تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› ئاتالغۇلارغا ئىزاھ ›› تارىخ ›› گرېتسىيە ئىچكى ئۇرۇشى
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Ezize
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 13592
    aziza22@126.com

    يازما سانى : 117
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-7-21 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    گرېتسىيە ئىچكى ئۇرۇشى



     

    مۇستەقىللىق دېمۇكراتىيە ۋە ھۆرلۈك ئۈچۈن
    كۈرەش قىلىش

     

    گرېتسىيە ئىچكى ئۇرۇشى

      

       بۇ مۇشۇ ئەسىرنىڭ 40- يىلى گرېتسىيە خەلقىنىڭ ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ قوراللىق مۇداخلىسىگە ۋە مەملىكەت ئىچىدىكى ئەكسىيەتچىل ھاكىمىيەتكە قارشى ئېلىپ بارغان ئۇرۇشى.
       1941- يىلى 4- ئايدا گېرمانىيە فاشىستلىرى گرېتسىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىردى. گرېتسىيە پادىشاھى گئورگى 2 چەت ئەلگە قېچىپ بېرىپ، سەرگەردان ھۆكۈمەت قۇردى. گرېتسىيە كوممونىستىك پارتىيىسى خەلقكە رەھبەرلىك قىلىپ، تاجاۋۇزچىلارغا قارشى كۈرەشنى قانات يايدۇردى. شۇ يىلى 9- ئايدا ۋە 12- ئايدا مىللىي ئازادلىق فرونتىنى ۋە مىللىي ئازادلىق ئارمىيىسىنى قۇردى. 1944- يىلىغا قەدەر ۋەتەننىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمىنى ئازاد قىلىپ، ۋاقىتلىق خەلق ھۆكۈمىتى بولغان «مىللىي ئازادلىق سىياسىي كومىسسىيە» نى قۇردى. 1944- يىلى 10- ئايدا گېرمانىيە قوشۇنلىرى گرېتسىيىدىن چېكىنىپ چىققاندا ئەنگلىيە ئۆزىنىڭ بالقان رايونىدىكى مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن گرېتسىيىدە قۇرۇقلۇققا چىقىدىغان قوشۇنلىرىنى ئەۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، گرېتسىيە مۇساپىر ھۆكۈمىتىمۇ ئەنگلىيە قوشۇنلىرىنىڭ مۇھاپىزىتى بىلەن پايتەخت ئافىناغا قايتىپ كەلدى. گرېتسىيە مۇساپىر ھۆكۈمىتى 11- ئايدا ئەنگلىيە گېنېرالى سكوبيېنىڭ ۋەھىمىسى بىلەن مىللىي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنى تارقىتىۋېتىش بۇيرۇقىنى چۈشۈردى. مىللىي ئازادلىق فرونتى ھۆكۈمەتتىن چېكىنىپ چىقىپ، نارازىلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە 12- ئاينىڭ 3- كۈنى 500 مىڭ كىشىنى تەشكىللەپ ئافىنادا نامايىش ئۆتكۈزدى. نامايىش باستۇرۇلدى. 1 مىليون 50 مىڭ ئافىنا ئاھالىسى قازا قىلدى ۋە يارىدار بولدى.
       12- ئاينىڭ 27- كۈنى ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبىتى بۇزۇلدى. ئەنگلىيە زور تۈركۈمدە ياردەمچى قوشۇن ئەۋەتتى. مىللىي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ئىككىنچى يىلى 1- ئاينىڭ 5- كۈنى ئافىنادىن چېكىنىپ چىقتى. 1- ئاينىڭ 15- كۈنى ئىككى تەرەپ ئۇرۇش توختاتتى. 2- ئاينىڭ 12- كۈنى ئىككى تەرەپ ۋالكزا شەرتنامىسىنى ئىمزالىدى. مىللىي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى قورال تاپشۇرۇپ، تارقىلىپ كەتكەنلىكىنى جاكارلىدى. 1946- يىلىنىڭ بېشىدا پادىشاھپەرەس خەلق پارتىيىسى ھاكىمىيەت بېشىغا چىقتى. ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان پادىشاھ گىئورگى 2 9- ئايدا قايتىدىن تەختكە چىقىپ مەملىكەت ئىچىدىكى دېموكراتىك كۈچلەرنى دەھشەتلىك باستۇردى. 