پارچىلار
زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى
ساقىيا! قۇيغىن قەدەھكە تولدۇرۇپ،
مەن كېتەي مەسلىكتە بارنى ئۇنتۇلۇپ.
مەشۇقۇم زاكىرنى كۆرسۇن ئىچرە يوق،
جەزبىدىن ياتقاننى ھەردەم ئاھ ئۇرۇپ...
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ-
سۆز بىھاجەتكى مۇھەببەت-سۆيگۈدە،
قىلسا دەۋا سۆيگۈ دەپ تىل، دىل زېدە.
تەلتۈكۈس ئۆرۈلسە «مەن»لىك تاملىرى،
يۈز ئاچار سۆيگۈ شۇدەم ئۆز ئەھلىگە...
2011-يىل 23-ئۆكتەبىر بېيجىڭ