تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› جاھاننامە ›› بايراق ۋەگىرىبلەر ›› دۇنيا تىللىرىدا تۈركچىنىڭ تەسىرى
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى
    دۇنيا تىللىرىدا تۈركچىنىڭ تەسىرى



      

     

     دۇنيا تىللىرىدا تۈركچىنىڭ تەسىرى

     

    يۈسۈف گەدىكلى(تۈركىيە)

     

     

      تۈركىيە تۈركچىسىدىن يۈسۈپجان ياسىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان

     

    تىل مەسىلىسى مۇنازىرە قىلىنغاندا بىر ھەقىقەت ھەر ۋاقىت نەزەردىن ساقىت قىلىنماقتا. بۇ تۈركچىنىڭ باشقا تىللاردىكى نەچچە ئون مىڭ سۆزلۈكىنىڭ زادىلا ئەقىلگە كەلتۈرۈلمىگەنلىكىدۇر. موڭغۇلچە، ئۇردۇچە قاتارلىق خېلىلا يىراقتا قالغان تىللار بىلەن پارسچە، ئەرمەنچە، گۈرجۈچە قاتارلىق ئالدىنقى ئاسىيا تىللىرى ، يۇنانچە، بولغارچە، ماكېدونچە، ئالبانچە، رومېنچە، سىرپ-خىرۋاتچە، ماجارچە ۋە ھەتتا رۇسچە قاتارلىق بالقان تىللىرى،  ئوتتۇرا ۋە شىمالىي ياۋروپا تىللىرىدا نەچچە ئون مىڭ تۈركچە سۆز بار. تۈركچە يالغۇز سۆزلۈكلەرگە تەسىر قىلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، پۈتكۈل بالقان تىللىرىنىڭ مورفولوگىيەسى ۋە سىنتاكسىگىمۇ تەسىر قىلغان.

     

    • سىرپ-خىرۋاتچىدىكى تۈركچە سۆزلەر

     

    ئابدۇللاھ سكالجىژ بىرىنجى نەشرى 1957- يىلى، ئىككىنجى نەشرى 1962- يىلى سارايبوسنادا بېسىلغان ‹‹ سىرپ –خىرۋات تىلىدىكى تۈركچە سۆزلەر›› دېگەن كىتابىدا تۈركچىدىن سىرپ – خىرۋات تىلىغا 8742 سۆزلۈكنىڭ ئۆتكەنلىكىنى ئېنىقلىغان. تەبىئىيكى، سىرپ –خىرۋاتچىدىكى تۈركچە سۆزلۈكلەرنىڭ سانى بۇ قەدەر ئەمەس. ئەمەلىيەتتىمۇ بۇ كىتابنىڭ بىرىنجى نەشرىدە 6500 سۆزلۈككە ئورۇن  بىرىلگەن.(1)

     

    • ماجاردىكى تۈركچە سۆزلەر

     

