۇ. ئۇ ئىككى ئايدىن ئاشمايدۇ، دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئۇلار جامالىددىن ئافغانىدىن ھىندىستاندا قانچىلىك تۇرىدىغانلىقىنى سورايدۇ. ئۇ ئىككى ئايدىن ئاشمايدۇ، دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ماقۇل بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ھەمدە نازارەت قىلىدىغان ئادەملەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، زىيارەت قىلىپ كەلگەن ھەر بىر ئادەمنى سوراق قىلىپ تۇرىدۇ. تۇنجى كۈنى نەچچە ئون ئادەم زىيارەت قىلىپ كېلىدۇ. نازارەت قىلىدىغانلار ئۇلارنىڭ پاراڭلىرىنى ئاڭلىيالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ، ھۆكۈمەت كىشىلەرنى، بولۇپمۇ ھىندىستانلىق ئاقسۆڭەك ۋە ئالىملارنى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشتىن ئاشكارا توسىيالمايتتى. جامالىددىن ئافغانىنىڭ ھىندىستاندىكى تەسىرى بارغانسېرى زورىيىپ، ئەنگلىيە مۇستەملىكىچى دائىرىلىرىنى تېخىمۇ بىئارام قىلىۋەتكەن. بىر كۈنى ئەمەلدار جامالىددىن ئافغانىغا :‹ھىندىستان ھۆكۈمىتى سىزنىڭ ھىندىستاندا ئىككى ئاي تۇرۇشىڭىزغا ماقۇل بولغانىدى. لېكىن ھازىرقى ئەھۋالدا داۋاملىق تۇرۇشىڭىزغا يول قويمايدۇ.› دەپ ئۇقتۇرىدۇ. زىيارەتكە كەلگەنلەر بۇ گەپنى ئاڭلاپ غەزەپلەنگەن. ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ئىشىغا نارازىلىق بىلدۈرمەكچى بولىدۇ. جامالىددىن ئافغانى ئۇلارنى توسۇپ، ئۇلاردىن ئۆزىنى بېسىۋېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇ يېنىدا تۇرغان ئەمەلدارغا بۇرۇلۇپ: ‹مەن ھىندىستانغا بۈيۈك برىتانىيە ھۆكۈمىتىنى قورقۇتۇش ئۈچۈن، قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىش ئۈچۈن ياكى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەلۇم خىزمىتىنى تەنقىدلەش ئۈچۈن كەلمىدىم، لېكىن سىلەرنىڭ مەندەك قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقى يوق زىيارەت قىلغۇچىدىن قورقۇشىڭلار. مەندىنمۇ ئاجىز كىشىلەرنى توسۇشۇڭلار، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ھۆكۈمرانلىقىغا بولغان ئىشەنچىسىنىڭ كەملىكىنى، ئىقتىدارىنىڭ كەملىكىنى، ھەققانىيەت ۋە خەۋپسىزلىك تۇيغۇسىنىڭ كەملىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ كەڭ رايون ۋە دۆلەتتىكى ھۆكۈمرانلىقى بۇ رايون ۋە دۆلەتتىكى خەلقنىڭ ئاجىزلىقىدىن كۆپ ئاجىز ئىكەن.› دەيدۇ. جامالىددىن ئافغانى زىيارەت قىلىپ كەلگەن ھىندىستانلىق دوستلارغا مۇنداق دەيدۇ: ‹سىلەر ھەقىقەت ۋە ھەققانىيەتكە ئىگە. سىلەردە نەچچە يۈز مىليون ئادەم بولسىمۇ، سىلەرنى ئىنگلىزلار قوغداۋاتىدۇ. ئۇلار ياللانما قوشۇندىن پايدىلىنىپ مۇستەقىللىقىڭلارنى بوغدى، بايلىقىڭلارنى سۈمۈرۈۋالدى. ۋەھالەنكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى قوشقاندا بىر نەچچە ئون مىڭ ئادەم. ئەگەر سىلەر ‹چىۋىن› بولساڭلار، نەچچە يۈز مىليون چىۋىننىڭ ۋۇڭۇلدىغان ئاۋازىمۇ ئەنگلىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ قۇلىقىنى گاس قىلىۋېتەلەيدۇ، ئۇلارنىڭ باش ۋەزىرى ۋىليام گلادستوننىڭمۇ قۇلىقىنى گاس قىلىۋېتەلەيدۇ. مۇبادا نەچچە يۈز مىليون دېڭىز تاشپاقىسى بولۇپ دېڭىزغا چۈشۈپ ئەنگلىيىنى قورشىۋېلىپ، ئۇنى دېڭىزنىڭ ئاستىدا سۆرەپ چۆكتۈرۈۋېتىپ، ھىندىستانغا يېنىپ كەلسەڭلار، ئەركىن ئادەم بولۇپ قالىسىلەر.›
    جامالىددىن ئافغانىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ تۇرغانلارنىڭ كۆزىدىن ياش كېتىدۇ. ئۇ يۇقىرى ئاۋازدا مۇنداق دەيدۇ: ‹ياش تۆكۈش خوتۇن كىشىلەرنىڭ ئىشى، سۇلتان مەھمۇد ئىبىن
     سەبۇك تېكىن ھىندىستانغا يىغلاپ ئەمەس، بەلكى بېلىگە قىلىچ ئېسىپ كەلگەن. بىر مىللەت ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا، ئۆلۈمگە دادىللىق بىلەن قارىيالمىسا، بۇ مىللەت مەۋجۇت بولالمايدۇ.› جامالىددىن ئافغانى گېپىنى تۈگىتىپ، ھېلىقى ئەمەلدارغا بۇرۇلۇپ، سىلەر مېنى نەگە كەتكۈزمەكچى؟ دەپ سورايدۇ. ئەمەلدار ئۇنىڭغا: ھىندىستاندىن كەتسىڭىز، نەگە بارسىڭىز ئىختىيار، دەيدۇ. ئۇ ئەتىسى سۈۋەيىشكە ماڭغان پاراخوتقا چۈشىدۇ. مىلادىيە 1870-يىلى (ھىجىرىيە 1286-يىلى) جامالىددىن ئافغانى مىسىرغا كېلىپ بۇ يەدە 40 نەچچە كۈن تۇرىدۇ. ئەزھەر مەسچىتىگە كۆپرەك بېرىپ، سۈرىيىلىك ئوقۇغۇچىلار بىلەن كۆپرەك ئۇچرىشىدۇ. مۇشۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مۇھەممەد ئابدۇ سۈرىيىلىك ساۋاقداشلىرى ئارقىلىق جامالىددىن ئافغانى بىلەن تونۇشىدۇ. مانا بۇ جامالىددىن ئافغانىنىڭ مىسىرلىق ئوقۇغۇچى بىلەن تونۇشۇشنىڭ باشلىنىشى بولىدۇ. كېيىن مۇھەممەد ئابدۇ شۇ چاغدىكى ئەھۋالنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: ‹مىلادىيە 1870-يىلى 4-ئايدا جامالىددىن ئافغانىنى تۇنجى قېتىم كۆردۈم. ئۇ سۆزلىگەن پەلسەپە، ئىلمى كالام ۋە ماتېماتىكا قاتارلىق دەرسلەرنى ئاڭلىدىم. باشقا ئوقۇغۇچىلارنىمۇ ئۇنىڭ دەرىسىنى ئاڭلاشقا تەكلىپ قىلدىم. كېيىن ئەزھەردىكى ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا گەپ كۆپىيىپ كەتتى. ئۇلار جامالىددىن ئافغانىنىڭ دەرسى توغرا دىنىي ئېتىقادنى تەۋرىتىپ قويىدۇ، دېيىشتى.›
    لېكىن سۈرىيىلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ جامالىددىن
     ئافغانىغا بەرگەن باھاسى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ. ئۇنىڭ دەرسىنى داۋاملىق ئاڭلايدۇ. ئۇ تىل، ئەقىدە، پەلسەپە قاتارلىق دەرسلەرنى سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي جامالىددىن ئافغانى مىسىردىن ئايرىلىپ، بۇرۇن ئويلانغاندەك مەككىگە بارماستىن، ئىستانبۇلغا بارىدۇ.
