تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› ئاتالغۇلارغا ئىزاھ ›› تارىخ ›› سوۋېت روسىيىسىنىڭ ئىچكى ئۇرۇشى
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Ezize
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 13592
    aziza22@126.com

    يازما سانى : 117
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-7-21 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    سوۋېت روسىيىسىنىڭ ئىچكى ئۇرۇشى



     

    ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ غەلىبە مېۋىسىنى قوغداش

     

    سوۋېت روسىيىسىنىڭ ئىچكى ئۇرۇشى

      

       بۇ ئۇرۇش روسىيە سوۋېت ھاكىمىيىتى رەھبەرلىكىدىكى خەلقنىڭ مەملىكەت ئىچىدىكى ئەكسىيەتچىل كۈچلەرنىڭ توپىلىڭىنى ۋە چەت ئەللەرنىڭ مۇداخىلىسىنى تارمار قىلىش ئۇرۇشىنى كۆرسىتىدۇ. ئۆكتەبىر ئىنقىلابى غەلىبە قازانغاندىن كېيىن، روسىيىدىكى ھۆكۈمرانلىقى ئاغدۇرۇپ تاشلانغان پومېشچىكلار ۋە بۇرژۇئازىيە سىنىپى تەقدىرگە تەن بېرىپ، تارىخ سەھنىسىندىن چۈشۈشنى خالىماي، يېڭىلا دۇنياغا كەلگەن سوۋېت ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇۋېتىش غەرىزىدە بولدى. غەربتىكى كاپىتالىستىك دۆلەتلەرمۇ روسىيىگە سالغان زور مىقداردىكى مەبلىغى ۋە بەرگەن قەرز پۇلىدىن قۇرۇق قېلىشنى خالىمايتتى ھەمدە ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ غەربكە تەسىر كۆرسىتىشىدىن قورقاتتى. ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئامېرىكا، ياپونىيە قاتارلىق ئەھدىلەشكەن دۆلەتلەر سوۋېت روسىيىسى بىلەن گېرمانىيىنىڭ برست تىنچلىق شەرتنامىسىنى ئىمزالىغانلىقىدىن ئوغىسى قايناپ كەتتى، چۈنكى ئۇلار گېرمانىيە شەرقىي سەپتىكى ئۇرۇشتىن بوشانسا ئۆزلىرىگە پايدىسىز بولۇشىدىن ئەنسىرىشەتتى. شۇڭا، شۇڭا، ئۇلار بىر تەرەپتىن قورال-ياراغ ۋە پۇل چىقىرىپ، سابىق روسىيە چار پادىشاھىنىڭ سەردارلىرى باشچىلىقىدىكى ئەكسىيەتچى كۈچلەرنىڭ قوراللىق توپىلاڭ كۆتۈرۈشىگە يار-يۈلەك بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ياش سوۋېت ھاكىمىيىتىنى بۆشۈكىدىلا بوغۇپ تاشلاش غەرىزىدە مۇداخىلىچى قوشۇنلىرىنى سوۋېت روسىيىسىگە تاجاۋۇز قىلىشقا ئەۋەتتى.
       1918- يىلى ئەتىيازدا گېرمانىيە قوشۇنلىرى بېرسىن تىنچلىق شەرتنامىسىدىن پايدىلىنىپ ئوكرائىنا، بېلاروسىيە ۋە بالتىق دېڭىزىدىكى رايونلارنى ئىشغال قىلدى. 3- ئايدا ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە ئامېرىكا گېرمانىيىنىڭ تاجاۋۇزۇدىن مۇداپىئە كۆرۈش باھانىسىدە ئەۋەتكەن قوشۇنلار مورمانىسكىدا قۇرۇقلۇققا چىقتى. 4- ئايدا ئامېرىكا، ئەنگلىيە قوشۇنلىرى يەنە ۋادىۋوستوكتىمۇ قۇرۇقلۇققا چىقتى. 