تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› ئاتالغۇلارغا ئىزاھ ›› تارىخ ›› ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Ezize
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 13592
    aziza22@126.com

    يازما سانى : 117
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-7-21 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش



     

    سەككىز يىل قانلىق كۈرەش قىلىش

     

    ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش

      

       بۇ جۇڭگو خەلقىنىڭ جۇڭگو كوممونىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە ياپون ياپون جاھانگىرلىكىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى ئېلىپ بارغان كۈرىشى.
       1931- يىلى ياپونىيە جاھانگىرلىكى جاڭ جېشى ئىچكى ئۇرۇش بىلەن بولۇپ كەتكەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، «18- سېنتەبىر» ۋەقەسىنى پەيدا قىلىپ، جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ئۈچ ئۆلكىنى تىز سۈرئەتتە بېسىۋالدى. جۇڭگو كوممونىستىك پارتىيىسى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى قوراللىق كۈرەش قىلىشقا چاقىردى ھەمدە شەرقىي شىمالدىكى خەلقنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى پارتىزانلىق ئۇرۇشىنى قانات يايدۇرۇشىغا رەھبەرلىك قىلدى. ياپون باسقۇنچىلىرى كېيىن يەنە ئاچكۆزلۈك بىلەن پۈتۈن جۇڭگونى ئۆز ئىشغالىيىتىدىكى مۇستەملىكىگە ئايلاندۇرۇش غەرىزىدە ئىشغالىيەت دائىرسىنى ھەدەپ كېڭەيتىشكە ئۇرۇندى. 1937- يىلى 7- ئاينىڭ 7- كۈنى ياپونىيە بېيپىڭ شەھىرىنىڭ سىرتىدىكى لوگوچياۋ كۆۋرۈكىدە جۇڭگوغا ئومۇمىيۈزلۈك تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنى قوزغىدى. 8- ئاينىڭ 13- كۈنى ياپونىيە ئارمىيىسى يەنە شاڭخەيگىمۇ ھۇجۇم قىلدى، بېيپىڭ ۋە شاڭخەيلەردىكى
    جۇڭگو قوشۇنلىرى باتۇرلۇق بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىپ، مەملىكەت كۆلەملىك ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى كۈرەشنى باشلىۋەتتى.
       لوگوچىياۋ ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كۈنىنىڭ ئەتىسى جۇڭگو كوممونىستىك پارتىيىسى پۈتۈن مىللەتنى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا چاقىردى. 7- ئاينىڭ 15- كۈنى يەنە گومىنداڭ پارتىيىسىگە «جۇڭگو كوممونىستىك پارتىيىسىنىڭ ھەمكارلىقىنى ئورنىتىش ختابنامىسى» نى ئېلان قىلدى. 8- ئاينىڭ 25- كۈنى جۇڭگو كوممونىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى غەربىي شىمال قوشۇنلىرىنىڭ ئاساسىي كۈچى بولغان 30 مىڭ كىشىلىكتىن ئارتۇق قىزىل ئارمىيە ئىنقىلابى ئارمىيىسىنىڭ (8- ئارمىيە، كېيىن يەنە 18- جۈنتۈەن دەپمۇ ئاتالدى) قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ، شىمالىي جۇڭگو ئالدىنقى سېپىگە ئاتلىنىپ، ياپون قاراقچىلىرىغا زەربە بەردى. 9- ئاينىڭ 23- كۈنى جاڭ جېشى گومىنداڭ بىلەن كومپارتىيىنىىڭ 2- قېتىملىق ھەمكارلىقى توغرىسىدا سۆھبەت بايان قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى مىللىي بىرلىكسەپ رەسمىي شەكىللەندى. 10- ئايدا جەنۇبتىكى ھەر قايسى ئۆلكىلەردە ھەرىكەت قىلىۋاتقان قىزىل ئارمىيىنىڭ پارتىزان ئەتىرەتلىرى يېڭى 4- جۈەن (ئارمىيە) قىلىپ ئۆزگەرتىلدى. 