    ئالىملار ماجارچىدىكى تۈركچە سۆزلەرنى ئۈچ قاتلامغا بۆلۈپ تەتقىق قىلىدۇ. بىرىنجىسى ھۇن- ھازار –بۇلغار قاتلىمى، ئىككىنجىسى پەچەنەك –ئۇز- قۇمان – قىپچاق قاتلىمى، ئۈچىنجىسى بولسا ئوسمانلى قاتلىمىدۇر. ئوسمانلى قاتلىمىنى تەتقىق قىلغان ماجار ئالىمى سۇزاننې كاكۇك 1973-يىلى بۇداپېشتتا ئىلان قىلغان  ‹‹16- 17- ئەسىرلەردىكى ئوسمانلى تىلى تارىخى تەتقىقاتلىرى ، ماجار تىلىدا ئوسمانلى تەركىپلىرى›› دېگەن ئەسىرىدە 16-ۋە 17- ئەسىرلەردە  ئوسمانلىلار ۋاسىتىسى بىلەن ماجارچىغا 1382 جىنس ئىسمى، 402 كىشى ئىسمى ۋە لەقەملىرىنىڭ، جۇغراپىيەلىك نامدىن 224 ئىسىنىڭ، جەمئىي 2008 سۆزنىڭ ئۆتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.(2) كاكۇك كېيىن ئىلان قىلغان بىر ماقالىسىدا بۇ سۆزلەرنىڭ سانىنى 1500 گە يەتكۈزگەن.(3) كاكۇك 1925- يىلى 13- ئاۋغۇست كۈنى ماجارىستاننىڭ خەۋېس شەھرىنىڭ ناگيتاليا يېزىسىدا توغۇلغان. تۈركچىنىڭ تەسىرى يالغۇز سۆزلۈك بىرىش بىلەنلا چەكلەنگەن ئەمەس، بەزى شائىرلار تۈركچە شېئىرمۇ يازغان. مەسىلەن ماجارلارنىڭ تۇنجى بۈيۈك شائىرى بالىنت بالاسسا  1552- 1556- يىللاردا بىر مۇنچە تۈركچە شېئىرلارنى ماجارچىغا تەرجىمە قىلغان. ئۆزىمۇ تۈركچە شېئىرلار يازغان. ماجار سۆزى ‹‹مانيسى›› ۋە تۈركچە ‹‹ئەرى››(مانيسى+ئەرى) سۆزلىرىنىڭ بىرىكىشىدىن ئوتتۇرىغا چىققان  بولۇپ، بۇ نامنىڭ يېرىمى تۈركچىدۇر.(4) ماجارلار ئۆزلىرىنى ‹‹بىز تۈرك ماجار›› دەپ ئاتايدۇ. باشقا مىللەتلەر قويغان ‹‹ھۇنگاريا›› دېگەن ناممۇ تامامەن تۈركچىدۇر. ‹‹ھۇنگاريا››(ھۇنگارىيا) سۆزى كۆپۈنچە ئالىملارنىڭ دېگىنىدەك ‹‹ھۇن›› دېگەن نامدىن ئەمەس، تۈركچە ‹‹ئونوغۇر›› دېگەن نامدىن كېلىپ چىققان. باشتىكى ‹‹ھ›› سۈننىي تاۋۇشتۇر. بۇ سۆز ‹‹ھۇن››دىن كېلىپ چققان بولسا، كېيىنكى ‹‹گار›› تەركىبىنى چۈشەندۈرۈش مۇمكىن بولمايدۇ. ماجارلار ئونوغۇر بولغارلىرى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغانلىقى ئۈچۈن ۋىزانتىيەلىكلەر ۋە باشقا خەلقلەر ئۇلارنى بۇ ئىسىم بىلەن ئاتاپ، ئۇلار ياشىغان مەملىكەتنىمۇ ‹‹تۈركىيە›› دەپ ئاتىغان. ئونوغۇر سۆزى ئوسمانلىلار تەرىپىدىن  بەزىدە ‹‹ئەنگۈرۈس›› ياكى ‹‹ئۈنگۈرۈس›› شەكلىدە قوللىنىلغان. شۇنى ئەسلەپ ئۆتۈش كېرەككى، ماجارىستاندىن باشقا تارىختا ‹‹تۈركىيە››  دەپ ئاتالغان ياكى ‹‹تۈركىيە›› نامى بىرىلگەن بىر  مۇنچە دۆلەت ۋە رايونلار بولغان، يەنى كۆكتۈرك، ھازار، ئانادولۇ سەلجۇقلىرىنىڭ زىمىنى، مىسىر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تارىختا ‹‹تۈركىيە›› دەپ ئاتالغان. لېكىن دۆلەت نامى سۈپىتىدە  كۆكتۈركلەر، مىسىر مەملۇكلىرى ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىدىن باشقا ‹‹تۈركىيە›› دېگەن ئىسىمدا ئاتالغان تۈرك دۆلىتى يوق. پەقەت ئوتتۇرا ئاسىيا جۇغراپىيەسى مىڭ يىلدىن بېرى ‹‹تۈركىستان›› دېگەن بام بىلەن  تۇنۇلۇپ  كەلمەكتە. ماجار ئالىمى تۈركولوگىيە ساھەسىدە ئەڭ كۆپ ئىشلىگەن ئالىملاردۇر. ئەمەلىيەتتىمۇ تۈركولوگىيە ساھەسىدە خرىستىئان مىللەتلىرى ئىچىدە ئەڭ ياخشى نىيەت بىلەن تەتقىق قىلغانلار ماجارلاردىن چىققان ئالىملاردۇر. بۇلارنىڭ قاتارىغا بوسنا ھېسىكلەرنى ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيالىقلارنىمۇ(پاكىستان، مالايىسا) قوشۇشقا بولىدۇ. تۈركولوگىيە بىلەن مەشغۇل بولغان باشقا ئالىملارنىڭ بىلىم سۈپىتى پەقەت ئۆزىنىڭ مەسلىكىدە بولۇپ، ئاساسىي مەقسىتى تۈرك كۈلتۈر ۋە مەدەنىيىتىنى باشقا مەنبەلەرگە، بولۇپمۇ  خەنزۇ،  پارس،  موڭغۇل، ئەرەب ۋە باشقا مىللەتلەرگە باغلايدۇ. 