5- ئايدا روسىيىدىكى چىغ ئەسىرلىرىدىن تەشكىللەنگەن چىخوسلوۋاكىيە قوشۇنى ئەنگلىيە ۋە فرانسىيىلەرنىڭ پىلانلىشى  بىلەن ۋولگا دەرياسىنىڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىدا ۋە بالتىق دېڭىز بويلىرىدا توپىلاڭ كۆتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، چەت ئەللەر يار-يۆلەك بولۇۋاتقان چارروسىيە سەردارلىرىدىن كولچاك، دېنكىن، كراسنوۋ، يۇدىنچ قاتارلىقلارمۇ سبىرىيە، ئورال دون دەرياسىنىڭ ۋادىلىرى ۋە ۋولگا دەرياسىنىڭ ۋادىلىرى قاتارلىق جايلاردا بەس-بەس بىلەن توپىلاڭ كۆتۈردى. سوۋېت ھاكىمىيىتى تۇشمۇ تۇشتىن دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. پۈتۈن مەملىكەت زېمىنىنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسىمى دۈشمەن تەرىپىدىن ئىشغال قىلىۋېلىندى. خام ئەشيا ۋە يېقىلغۇ ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل بولغاچقا، خەلق ئاچارچىلىقتا قالدى. سوۋېت ھاكىمىيىتى پۈتۈن مەملىكەتنى ھەربىي لاگېر دەپ ئېلان قىلىپ، ئىشچى-دېھقانلار خالىس ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئۇرۇش مەزگىلىدە كومىنىزىمنى يولغا قويدى. كەڭ ئىشچى-دېھقانلار لېنىننىڭ «ھەممە ئالدىنقى سەپ ئۈچۈن» دېگەن چاقىرقىغا ئاۋاز قوشۇپ، قىزىل ئارمىيىگە قاتناشتى. بۇنىڭ بىلەن تېز سۈرئەتتە مىليون كىشىلىك قوشۇن تەشكىللەندى. شۇ يىلى 10- ئايدا قىزىل ئارمىيە چېخسلوۋاكىيە قوشۇنىنى ئورال تاغلىق رايونىغا قوغلىۋەتتى ھەمدە جەنۇبتا سارتسىننى قوغداش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى. 1- دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، قىزىل ئارمىيە ئوكرائىنا، بېلوروسىيە ۋە بالتىق دېڭىزى بويلىرىنى قايتۇرۇۋالدى. بىراق، ئەھدىلەشكەن دۆلەتلەر قوشۇنلىرىنى يۆتكەپ، سوۋېت روسىيىسى ئىچىدىكى توپىلاڭچىلارغا مەدەت بېرىپ، ئۈچ قېتىم زور كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىدى. بىرىنچى قېتىملىق ھۇجۇمدا (1919- يىلى 3- ئايدىن 8- ئايغىچە) شەرقىي سەپ سبىرىيىدىكى كولچاك قىسىملىرى ئاساسىي كۈچ قىلىندى. بىراق، يىل ئاخىرىدا قىزىل ئارمىيە تەرىپىدىن ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىلدى. 2- قېتىملىق ھۇجۇمدا (1919- يىلى 7- ئايدىن 1920 يىلى 3- ئايغىچە) جەنۇبىي سەپتىكى دېنكىن قىسىملىرى ئاساسىي كۈچ قىلىندى. دىنكىن قىسىملىرىمۇ 1920- يىلى قىزىل ئارمىيە تەرىپىدىن بىتچىت قىلىندى. 3- قېتىملىق پولشا قوشۇنى بىلەن قىرىمدىكى ۋارانگىل باشچىلىق قىلىنغان قوشۇن غەربىي سەپتە ھۇجۇم قوزغىدى. (1920- يىلى 4- ئايدىن 11- ئايغىچە) قىزىل ئارمىيە 1920- يىلى 6- ئايدا قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ۋارشاۋاغا قىستاپ باردى. 10- ئايدا روسىيە بىلەن پولشا ئۇرۇش توختىتىپ، تىنچلىق شەرتنامىسى ئىمزالىدى. 11 ئايدا قىزىل ئارمىيە قرىمغا يۈرۈش قىلىپ، ۋارانگېل قوشۇنىنى يوقاتتى. ئىچكى ئۇرۇش ئاساسىي جەھەتتىن شۇنىڭ بىلەن ئاياغلاشتى.
       سوۋېت روسىيىسى ئىچكى ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى ئارقىسىدا ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ غەلىبە مېۋىسىنى قوغداپ قالدى شۇنىڭ بىلەن دۇنيا بويىچە تۇنجى سوتسيالىستىك دۆلەت مۇستەھكەملەندى.

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : روسىيە , 1918- يىلى , گېرمانىيە , _
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-9-17 17:08:08
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 403
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证