تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› ئاتالغۇلارغا ئىزاھ ›› تارىخ ›› ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرۇشى
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Ezize
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 13592
    aziza22@126.com

    يازما سانى : 117
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-7-21 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرۇشى



    «5- كالوننا» نىڭ جۇمھۇرىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلىشى

     

    ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرۇشى

      

       ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرۇشى مۇشۇ ئەسىرنىڭ 30- يىللىرى ئىسپانىيە خەلقىنىڭ ئىچكى-تاشقى ئەكسىيەتچىلىرىگە زەربە بېرىپ، ئىنقىلاب مېۋىسىنى قوغداش يولىدىكى فاشىستلارغا قارشى ئۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ.
       1931- يىلى 4- ئايدا ئىسپانىيە بۇرژۇئازىيە دېموكراتىك ئىنقىلاب پارتلاپ، پادىشاھلىق تۈزۈم ئاغدۇرۇپ تاشلىنىپ، جۇمھۇرىيەت قۇرۇلدى. 1936- يىلى 2- ئايدا كوممونىستىك پارتىيە، سوتسىئاللار پارتىيىسى، سولقانات جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى قاتارلىق پارتىيە، گۇرۇھلاردىن تەشكىللەنگەن خەلق فرونتى ئومۇمىي سايلامدا غەلىبە قازىنىپ، بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەشكىللىدى. يېڭى ھۆكۈمەت خەلقنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا بىر قاتار ئىلغار ئىجتىمائىي ئىسلاھاتلارنى يولغا قويدى. بۇ ھال ئىچكى-تاشقى ئەكسىيەتچى كۈچلەرنىڭ قاتتىق ئۆچمەنلىكىنى قوزغىدى. مەملىكەت ئىچىدىكى پادىشاھپەرەسلەر، چوڭ كالپىتالىستلار، چوڭ پومېشىچىكلار، يۇقىرى قاتلام روھانىيلار، ئەكسىيەتچىل ئوفېتسىرلار ۋە 1933- يىلى قۇرۇلغان فاشىستتىك تەشكىلات نەيزە پارتىيىسى قاتارلىق تەبىقە ۋە تەشكىلاتلار جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن توپىلاڭ كۆتۈرۈش سۈيقەستىنى پىلانلاپ، گېرمانىيە، ئىتالىيە فاشىستلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ خەلق فرونتى ھۆكۈمىتىنى «كوممۇنىزىم ۋاباسى» دەپ قاراپ، گېرمانىيە، ئىتالىيىلەرنىڭ ئىسپانىيىگە مۇداخلە قىلىشىنى توسىمىدى.
       1936- يىلى 7- ئاينىڭ 18- كۈنى ئىسپانىيىنىڭ ماراكەشتە تۇرۇشلۇق مۇستەملىكچىلەر قوماندانى، نەيزە پارتىيىسىنىڭ كاتتىۋېشى فرانكو ئىسپانىيە قارمىقىدىكى ماراكەشتە جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىگە قارشى قوراللىق توپىلاڭ كۆتۈردى. يەنە بىر ئەكسىيەتچى سەركەردە مورا ئىسپانىيىنىڭ شىمالىي قىسىمىدا توپىلاڭ كۆتۈردى. بۇ چاغدا جۇمھۇرىيەت ئارمىيىسى ئىچىدىكى ئوفىتسېرلارنىڭ %80 ى توپىلاڭچىلارنىڭ كونتىروللىقىدا ئىدى، توپىلاڭچىلار مادرىتقا جەنۇب ۋە شىمال تەرەپتىن قىستاپ ھۇجۇم قىلىپ، ھاكىمىيەتنى تېز سۈرئەتتە تارتىۋېلىش غەرىزىدە ئىدى. كەڭ خەلق ئاممىسى بولسا خەلق فرونتىنىڭ چاقىرىقىغا قىزغىن ئاۋاز قوشۇپ، خەلق مۇھاپىزەتچىلىرى