تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Ezize
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 13683
    aziza22@126.com

    يازما سانى : 126
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-7-21 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    بىفرا ئۇرۇشى



     

    نېگىرىيە ئىچكى ئۇرۇشى

     

    بىفرا ئۇرۇشى

      

       بىفرا ئۇرۇشى 1967- يىلىدىن 1970- يىلىغىچە داۋاملاشقان نېگىرىيە ئىچكى ئۇرۇشىنى كۆرسىتىدۇ.
       نېگىرىيە ئافرىقىدىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ شۇنداقلا قەبىلىلەرمۇ ئەڭ كۆپ مەملىكەتنىڭ بىرى. بۇ دۆلەتتە مەملىكەت بويىچە 250 تىن ئارتۇق قەبىلە ياشايدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە شىمالدىكى خاۋسالار، غەربتىكى يورۇيالار ۋە شەرقتىكى ئىبولار ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. 1960- يىلى نېگىرىيە مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن خاۋسالار، يورۇيالار ۋە ئىبولار شىمال، غەرب، شەرقتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ رايوننىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقوقىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۆز قولىدا تۇتتى. ئوتتۇرىدا ئۇزاقتىن بۇيان مۇرەككەپ زىددىيەت مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن بۇ ئۈچ چوڭ مىللەت مەركىزى ھاكىمىيەتنى تالىشىپ كەسكىن كۈرەش قىلىشقا باشلىدى. شىمالدىكى خاۋسالار مەركىزى ھاكىمىيەت ۋە ئارمىيە ئىچىدە ھۆكۈمران ئورۇندا تۇراتتى. ئىبولار %60 تىن ئارتۇق قىسىمنى ئىگلەيدىغان شەرقىي رايوندا نېفىت بايقالغانلىقى ئۈچۈن مەملىكەت بويىچە ئەڭ باي رايون بولۇپ قالدى. نەتىجىدە مەركەز بىلەن يەرلىك ھوقۇق تەقسىماتى مەسىلىسىدە زىددىيەتلىشىپ قالدى. 1966- يىلى 1- ئايدا ئىبولاردىن چىققان ياش ئوفىتسېر سىياسىي ئۆزگىرىش پەيدا قىلىپ، ئىتتىپاق ھۆكۈمىتىنىڭ ۋە شىمالىي رايوننىڭ، غەربىي رايوننىڭ زۇڭلىسى قاتارلىق نۇرغۇن مۇھىم ھەربىي، مۈلىكى ئەمەلدارلىرىنى ئۆلتۈردى. قۇرۇقلۇق ئارمىيە باش قۇماندانى ئىرونىسى (ئىبو مىللىتىدىن) ھەربىي ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى بولۇۋالدى. شۇ يىلى 7- ئايدا خاۋسالارنىڭ ئوفىتسېرلىرى سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، ئىرونىسنى ۋە زور بىر تۈركۈم ئىبو ئوفىتسېرلىرىنى ئۆلتۈردى. شىماللىق قۇرۇقلۇق ئارمىيە شىتات باشلىقى گوۋېن ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋالدى. شەرقىي رايوننىڭ باشلىقى، گوۋېن ھاكىمىيىتىنى ئېتىراپ قىلىشنى ئاشكارا رەت قىلدى.
       1967- يىلى 5- ئايدا شىمالدىكى خاۋسالارنىڭ كۈچىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئىتتىپاق ھۆكۈمىتى ئەسلىدىكى شەرقىي رايوننى ئۈچ شىتاتقا بۆلگەنلىكىنى جاكارلىدى. ئىبولار ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدىغان ئوتتۇرا شەرقىي شىتاتقا نېفىت بايلىقىمۇ، دېڭىزغا چىقىدىغان ئېغىزمۇ يوق ئىدى. بۇ ھال نېگىرىيە ئىچكى ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشىغا تۇترۇق بولدى.
       1967- يىلى 5- ئاينىڭ 30- كۈنى شەرقىي رايوننىڭ ئەمەلدارى ئوجۇگو باشچىلىقىدىكى ئىبو ھۆكۈمرانلار گۇرۇھى شەرقىي رايوننىڭ ئىتتىپاق ھۆكۈمىتىدىن چىقىپ، كېتىپ، بۇ رايوندا بىفرا جۇمھۇرىيىتى قۇرغانلىقىنى جاكارلىدى. گوۋېن باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاق ھۆكۈمىتىنىڭ 7- ئاينىڭ 6- كۈنى بىفراغا ھەربىي ھۇجۇم قىلىشى بىلەن ئىچكى ئۇرۇش پارتلىدى. بىفرا ئارمىيىسى غەربكە قارشى قايتۇرما ھۇجۇم قوزغاپ، غەربىي قىسىمدىكى مۇھىم بازا ئىبادانغا بىر مەھەل «تەھدىت» سالدى. كېيىن ئاۋرىدا توسۇلۇپ قالدى. 10- ئاينىڭ 4- كۈنى ئىتتىپاق ئارمىيىسى بىفرانىڭ پايتەختى ئېنۇگۇنى ئالدى. 1968- يىلى ئەنگلىيە ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ مۇرەسسەلەشتۈرۈشى ئارقىسىدا ئىتتىپاق ھۆكۈمىتى بىلەن بىفرا لوندون قاتارلىق جايلاردا كۆپ قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، ھېچبىر نەتىجە چىقمىدى. شۇ يىلى ئىتتىپاق ھۆكۈمىتى ئارمىيىسى شەرقىي رايوندىكى ھاركوت پورتىنى ئىشغال قىلىپ، بىفرانىڭ سىرت بىلەن بولغان دېڭىز يولى ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلىدى. 1969- يىلى 4- ئايدا بىفرا ئارمىيىسى شەرقىي قىسىمدىكى مۇھىم بازار ئوۋىتىيىنى ئىشغال قىلىپ، ۋاقىتلىق پايتەخت قىلدى ھەمدە نېگىر دەرياسىدىن ئۆتتى. بىراق، 200 مىڭ كىشىلىك خىل قوراللانغان ئىتتىپاق قوشۇنى تەرىپىدىن چېكىندۈرۈلدى. بىفرا دائىرلىرى قايتىدىن سۆھبەتلىشىشكە مەجبۇر بولدى. نەتىجىدە بۇ قېتىمقى تىنچلىق سۆھبىتىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىدى. 1970- يىلى 1- ئاينىڭ باشلىرىدا ئىتتىپاق ئارمىيىسى ئوۋرىيىنى ئىشغال قىلىپ، بىفرا ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقى ئوجۇگو چەت ئەلگە مۇساپىر بولۇپ چىقىپ  كەتتى. 1- ئاينىڭ 12- كۈنى بىفرا ئارمىيىسى تەسلىم بولدى، ئىچكى ئۇرۇشى ئاياغلىشىپ، نېگىرىيە قايتىدىن بىرلىككە كەلدى.
       بۇ ئۇرۇش نېگىرىيە خەلقى ئۈچۈن بىر قېتىملىق زور ئاپەت بولدى. ئىككى يېرىم يىل داۋام قىلغان بۇ قېتىمقى ئۇرۇش جەريانىدا ئىبولاردىن 2 مىليونغا يېقىن كىشى قازا قىلدى. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇرۇش پەيدا قىلغان ئاچارچىلىق دەستىدىن ئۆلگەنىدى. 

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : 1967- يىلىدىن 1970- يىلىغىچە , نېگىرىيە , ئافرىقا , _
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-9-28 16:40:55
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 676
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证