تەبىئەتنىڭ قانۇنى
ساداقەتجان ھاجى
ھەيۋەت بىلەن نەرە تارتىپ قىش كىلىپ،
توڭدۇرۇپ تەننى شۇدەم، جاننى ئېلىپ.
مۇزلىرى بىرلە جاھاننى مۇزلۇتۇپ
ھەم يۈرەكنى غەمدە مىڭ پارە قىلىپ.
شۇنچە مەغرۇر گىدىيىپ ھەيۋىسىدە
ئۆزىنى گويا بۈيۈك تەڭرى بىلىپ.
باقتى ئالەمگە سېلىپ تەكشى نەزەر،
تىرىسىگە پاتمىغاندەك كىرىلىپ.
باشلىدى ھەم سۆزىنى تەھدىت بىلەن:
«ئەمدى ياز كەلمەيدۇ قايتا تىرىلىپ.
بويسۇنۇشنى بىلىۋال پەرمانغا سەن،
كەتمىسۇن دىسەڭ بېشىڭنى يېرىلىپ.
مەنمۇ ئويلايمەن سېنىڭ بەختىڭنى كۆپ،
شۇڭا ئاڭلا سۆزلىرىمنى بېرىلىپ.
ئاچچىقىمنى كەلتۈرۈپ قويساڭ ئەگەر،
ھەممە شەيئىلەر تۈگەيدۇ قىرىلىپ.»
بولدى بەربات ۋەلىكىن قىشنىڭ چۈشى،
ئارقىدىن تاپ باستۇرۇپ باھار كېلىپ.
كۆزى كور بولدى قۇياشنىڭ نۇرىدا،
تۈگۈلۈپ كەتتى بوراندا شۈمشىيىپ.
ئىللىدى تەن، ئىللىدى قان، كۈلدى جان!
كۈلدى ئالەم زەر قۇياشتىن نۇر ئېمىپ.
جىلۋە قىلدى شاختا رەڭدار گۈل-چېچەك،
ئېسىمىزگە بەختىيار يازنى سېلىپ.
بۇ تەبىئەت ئادىتىدىن مەن شۇدەم
بىر ھەقىقەت سىرىنى يەتتىم بىلىپ.
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
(1994-يىل 19-ئاپرىل.
«شىنجاڭ خەلق قۇرۇلتىيى» ژورنىلى 1997-يىللىق 4-سان)
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