    1870-يىلى 6-ئايدا ئىستانبۇلغا كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي تۈركىيىنىڭ باش ۋەزىرى ئەلى پاشا بىلەن كۆرۈشۈپ، كاتتا كۈتۈۋېلىنىدۇ. ئالتە ئايدىن كېيىن مائارىپ كومىتېتىنىڭ ھەيئەتلىكىگە تەيىنلىنىدۇ، جامالىددىن ئافغانى پان
     ئىسلامىزىمنى تەشەببۇس قىلغانلىقتىن، تۈركلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا ئىگە بولىدۇ. ئۇلار ئىسلام ئىتتىپاقى ئارقىلىق لىڭشىپ قالغان ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنى قۇتقۇزۇپ قالماقچى بولىدۇ. شۇڭا جامالىددىن ئافغانى تۈركىيىدە ئالاھىدە قىزغىن قارشى ئېلىنىدۇ. ئۇ ھەر خىل پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىپ، ئىجتىمائىي، سىياسىي ئىسلاھات توغرىسىدىكى تەشەببۇسىنى تەشۋىق قىلىدۇ. ئوسمانلى سۇلتانىنىڭ قانۇن چىقىرىشقا تەييارلىنىش توغرىسىدىكى خىيالىمۇ ئەمەلىيەتتە، جامالىددىن ئافغانىنىڭ ئاشۇ ئىدىيىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراشتىن پەيدا بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇنىڭ تەشەببۇسلىرى مۇتەئەسسىپلەرنىڭ قارشىلىقىنىمۇ قوزغايدۇ. جۈملىدىن تۈركىيىنىڭ ئۆلىماسى ھەسەن قاھمى ئەپەندى 1870-يىلى 12-ئايدا جامالىددىن ئافغانىنىڭ ئىستانبول سەنئەت مۇزېيىدا سۆزلىگەن دەۋرىدىكى پەلسەپە بىلەن ۋەھىينى سېلىشتۇرۇپ، ‹پەلسەپە ئەڭ مۇكەممەل خىزمەت. ئۇ ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق قولغا كېلىدۇ. ۋەھىينى ئاللا ئىلتىپات قىلىدۇ. ئاللا بەندىلىرى ئىچىدىن ياخشى كۆرگەن ئادەمنى تاللاپ پەيغەمبەر قىلىدۇ. يەنە بىر پەرق شۇكى، پەيغەمبەرنى خۇدا ساقلايدۇ. پەيغەمبەر خاتالاشمايدۇ. پەيلاسوپ خاتالىشىشى مۇمكىن، چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ غايەت زور تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ھەقىقەتكە يېتەلەيدۇ. مەڭگۈ يېتەلمەسلىكىمۇ مۇمكىن.› دەيدۇ. بۇ سۆزنىڭ مەنىسى ناھايىتى ئېنىق بولۇپ، قەدىمكى ئەرەب پەيلاسوپى ئىبىن سىنا ۋە ئىبىن رۇشىدلار بۇ قاراشنى بۇرۇن ئىپادىلىگەن بولسىمۇ، ھەسەن قاھمى ئەپەندى جامالىددىن ئافغانىنىڭ بۇ سۆزىنى دەستەك قىلىپ، جامالىددىن ئافغانىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى ۋەھىي بىلەن ‹سۈنئىي خالىقىيەت› نى تەڭ ئورۇنغا قويدى، دىنغا ئاسىيلىق قىلدى، دەپ ئەيىبلەيدۇ. ئاخبارات ساھەسىدىكىلەرمۇ ئۇنى كۆپتۈرىدۇ. جەمئىيەتتە قوللايدىغانلار ۋە قارشى تۇرىدىغانلاردىن ئىبارەت ئىككى تەرەپ شەكىللىنىدۇ. بەزىلەر جامالىددىن ئافغانىغا سۈكۈت قىلىپ، ئىشنىڭ ئۆتۈپ كېتىشىنى كۈتۈش توغرىسىدا نەسىھەت قىلىدۇ، لېكىن ئۇ ئۇنداق قىلىشقا ئۇنىمايدۇ. ھۇجۇم قىلغۇچىلارغا قىلچە يول قويمايدۇ. زىددىيەت بارغانسېرى كەسكىنلىشىپ كېتىدۇ. باش ۋەزىر ئارىلىشىپ، ئومۇمىيلىقنى كۆزدە تۇتۇپ، جامالىددىن ئافغانىنى قۇربان قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ، ئۇنى چەكلىك ۋاقىت ئىچىدە چېگرادىن چىقىپ كېتىشكە بۇيرۇيدۇ. بۇ قېتىمقى جىسمانىي ھۇجۇم ۋە ھاقارەت جامالىددىن ئافغانىنىڭ كېيىنكى كىشىلىك ھاياتىغا ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ دىنىي ساھەدىكى يۇقىرى قاتلام زاتلىرىغا ئىشەنمەيدۇ، ھەمدە ئۇلاردىن ئۆزىنى چەتكە تارتىدۇ.
    جامالىددىن ئافغانى تۈركىيىدىن غەزەپ بىلەن ئايرىلىپ ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى
     ھىجازغا بارىدۇ. بۇ يەرنىڭ ھاۋاسىغا ئۆزلىشەلمەي، قىسقا ۋاقىت تۇرىدۇ. 1871-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى مىسىرغا ئىككىنچى قېتىم كېلىدۇ. ئەينى چاغدا رىياد پاشا مىسىرنىڭ باش ۋەزىرى بولۇپ، مىسىرنىڭ مالىيە، سىياسىي، ئىدىيە ساھەلىرىدە يېڭى ئۆزگىرىش بولۇشىنى ئۈمىد قىلغانلىقتىن، جامالىددىن ئافغانىنى تەكلىپ قىلىدۇ. چۈنكى جامالىددىن ئافغانىنىڭ تەشەببۇسلىرى كىشىلەرنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقىنى قوزغىيالايدىغانلىقىنى بىلىدۇ، جامالىددىن ئافغانى مىسىرغا كەلگەندىن كېيىن ھۆكۈمەت تەرىپىدىن كۈتۈۋېلىنىدۇ. ئايلىق مائاش بېرىلىدۇ، ئۆيدە ھەقسىز ئولتۇرىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇتقۇچىلار ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ بولغاچقا، مەكتەپكە بېرىپ دەرس ئۆتمەي، ئۆزىنىڭ ياتاق بىناسىدا دەرس سۆزلەيدۇ. ئىستانبۇلدىكى ساۋاقنى قوبۇل قىلغاچقىمىكىن، دىنىي ساھەدىكى يۇقىرى قاتلام زاتلار بىلەن قايتا ئالاقە قىلمايدۇ. ئۇ دەرسنى پەلسەپە، تەسەۋۋۇپ ۋە سىياسىي قاتارلىق مەزمۇنلاردا ئۆتىدۇ. لېكىن ئىسلاھات ۋە گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئالدىنقى شەرتتىن نېرى كەتمەيدۇ. كەچقۇرۇنلىرى ئۆيىنىڭ يېنىدىكى قەھۋەخانىدا چاي ئىچىپ، دوستلىرى بىلەن كەڭتاشا سۆزلىشىدۇ، ئادەتتىكى شەھەر ئاھالىلىرى، ئەدىبلەر، شائىرلار، دوختۇرلار، ئىنژېنېرلار، زىيالىيلار ھەمىشە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ھەر خىل مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇھاكىمە قىلىشىدۇ.

    تەدرىجىي پىشىپ يېتىلگەن جامالىددىن ئافغانى
    جامالىددىن ئافغانى تونۇپ يېتىدۇكى، مىسىر خەلقىنى ئويغىتىش ئۈچۈن مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش لازىم. نادان ئادەملەر ئىسلاھاتنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشىنەلمەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئىسلاھاتقا قاتنىشىشىدىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا جامالىددىن ئافغانى مەكتەپ ئېچىپ، گېزىت چىقىرىپ، خەلقنى تەربىيىلەشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئۇنىڭ شاگىرتى ئەدىب ئىسھاق قاھىرەدە ‹مىسىر گېزىتى› نى چىقىرىدۇ. يەنە بىر شاگىرتى سالىم
     نىقاش ئالېكساندىرىيە شەھىرىدە ‹سودا گېزىتى› چىقىرىدۇ. ئۇ ۋە مۇھەممەد ئابدۇ قاتارلىق كىشىلەر بۇ گېزىتلەرگە ماقالە يېزىپ بېرىپ تۇرىدۇ.
    ئۇ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي خاراكتېرلىك ماقالىلەرنى يازىدۇ. بەزىلەرگە ئۆز ئىسمىنى، بەزىلەرگە تەخەللۇسىنى ئىشلىتىدۇ. ماقالىلىرىدە سىياسىي مەسىلىلەرگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ شەرق دۆلەتلىرىدىكى خەلقلەرگە ھەر خىل ھىيلە-مىكىرلەرنى ئىشلىتىپ،بۆلۈپ ئىدارە قىلىش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغانلىقىنى پاش قىلىدۇ. بۇ ماقالىلەر خەلقنى تەربىيىلەشتە ئىجتىمائىي رول ئوينايدۇ. مىسىر پادىشاھى ئىسمائىلنىڭ ئىنگلىزلارغا تىز
     پۈكۈشىدىن مىسىرلىقلارغا قارىغاندا جامالىددىن ئافغانى بەكرەك غەزەپلىنىدۇ. بۇنىڭغا بىر تەرەپتىن، ئۇنىڭ شەرقلىق بولۇپ، كۈچلۈك ھېسىداشلىق قىلىش تۇيغۇسىغا ئىگە ئىكەنلىكى، يەنە بىر تەرەپتىن، ئىنگلىزلارغا ئۆچ بولۇپ، ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ يامان نىيىتىنى بىلگەنلىكى سەۋەب بولىدۇ.