     

    • رومېنچىدىكى تۈركچە سۆزلەر

     

    ئەسلىدە كۆكئوغۇز تۈركلىرىدىن بولغان مىخائىل گۇبوغلۇ بىر ماقالىسىدا رومېن تىلىغا ئۆتكەن تۈركچە سۆزلەر ھەققىدە ئىزدەنگەن رومېن ۋە باشقا مىللەت ئالىملىرىنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدە كەڭ مەلۇمات بەرگەن. ئۇ رومېن تىلىدا مەۋجۇت 3000 تۈركچە سۆزنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەتقىق قىلىنىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.(5)  رومېنىيەلىك كېرىم ئالتاي ئىسىملىك تۈرك نەسىللىك بىر ئالىممۇ 1925-1987-يىللار ئارىسىدا نەشىر قىلىنغان تۆت رومېنچە  لۇغەت ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتىدا  ئۇنىڭدىكى 1700 تۈركچە سۆزنى ساناپ ئۆتكەن ۋە تېخىمۇ دىققەت بىلەن  تەتقىق قىلىنسا بۇنىڭ سانىنىڭ 2000 دىن ئېشىپ كىتىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان.(6) 

    • بۇلغارچىدىكى تۈركچە سۆزلەر

     

    تۈركەر ئاجارئوغلۇ بۇلغارىيەدە ئوسمانلى تۈركلىرىدىن قالغان 5000 تۈركچە يەر نامىنىڭ بارلىقىنى يازىدۇ.(7)  بۇلغارچىدىن تۈركچىگە كىرگەن سۆزلەر بولسا بىر قانچە بولۇپ،  بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ قوللىنىلغىنى ‹‹چەتە››(پارتىزان، گۇرۇھ) سۆزىدۇر. بۇمۇ بۇلغارلارنىڭ پارتىزانلىقتا داڭ چىقارغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. بولۇپمۇ ‹‹گوجۇك››، ‹‹كۇلۇچكا››(كۈرۈك)، ‹‹كوسا››(ئۇزۇن ساپلىق بىر چالغا)، ‹‹ئېشتېر››(ياۋا پالەك) قاتارلىق سۆزلەرمۇ بار. كېيىنكى ئىككى سۆز ئېغىز تىلىدا قوللىنىلىدۇ. (8)  ياشار يۈجەل بۇلغار پەنلەر ئاكادېمىيىسى بۇلغار تىلى ئىنىستىتۇتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان ‹‹بۇلغار تىلىدىكى يات سۆزلۈكلەر لۇغىتى››(1982-يىلى) بىلەن ‹‹بۇلغارچە لۇغەت››نىڭ ئۈچىنجى نەشىرىنى بىرمۇ بىر ئاختۇرۇپ، بۇلغارچىدا 2557 تۈركچە سۆزنىڭ بارلىقىنى ئېنىقلىغان. ‹‹جى››، ‹‹لى››، ‹‹لىك››(لىق) قاتارلىق تۈركچە قوشۇمچىلارمۇ بۇلغارچىغا ئۆتكەن تىل تەركىپلىرىدىن بىرىدۇر.(9) تەبىئىيكى، بۇ تولۇق بولمىغان بىر تەتقىقاتتۇر. ئەملىيەتتە بۇلغارلارنىڭ تىلىدا  ‹‹بۇلغار›› ۋە ‹‹بالقان››  دېگەنگە ئوخشاش 10 مىڭدىن كۆپرەك تۈركچە سۆز  بار. ئەھۋال ماكېدونىيە ئۈچۈنمۇ ئوخشاشتۇر. مەلىھ جەۋدەت ئانداي ئۆزىنىڭ ساياھىتىنى تەسۋىرلىگەن بىر ئەسىرىدە مۇنداق بىر لەتىپىنى نەقىل كەلتۈرگەن :

    بىر بولغار بىر يۇگۇسلوۋىيەلىكتىن سوراپتۇ:

    -- سىلەرنىڭ تىلىڭلاردا تۈركچىدىن كۆپ سۆز بارمۇ؟

     يۈگۈسلوۋىيەلىك تۈركچە :

    -- يوق بې كاردېشىم- دەپتۇ.