ئەترەتلىرىگە پائال تۈردە قاتناشتى. ۋەتەنپەرۋەر ئارمىيە ۋە خەلقنىڭ قەھرىمانە كۈرىشى نەتىجىسىدە مادرىت بارسىلونا قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردىكى توپىلاڭ تىز سۈرئەتتە بېسىقتۇرۇلدى. جەنۇب ۋە شىمالدىكى توپىلاڭچىلار باداخوس ئۆلكىسى ئارقىلىق بۆلۈۋېتىلدى. بۇنىڭ بىلەن دۈشمەننىڭ تىز غەلىبە قىلىش پىلانى يوققا چىقتى. توپىلاڭچىلار مەغلۇپ بولۇشقا ئازلا قالغان ئەنە شۇنداق بىر پەيتتە، گېرمانىيە، ئىتالىيە فاشىستلىرى 1936- يىلى 6- ئايدا ئىسپانىيىگە ئوچۇق-ئاشكارا قوراللىق مۇداخىلە قىلدى. ئۇلار ئايرۇپىلانلىرىنى ئەۋەتىپ، توپىلاڭچىلار قوشۇنىنى توشىدى. ھەمدە زور تۈركۈمدە تانكا، ئايرۇپىلان، قورال-ياراغ، ئوق-دورا قاتارلىق ئەشيالارنى توپىلاڭچىلار قوشۇنىغا يەتكۈزۈپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا فاشىستلار قوشۇنىنى ئىشقا سېلىپ، توپىلاڭچىلار بىلەن بىرلىكتە ئىسپانىيە جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىگە ھۇجۇم قىلدۇردى. شۇنىڭ بىلەن، ئىسپانىيىنىڭ فاشىستىزىمغا قارشى بۇ ئىچكى ئۇرۇشى ئۆزگەردى. بۇ چاغدا ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تاجاۋۇزچىلارنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىدىغان «ئارىلاشماسلىق» سىياسىتىنى قوللاندى. كۆرۈنۈشتە باشقا ئەللەرنىڭ ئىسپانىيىگە قورال-ياراغ توشۇشىنى مەنئى قىلغاندەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئىسپانىيە جۇمھۇرىيىتىنى قامال قىلىپ، گېرمانىيە بىلەن ئىتالىيىنىڭ توپىلاڭچىلارغا ياردەم بېرىشىگە يول قويدى. شۇڭا، گېرمانىيە بىلەن ئىسپانىيە تېخىمۇ تەپ-تارتماستىن قوراللىق مۇداخىلى قىلىش كۆلىمىنى كېڭەيتتى. پۈتكۈل ئۇرۇش مەزگىلىدە 50 مىڭ كىشىلىك گېرمانىيە قوشۇنى، 150 مىڭ كىشىلىك ئىتالىيە قوشۇنى ئىسپانىيىدە بىۋاستە جەڭگە قاتناشتى. شۇڭا، ئىسپانىيە توپىلاڭچىلىرى قايتا باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، جەنۇب ۋە شىمالدىن تەڭ ھۇجۇم قىلدى ۋە 1936- يىلى 8- ئايدا باداخوسنى ئىشغال قىلىپ، جەنۇب ۋە شىمالدىكى توپىلاڭچىلار قوشۇنلىرى بىلەن ئۇچراشتى، جۇمھۇرىيەتنىڭ ھالى بارغانسېرى يامانلاشتى. 54 دۆلەتتىن كەلگەن قوشۇنلاردىن تەشكىل تاپقان 55 مىڭ كىشىلىك «خەلقئارا كالوننا» ئىسپانىيە خەلقى بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 10 مىڭدىن ئارتۇق جەڭچى باتۇرلۇق بىلەن قۇربان بولدى.
       1936- يىلى 10- ئايدا توپىلاڭچىلار برگوستا برانگو باشچىلىقىدىكى ئەكسىيەتچىل ھاكىمىيەت قۇردى. ئارقىدىنلا مادراتقا قىستاپ باردى. 1936- يىلى 9- ئايدىن 1937- يىلى 3- ئايغىچە ئىسپانىيىدىكى ئارمىيە ۋە خەلق مادرىتقا قىلغان زور كۆلەمدىكى ئۇدا تۆت قېتىملىق ھۇجۇمنى ئارقا-ئارقىدىن چېكىندۈردى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى مەشھۇر گۇادالا توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە ئىتالىيە تاجاۋۇزچى قوشۇنلىرىنىڭ 10 مىڭغا يېقىن ئادىمى ئۆلدى ۋە يارىدار بولدى، نەچچە مىڭ ئادىمى ئەسىرگە چۈشتى. شۇنداق قىلىپ دۈشمەن مادرىتنى ئىشغال قىلىش پىلانىدىن ۋاقتىنچە ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولۇپ، ھۇجۇم نىشانىنى شىمالغا بۇرىدى. 