    جامالىددىن ئافغانىنىڭ ئىدىيىسى كەسكىن بولۇپ، تارىخنىڭ تەرەققىياتى ئۇنىڭ كۆزقاراشلىرىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى، ۋەھالەنكى، ئەينى چاغدا ئۇنىڭ كۆزقاراشلىرى دەۋردىن ھالقىپ كەتكەن، نۇرغۇن كىشىلەر قوبۇل قىلالمىغان ۋە چۈشىنەلمىگەنىدى. لېكىن ئۇ يالتىيىپ قالمىدى. جاھانگىرلارنىڭ زۇلمى، ئېكىسپىلاتاتسىيىسى تارقاق خەلقنى چوقۇم
     ئويغىتىدىغانلىقىغا ۋە ئىتتىپاقلاشتۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى، مىسىرنىڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ۋە دىنىي ساھەدىكى يۇقىرى قاتلام زاتلىرى جامالىددىن ئافغانىنىڭ كەسكىن ئىدىيىسىگە دىققەت قىلدى. ئۇنىڭ بۇ يەردىكى ئەھۋالى ئەينى چاغدىكى ئىستانبۇلدىكى ئەھۋالىغا ئوخشاپ قالدى. دىنىي ساھەدىكى نوپۇز ئىگىلىرى ئۇنى بىرىنچىدىن، پەلسەپە ئىدىيىسىنى ئېتىقادنىڭ ئۈستىگە قويۇۋالدى. ئىككىنچىدىن، مۇسۇلمانلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئەنئەنە ۋە ئادەتلەرگە قارشى تۇردى، دەپ ئەيىبلىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئىسلام دىنىنى ئۇزۇن مۇددەت توغرا چۈشەنمىگەنلىكتىن، نۇرغۇن خاتا ئىدىيە ۋە ئادەتلەر ئېسىل ئەنئەنە ھېسابلىنىپ، ئىسلام دىنىنىڭ تەركىبىي قىسمى بولۇپ قالغان. مەسىلەن، ئىسلام دىنىنىڭ ئىشىنىدىغان ‹تەقدىر›، ‹بىر ئادەم پەرۋا قىلمىدىمۇ بولىدىغان پېشانىگە پۈتۈلگەننى كۆرىدىغان› ‹تەقدىرچىلىك› دىن چۈشىنىلدى. ۋەھالەنكى، ئىسلام دىنى ئادەمنىڭ ئىرادىسىنى ۋە تىرىشچانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ ۋە تەقدىرگە ئىشىنىدۇ. مۇسۇلمانلاردىن دىندا ۋە جەمئىيەتتە ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەجبۇرىيەت ۋە مەسئۇلىيەتتىن ۋاز كېچىشنى ھەرگىز تەلەپ قىلمايدۇ. يەنى شەيئىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشى بىلەن ئادەمنىڭ كۈرەش قىلىشى ۋە تىرىشچانلىقى بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. شەيئىلەرنىڭمۇ ئۆزىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتى بولىدۇ، ئۇ كىشىلەرنىڭ ئىرادىسى بويىچە ئۆزگەرمەيدۇ. ئىسلام دىنى كىشىلەرنىڭ ئىرادىسى بويىچە ئۆزگەرمەيدىغان بۇنداق قانۇنىيەتنى ياراتقۇچى ئىگىسىنىڭ ئىرادىسى بىلەن ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا ئىسلام دىنى تەشەببۇس قىلغان ‹تەقدىر› ‹ئادەم ئىشىنى ئادا قىلىشى ھەم تەقدىرگە بويسۇنۇشى› دىن ئىبارەت بولۇشى كېرەك. ‹ئادەم ئىشىنى ئادا قىلىشى› بىلەن ‹تەقدىرگە بويسۇنۇشى› ئوخشاش مۇھىم. شۇڭا ئىسلام دىنى بارلىققا كەلگەن دەسلەپكى مەزگىلدە مۇسۇلمانلار ‹تەقدىر› ئۇقۇمىنى شۇنداق چۈشەنگەنلىكتىن، پائال ئالغا ئىنتىلىدىغان روھتا بولۇپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ‹ئۇلۇغ شانلىق دۆلەت› نى قۇرالىدى. كېيىنكى ئۆلىمالار ‹تەقدىر› بىلەن ‹تەقدىرچىلىك› نى ئارىلاشتۇرۇۋەتتى. جامالىددىن ئافغانى بۇنداق ئەنئەنىۋىي چۈشەنچىگە ۋە تەشەببۇسقا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، بۇنداق قاراشتا چىڭ تۇرغان دىنىي ساھەدىكى زاتلارغا قارشى تۇرىدۇ. مۇسۇلمانلارنى دەل شۇلار ھازىرقى ئاجىز ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويغان، دەپ قارايدۇ. تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ ‹فەنا› ۋە ‹ۋىسالۇل ھەقق› قاتارلىق سەپسەتىلىرىگىمۇ قارشى تۇرىدۇ، ئۇنىڭ قارىشىچە، كىشىلەر پېقىرانە ھايات كەچۈرسە بولىدۇ. لېكىن شۇ سەۋەبلىك جەمئىيەتتىن، ھاياتلىقتىن ۋە ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىدىن قاچسا بولمايدۇ. بىر مۇسۇلمان ئاكتىپ ئىشلەپ مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىغا بەخت يارىتىپ بېرىشى كېرەك. ئۇ ‹ بىر ئادەمنىڭ ئالىي ئەخلاق قائىدىسى باشقىلارغا تايىنىۋېلىش ئەمەس، بەلكى باشقىلار ئۈچۈن ياشاش بولۇشى، ئادەم قەبىھ تەسەۋۋۇپچىلىق خىياللىرىدىن ۋاز كېچىشى، ئەمەلىيەتتە ئەسقاتىدىغان غايىنى قوللىنىشى كېرەك› دەپ قارايدۇ. ئۇ توغرا دىنىي ئېتىقاد ھەممە سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئاساسى، دەپ ھېسابلايدۇ. ئۇنىڭ بۇنداق ئىدىيىسى ئەينى ۋاقىتتا شىددەتلىك ھۇجۇمغا ئۇچرايدۇ. لېكىن كېيىنكى كۈندە توغرا ئىكەنلىكى ئىسپاتلىنىدۇ.
    مۇشۇنداق ئەيىبلەشلەر بولسىمۇ، لېكىن مىسىرلىقلار شۇ سەۋەبتىن بىر-بىرىگە قارشى تەرەپكە بۆلۈنۈپ كەتمىدى. بۇ تەرىپى ئۇنىڭ ئىستانبۇلدىكى ئەھۋالىغا ئوخشىمايدۇ. زور كۆپ ساندىكى كىشىلەر جامالىددىن ئافغانى تەرەپتە تۇرىدۇ.
    شۇ چاغدا ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە تۈركىيىلەر مىسىرغا يامان نىيەتتە بولىدۇ. ئۇلار سۇۋەيىش قانىلى شىركىتىنىڭ پاي چېكى ئارقىلىق مىسىرنىڭ مالىيىسىنى كونترول قىلماقچى، ئاندىن يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ پۈتكۈل دۆلەتنى كونترول قىلماقچى بولىدۇ. لېكىن قورقۇنچلۇقى شۇكى، نۇرغۇن كىشىلەر بۇنى تۇيمايدۇ، بەلكى ئىچكى جەھەتتە بۆلۈنۈپ كېتىدۇ. جامالىددىن ئافغانى مۇنداق دەيدۇ: ‹بىرلىشىشكە توسقۇنلۇق قىلىدىغان كۈچ ۋە ئەڭ ئەجەللىك ئىللەت خەلقنىڭ
     ئىتتىپاقلىشالماسلىقىدىن ئىبارەت. (ئىتتىپاقلاشمىسا) بۇ مىللەت داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ.