1937- يىلى 7- ئاينىڭ 7- كۈنىدىن 12- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ قوشۇنلىرى گەرچە شىمالىي جۇڭگو رايونىدىكى رەسمىي جەڭ مەيدانلىرىدا بەلگىلىك دەرىجىدە قارشىلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، نوقۇل ھالدا پاسسىپ مۇداپىئە كۆرۈش بىلەنلا كۇپايىلەنگەنلىكى ئۈچۈن جەڭگۋارلىقى بىر قەدەر كۈچلۈك ياپون قوشۇنلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا تەڭ كېلەلمەي قەدەممۇ قەدەم مەغلۇپ بولۇپ چېكىنىپ شىمالىي جۇڭگودىكى ھەر قايسى ئۆلكىلەرنى ئارقا-ئارقىدىن قولدىن بېرىپ قويدى. گەرچە گومىنداڭ قوشۇنلىرى 1938- يىلى ئەتىيازدا تەيئېر جۇاڭ جېڭىدە دۈشمەننىڭ 20 مىڭ كىشىلىك قوشۇنىنى يوقىتىپ غەلىبىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، شۇ يىلى 10- ئايدا سۇجۇ، ۋۇخەن، گۇاڭجۇلارنى كەينى-كەينىدىن تاتتۇرۇپ قويدى. 1938- يىلنىڭ ئاخىرىدا گومىنداڭ پارتىيىسى ئىچىدىكى ۋاڭ جىڭۋېي گۇرۇھى دۈشمەنگە ئاشكارا تەسلىم بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگو كوممونىستىك پارتىيىسى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلىش لوشەنىنى ئومۇمىيۈزلۈك ئىزچىللاشتۇردى. 1937- يىلى 9- ئايدا 8- ئارمىيە پىڭشىڭگۈەن جېڭىدە ئۆزىنى كۆرسىتىپ، دۈشمەننىڭ 1000 دىن ئارتۇق ئادىمىنى يوقاتتى. شۇنىڭدىن كېيىن، 8- ئارمىيە ۋە يېڭى 4- ئارمىيە دۈشمەن ئارقا سېپىگە ئۆتۈپ، كەڭ كۆلەمدە پاتىزانلىق ئۇرۇشىنى قانات يايدۇرۇپ، دۈشمەن ئارقا سېپىدىكى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش بازىلىرىنى قۇردى. 1938- يىلىنىڭ ئاخىرىدا جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ %58 نى ئىگىلەيدىغان 400 مىڭ كىشىلىك قوشۇنغا تاقابىل تۇرۇپ، ياپونىيە قوشۇنلىرىنى رەسمىي جەڭ مەيدانلىرىدىكى ئىستىراتېگىيىلىك ھۇجۇملىرىنى توختىتىشقا مەجبۇر قىلدى. نەتىجىدە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش تىركىشىش باسقۇچىغا كىردى. ئازاد رايونىدىكى ئارمىيە ۋە خەلق 1939- يىلىدىن 1940- يىلىغىچە جۇڭگو كوممونىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە «تازىلاش» قا قارشى باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىپ، ياپونىيە قوشۇنى ۋە قورچاق قوشۇنلارغا قاقشاتقۇچ زەربە بەردى. 1940- يىلى 8- ئايدىن 12- ئايغىچە شىمالىي جۇڭگودىكى 8- ئارمىيە 115- تۈەننى ئايلاندۇرۇپ، 5000 چاقىرىم ئۇزۇنلۇقتىكى ئۇرۇش سېپىدە مەشھۇر (يۈز تۈەن ئۇرۇشى) قىلىپ، ياپونىيە قورچاق قوشۇنلىرىنىڭ 25 مىڭ 800 دىن ئارتۇق ئادىمىنى ئۆلتۈردى ۋە يارىدار قىلدى. ھەمدە 2351 ئادىمىنى ئەسىر ئېلىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيانقى ئەڭ زور غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى. 1939- يىلىدىن 1940- يىلىغىچە جۇڭگو كوممونىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى بازىلاردىكى ئارمىيە خەلق گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ ئۈچ قېتىملىق كومپارتىيىگە قارشى دولقۇنى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى مىللىي بىرلىكسەپكە رەھبەرلىك قىلىش ھوقۇقىنى ئىگىلىدى. 