تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› ئاتالغۇلارغا ئىزاھ ›› تارىخ ›› ئېفئوپىيە ۋەتەن ئۇرۇشى
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Ezize
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 13592
    aziza22@126.com

    يازما سانى : 117
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-7-21 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ئېفئوپىيە ۋەتەن ئۇرۇشى



     

    ئىتالىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى 2- قېتىملىق ئۇرۇش

     

    ئېفئوپىيە ۋەتەن ئۇرۇشى

      

       بۇ ئېفئوپىيە خەلقنىڭ ئىتالىيە فاشىستلىرى تاجاۋۇزىغا قارشى ئۇرۇش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ بۇ ئۇرۇش يەنە ئېفئوپىيىنىڭ ئىتالىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى 2- قېتىملىق ئۇرۇشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
       ئىتالىيە 1895- يىلىدىن 1896- يىلىغىچە ئېفئوپىيىنىڭ ئىتالىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىدا قاتتىق مەغلۇپ بولغاندىن كېيىنمۇ ئېفئوپىيىنى يۈتۈۋېلىش قارا نىيىتىدىن ئىزچىل تۈرىدە زادىلا ۋاز كەچمىدى. مۇشۇ ئەسىرنىڭ 30- يىللىرى مۇسسۇلىنى تەختكە چىققاندىن كېيىن ئىتالىيىنىڭ شەرقىي ئافرىقىدىكى مۇستەملىكسى ئېرېتىريىنى ئىتالىيىگە قاراشلىق سومالى بىلەن تۇتاشتۇرۇش ھەمدە ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيىنىڭ قىزىل دېڭىزىدىن ھىندى ئوكيانغا بارىدىغان سۇ يولىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن، ئەينى ۋاقىتتا شەكىللەنگەن مۇستەقىل ھالەتتە تۇرۇۋاتقان ئېفئوپىيىنى ئىشغال قىلىش پىلانىنى تۈزدى. 1934- يىلى 12- ئاينىڭ 5- كۈنى ئىتالىيە ئېفئوپىيىگە قوشنا ئىتالىيە قارمىقىدىكى سومالىنىڭ چېگرىسى ئەتىراپىدىكى ۋار-ۋاردا قەستەن چېگرا ۋەقەسى پەيدا قىلىپ، ئېفئوپىيە تەرەپتىن يۈز نەچچە ئادەمنىڭ ئۆلۈشىگە ۋە يارىدار بولۇشىغا سەۋەبچى بولدى ھەمدە ۋار-ۋارنى ئىشغال قىلدى. ئارقىدىنلار يەنە بۇ ۋەقەنى ئېفئوپىيە تەرەپ پەيدا قىلدى، دەپ تۆھمەت چاپلىدى. ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيىنىڭ سۈلھى-سالا قىلىشى بىلەن دۆلەتلەر ئىتتىپاقى 1935- يىلى 9- ئايدا تاجاۋۇزچىلارغا چاپان ياپىدىغان كېسىم چىقىرىپ، ئىتالىيە تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ خورىكىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈپ قويدى.
       1935- يىلى 10- ئاينىڭ 3- كۈنى تەييارلىقى تەق 300 مىڭ كىشىلىك قوشۇنغا ئىگە ئىتالىيە جەڭ ئېلان قىلمايلا ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ئېفئوپىيىگە شىمالدىن، شەرقتىن ۋە جەنۇبتىن تاجاۋۇز قىلىپ كىردى. ئېفئوپىيە خەلقى ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشىغا باتۇرلۇق بىلەن ئاتلاندى. تاجاۋۇزچىلارغا قارشى ئۇرۇشنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدا (1935- يىلى 10- ئايدىن 1936- يىلى 5- ئايغىچە) ئېفئوپىيە ئارمىيىسى پادىشاھ ھايلى سېلاسسى رەھبەرلىكىدە تاجاۋۇزچىلارغا قارشى ئاساسىي جەھەتتىن مۇنتىزىم ئۇرۇش قىلدى. گەرچە ئىتالىيە ئارمىيىسى 10- ئايدىن 11- ئايغىچە كەينى-كەينىدىن ئادۇۋا قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلغان بولسىمۇ، بىراق، ئېفىئوپىيە ئارمىيىسى قەيسەرلىك بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكتىن، تاجاۋۇزچىلارنىڭ «چاقماق پىلانى» ئەمەلگە ئاشمىدى، 1936- يىلى 1- ئايدىكى نانپىئېن جېڭىدە ئىتالىيە قوشۇنى ئېغىر چىقىمدار بولدى. كارول ناملىق قارا كۆڭلەكلىكلەر قوشۇنىنىڭ ھۇجۇمىمۇ چېكىندۈرۈلدى. ئېفئوپىيىنىڭ تاجاۋۇزچىلىققا قارشى ھەققانىي ئۇرۇشى پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ ۋە دېمۇكىراتىك كۈچلەرنىڭ تۈرلۈك ياردىمىگە ئېرىشتى. بىراق، ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئامېرىكا ھۆكۈمەتلىرى ئىتالىيىنى مەيلىگە قويۇۋېتىش سىياسىتىنى قوللاندى. 