    جامالىددىن ئافغانىنىڭ ئىسلاھات ئىدىيىسىنىڭ شەكىللىنىشى
    جامالىددىن ئافغانى 1878-يىلى مىسىردا ‹ئۆزئارا ياردەم بېرىش جەمئىيىتى› گە قاتنىشىدۇ. ئۆزئارا ياردەم بېرىش جەمئىيىتى ئەركىنلىك، باراۋەرلىك ۋە مېھرىبانلىقنىڭ ئالىي پرىنسىپىغا ھەقىقىي ئەمەل قىلىدۇ، دەپ ئويلايدۇ. كېيىن ئەھۋالنىڭ ئۇنداق ئەمەسلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، بۇ جەمئىيەتتىن ئايرىلىپ كېتىدۇ. ئاندىن كېيىن ۋەتەنپەرۋەرلىك جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرىدۇ. بۇ چېچىلاڭغۇ ئۇيۇشۇش بولۇپ، ئاساسلىقى ئۇنىڭ شاگىرتلىرىدىن بولۇپ، 300 دىن ئارتۇق ئادەم مالىيە گۇرۇپپىسى، ئەمگەك گۇرۇپپىسى، ھەربىي ئىشلار گۇرۇپپىسى قاتارلىق گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنىدۇ. ئاساسلىقى مىسىر خەلقىنىڭ ھوقۇقتا باراۋەرلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئوخشاش ئەمگەكتە مىسىرلىقلارنىڭ ئالىدىغان ئىش ھەققى تۈركلەرنىڭ ئالىدىغان ھەققىنىڭ ئۈچتىن بىرىگە ياكى تۆتتىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ؛ ئارمىيە ئىچىدىكى ئوفىتسېرلارنىڭ كۆپ قىسمى سىگاشىيانلار بولۇپ، ئۇلار مىسىرلىق ئوفىتسېرلارغا قارىغاندا نۇرغۇن ئىمتىيازلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ. جامالىددىن ئافغانىنىڭ باراۋەرلىك تەلەپ قىلىش توغرىسىدىكى چاقىرىقى جەمئىيەتنىڭ كەڭ قوللىشىغا ئىگە بولدى. ھەتتا مىسىر پادىشاھىغا سىياسىي قاراشلىرى ۋە تەشەببۇسلىرىنى بايان قىلىپ، ئاساسىي قانۇنلۇق سىياسەتنى يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى. پادىشاھ ئۇنىڭغا ئوبدان باھا بەردى. بۇ قېتىمقى قوبۇل قىلىشتىن كېيىن، جامالىددىن ئافغانىنىڭ تەسىرى كېڭەيدى، نۇرغۇن كىشىلەر ماقالە يېزىپ سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلدى.
    جامالىددىن ئافغانىنىڭ ئىسلاھات توغرىسىدىكى سىياسىي ئىدىيىسى شۇكى: شەرقتىكى دۆلەتلەر ھەقىقىي ئورنىدىن تۇرماقچى بولىدىكەن، چوقۇم ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشى لازىم. ئىسلاھاتتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن، مىللىي ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ۋە مىللىي غورۇر بولۇشى كېرەك؛ ئەينى چاغدىكى كۆپ سانلىق مۇتەپپەككۇرلار ئىسلاھاتنى ھۆكۈمەتتىن باشلاش كېرەك، دەپ قارىدى. جامالىددىن ئافغانى بولسا خەلقنى باشلاش، ئادەتتىكى پۇقرادىن باشلاش كېرەك؛ ئىسلاھاتتا ئىدىيە ۋە تونۇش جەھەتتىن تۇتۇش قىلىش، يەنى ئىسلاھات تەلىپى كىشىلەرنىڭ ئېغىزىدىكى تەلەپ بولۇپ قالماستىن، چىن دىلىدىن چىققان بولۇشى لازىم. زۇلمەت ئىچىدە ياشاۋاتقان خەلق ئۆزى بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك ھوقۇقنى بىلمىسە، ئۇنى قانداق قولغا كەلتۈرىدۇ، قانداق قوغدايدۇ، دەپ قارىدى. ئۇ مىسىر پادىشاھى ئىسمائىلنى يوقىتىۋېتىشنى، ھەتتا ئۆلتۈرۈۋېتىش ۋاسىتىسىنى قوللىنىشتىن
     يانماسلىقىنى تەشەببۇس قىلدى. ئۇ ئىسمائىل يوقىتىلمىسا مىسىردا ئىسلاھات قىلغىلى بولمايدۇ، دەپ قارىدى. جامالىددىن ئافغانى يەنە خەلق ئەركىنلىك پارتىيىسى قۇردى. 1879-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى ئىسمائىل تەختتىن چۈشتى، ئوغلى تەۋپىق تەختكە چىقتى. يېڭى پادىشاھ ئاساسىي قانۇنلۇق سىياسەتنى يولغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەنگلىيە، فرانسىيە قارشى تۇردى. بۇ ھال تەۋپىقنىڭ ئويلىغىنى بىلەن بىر يەردىن چىقتى، چۈنكى ئۇ ھوقۇقنى تاپشۇرۇپ بېرىشنى خالىمايتتى. 1879-يىلى 8-ئايدا شېرىپ پاشا ئىچكى كابېنتى ئىستېپا بەردى. ئاندىن ئىنگلىزلارنىڭ بىۋاسىتە ئارىلىشىشى بىلەن تەۋپىق جامالىددىن ئافغانىنى مىسىردىن قوغلىۋېتىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، دەسلەپكى ۋەدىسىدىن پۈتۈنلەي تېنىۋالدى. جامالىددىن ئافغانى 1879-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى سۈۋەيىشتە پاراخوتقا چىقىپ مىسىردىن ئايرىلدى. ئىران كونسولى ئۇنى قوبۇل قىلىپ، 100 دىنار بەرگەنىدى، ئالمىدى. ئۇنىڭ يېنىدا بىر تىيىن قالمىغانىدى. ئۇ : ‹ بۇ پۇل ئۆزۈڭلەردە قالسۇن، سىلەرگە تېخىمۇ ئەسقاتىدۇ، شىر نەگىلا بارسا ئاچ قالمايدۇ› دېدى. جامالىددىن ئافغانى مىسىردىن ئايرىلسىمۇ، لېكىن ئىنقىلابنىڭ ئۇرۇقىنى چېچىپ، مىسىرغا نىشان ۋە پرىنسىپ تىكلەپ بېرىپ كەتتى. ئۇنىڭ تەسىرىنى قوغلىۋېتىش مۇمكىن بولمىدى، ۋەقەنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلىدى. جامالىددىن ئافغانىنىڭ ئەجرى بىكار كەتمىدى.
    جامالىددىن ئافغانى پاراخوت بىلەن ھىندىستاننىڭ بومبايغا كېلىپ، ئاندرا شىتاتىدىكى ھەيدەر ئابادقا چۈشىدۇ. مىسىردا ئەرەب ئىنقىلابى بولغاندا، ھىندىستان ھۆكۈمىتى ئۇنى
     كالكۇتتىغا يۆتكەپ نەزەربەند قىلىدۇ. بۇ قېتىم ئۇ ھىندىستاندا ئۈچ يىل تۇرىدۇ. مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ پارس تىلىدا ‹ناتۇراستلارغا رەددىيە› ناملىق ئەسىرىنى يازىدۇ. كېيىن ئۇنىڭ شاگىرتلىرىدىن مۇھەممەد ئابدۇ ۋە ئەبى تۇراب بىرلىشىپ بۇ ئەسەرنى ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىدۇ. ئۇ بۇ ئەسەرنى تۆۋەندىكىدەك سەۋەب بىلەن يازىدۇ:
    ئەينى چاغدا ئىنگلىزلار ھىندىستاندا ھازىرقى زامان ئىلمىدىن پايدىلىنىپ، ئىسلام دىنىنى، ‹قۇرئان كەرىم› نى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلىپ، ھىندىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى ۋە دىنىي ھېسياتىنى ئاجىزلىتىش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولۇپ، دارۋىن (1809-1882) نىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىنى قورال قىلىپ، دۇنيانى ماتېرىيالىزىم نەزەرىيىسى بىلەن چۈشەندۈرۈپ، ياراتقۇچى ئىگىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇلارنىڭ قارىشىچە، پەيغەمبەر ۋە
     ۋەھىيمۇ مەۋجۇت بولمايدۇ. بۇنداق ئىدىيىنىڭ تەسىرى ھىندىستاندىكى مۇسۇلمان زىيالىيلىرى ئىچىدە بارغانسېرى زورىيىپ كېتىدۇ. دىنىي ساھەدىكى بەزى مۇتەئەسسىپ زاتلار بۇنداق ئىدىيە تەرەققىي قىلىۋەرسە، ئۇنىڭدىن پەيدا بولىدىغان ئاقىۋەتتىن ئىنتايىن ئەنسىرەيدۇ. بەزىلەر جامالىددىن ئافغانىدىن بۇ مەسىلە توغرىسدىكى قارىشىنى سوراپ تۇرىدۇ. 1880-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى ھەيدەر ئاباد سەنئەت مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئۇراۋى مۇھەممەد ناسۈي جامالىددىن ئافغانىغا خەت يېزىپ، خەتتە ‹مۇشۇ كۈنلەردە ناتۇرالىزىم توغرىسىدىكى نۇرغۇن گەپلەرنى ئاڭلىدىم، ھىندىستاننىڭ غەربتىكى شىتاتلىرىدىن تارتىپ شىمالدىكى شىتاتلىرىغىچە، پەنجاپ، بىنگال، سىدىتىن ھەيدەر ئابادغىچە بۇنداق گەپلەر بولۇۋاتىدۇ. بەزىلەر ئۆزلىرىنى ناتۇرالىستلار دەۋېلىۋاتىدۇ. ئۇنداق ئادەملەرنىڭ سانى كۆپىيىۋاتىدۇ، بولۇپمۇ مۇسۇلمانلار ئىچىدىكى نۇرغۇن ئادەملەردىن ناتۇرالىزىم دېگەن نېمە؟ ناتۇرالىستلار قاچان پەيدا بولغان؟ ئۇلارنىڭ مەقسىتى نېمە؟ ئۇلار مەدەنىيلىكنىڭ تۈۋرۈكىنى تىكلىمەكچىمىكەن؟ ئۇلار شۇنى مەقسەت قىلامدىكەن؟ ئۇلارنىڭ باشقا مەقسەتلىرىمۇ بارمىكەن؟ ئۇلارنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئىسلام دىنى ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت بارمۇ-يوق؟ ئەگەر ئۇلارنىڭ قارىشى قەدىمدىن مەۋجۇت بولسا، بۇرۇن نېمىشقا ئاڭلاپ باقماپتۇق؟ ئەگەر يېڭى پەيدا بولغان نەزەرىيەت تەرەپدارلىرى بولسا، ئۇلارنىڭ نىشانى نېمىكەن؟ دېگەندەك نۇرغۇن سۇئاللارنى سورىدىم. بىرەر ئادەم ئېنىق جاۋاب بېرەلمىدى. سىزنىڭ قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن› دەپ يازىدۇ. جامالىددىن ئافغانى بۇ خەتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، جاۋاب سۈپىتىدە ‹ناتۇرالىستلارغا رەددىيە› ناملىق ئەسەرنى يازىدۇ. ئەسەردە جامالىددىن ئافغانى دىنىي ئېتىقادنىڭ زۆرۈرلىكى ۋە مۇھىملىقىنى بايان قىلىدۇ. ئۇ مۇنداق دەپ قارايدۇ: ئېتىقاد-شەخسىي بەخت ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى ھېسابلىنىدۇ، ئىسلام دىنى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئىسلاھاتنىڭ يۆنىلىشى ۋە ئۇسۇلىنى كۆرسىتىپ بەردى. ھىندىستاندا ئەۋج ئېلىپ كەتتى. جامالىددىن ئافغانى ئىسلام ئېتىقادىنىڭ ئاساسلىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەھلىل قىلىپ، ناتۇرالىزىمنىڭ قەدىمدىن ھازىرغىچە تەرەققىي قىلىش جەريانىنى ۋە ئوخشىمىغان دەۋر، ئوخشىمىغان جايلاردىكى ئىپادىلىنىش شەكىللىرىنى بايان قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئەسىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ھىندىستان مۇسۇلمانلىرى ئىچىدە ناھايىتى چوڭ تەسىر پەيدا قىلىدۇ. نۇرغۇن مۇسۇلمانلار ماتېرىيالىزىملىق نەزەرىيە ۋە كۆزقاراشلاردىن يىراقلىشىدۇ ياكى ئۇنى قوبۇل قىلمايدۇ، ھەتتا بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى ھۆكۈمەت مەكتەپلىرىدىن دىنىي مەكتەپلەرگە يۆتكەپ،بالىلىرىنىڭ ماتېرىيالىزىم نەزەرىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشىشىنى خالىمايدۇ.
    ئەرەبى پاشانىڭ ئىنقىلابى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئىنگلىزلار مىسىردا پۇت تىرەپ تۇرۇۋالىدۇ. ھىندىستاندىكى ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرى جامالىددىن ئافغانىنىڭ
     كالكۇتتىدىن ئايرىلىپ باشقا دۆلەتلەرگە بېرىشىغا يول قويىدۇ. لېكىن ئۇنى ئىسلام دۆلەتلىرىگە بارغۇزمايدۇ.
    جامالىددىن ئافغانىنىڭ غەرب دۇنيادىكى ساياھىتى
    1883-يىلى 9-ئايدا جامالىددىن ئافغانى ھىندىستاندىن ئەنگلىيىگە بېرىپ، لوندوندا ئاز ۋاقىت تۇرغاندىن كېيىن پارىژغا بارىدۇ. بۇ يەر ئۆزىنىڭ ئىدىيە ۋە تەشەببۇسلىرىنى تەشۋىق قىلىشقا، ئىسلام دىنى ئىدىيە ساھەسىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى كۈرەش ئېلىپ بېرىشقا تېخىمۇ مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ. مىسىر ۋە شىمالىي ئافرىقا قاتارلىق جايلاردا فرانسىيىنىڭ مەنپەئەتى بىلەن ئەنگلىيىنىڭ مەنپەئەتى ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت بولغاچقا،
     فرانسۇزلار ئۇنىڭغا بەزى ياردەملەرنى بېرىدىغان بولىدۇ.
    مۇھەممەد ئابدۇ مىسىردا ئەرەبى
     پادانىڭ ئىنقىلابىغا بىۋاسىتە قاتنىشىدۇ. ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۈچ يىللىق سۈرگۈنگە ھۆكۈم قىلىنىدۇ. ئۇ 182-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى مىسىردىن ئايرىلىپ پېيرۇتقا كېلىدۇ. جامالىددىن ئافغانى پارىژغا كەلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا پارىژغا كېلىش توغرىسىدا خەت يازىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي مۇھەممەد ئابدۇمۇ پارىژغا كېلىدۇ. ئۇلار مىسىر ۋە ھىندىستاندىن كەلگەن مۇسۇلمان زىيالىيلار بىلەن ئىسلام جەمئىيىتى قۇرۇپ، بۇ جەمئىيەتنى ‹ئەل ئۇرۋەتۇلۋۇسق› دەپ ئاتايدۇ. بۇ مەخپىي تەشكىلات بولۇپ، يوقىتىپ قويۇش ياكى ئاشكارىلىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، يازما نىزامنامە ئىشلىمەيدۇ. ئۇنىڭ مەقسىتى ‹ئىسلام دىنىنىڭ ھۆرمىتى ۋە شۆھرىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئاساسىي ئېتىقادنى پاكلاشتۇرۇش، ئىسلام دىنىنىڭ دەسلەپكى روھى ۋە پرىنسىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، بولۇپمۇ تۆت خەلىپە دەۋرىدىكى روھنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، دىننى سىياسىي گۇرۇھنىڭ قولىدىكى قۇرال ۋە سايمىنى قىلىپ قويماسلىق› تىن ئىبارەت بولىدۇ. ئۇلار ‹ئىسلام ھۆكۈمىتى› نى تەسەۋۋۇر قىلىپ، ئالدى بىلەن خەلقنى قوللاشقا چاقىرىپ، ئاندىن مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ئاۋاز قوشۇشىنى قولغا كەلتۈرۈشى، ‹مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبىدىكى دىنىي قىزغىنلىقنى قوزغاپ، بىردەك ئئىتتىپاقلىشىپ، ئۆزئارا قوللاپ، ھەممە شەرقلىقلەرنىياۋرۇپا مۇستەملىكىچىلىكىنىڭ قۇللۇقىدىن ئازاد قىلىش› نى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇلار پارىژدا تارقاتقان ئوخشاش نامدىكى ژۇرنال بۇ جەمئىيەتنىڭ نەشر ئەپكارى بولىدۇ. بۇ ژۇرنالنىڭ تۇنجى نەشرى 1884-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى چىقىدۇ. جامالىددىن ئافغانى نەشرىيات باشلىقى، مۇھەممەد ئابدۇ باش مۇھەررىر، مىراز مۇھەممەد باقىر ياردەمچى بولىدۇ، بۇ ژۇرنال 1884-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 10-ئايغىچە18 سان تارقىتىلىدۇ. ئىنگلىزلار ئارىلاشقانلىقتىن توختاشقا مەجبۇر بولىدۇ. ژۇرنالنىڭ تۇنجى سان نەشرىدە جامالىددىن ئافغانى مەقسىتىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: (1) ژۇرنال شەرقلىقلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. ئۇلارغا ئادا قىلىدىغان مەجبۇرىيەتلەر چۈشەندۈرۈلىدۇ. بۇرۇن ئۇلار ئادا قىلىشقا تېگىشلىك دىنىي مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلمىغانلىقتىن، ھازىرقى ئاجىز ھالغا چۈشۈپ قالدى. كەلگۈسى تېخىمۇ چوڭ ئاپەتتىن خالىي بولۇشنى كۆزدە تۇتۇپ، خاتالىقلارنى تۈزىتىش ئۈچۈن قوللىنىدىغان ئۇسۇللار بايان قىلىنىدۇ؛ (2) شەرقنىڭ ئاجىز بولۇپ قېلىشىنى پەيدا قىلغان باشقا تەرەپلەردىكى سەۋەبلەر مۇھاكىمە قىلىنىدۇ؛ (3) ھەر خىل ساختا ۋە يامان نىيەتتىكى تەشۋىقاتلار پاش قىلىنىدۇ، كىشىنى قايمۇقتۇرىدىغان تەشۋىقاتلار ئىسلاھاتقا ئۈمىدسىزلىك بىلەن قارايدىغان كەيپىياتنى پەيدا قىلدى؛ (4) كىشىلەرنىڭ ئىشەنچ تىكلىشىگە ئىلھام بېرىلىدۇ. يول ئەگرى-توقاي بولسىمۇ، ئىشەنچنى يوقىتىپ قويماسلىق ۋە چۈشكۈنلىشىپ كەتمەسلىك لازىم؛ (5) ئۇلارنىڭ شەرقلىقلەرگە، بولۇپمۇ مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان مۇسۇلمانلار دىندىن ۋاز كەچمىسە، مەڭگۈ تەرەققىي قىلالمايدۇ، دېگەندەك ھاقارەتلەرگە زەربە بېرىلىدۇ؛ (6) ياۋروپا مۇستەملىكىچىلىرى پىلانلىغان ھەر خىل سۇيقەست، ھىيلە-مىكىرلەر شەرقلىقلەر ئالدىدا پاش قىلىنىپ، ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ قانداق جەمئىيەتتە ياشاۋاتقانلىقى، ئاشۇ سۇيقەست ۋە ئالدامچىلىقلارنىڭ ئىشقا ئېشىشىغا يول قويماسلىقى چۈشەندۈرۈلىدۇ؛ (7) ئىسلام دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە كۈچەيتىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى، دىپلوماتىيە سىياسىتىدە ئۆزئارا قوللاش زۆرۈرلىكى چۈشەندۈرۈلىدۇ.
