تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-شېئىر ›› لۇتپۇللا مۇتەللىپ خاتىرىسىگە
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    ketmenbay
    سېنىيور
    دەرىجىسى : 4
    جۇغلانما نۇمۇر : 11151
    ketmenbay@gmail.com

    يازما سانى : 34
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-1-16 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    لۇتپۇللا مۇتەللىپ خاتىرىسىگە



     

    لۇتپۇللا مۇتەللىپ خاتىرىسىگە


    ساداقەتجان ھاجى


    مەن شۇدەم تۇرىمەن سۈكۈتتە غەمكىن،
    قەلبىمنى ئۆرتەيدۇ قايغۇ ۋە ئازاب.
    ۋە لېكىن غۇرۇرۇم مەغرۇر ھەم تەمكىن،
    ئېسىمدىن چىقمايدۇ «يىللارغا جاۋاب».

    مەن بىلەن بىللىدۇر «خىيالچان تىلەك»،
    خىيالىم ۋەسلىڭگە تەلپۈنۈپ تۇرار.
    ئاھ، سېنى سېغىنغان بۇ ئوتلۇق يۈرەك
    سۆيگۈ شامىلىدا يەلپۈنۈپ تۇرار.

    ئوقۇسام ھەر دائىم «ياشلىق-ئۆگەن»نى
    ياشلىقىم ئۆزىدە بىر كۈچ سېزىدۇ.
    سېغىنىپ، يۈرىكىم شېئىر دىگەننى
    قەبرەڭگە گۈلدەستە قىلىپ تىزىدۇ.

    «مۇھەببەت ۋە نەپرەت»-يۈرىكىمدە ئوت،
    بۇ ئوتسىز ئىنسانغا نەدىكەن ھايات؟!
    شېئىردىن تاپىمەن ھاياتىمغا قۇت،
    ناخشاڭدىن ئويغاندى قەلبىمدە سابات.

    لۇتپۇللا مۇتەللىپ-قاينام ئۆركىشى،
    سۆيگۈ دېڭىزىدا دولقۇنۇڭ قالدى.
    ئۇنۇتماس ئەبەدىي سېنى ھەر كىشى،
    چۈنكى ھەر يۈرەكتە يالقۇنۇڭ قالدى.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (1986-يىل 11-ئاينىڭ 8-كۈنى. قەشقەر)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    «تارىم» ژۇرنىلى 1988-يىللىق 1-سان
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ساداقەتجان , كەتمەنباي , لۇتپۇللا مۇتەللىپ , _
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-9-20 20:14:33
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 1 كۆزىتىش : 891
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证