1938- يىلى 3- ئايدا توپىلاڭچىلار ئاراگىن مۇداپىئە سېپىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ ئوتتۇرا يەر دېڭىزىنىڭ بويىغىچە ئىلگىرىلەپ بېرىپ، كاتالونىيە بىلەن جۇمھۇرىيەتنىڭ باشقا جايلىرى ئوتتۇرسىدىكى ئالاقىنى ئۈزۈپ تاشلىدى. بۇ چاغدا ئەنگلىيە، فرانسىيە ھۆكۈمەتلىرى فرانسىيە، ئىسپانىيە چېگرىسىنى قامال قىلىپ، جۇمھۇرىيەتنىڭ چەت ئەللەردىن سېتىۋالغان زور تۈركۈمدىكى قورال-ياراغلىرىنى تۇتۇپ قالدى. 12- ئايدا دۈشمەن 30 مىڭ كىشىلىك قوشۇن باشلاپ، كاتالونىيىگە ھۇجۇم قىلدى. ئىككىنچى يىلى 7- ئايدىن 2- ئايغىچە جۇمھۇرىيەت ئارمىيىسى ئىچىدىكى خائىنلار ئىستىراتېگىيىلىك مۇھىم شەھەر بارسىلونانى دۈشمەنگە سېتىۋەتتى، ئارقىدىنلا كاتالونىيىمۇ قولدىن كەتتى. 1939- يىلى 3- ئاينىڭ 4- كۈنى ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيىنىڭ كونتروللىقىدا جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى قۇرۇقلۇق ئارمىيە پولكوۋنىكى كاسېتو ۋە ئوڭ قانات سوتسىئالستلار پارتىيىسىنىڭ باشلىقى بېستېرو توپىلاڭچىلار بىلەن تىل بېرىكتۈرۈپ، مادرىتتا سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، جۇمھۇرىيەت ھاكىمىيىتىنى قولغا كىرگۈزۈۋالدى. ئەينى ۋاقىتتا مادرىتقا ھۇجۇم قىلىشقا قوماندانلىق قىلغان توپىلاڭچىلار قوشۇنىنىڭ كاتتىۋېشى كۆرەڭلىك بىلەن: «بىزنىڭ تۆت كالوننارىمىز مادرىتقا ھۇجۇم قىلدى، بەشىنچى كالوننارىمىز پايتەختتە بىزنى كۈتۈپ تۇرىدۇ» دەپ داۋراڭ سالغان. «بەشىنچى كالوننا» دېگەن سۆز شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئاغدۇرمىچىلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان «ئىشپيۇن، جاسوس» سۆزلىرى بىلەن مەنىداش سۆز بولۇپ قالدى. 3- ئاينىڭ 28- كۈنى مادرىت قولدىن كەتتى. 4- ئاينىڭ بېشىدا توپىلاڭچىلار قوشۇنى پۈتكۈل ئىسپانىيە زېمىنىنى كونترول قىلدى، جۇمھۇرىيەت تۇنجۇقتۇرۇۋېتىلىپ، فاشىستتىك مۇستەبىت ھاكىمىيەت ئورنىتىلدى. فاشىستلارغا قارشى بۇ ئۇرۇش جۇڭگونىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ئەينى ۋاقىتتا دۇنيادىكى ئىنقىلابى كۈچلەرنىڭ فاشىستتىك ئەكسىيەتچىل كۈچلەرگە قارشى كۈرىشىنىڭ ئىككى نۇقتىسىنى شەكىللەندۈردى. ئۇ ئۇرۇش مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، گېرمانىيە ئىتالىيە فاشىستلىرىنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە قاراتقان تاجاۋۇزچىلىقىنى چەكلەپ تۇردى. شۇنداقلا ھەر قايسى ئەل خەلقىنىڭ فاشىستلارغا قارشى كۈرىشى ئۈچۈن قىممەتلىك تەجرىبە-ساۋاق ھاسىل قىلدى.

     

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : 1931- يىلى , ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرۇشى , _
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-9-19 16:17:40
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 78
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证