10- ئايدا گرېتسىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى يەنە بىر قېتىم قوراللىق كۈرەشنى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن ۋافىيئاددىس باش قوماندانلىقىدىكى گرېتسىيە دېمۇكراتلار ئارمىيىسىنى تەشكىللىدى. دېمۇكراتلار ئارمىيىسى دۈشمەننىڭ كۆپ قېتىملىق ھۇجۇمىنى چېكىندۈردى. 1947- يىلى 12- ئايدا شىمالدىكى شىمالدىكى تاغلىق رايوندا گرېتسىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى ۋاقىتلىق دېموكراتىك ھۆكۈمەت قۇرۇلدى. ۋافيئاددىس زۇڭتۇڭ بولدى. شۇ يىلى گرېتسىيە دېمۇكراتلار ئارمىيىسى خەلقنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا تېز سۈرئەتتە زورىيىپ، مەملىكەت زېمىنىنىڭ يېرىمىنى كونترول قىلدى. بۇ چاغدا گرېتسىيە دائىرلىرىنىڭ ھېمايىچىسى بولغان ئەنگلىيە مىسلى كۆرۈلمىگەن قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن بولۇپ، ئىقتىسادىي كۈچى ئۇرۇشنىڭ ئېغىر چىقىمىنى كۆتۈرۈشكە قادىر بولالمىغاچقا، گېرتسىيىنى «مۇھاپىزەت قىلىش ھوقوقى» نى ئامېرىكىغا ئۆتۈنۈپ بەردى. 1947- يىلى 3- ئايدا ئامېرىكا «ترومىنىزىم» نى جاكارلاپ، ئەنگلىيىگە ۋەكىللىك قىلىپ، گرېتسىيىنىڭ خەلق قوراللىق كۈچلەرنى باستۇرۇشقا بىۋاستە قاتناشتى. ئامېرىكا 6- ئايدا گرېتسىيە دائىرلىرىگە 300 مىليون دوللار ياردەم بەردى. ئارقىدىن يەنە زەمبىرەك، ئايرۇپىلان ۋە قاتۇرۇلغان بېنزىن بومبىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 74 مىڭ توننا ھەربىي قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلىدى. 200 نەپەردىن ئارتۇق ئامېرىكا ئوفىتسېرى ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ جەڭ قىلىشىغا بىۋاستە قوماندانلىق قىلدى. گرېتسىيە دېمۇكراتلار ئارمىيىسى قوراللىق كۈرەشتە چىڭ تۇردى، كېيىنچە كوممونىستىك پارتىيە ئىچىدىكى قىسمەن بۆلۈنۈش ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى ئۇشتۇمتۇت ئۆزگىرىش تۈپەيلىدىن كۈنسايىن ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى. 1949- يىلى 8- ئاينىڭ 30- كۈنى دېموكراتىك ئارمىيە گرېتسىيىنىڭ گراموس تاغلىق رايونىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر بازىسىدىنمۇ مەھرۇم قالدى. 10- ئاينىڭ 16- كۈنى ۋاقىتلىق دېموكراتىك ھۆكۈمەت دېموكراتىك ئارمىيىنىڭ «ئۇرۇش توختىتىش»، شۇ ئارقىلىق «پۈتكۈل گرېتسىيىنىڭ نابۇت بولۇشىدىن ساقلىنىش» قارارىغا كەلگەنلىكىنى جاكارلىدى. شۇنىڭ بىلەن گرېتسىيە ئىچكى ئۇرۇشى ئاساسىي جەھەتتىن ئاياغلاشتى.
       گرېتسىيە ئىچكى ئۇرۇشى گرېتسىيە تارىخىدىكى بىرىنچى قېتىملىق مىللىي دېموكراتىك ئىنقىلاب، گرېتسىيە خەلقى مۇستەقىللىقنى، دېمۇكراتىيىنى ۋە ھۆرلۈكنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا باتۇرانە كۈرەش قىلىپ، جاھانگىرلىككە قارشى كۆرەش قىلىۋاتقان دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەل خەلقىگە ياردەم بەردى.

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : 1941- يىلى , ئەنگلىيە , ئامېرىكا , _
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-9-20 14:29:57
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 94
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证