    بۇ سۇئال بىر ماجاردىن سورالسا ‹‹شوك ۋان›› دېگەن جاۋاپ چىقاتتى. بۇ ‹‹ناھايىتى كۆپ›› دېگەنلىكتۇر.(10) بۇ مىسالنىڭ يەنە بىر ۋارىئانتىنى  سۈرەييا  يۈسۈفنىڭ ئەسىرىدە نەقىل كەلتۈرۈلگەن.(11)

     

    • رۇسچىدىكى تۈركچە سۆزلەر

     

    نىكولاي ئالېكساندروۋىچ باسكاكوف ‹‹تۈرك مەنبەلىك رۇس فەمىلىلىرى››(1979-يىلى) دېگەن ئەسىرىدە  300 تۈرك مەنبەلىك رۇس فەمىلىسىنى ناھايىتى ئەتراپلىق تەتقىق قىلغان. باسكاكوفنىڭ ئەسىرى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىندى.(12)  تاتار ئالىمى ئا. خ. خالىكوفمۇ ‹‹رۇس دەپ تۇنۇلغان 500 بۇلغار –تاتار –تۈرك نەسىللىك سۇلالىلار›› دېگەن ئەسىرىدە بۈگۈنكى كۈندە رۇسچىدا قۇللىنىلىۋاتقان 500 فەمىلىنى ئېنىقلاپ بىر كىتاپ قىلىپ نەشىر قىلغان.(13) بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەسلىدە تۈرك –تاتار نەسىللىك ئائىلىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن  نۇرغۇن ئالىملار، يازغۇچىلار، دىپلوماتلار، ئىلىم ئىگىلىرى، دۆلەت خادىملىرى يىتىشىپ  چىققان. مەسىلەن،  يېلتسىن (تۈركچە ئەلچى دېگەن سۆزدىن كەلگەن) بۇلارنىڭ بىرىدۇر. ‹‹رۇسنى قازساڭ ئاستىدىن تاتار(تۈرك) چىقىدۇ›› دېگەن ماقال ھەر كىشىگە مەلۇم بىر سۆزدۇر. تەبىئىيكى بۇلار خاس ئىسىملاردۇر. رۇسچىدا تۈركچىدىن ئېلىنغان سۆزلەرنىڭ تىزىملىكى تېخى ئىشلەنمىدى. بۇ ئىشلەنسە رۇسچىدا   10 مىڭ ئەتراپىدا  تۈركچە سۆزنىڭ بارلىقى ئاشكارا بولىدۇ. كېرىم ئالتاي رۇسچىدىكى تۈركچە سۆزلەرنىڭ سانىنىڭ ھازىرچە 2000 ئەتراپىدا ئېنىقلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

     

    • پارسچىدىكى تۈركچە سۆزلەر

     

    پارسچە تەركىۋىدە يات تىل سۆزلۈكلىرى كۆپ بىر تىلدۇر. بۇ تىلدا نەچچە مىڭ تۈركچە سۆز بار. 1942- يىلى فۇئاد كۆپرۈلۈ يازغان بىر ماقالىسىدا پارسچىدىكى تۈركچە سۆزلەرگە دىققىتىنى ئاغدۇرۇپ، تۈركچە سۆزدىن 280نى ئېنىقلىغان.(14)  گېرمان ئالىمى گېرخارد دوئېفىر پارسچىنىڭ  %80 نىڭ ئەرەبچە سۆزلەرنىڭ تەشكىل قىلغانلىقىنى، لېكىن شۇنداقتىمۇ پارسچىنىڭ بىر سامى تىلى ھېساپلانمايدىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. ك. تىمۇرتاشمۇ پارسچىدىكى ئەرەبچە سۆزلەرنىڭ پارسچىدىن كۆپ ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان.(15)  دوئېفىر ‹‹يېڭى پارسچىدا تۈركچە ۋە موڭغۇلچە ئېلېمنتلار››(ۋىسبادىن، 1963-، 1965-، 1967-، 1975- يىللاردا ئىلان قىلىنغان)  ناملىق تۆت قىسىملىق ئەسىرىدە تۈركچە  سۆزدىن نەچچە مىڭنى ئېنىقلىغان. دوئېزفىرنىڭ كىتابىنىڭ 1- قىسمى موڭغۇلچە سۆزلەرگە ئايرىلغان. بۇنىڭدا موڭغۇلچىدىن پارسچىغا كىرگەن 409 سۆزنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن. كىتابنىڭ 2-، 3-، 4- قىسىملىرى بولسا پارسچىدىكى تۈركچە سۆزلەرگە ئاجرىتىلغان. بۇنىڭدا 2000 غا يېقىن تۈركچە سۆزگە ئۇرۇن بەرگەن. ئەپسۇس تۆت قىسىملىك بۇ ئەسەر ھازىرغىچە تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنمىدى.