1936- يىلى 2- ئايدا ئىتالىيە ئارمىيىسى ھاۋا ئارمىيە جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكىگە تايىنىپ ھۇجۇمنى كۈچەيتكەچكە، ئۇرۇش ۋەزىيىتىدە جىددىي ئۆزگىرىش بولدى. شۇ يىلى 3- ئايدا سېلاسسىي زور قوشۇن توپلاپ ئاساڭجى كۆلى ئەتىراپىدا ئىتالىيە قوشۇنلىرى بىلەن ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلدى. جەڭ نەتىجىسىدە، ئىچكى خائىننىڭ ساتقىنلىقى تۈپەيلىدىن ئېفئوپىيە قوشۇنىنىڭ ئاساسىي كۈچى تارمار قىلىندى. 4- ئاينىڭ ئاخىرىدا ئىتالىيە قوشۇنلىرى پايتەخت ئەددىس-ئەبىبىگە قىستاپ باردى. 5- ئاينىڭ 2- كۈنى سېلاسسى چەت ئەلگە مۇساپىر بولۇپ چىقىپ كەتتى. 5- كۈنى ئىتالىيە قوشۇنلىرى ئەددىس-ئەبىبىنى ئىشغال قىلدى. 5- ئاينىڭ 9- كۈنى موسسۇلنى ئېفئوپىيىنى يۇتۇۋالغانلىقىنى جاكارلاپ، ئېفئوپىيە بىلەن ئېرېتىرىيىنى، ئىتالىيىگە قاراشلىق سومالىي بىلەن قوشۇپ، ئىتالىيىگە قاراشلىق شەرقىي ئافرىقا ئىمپېرىيىسى قىلىپ قۇردى. ئېفئوپىيىنىڭ تاجاۋۇزچىلارغا قارشى ئۇرۇشى شۇنىڭدىن كېيىن 2- باسقۇچقا كىردى (1936- يىلى 5- ئايدىن 1941- يىلى 11- ئايغىچە) ئېفئوپىيە خەلقى پايتەخت قولدىن كەتكەندىن كېيىن تۈرلۈك قارشىلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتلىرىنى قۇردى. خەلقنىڭ پارتىزانلىق ئۇرۇشى تاجاۋۇزچىلارغا قارشى ئۇرۇشنىڭ مۇھىم شەكىلى بولۇپ قالدى. 1938- يىلىدىن 1939- يىلىغىچە ئادەم سانى ئۇلغىيىپ، 400 مىڭ كىشىگە يەتكەن پارتىزانلار قوشۇنى فاشىستلارنىڭ ھاكىمىيىتىگە كۈچلۈك زەربە بېرىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى يېزىلار ۋە تاغلىق رايونلارنىڭ بەشتىن تۆت قىسىمىدىن كۆپرەكىنى كونترول قىلدى. 1939- يىلى 9- ئايدا 2- قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى ئومۇمىيۈزلۈك پارتلىدى. بۇنىڭ بىلەن ئېفئوپىيە خەلقىنىڭ تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ۋەزىيىتىدە پايدىلىق ئۆزگىرىش بولدى. 1941- يىلى 1- ئايدا ئەنگلىيە قوشۇنلىرى سۇدان ۋە كىنىيىدىن ئىتالىيىگە قاراشلىق شەرقىي ئافرىقىدىكى ئىتالىيە قوشۇنلىرىغا ھۇجۇم قوزغىدى. 1- ئاينىڭ 25- كۈنى سېلاسسى ۋەتەنپەرۋەر قوراللىق كۈچلەرنى باشلاپ، سۇداندىن مەملىكىتىگە قايتتى. 4- ئاينىڭ 2- كۈنى پارتىزانلار قوشۇنى ئىتتىپاقداش ئارمىيىگە ماسلىشىپ جەڭ قىلىپ، ئەددىس-ئەبىبىنى قايتۇرۇۋالدى. 5- ئاينىڭ 5- كۈنى سېلاسسى پايتەختكە قايتىپ بېرىپ، ئۆز تەختىدە ئولتۇردى. ئەنگلىيە-مىسىر بىرلەشمە ئارمىيىسى قالدۇق دۈشمەننى قوغلاپ يوقاتتى، شۇ يىلى 11- ئاينىڭ 27- كۈنى گۇندىردىكى ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ جەڭدە زور غەلىبىگە ئېرىشتى. ئېفئوپىيىنىڭ ئىتالىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشى غەلىبىلىك ئاياغلاشتى.
       بۇ ئۇرۇش ئېفئوپىيىنىڭ تاجاۋۇزچىلىققا قارشى ئۇرۇش تارىخىدىكى شانلىق بىر سەھىپە بولۇپ قالدى. تىز پۈكمەس ئېفئوپىيە خەلقى ئالتە يىل چىڭ تۇرغان بۇ ئۇرۇش جەريانىدا ئىتالىيە فاشىستلىرىغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ، فاشىستزىمغا قارشى دۇنياۋى ئۇرۇشنىڭ غەلىبە قازىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشتى.

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئېفئوپىيە ۋەتەن ئۇرۇشى , ئىتالىيە , _
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-9-19 15:56:59
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 78
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证