تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    halisa
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 13064
    115170089@qq.com

    يازما سانى : 53
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-5-20 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ئۆمۈر ناياپ



    ئۆمۈر ناياپ

    ئەمەت غوپۇرى(1921-1945)

     

      بىر يىل دېگەن تۆت پەسىل، ھەر بىر پەسىل ئۈچ ئايدىن،

    ئۆتەر ئۆمرۈم يىل بىلەن تۇتالماسمەن ھېچ قايدىن.
     

    ئۆمۈر شۇنداق ئۆزرىسىز، تۇر دېگەنگە ئۇنىماس،

    قارىمامسەن ئۆتمۈشۈم ئەمدى مېنى تونىماس.
     

    شۇ ئۆمرۈمگە يىغلايمەن. يىللاردا يوق بەلگىسى،

    ۋەتەن بەرگەن نېمەتكە نېمە دەيمەن كەلگۈسى.
     

     

    سۆزلە ساقال، ياشلىقىم قايسى يىلنىڭ بوينىدا،

    قالدىڭ قايسى مەيخانىدا، قانداق غەپلەت قوينىدا؟
     

    سېنى ماڭا يار قىلغان، قايسى قىش ئۇ، قايسى ياز؟

    ياخشىلىقىمنى خار قىلغان، قايسى لېۋەن، قايسى ساز؟
     

    شۇ ئۈمىدنىڭ كەينىدىن كىمگە، قاچان قاش ئاتتىم،

    شوخلۇق قىلىپ مارىلاپ، قايسى تامدىن تاش ئاتتىم؟
     

    كىم مېنى يۈز ناز بىلەن جەلب ئەتتى ئاي يۈزىدە،

    كىم چېچىدا شەرەتلەپ، كىم ئويناتتى كۆزىدە؟
     

    شۇ ئورۇنسىز يوللاردا كەزدىم قانچە مەلىنى،

    كوچىلاردا چىقاردىم قانچە جېدەل، غەلۋىنى؟
     

    مۇھەببەتنىڭ كويىدا نەدىن نەگە يول باستىم،

    كىم ئىزىدىن توپا ئېلىپ، قەيەرگە تۇمار ئاستىم؟
     

    مەقبۇل بولۇپ شۇ ئىشىم باش تەمەگە يەتتىمۇ؟

    سۆزلە ساقال، ياشلىقىم، شۇنداق ئۆتۈپ كەتتىمۇ؟

     

    ئىسىت ئۆمرۈم ياشلىقىم، قەدرىڭگە يەتمەپتىمەن،

    كەتسە كەلمەس يىللاردىن كۆزۈمگە ئىلماپتىمەن.
     

    ئەمدى بىلدىم يىل ماڭا ساقال سوۋغا ئەتكەندە،

    ئۆمرۈم ئېقىپ لاي سۇدەك گۈل ياشلىقىم كەتكەندە.
     

    كۈنلەر ئىكەن دەستىگاھ، بىزنى يۆلەپ تۇرغۇچى،

    ئىجاد، مېھنەت ئىكەن ئۇ چۆلدە بوستان قۇرغۇچى.
     

    شۇڭا بىزنىڭ نەسلىمىز ئىجاد بىلەن ئۆلمەپتۇ،

    چۈنكى، ئۇنىڭ يىللىرى ھەرگىز بىكار ئۆتمەپتۇ.
     

    بولسا شۇنداق كىشىنىڭ يىل بوينىدا بەلگىسى،

     جاۋاب بەرمەك ۋەتەنگە ئاسان ئىكەن كەلگۈسى.
     

    دېمەك، مېنىڭ بوينۇمدا جاۋابكارلىق قەرزىم بار،

    دىلبىرىمنىڭ خۇلقىغا قارشى مېنىڭ ئەرزىم بار.
     

    مەن ئەمەسمەن بۇرۇنقى، سېنى مەن سۆيگەن يىگىت،

    بىلىپ قالغىن يوق ئەمدى، ئىشقىڭدا كۆيگەن يىگىت.
     

    ئاتىدىم ئىشقىمنى پاك ۋەتەنگە، خەلقىمگە،

    ۋەتەن ئىشقى ھۆكۈمران ئەمدى مېنىڭ قەلبىمگە.
     

    ئۆلسەم ئەگەر شۇ يولدا روھىم مېنىڭ ئۆلمەيدۇ،

    ئىجاد، ئەجرىمنى ھېچكىم تۇپراققا كۆمەلمەيدۇ.
     

    ئەگەر ئۆتسەم دۇنيادىن مىراس قويماي نەۋرەمگە،

    زىيارەتچى كەم بولۇر مېنىڭ ياتقان قەۋرەمگە.

     

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئۆمۈر , ئەمەت غوپۇرى , ۋەتەن , _
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-10-6 14:21:31
    تەھرىر : admiral
    باھا : 0 كۆزىتىش : 108
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证