    ژۇرنالنىڭ نەشر قىلىنىش مەقسىتى جامالىددىن ئافغانىنىڭ شەرقتىكى دۆلەتلەر دۇچ كېلىۋاتقان كرىزىسىنى ئىنتايىن چۈشىنىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ بەرگەن. شۇڭا ئۇلاردىن شەخسىي ئاداۋەتلەرنى بىر چەتكە چۆرۈۋېتىپ، بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، دۈشمەنگە بىللە تاقابىل تۇرۇش تەلەپ قىلىنغان.
     ئىنگلىزلار بۇ ژۇرنالدىن ئىنتايىن قورقىدۇ. بۇ ژۇرنالنىڭ مىسىر ۋە ھىندىستانغا كىرگۈزۈلۈشىنى چەكلەيدۇ، ھەمدە تۈركىيىلىكلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، بۇ ژۇرنالنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە تارقىتىلىشىنىمۇ چەكلەيدۇ. ئەينى چاغدىكى مىسىر ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ژۇرنالنىڭ مىسىرغا كىرگۈزۈلۈشىنى چەكلەپلا قالماستىن، تاپشۇرۇۋالغۇچىنىڭ ئادرېسىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، 5 مىسىر پوندىدىن 25 مىسىر پوندىغىچە جەرىمانە قويىدۇ. بۇ، شۇ چاغلاردا ناھايىتى جىق پۇل ئىدى. مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ژۇرنال نەشر قىلىنىپ بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە توختىلىشقا مەجبۇر قىلىنىدۇ. دۈشمەننىڭ ئالاقزادە بولۇپ كېتىشى ۋە قارشى تۇرۇشى ژۇرنالنىڭ روشەن مەيدانى ۋە كۆزقارىشىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. نەشردىن چىققان 18 سان ژۇرنالدىكى ماقالىلەر تۆۋەندىكى مەسىلىلەرنى: (1) ئىسلام ئىتتىپاقى؛ (2) شەرقتىكى دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتى؛ (3) مىسىر مەسىلىسى؛ (4) سۇدان مەسىلىسى قاتارلىقلارنى ئاساس قىلىدۇ.
     ئىنگلىزلار جامالىددىن ئافغانىغا بىر تەرەپتىن بېسىم ئىشلەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنى ئالدىماقچى بولىدۇ. سۇداندىكى مەھدى ئىنقىلابىي ھەرىكىتىنى باستۇرۇش ئۈچۈن، ئىنگلىزلار جامالىددىن ئافغانىنى سۇدانغا سۇلتان قىلىدىغانلىقىنى، شەرت ئۇ ئىنگلىزلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. جامالىددىن ئافغانى بۇنى قاتتىق رەت قىلىپ، ‹سۇدان ئەنگلىيىگە تەۋە ئەمەس، سىلەردە ئۇنىڭ سۇلتانىنى تەيىنلەيدىغان ھوقۇق يوق› دەيدۇ. كېيىن مەھدىنىڭ ئىنقىلابىي ھەرىكىتى دەھشەتلىك باستۇرۇۋېتىلىدۇ. ئىنىگلىزلار سۇداننىڭ جەنۇبىي رايونلىرىغا كېڭىيىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر قىلىۋاتقان ئىشىدىن ئۈمىدسىزلىنىپ، جامالىددىن ئافغانىدىن ئايرىلىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ شاگىرتى مۇھەممەد ئابدۇمۇ ئۈمىدسىزلىنىپ، ئۇنىڭغا سىياسىيدىن قول ئۈزۈپ پارىژدىن كېتىپ، مائارىپ بىلەن شۇغۇللىنىشنى، 10 ئوقۇغۇچى تەربىيىلىسە، ياراملىق 100 ئادەم يېتىشتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. جامالىددىن ئافغانى مۇھەممەد ئابدۇنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، مۇنداق دەيدۇ: ‹سوۋۇپ كېتىپتىمەن، بۇ خىزمەتنى باشلىدۇ. ئۇنىڭ ئىستىقبالىنى كۆرۈپ، داۋاملاشتۇرىشىمىز لازىم.› مۇھەممەد ئابدۇ پارىژدىن ئايرىلىپ، بېيرۇتقا كېلىپ مائارىپ ئىسلاھاتى بىلەن شۇغۇللىنىپمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۈمىدسىزلىنىپ، ئالتە يىل مۇساپىر بولغاندىن كېيىن، 1888-يىلى مىسىرغا يېنىپ كېلىدۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن سىياسىيدىن قول ئۈزىدۇ. كېيىن جامالىددىن ئافغانى 2-قېتىم تۈركىيىگە بارغاندا، مۇھەممەد ئابدۇ ئۇنىڭغا خەت يېزىپ، ‹زېھنىڭىزنى سىياسىيغا سەرپ قىلىۋەتكەنلىكتىن، ھەممىدىن مەھرۇم بولدىڭىز› دەيدۇ. ‹ئۇ ئىسلام دىنىنى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىنى ئەڭ چۈشىنىدىغان ئادەم بولغاچقا، مائارىپ ئارقىلىق ئۇلۇغ تۆھپە قوشىدىغان ئىقتىدارغا ئىگە بولدى.› ئۇنىڭغا ‹تۈركىيە سۇلتانىغا يېقىنلىشىش، سۇلتانغا پىكرىنى قوبۇل قىلدۇرۇپ، مائارىپنى ئىسلاھ قىلىش، سۇلتاننىڭ قول ئاستىدىكىلەرنى رەنجىتىپ قويماسلىق، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغىمۇ ئارىلاشماسلىق، ئۇلارنىڭ رەزىل مەقسەتلىرىگە ياردەم بېرىشتىنمۇ باش تارتماستىن ئۆزىنىڭ مەقسىتىگە يېتىش، مەسىلەن، سۇلتاننىڭ جۈمە كۈنى مەسچىتتىكى خۇتبىگە، مەكتەپلەردىكى دىنىي دەرسلەرنى ئىسلاھ قىلىشقا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى، تۈركىيىنىڭ شەيخۇلئىسلامى ئابۇ ھايدىغا 500 پوند، ئۇنىڭ ئوغلى ياكى ئاكا-ئۇكىسىغا ئوردىن بېرىش توغرىسىدا پەرمان چۈشۈرگۈزۈش كېرەك...ئەگەر شەيخۇلئىسلام جامالىددىن ئافغانىنىڭ ھەممە يەردە ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى كۆرسە، شەيخۇلئىسلامنىڭ جامالىددىن ئافغانىنى قوللايدىغانلىقى، ھېچبولمىسا ئۇنىڭغا قارشى تۇرمايدىغانلىقى، ئۇنىڭغا دۈشمەنلىك قىلمايدىغانلىقى توغرىسىدا نەسىھەت قىلىدۇ. جامالىددىن ئافغانىغا يازغان خېتىگە مۇھەممەد ئابدۇ ئىمزا قويۇشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. جامالىددىن ئافغانى بۇ خەتنى ئوقۇپ ئىنتايىن خاپا بولۇپ، ئۇنى ‹توخۇ يۈرەك› دەپ ئەيىبلەيدۇ.
    جامالىددىن ئافغانىنىڭ شەرققە قايتىشى ۋە رۇسىيىدىكى كەچۈرمىشلىرى
    جامالىددىن ئافغانى پارىژدا داۋاملىق تۇرۇشقا مۇمكىن بولماي، ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى
     نەجىدكە بېرىشقا تەييارلىنىۋاتقاندا، ئىران پادىشاھى نەسىرددىننىڭ تەكلىپىنى تەرىپىدىن كاتتا كۈتۈۋېلىنىدۇ، ھەمدە ئىراندىن كېتىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ تەلەپكە پادىشاھ ماقۇل بولىدۇ. 1886-يىلى ئىراندىن رۇسىيىگە يۈرۈپ كېتىدۇ.