     

    • ئەرەبچىدىكى تۈركچە سۆزلەر

     

    تۈركچە ئۆزىگە كۆپ تەسىر كۆرسەتكەن ئەرەبچىگىمۇ مىڭلارچە سۆز بەرگەن. لىۋىيەلىك بىر ئالىم مۇھەممەد بېن جەنەب 1922- يىلى ئىلان قىلغان ‹‹لىۋىيەنىڭ ئېغىز تىلىدا ساقلىنىپ كەلگەن تۈركچە ۋە تۈركچە ۋاسىتىسى بىلەن كىرگەن پارسچە سۆزلەر›› ناملىق تەتقىقاتىدا لىۋىيە ئەرەبچىسىدە تۈركچە سۆزلەردىن 634 سۆزنىڭ بارلىقىنى ئېنىقلىغان.(16)  بۇ سۆزلەرنىڭ 72 سى ئەسكەرلىككە، 31 ى دېڭىزچىلىققا، 39 ى ئۇزۇقلۇق ماددىلىرىغا، 59 ى سايمان ۋە قاچا –قۇچىلارغا، 55ى كىيىم-كىچەككە، 65 ى سەنئەتكە، 313 ى تۈرلۈك ساھەلەرگە ئائىت سۆزلەردۇر. جەنەب تۈركچە خاس ئىسىملارنى بۇ تەتقىقاتىنىڭ دائىرىسىگە قوشمىغان. ئاھمەت ئاتەش جەنەبتىن مۇستەقىل ھالدا ئېلىپ بارغان بىر تەتقىقاتىدا ئەرەب ئەدەبىي تىلىدا 539 تۈركچە سۆزنىڭ بارلىقىنى ئېنىقلىغان. ئاتەش تۈركچە ‹‹ئۆرنەك›› سۆزىنىڭ ‹‹ئۇرنىك›› شەكلىدە ۋە ‹‹ئۆرنەك››، ‹‹مودېل››، ‹‹شەكىل›› مەنىسىدە ئەرەبچىگە ئۆتكەنلىكىنىمۇ قەيت قىلغان.(17)  ھۈسەيىن ئەلى مەھفۇز باغداد ئەرەبچىسىدىكى 500 تۈركچە سۆزنىڭ تىزىملىكىنى ئىلان قىلغان.(18)  ئەرىك پروكوس دېگەن بىر ئالىممۇ سۇدان ئەرەبچىسىگە 259 تۈركچە سۆزنىڭ ئۆتكەنلىكىنى ئېنىقلىغان. بۇنىڭ ئىچىدە ‹‹ئاغا››، ‹‹بالتا››، ‹‹باكلاۋا››، ‹‹باسما››، ‹‹باستىرما››، ‹‹باشىبوزۇق››، ‹‹بىنباشى››، ‹‹بىرىنجى››، ‹‹بوھچا››، ‹‹بورۇ››، ‹‹بۆلۈك››، ‹‹بۇرما››، ‹‹دامغا››، ‹‹دوغرۇ››، ‹‹دولاپ››، ‹‹دوندورما››، ‹‹جەبەھانە››، ‹‹چىزمە››، ‹‹گۈمرۈك››، ‹‹ھېكىمباشى››، ‹‹قانچە››، ‹‹قاراقول››، ‹‹كاۋۇن››، ‹‹كاۋۇرما››، ‹‹قازان››، ‹‹كېلاۋۇز››، ‹‹قىشلاق››، ‹‹ئورتا››، ‹‹سانجاك››، ‹‹شىش››، ‹‹تابۇر››، ‹‹تەمەللى››، ‹‹توپچۇ››، ‹‹يۈز باشى›› قاتارلىق سۆزلۈكلەر بىلەن ‹‹چى›› قوشۇمچىسىمۇ باردۇر.(19).  كېيىنكى ۋاقىتلاردا بۇ تېما ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان بەدرېتتىن ئايتاچ ‹‹ئەرەب شىۋىلىرىدىكى تۈركچە سۆزلەر››  دېگەن ئەسىرىدە ئەرەبچىگە 941 سۆزنىڭ ئۆتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.(20) ئايتاچنىڭ ئەسىرىدە ئەرەبچىگە ئۆتكەن تۈركچە سۆزلەرنىڭ 179 ىنىڭ كەسپىي ئاتالغۇ، 75ىنىڭ يىمەك-ئىچمەك ئىسمى، 97 ىسىنىڭ ھەر خىل سۈپەت سۆزلىرى ، 45 ىنىڭ ئەسكەرلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك سۆزلەر ، 24 ىنىڭ خاس ئىسىم ، لەقەم ۋە ئۈنۋان ناملىرى، 40 ىنىڭ يەر ئىسمى، 89ىنىڭ نەرسە – كېرەك ئىسىملىرى، 15ىنىڭ پېئىل، 52ىسىنىڭ كىيىم –كىچەك ۋە توقۇمىچىلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىسىملار، 8 ىنىڭ تۇغقانچىلىق بىلەن، 6 سىنىڭ مەدەنلەر بىلەن، 7 ىسىنىڭ ھايۋانلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك  ئىكەنلىكى (جەمئىي 657 سۆز)  كۆزگە چېلىقىدۇ. قالغان 284 سۆز باشقا ئىسىملەردۇر. بۇنىڭ ئىچىدە ‹‹چاۋۇش››(چاۋىش ياكى شاۋىش شەكلىدە) ، توپچۇ قاتارلىق كۆپ قوللىنىلىدىغان سۆزلەر بىلەن بىرلىكتە ‹‹چاپچاق››( مەدەندىن ياسالغان تۇتقۇچلۇق بىر  قاپ) بىلەن ‹‹ساغۇ››(مەرسىيە) ، ‹‹ساغۇجۇ››(مەرسىيەچى)  قاتارلىق كۈنىمىزدىكى تىلدا قوللىنىلمايدىغان قەدىمكى تۈركچە سۆزلەرمۇ بار.

