تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-شېئىر ›› ئابدۇرېشىت سۇلايمان:ئېچىڭدىكى ئېچىڭدە
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    jallat007
    ماتروس
    دەرىجىسى : 5
    جۇغلانما نۇمۇر : 307
    422317805@qq.com

    يازما سانى : 13
    باھا يازما سانى : 1
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-9-14 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ئابدۇرېشىت سۇلايمان:ئېچىڭدىكى ئېچىڭدە

    ئېچىڭدىكى ئېچىڭدە

    (جالالىدىن رومىغا ئاتايمەن )

     

    ئىچىڭنىڭ تىشىدا زاراتگاھ- ئىگەم ،

    ئىچىڭنىڭ ئىچىدە كويۇپ كەتتى دار .

    قۇدۇقتا سوڭەكلەر ئىچىدە ئىدىڭ ،

    كۇندۇزمىش بەختتە  ، تەڭرىدىكى غار .

     

    (تۇندىكى ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايسەن .قان مىۋىسىدىكى رىۋايەت سىنىڭ يوقلۇقۇڭغا قايتىپ كىلىدۇ .سىنىڭ ئاۋازىڭنى ئۇنىڭ ئاڭلىشى  ئۇچۇن غارنىڭ ئىشىكىنى چەكتىم .يىڭى ئشىكتىن "كىم "ساداسىنى ئاڭلاش ئۇچۇن تاش پارچىسىنى ئىشىككە ئاتتىم .)

     

    شەپەق شاھگاھ ،دەھىر دەقىقە ،

    قۇياشنى  يۇرەكتە يىپىپ قوي سەھەر .

    ئوزگىلەر يەنىلا ئايدىڭ كېچىدە ،

    نۇرغا ئايلاندىڭ ،قەلبىمدە  زەھەر .

     

    (نۇرغا ئايلانغان تۇغىمىڭدىكى ئەپسانە سىنىڭ تىشىڭدىكى سوڭەك ئۇۋىقى ،ئىچىڭدىكى كۇلكىلەر تىشىڭدىكى سىپىل .سىپىلنى ئولۇم بىلەن چىقىپ تاشلاش سەھەردە باشلانغان .)

     

    جايلاشتىم ئاتەشتە ،ئىچىڭگە تۇتۇن ،

    تىشىڭغا سۇرگۇن قىل مىس رەڭلىك قاننى .

    ئاھ !!تۇندە يولۇچى تەنھالىقنى تۇت ،

    سىنىغىن تاۋۇشتىن ،ھىجرانكار جاننى .

     

    (كىچىكىش تەۋە بولغۇچى قولنى سەندىكى نۇرغا دەپىن قىلدى .تەڭرىدىكى غار ئىچىلمىدى .ھوكۇمنامىنىڭ "كىم "بىلەن پۇتىلىشى قۇياشنى جان بىلەن يىپىپ قويغان كۇنۇڭدە ئاخىرلاشتى .)

     

    2007-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۇنى

     

      



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : جالالىدىن رۆمى , ئابدۇرېشىت سۇلايمان , _
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-10-11 23:20:12
    تەھرىر : halil
    باھا : 0 كۆزىتىش : 399
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证