    جامالىددىن ئافغانى پېتىربورگقا كەلگەندە چار پادىشاھ تەرىپىدىن قىزغىن كۈتۈۋېلىنىدۇ. جامالىددىن ئافغانىنىڭ رۇسىيىگە بېرىشىدا ئىككى مەقسىتى بولۇپ، بىرى، رۇسىيە بىلەن ئەنگلىيە ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتتىن پايدىلىنىپ، رۇسىيىلىكلەرنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ
     ئىنىگلىزلارنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى كېڭەيمىچىلىكىگە قارشى تۇرۇپ،ئىسلام دۆلەتلىرىگە ياردەم بەرمەكچى بولىدۇ؛ يەنە بىرى، رۇسىيە ھۆكۈمىتىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى ياخشىلاشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇنىڭ بىرىنچى مەقسىتى ئەمەلگە ئاشمايدۇ. ئەكسىچە ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە رۇسىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتتىن پايدىلىنىپ، تۈركىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ نۇرغۇن زېمىنىنى ئۆزىنىڭ كۈچ دائىرىسىگە كىرگۈزۈۋالىدۇ؛ ئىككىنچى مەقسىتىگە ئاساسىي جەھەتتىن يېتىدۇ. چار رۇسىيە ھۆكۈمىتى رۇسىيە چېگرىسى ئىچىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ‹قۇرئان كەرىم› نى ۋە ئىسلام دىنى كىتابلىرىنى نەشىر قىلىشىغا يول قويىدۇ، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە يول قويىدۇ ۋە كونترول قىلىش سىياسىتىنى سەل بوشىشىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ رادىكال ئىنقىلابىي ئىدىيىسى چار پادىشاھنى خاتىرجەمسىزلەندۈرىدۇ. چۈنكى ‹چار پادىشاھ ئۇنىڭ ئىران بىلەن بولغان زىددىيىتىنىڭ سەۋەبىنى سورىغاندا، ئۇ (مەن ئاساسلىق قانۇنلۇق سىياسەت قوللىنىپ، دۆلەت تۈزۈمىنى ئۈزۈل-كېسىل ئىسلاھ قىلىشنى تەشەببۇس قىلدىم. لېكىن پادىشاھ بۇنى قوبۇل قىلمىدى، دەيدۇ. چار پادىشاھ: ‹مېنىڭچە ئىران پادىشاھى توغرا قىپتۇ. قايسى پادىشاھ دېھقانلارنىڭ ئۆزى بىلەن بىللە دۆلەتنى ئىدارە قىلىشىغا ئۇنايدىكەن؟› دەيدۇ. جامالىددىن ئافغانى دەرھال چار پادىشاھقا رەددىيە بېرىپ: ‹مېنىڭچە مىليونلىغان پۇقرا پادىشاھنىڭ پۇرسەت كۈتۈپ قۇترايدىغان دۈشمىنى بولماستىن، بەلكى پادىشاھنىڭ دوستى بولسا، پادىشاھنىڭ سەلتەنەتى ئاندىن ئەھمىيەتلىك بولىدۇ› دەيدۇ. بۇ گەپنى ئاڭلاپ پادىشاھ ناھايىتى رەنجىپ چىرايى تاتىرىپ جىمىپ كېتىدۇ.› شۇڭا ئۇ پېتربورگدا ئۈچ يىل تۇرغاندىن كېيىن، شۇ قېتىملىق كۆرۈشۈشتىن ئۇزۇن ئۆتمەي، 1889-يىلى رۇسىيىدىن گېرمانىيىنىڭ ميونخىن شەھىرىگە كېتىدۇ. شۇ چاغدا ئىران پادىشاھى نەسىرددىن گېرمانىيىدە زىيارەت قىلىۋاتقان بولۇپ، جامالىددىن ئافغانىغا يەنە ئىرانغا بېرىشقا تەكلىپ قىلىدۇ، ھەمدە ئۇنى ۋەزىرلىككە تەيىنلىمەكچى بولىدۇ. مەھجۇم ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: ‹شۇ چاغدا ئۇنىڭدىن (ئىدىيىڭىز شۇنداق رادىكال تۇرسا، ئىران پادىشاھى سىزنى نېمە ئۈچۈن يەنە ۋەزىر بولۇشقا تەكلىپ قىلىدۇ؟› دەپ سورىسام، ئۇ ماڭا :‹ ئۇ يا ساۋاب بوپتۇ، يا ئالجىپتۇ› دەپ جاۋاب بەردى.
    جامالىددىن ئافغانى بۇ قېتىم ئىرانغا كەلگەندە تەسىرى بۇرۇنقى
     قېتىمقىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب شۇ چاغدىكى ئىران خەلقى ئاساسىي قانۇنلۇق سىياسەتنى يولغا قويۇپ، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. جامالىددىن ئافغانىدىن ئاساسىي قانۇننى قانداق تۈزۈش، خەلقنىڭ ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلىرىنى قانداق كاپالەتلەندۈرۈش، خىيانەتچى-بۇزۇق ئەمەلدارلارنى تازىلاش قاتارلىق جەھەتلەردە مەسلىھەت بېرىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. پادىشاھ نەسىرددىنمۇ شۇ چاغدا ئاساسىي قانۇنلۇق سىياسەتنى يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. شۇڭا جامالىددىن ئافغانىنىڭ تەكلىپلىرىنى قوبۇل قىلىشنى خالايدۇ. ئاساسىي قانۇن تۈزۈشكە ۋە پارلامېنت تۈزۈمىنى يولغا قويۇشقا قارشى تۇرىدىغان كۈچلەر قىيىنچىلىققا قالىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، جامالىددىن ئافغانىغا قارشى ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ. جامالىددىن ئافغانىنى پادىشاھقا چېقىپ، ھەر خىل بولمىغۇر گەپلەرنى قىلىپ كىشىلەرنى ئازدۇرۇپ يۈرۈيدۇ، دەيدۇ. پادىشاھ جامالىددىن ئافغانىدىن ‹مەن پارس دۆلىتىنىڭ پادىشاھى تۇرۇغلۇق، ئادەتتىكى دېھقانغا ئوخشاش بولامتىم؟› دەپ سورايدۇ. جامالىددىن ئافغانى ئۇنىڭغا مۇنداق دەپ جاۋاب بېرىدۇ: ‹جانابلىرى، ئەگەر ئاساسىي قانۇنلۇق سىياسەت يولغا قويۇلسا، تاجىڭىز، نوپوزىڭىز، دۆلىتىڭىز ھازىرقىدىنمۇ ئۇلۇغ، مۇستەھكەم ۋە قۇدرەتلىك بولىدۇ؛ دېھقانلار، ھۈنەرۋەنلەر نوپوزىڭىزدىنمۇ بەكرەك ئەسقاتىدۇ. ئوچۇق كۆڭۈللۈك بىلەن ئېيتىشىمغا رۇخسەت قىلىڭكى، بىر دۆلەت پادىشاھ بولمىسىمۇ مەۋجۇت بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئوقۇغان ياكى كۆرگەن بولۇشىڭىز مۇمكىن، لېكىن قايسى پادىشاھنىڭ دۆلەت ۋە خەلق بولمىغاندا ياشىيالىغانلىقىنىكۆرگەنىدىڭىز؟›
    جامالىددىن ئافغانىنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ پادىشاھ چۆچۈپ كېتىدۇ. مۇتەئەسسىپلەرنىڭ دېگەنلىرىگە ئىشىنىدۇ، پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتىپ، جامالىددىن ئافغانىدىن يىراقلىشىشىقا باشلايدۇ. جامالىددىن ئافغانى يەنە بىر قېتىملىق بوراننىڭ يېتىپ كېلىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، پايتەختتىن ئايرىلىپ، تېھراننىڭ يېنىدىكى بىر مۇقەددەس يەرگە بېرىپ پىنھان ياشايدۇ. لېكىن نۇرغۇن كىشىلەر خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ ئۇنى يوقلاپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭدىن تەلىم ئالىدۇ، ئۇمۇ كەلگەنلەرنى رەت قىلمايدۇ، نۇرغۇن كەسكىن گەپلەرنى قىلىدۇ. بۇ يەردە سەككىز ئاي تۇرىدۇ. ئىراندا ئىسلاھات قىلىشىنى ۋە ئاساسىي قانۇنلۇق سىياسەتنى يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلدىغان سادا كۈنسايىن كۈچىيىدۇ، بەزىلەر پادىشاھنىڭ تەختتىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلىدۇ، ۋەزىيەت كۈندىن-كۈنگە جىددىيلىشىدۇ. پادىشاھ 500 ئەسكەر ئەۋەتىپ ھېلىقى مۇقەددەس يەرنى مۇھاسىرە قىلىپ، جامالىددىن ئافغانىنى قولغا ئالىدۇ، ھەمدە 1891-يىلى ئۇنى تېھرانغا ئېلىپ بارغۇزۇۋېتىدۇ. شۇ چاغدا ھاۋا سوغۇق بولۇپ، جامالىددىن ئافغانى ئاغرىپ قالىدۇ. بەسرەھگە كەلگەندىن كېيىنمۇ ئىراندىكى مەسىلىلەرنىڭ غېمىنى يەپ، ئىراننىڭ چوڭ مۇپتىسىغا خەت يېزىپ، پادىشاھنىڭ ھەر خىل چىرىكلىكلىكىنى ۋە ئىنىگلىزلارنىڭ ئىرانغا قاراتقان ھىيلە-مىكىرلەرنى، بولۇپمۇ ئىقتىساد ئارقىلىق مىسىرنى كونترول قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى پاش قىلىدۇ. مۇپتى بۇ خەتتىن ئىلھام ئېلىپ، دىنىي بۇيرۇق ئېلان قىلىپ تاماكا چېكىش ۋە تاماكا تېرىشنى چەكلەيدۇ. پادىشاھنى ئىنگلىزلار بىلەن تۈزگەن كېلىشىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا قىستايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىنگلىزلارنىڭ ئىراندا شەرقىي ھىندىستان شىركىتىدەك شىركەت قۇرۇش ئىشلىرى بۇزۇلىدۇ. ئىرانمۇ قۇتقۇزۇپ قېلىنىدۇ. جامالىددىن ئافغانى بۇ يەردە يەتتە ئاي تۇرىدۇ. سالامەتلىكىمۇ ئەسلىگە كېلىدۇ. بۇ بەسرەھدىنھىجازغا بارماقچى بولىدۇ. جامالىددىن ئافغانى ئەنگلىيىگە بارغاندىن كېيىن، ‹دۇنيانىڭ نۇرى› ناملىق ئايلىق ژۇرنالنى ئەرەبچە ۋە ئىنگلىزچە تىلدا 1832-يىلى 2-ئايدىن باشلاپ نەشر قىلىدۇ. جامالىددىن ئافغانى ماقالە يېزىپ، ئىراندىكى ھەر خىل چىرىكلەرنى ۋە پادىشاھنىڭ جىنايەتلىرىنى پاش قىلىدۇ. ئىران پادىشاھى ھەر خىل ۋاستىلەرنى قوللىنىپ، ژۇرنالنىڭ تارقىتىلىشىنى توسۇپ، مەقسىتىگە يېتەلمەي، تۈركىيە سۇلتانىدىن ياردەم سوراشقا مەجبۇر بولىدۇ، تۈركىيە سۇلتانىمۇ جامالىددىن ئافغانىنىڭ ياۋرۇپادا ياش تۈركچىلەر پارتىيىسىگە قاتنىشىپ، ئوسمانلى ھاكىمىيىتىگە تاقابىل تۇرۇشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇنى ئىستانبۇلغا تەكلىپ قىلىدۇ. جامالىددىن ئافغانى ئۆز غايىسىدىن كەچمەي، تۈركىيە سۇلتانى ئارقىلىق پان ئىسلامىزملىق ئىدىيىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى، تۈركىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى دۆلەتلەر ۋە ئىران، ئافغانىستانلار بىلەن ‹ئىسلام ئىتتىپاقى› قۇرۇشنى، مائارىپنى ئىسلاھ قىلىش ئارقىلىق بۇ پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشنى، ھەمدە تۈركىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى مىسىر، ئىراق، سۈرىيە ۋە لىۋان قاتارلىق جايلارغا ئاپتونومىيە ھوقۇقى بەرگۈزۈش قاتارلىقلارنى ئويلايدۇ. تۈركىيە سۇلتانى جامالىددىن ئافغانىنىڭ تەشەببۇسىغا ئاغزىدا ماقۇل بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئۇلۇغ نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى خالىمايدۇ. جامالىددىن ئافغانىنى ئۆزىنىڭ يېنىغا ئەكىلىۋېلىپ، نازارەت قىلىپ، ئۇنىڭ باشقا جايلاردا ‹چاتاق چىقىرىشى› دىن ساقلىنىشنى مەقسەت قىلىدۇ. سۇلتاننىڭ ئۆيلەپ قويماقچى بولغانلىقىغىمۇ ئۇنىماي، ئۆز ئىشى ئۈچۈن ئۆمۈرۋايەت ئۆيلەنمەيدۇ. ئىران پادىشاھى 1896-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. جامالىددىن ئافغانى كۆڭلىدە خۇشاللىقنى يوشۇرمايدۇ. بۇ ھال تۈركىيە سۇلتانىنى تېخىمۇ سەگەكلەشتۈرىدۇ. كېيىن جامالىددىن ئافغانى راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، 1893-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى ئىستانبۇلدا قازا قىلىدۇ. بەزى خەۋەرلەردە زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلگەن دېيىلىدۇ. ئۇنىڭ جەسىتى ئىستانبول يېنىدىكى قەبرىستانلىققا دەپنە قىلىنىدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ قەبرىستانلىق چۆلدەرەپ، كىشىلەرنىڭ يادىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ. 1926-يىلى ئامېرىكىنىڭ كلاند ناملىق شەرقشۇناس ئالىمى ئۇنىڭ قەبرىسىنى تېپىپ، نۇرغۇن پۇل سەرپ قىلىپ قەبرە ياسىتىدۇ. قەبرىگە ئورنىتىلغان تاشقا : ‹قەبرىنى پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ سادىق دوستى، ئامېرىكىلىق چارلېز كلاند ياساتقۇزدى. 1926-يىلى› دېگەن خەتلەر ئويۇلغان. بۇ ۋەقە ئىسلام دۇنياسىنىڭ بۇ ئۇلۇغ زاتقا بولغان ھۆرمىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ. كىشىلەر ئۇنىڭ جەسىتىنى يۇرتىغا يۆتكەپ كېتىشىنى قارار قىلىدۇ. بۇ ئىشقا مەشھۇر زاتلاردىن تەركىب كېتىشىنى قارار قىلىدۇ. بۇ ئىشقا مەشھۇر زاتلاردىن تەركىب تاپقان كومىتېت قۇرۇلىدۇ.جامالىددىن ئافغانىنىڭ جەسىتى 1944-يىلى 12-ئايدا ئىستانبۇلدىن باغداتقا يۆتكىلىپ، ئۇ يەردە تەنتەنىلىك ئەسلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن، مەخسۇس ئايرۇپىلان بىلەن ئافغانىستانغا ئېلىپ بېرىلىپ دەپنە قىلىنىدۇ.
    جامالىددىن ئافغانى ئەرەب، پارس، سانسىكرىت ۋە تۈرك تىللىرىنى پۇختا ئىگىلىگەن،
     ئىنگلىزچە، فرانسوزچە ۋە رۇسچىنىمۇ ئۆگەنگەن، ھەمدە مۇشۇ تىللاردا ئەسەرلەر يازغان، نۇتۇق سۆزلىگەن. ئۇنىڭ بىلىمى مول بولۇپ قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان ھەممە بىلىملەردىن خەۋەردار بولغان. ‹ناتۇرالىستلارغا رەددىيە› ۋە ‹ئافغانىستان تارىخى› ناملىق ئەسەرلەرنى يازغان. بۇ ئىككى كىتاب ئالېكساندىرىيىدە چىقىدىغان ‹مىسىر گېزىتى› نەشرىياتى تەرىپىدىن 1892-يىلى نەشر قىلىنغان. 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مىسىر ئېنسىكلوپىدىيە نەشرىياتى تەرىپىدىن قايتا نەشر قىلىنغان. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ‹ناتۇرالىستلارغا رەددىيە› نىڭ تەسىرى چوڭراق بولۇپ، ئۇنىڭ پەلسەپە ئىدىيىسىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان مۇھىم ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. ‹ئافغانىستاننىڭ تارىخى› ناملىق كىتابتىن ئۇنىڭ شىئە مەزھىپىدىكى ئىرانلىق ئەمەس، بەلكى سۈننىي مەزھىپىدىكى ئافغانىستانلىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇنىڭ ‹ئەل ئۇرۋەتۇلۋۇسىق›،‹دۇنيانىڭ نۇرى› ناملىق ژۇرناللاردا ئېلان قىلغان نۇرغۇن ماقالىلىرى مۇستەملىكىچىلىككە قارشى سىياسىي كۆزقاراشنى ۋە پان ئىسلامىزم، دىنىي ئىسلاھات ئىدىيىسىنى مەركەزلىك ئىپادىلەپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ ھەر خىل سورۇنلاردىكى نۇتۇقلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، يىغىپ توپلانمىغان. ئۇ ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسىي ئەقىدىسى ۋە ئېتىقادىغا دائىر كىتاب يېزىشنى نىيەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن تۇرمۇشى مۇقىم بولماي، زىيانكەشلىك تۈپەيلىدىن ھەمىشە كۆچۈپ يۈرگەچكە، يازالماي قالغان. ئۇنىڭ پارس تىلىدا يازغان بەزى ماقالىلىرى ھىندىستان، ئىران، مىسىر، بەسرەھ ۋە لىۋان قاتارلىق جايلاردا تارقىلىپ، توپلام قىلىنمىغان.  

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : جامالىددىن ئافغانى , تەرجىمھال , ئافغانىستان , پەيغەمبەر , _
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-10-28 17:50:15
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 1 كۆزىتىش : 489
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证