1944- يىلى ئازاد رايون جەڭ مەيدانلىرىدىكى قوشۇنلار ياپون باسقۇنچىلىرىغا قىسمەن قايتۇرما ھۇجۇم قوزغاپ، شانلىق غەلىبىگە ئېرىشتى. بىراق، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياپونىيە ئارمىيىسى ئۆزىنىڭ تىنچ ئوكيان جەڭ مەيدانىدىكى خەۋپلىك ۋەزىيىتىنى ئوڭشىۋېلىش ئۈچۈن 1944- يىلى 4- ئايدىن 12- ئايغىچە گومىنداڭ ئىشغالىيىتىدىكى جەڭ مەيدانى خېنەن، خۇنەن، گۇاڭشى رايونلىرىغا ھۇجۇم قوزغاپ، گومىنداڭ قوشۇنلىرىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلىپ، چوڭ قۇرۇقلۇقتا قاتناش لىنىيىسى ئېچىشتىن ئىبارەت ئىستىراتېگىيىلىك نىشانغا يەتتى. 1945- يىلى 4- ئايدا ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىگە ئېرىشىش ھارپىسىدا جۇڭگو كوممونىستىك پارتىيىسى «7- قۇرۇلتىيى» نى چاقىرىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە يېڭى جۇڭگو قۇرۇشتىن ئىبارەت توغرا فاڭجېنىنى بەلگىلىدى. شۇ يىلى 8- ئاينىڭ 8- كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى ياپونىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسى جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىغا ۋە چاۋشيەنگە كىرىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكىمۇ تىنچى ئوكيان جەڭ مەيدانىدا ياپونىيە ئارمىيىسىگە قارشى ھۇجۇمىنى جىددىيلەشتۈردى. 8- ئاينىڭ 9- كۈنى ماۋزېدۇڭ «ياپون قاراقچىلىرىغا قارشى ئەڭ ئاخىرقى ئۇرۇش» توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئارمىيە ۋە خەلقنى ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىگە قولغا كەلتۈرۈشكە چاقىردى. بۇ ئۇلۇغ چاقىرىققا بىنائەن، 1 مىليون كىشىلىك 8- ئارمىيە، يېڭى 4- ئارمىيە ۋە 2 مىليون كىشىلىك خەلق ئەسكەرلىرى قوشۇنى ئومۇمىيۈزلۈك قايتۇرما ھۇجۇمغا ئاتلاندى. 8- ئاينىڭ 14- كۈنى ياپونىيە تاجاۋۇزچىلىرى ئاخىر شەرتسىز تەسلىم بولغانلىقىنى جاكارلىدى. 9- ئاينىڭ 2- كۈنى ياپونىيە تەسلىمنامىگە رەسمىي ئىمزا قويدى. جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىگە ئېرىشتى 9- ئاينىڭ 3- كۈنى جۇڭگونىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبە قىلغان خاتىرە كۈن بولۇپ قالدى.
       ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش جۇڭگو خەلقىنىڭ 100 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيانقى جاھانگىرلارغا قارشى كۆپ قېتىملىق ئۇرۇشلىرى ئىچىدىكى تولۇق غەلىبىگە ئېرىشكەن تۈنجى قېتىملىق ھەققانىي ئۇرۇشى، يېرىم مۇستەملىكە، يېرىم فېئوداللىق تۈزۈمدىكى ئاجىز مەملىكەتنىڭ كۈچلۈك جاھانگىر دۆلەت ئۈستىدىن غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ شانلىق ئۈلگىسى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ ئۇرۇش فاشىزىمغا قارشى دۇنياۋى ئۇرۇشنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگو خەلقى بۇ ئۇرۇش ئارقىلىق، پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا فاشىستلارغا قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشى ئۈچۈن زور قۇربانلارنى بەردى ۋە مۇھىم تۆھپە قوشتى.

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : جۇڭگو كومىنىستىك پارتىيىسى , ياپۇن باسقۇنچىلىرى , _
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-9-20 12:29:41
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 90
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证