     

    • يۇنانچىدىكى  تۈركچە سۆزلەر

     

    يۇنانچىدا(گرېك تىلىدا) 5000 دىن 7000غىچە تۈركچە سۆزنىڭ بارلىقى تەخمىن قىلىنماقتا. يۇنانلىقلار تۈرك كومپلېكىسى بولغانلىقى ئۈچۈن يۇنان ئالىملىرى ھەر قانداق بىر تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانمىدى. ئالبانچىدىمۇ مۇشۇ نىسبەتتە تۈركچە سۆزنىڭ بارلىقى  بىلدۈرۈلمەكتە.

     9- ئەرمەنچىدىكى تۈركچە سۆزلەر

     

      1902-يىلى خ.ئاچاريان ئىسىملىك بىر ئەرمەن  ئەرمەنلەر تېخى تۈرك كومپلېكىسىگە ئىگە بولمىغان چاغدا تۈركچىدىن ئەرمەنچىگە 4200 سۆزنىڭ ئۆتكەنلىكىنى ئېنىقلىغان.(21)  ھەتتا بۇ تەسىر شۇ دەرىجىدىكى تۈركچىنىڭ تەسىرى بىلەن ئەرمەن تىلىنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە سېنتاكسىمۇ ئۆزگەرگەن.(22) روبېرت دانكوف يۇقىرىدىكى سانغا قوشۇمچە قىلىپ ئەرمەن تىلى دىئالىكىتلىرىدا 150 تۈركچە سۆزنىڭ بارلىقىنى ئېنىقلىغان. ھالبۇكى، تۈرك ئەدەبىي تىلىدىكى ئەرمەنچە سۆزلەر پەقەت بەشتىن ئونقىچە سۆزدۇر.(23)  خ. ئاچارياننىڭ  ئەسىرى بىر ئەسىر بۇرۇن ئىشلەنگەن بىر تەتقىقاتتۇر. ئەرمەنچىدىكى تۈركچە سۆزلەرنىڭ سانى 10 مىڭدىن ئاز ئەمەس. شۇنى ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەككى، تۈرك جامائەتچىكىدە كەڭ ئومۇملاشقان ‹‹ئۆرنەك›› سۆزىنىڭ ئەرمەنچە ئىكەنلىكى ھەققىدىكى قاراش خاتادۇر. ‹‹ئۆرنەك›› سۆزى غەربىي تۈركلەردىن ئالتايلىقلارغا، شىجاڭدىكى ئۇيغۇرلاردىن تاتارلارغا قەدەر پۈتۈن  تۈرك شىۋىلىرىدە مەۋجۇتتۇر.

     

     نەتىجە

     

    تۈركچە قەدىمىي، يىلتىزى چوڭقۇر، باي، كەڭ يېيىلغان ۋە كۆپ قوللىنىلغان بىر تىلدۇر.  تۈركلەر  تارىختا بىر مۇنچە  خەلقلەر  بىلەن  تىل ئالاقىسىدا بولغان. ئاشۇ تىللاردىن ھەم سۆز ئالغان ھەم ئالغىنىدىن كۆپرەك سۆز بەرگەن(تۈركچىدىن ئاز سۆز قوبۇل قىلغان تىللار ئەرەبچە، پارسچە ۋە فرانسۇزچىدۇر، قالغان تىللاردا تۈركچىنىڭ بەرگىنى ئالغىنىدىن كۆپتۇر). لېكىن تۈركچىنىڭ يات تىللارغا بولغان تەسىرى تېخى يىتەرلىك دەرىجىدە تەتقىق قىلىنمىدى. بولۇپمۇ، ئالبانچە، يۇنانچە، ئەرمەنچە ۋە ھەتتا گۈرجۈچىدىكى تۈركچە سۆزلەر ئالدى بىلەن تەتقىق قىلىنىشى كېرەك. تەبىئىيكى، بۇ ھەممىدىن بۇرۇن بىزگە چۈشكەن مۇھىم ۋە مۇقەددەس بىر ۋەزىپىدۇر. ئاشۇ ۋەزىپە كاۋكاز تىللىرى، خەنزۇچە، كورىچە، ئۇردۇچە ئۈچۈنمۇ شۇنداق بولۇشى كېرەك. ئۇردۇچە تىلىمىزدىن مىڭلارچە   سۆز قوبۇل قىلغان بىر تىلدۇر. ‹‹ئۇردۇ›› سۆزىمۇ تۈركچە ‹‹ئوردۇ›› سۆزىدىن كەلگەن. ‹‹1- قېتىملىق تۈرك تىلى قۇرۇلتىيى››  دا ‹‹ شۇنداق بىر تۈركچە يارىتايلى، بۇنى قەشقەردىكى تۈركمۇ ئاڭلاپ چۈشەنسۇن، باكۇدىكى ۋە تۈركىيەدىكى تۈركمۇ  ھەم››  دەپ خىتاپ قىلغان مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ بۇيرىقىنى ئورۇنداش ئۈچۈن بار كۈچىمىز بىلەن تىرشىشىمىز كېرەك.(24)

     

     

     

    مەنبەلەر

    (1) مىلان ئاداموۋىچ :‹‹تۇنۇشتۇرۇش››، ‹‹تۈرك تىلى تەتقىقاتلىرى يىللىقى- بەللەتەن››، 289- بەت، 1969-يىلى، ئەنقەرە.

    (2) ‹‹تۈرك تىلى تەتقىقاتلىرى يىللىقى- بەللەتەن››، 356- بەت، 1973-174- يىللىق بىرلەشمە سان.

    (3) سۇزاننې كاكۇك :‹‹ماجار تىلىدا ئوسمانلى –تۈرك تەركىپلىرى››، ‹‹ئىلمىي ماقالىلار، 1972-يىلى››، تۈرك تىل قۇرۇمى نەشرىياتى، ئەنقەرە، 1975- يىلى، 209-بەت. كاكۇك خانىم 1960- يىلى جۇڭگودىكى سالار تۈركلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ تىلىغا ئائىت تېكىست توپلىغان. بۇ تېكىستلەر ‹‹سالارچە تېكىستلەر›› دېگەن تېمىدا 1961 - يىلى بۇداپېشتتا  ‹‹Acta Oriental›› ژورنىلىنىڭ 13 –جىلىد، 1-ۋە 2- توملىرىدا ئىلان قىلىنغان.

    (4) ل. راسونى :‹‹تارىختا تۈركلەر››، 119-بەت، 1971-يىلى، ئەنقەرە، تۈرك كۈلتۈرىنى تەتقىق قىلىش ئىنىستىتۇتى نەشرىياتى.

    (5)م. گۇبوغلۇ:‹‹رومېنىيە تۈركولوگىيەسى ۋە رومېن تىلىدىكى تۈركچە سۆزلەر ھەققىدە بەزى تەتقىقاتلار››، ‹‹2- قېتىملىق تۈرك تىلى قۇرۇلتىيىدا ئوقۇلغان ئىلمىي ماقالىلار››، 271-بەت، 1966- يىلى، ئەنقەرە.

    (6) كېرىم ئالتاي :‹‹ تۈركچىدىن رومېنچىغا كىرگەن سۆزلەر-رومېنچىدىكى تۈركچە سۆزلەر››، ئەرجىيەس، 1996- يىلى، 220-سان، 1-بەت.

       (7) م. تۈركەر ئاجارئوغلۇ : ‹‹بۇلغارىيەدە تۈركچە يەر ناملىرى قوللانمىسى››، 42-، 75-، 383-بەتلەر، 1988- يىلى، ئەنقەرە.

    (8) ھاسان ئەرەن : ‹‹بۇلغارلار ۋە تۈرك تىلى››، ‹‹بۇلغارىيەدە تۈرك مەۋجۇتلۇقى››، 9-بەت، 1985-يىلى، ئەنقەرە،تۈرك تارىخ قۇرۇمى.

    (9) ياشار يۈجەل : ‹‹بۇلغارچىغا تۈركچىدىن ۋە تۈركلەردىن ئۆتكەن تىل تەركىپلىرى ئارىسىدا››، ‹‹بەللەتەن››، 1991- يىلى، ئاۋغۇست، 213 –سان، 529-562-بەت.

    (10) مەلىھ جەۋدەت ئانداي : ‹‹سوۋىت رۇسىيەسى، ئەزەربەيجان، ئۆزبەكىستان، بۇلغارىستان، ماجارىستان››، 143- بەت، 1965-يىلى، ئىستانبۇل.

     (11) سۈرەييا يۈسۈف : ‹‹ئىۋو ئاندرىچنىڭ ئەسىرىدىكى تۈركچە سۆزلۈكلەر››، ‹‹تۈرك تىلى تەتقىقاتلىرى يىللىقى››، 1969- يىلى، 287-بەت.

    (12) ن.ئا. باسكاكوف ‹‹تۈرك مەنبەلىك رۇس  فەمىلىلىرى››، سامىر كازىمئوغلۇ تەرجىمە قىلغان، 234- بەت، 1997- يىلى، ئەنقەرە.  

    (13) ئا. خ. خالىكوفمۇ ‹‹رۇس دەپ تۇنۇلغان 500 بۇلغار –تاتار –تۈرك نەسىللىك سۇلالىلار››(مۇستاپا ئۆنەر تەرجىمىسى)،تۈرك دۇنياسى تەتقىقاتلىرى فۇندى نەشرىياتى، 1995- يىلى، ئەنقەرە.

    (14) فۇئاد كۆپرۈلۈ : ‹‹يېڭى پارسچىدا تۈركچە ئۇنسۇرلار››، ‹‹تۈركىيات مەجمۇئەسى››، 1942-يىلى، 7-8 بىرلەشمە سان، 1-6- بەتلەر.

    (15) ك. تىمۇرتاش : ‹‹ئوسمانلىچە گېرامماتكىسى››، 248- بەت، 1964- يىلى، ئىستانبۇل.

    (16) ‹‹تۈرك تىلى تەتقىقاتلىرى يىللىقى - بەللەتەن››، 1966-يىلى، 157- 213-بەتلەر.

    (17) ئاھمەت ئاتەش : ‹‹ئەرەبچە ئەدەبىي تىلدىكى تۈركچە سۆزلەر ھەققىدە بىر تەجىرىبە››، ‹‹تۈرك كۈلتۈرى تەتقىقاتلىرى››، 1965- يىلى، 1-2- سان، 5-25- بەتلەر.

    (18) ئاھمەت ئاتەش: ‹‹ئەرەب تىلىدىكى تۈركچە سۆزلەر ، 10- ئەسەرگە قەدەر››، ‹‹ رەشىد رەھمەتى ئارات ئۈچۈن ›› 12- بەت، 1966-يىلى، ئەنقەرە.

    (19) ئەرىك پروكوس : ‹‹سۇدان ئەرەبچىسىدە ئوسمانلى سۆزلىرى››،75-بەت، 1983- يىلى . 

    (20) بەدرەتتىن ئايتاچ : ‹‹ئەرەب شىۋىلىرىدكى تۈركچە سۆزلەر››، 159-بەت، 1994- يىلى، ئىستانبۇل، تۈرك دۇنياسى تەتقىقاتلىرى فۇندى نەشرىياتى. 

    (21) ھاسان ئەرەن : ‹‹تۈركچىدىكى ئەرمەنچىدىن كىرگەن سۆزلەر ھەققىدە›››، ‹‹تۈرك تىلى››، 1995- يىلى، ئاۋغۇست، 524- سان، 862-بەت. 

    (22) يۈسۈف گەدىكلى : ‹‹بەختىيار ۋاھاپزادە››(ئۆمۈر سەھىپىسىدىن)، ،196- 197- بەتلەر، 2000-يىلى، ئىستانبۇل، ئۆتۈكەن نەشرىياتى.

    (23) ھاسان ئەرەن : يۇقىرىقى ئەسەر، 903-، 904- بەتلەر.

    (24)  ھاسان ئەرەن : ‹‹تىلدا بىرلىك››، ‹‹يىغىن ماقالىلىرى››، 159-بەت، 1972- يىلى.

     

     

      



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : تۈركچە , تۈركچە سۆزلەر , باشقا تىللار , _
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-10-8 21:19:43
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 2115
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证