تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› ئاتالغۇلارغا ئىزاھ ›› تارىخ ›› بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Ezize
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 13683
    aziza22@126.com

    يازما سانى : 126
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-7-21 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى



     

    ئىككى توپ قاراقچىنىڭ بىر-بىرىنى قىرغىن قىلىشى

     

    بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى

      

       بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى جاھانگىر دۆلەتلەر مۇستەملىكلەرنى يېڭىۋاشتىن بۆلۈشۈش، دۇنياغا خوجايىنلىق قىلىش ھوقۇقىنى تالىشىش مەقسىتىدە ياۋرۇپا، ئاسىيا، ئافرىقا قىتئەلىرىدە ئېلىپ بارغان تۇنجى قېتىملىق دۇنياۋى كۆلەملىك جاھانگىرلار ئۇرۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇرۇش قىلغۇچى ئىككى تەرەپ ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە روسىيىنى يادرو قىلغان ئەھدىلەشكۈچى دۆلەتلەر گۇرۇھى بىلەن گىرمانىيە ۋە ئاۋسترىيىنى يادرو قىلغان ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر گۇرۇھىدىن ئىبارەت بىر-بىرىگە زىت ئىككى چوڭ ھەربىي گۇرۇھ بولدى. 19- ئەسىر بىلەن 20- ئەسىر ئارىلىقىدا دۇنيادىكى ئاساسىي كاپىتالىستىك دۆلەتلەر كەينى كەينىدىن جاھانگىرلىك باسقۇچىغا قەدەم قويۇپ، سرتقا كېڭەيمىچىلىك قىلىش سىياسىتىنى پائال تۈردە يۈرگۈزدى. ھەر قايسسى ئەللەر ئارىسىدىكى مۇستەملىكە تالىشىش ۋە تەسىر دائىرسىنى كېڭەيتىش كۈرىشى كۈنسايىن كەسكىنلەشتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كاپىتالىزىمنىڭ تەرەققىياتى تەكشى بولماسلىقتەك قانۇنىيەتنىڭ تۈرتكىسىدە گېرمانىيە، ئامېرىكا، ياپونىيىدىن ئىبارەت كېيىن گۈللەنگەن ئۈچ جاھانگىر دۆلەت ئەنگلىيە، روسىيە، فرانسىيە قاتارلىق كونا مۇستەملىكچى جاھانگىر دۆلەتلەرنىڭ دۇنيادىكى كۆپ قىسىم مۇستەملىكلىرىنى ئىگىلىۋېلىشىدەك ھالەتتىن ئىنتايىن نارازى بولۇپ، دۇنيانى قورال كۈچى ئارقىلىق بۆلۈشۈۋېلىشنى تەلەپ قىلاتتى. 1882- يىلى ۋە 1907- يىلى ياۋرۇپادا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ گېرمانىيە، ئاۋسترىيە، ئىتالىيىدىن ئىبارەت ئىتتىپاق تۈزۈشكەن ئۈچ دۆلەت گۇرۇھى بىلەن ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە روسىيەدىن ئىبارەت ئەھدىلەشكەن ئۈچ دۆلەت گۇرۇھى شەكللەندى. 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا كۆرۈلگەن ماراكەش بۆھرانى (1905- يىلىدىن 1906- يىلىغىچە)، بوسنىيە بۆھرانى (1908- يىلىدىن 1909- يىلىغىچە)، بالقان ئۇرۇشى (1912- يىلىدىن 1913- يىلىغىچە) قاتارلىق خەلقئارا بۆھرانلار ۋە توقۇنۇشلار ئىتتىپاق تۈزۈشكەن دۆلەتلەر گۇرۇھى بىلەن ئەھدىلەشكەن دۆلەتلەر گۇرۇھىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ گۇرۇھ ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەتنى كۈنسايىن كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى.
       1914- يىلى 6- ئاينىڭ 28- كۈنى ئاۋسترىيە، ۋېنگرىيە ئىمپېريىسىنىڭ پادىشاھى فرانىس فردېناند، بوسنىيىنىڭ پايتەختى سارايىۋۇدا سېربىيە مىللەتچىلىرى گۇرۇھىدىكى پولىنىشىپ تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. بۇ ۋەقە بىرىنچى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىغا پىلتە بولۇپ بەردى. 7- ئاينىڭ 23- كۈنى ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى گېرمانىيىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا سېربىيىگە قاتتىق شەرت قويۇلغان ئۇلتىماتۇم ئەۋەتتى. گەرچە سېربىيە ئۇلتىماتۇمدا ئېيتىلغان شەرتلەرنىڭ كۆپ قىسىمىنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى يەنىلا ئۇرۇش قىلىش نىيىتىدىن يانمىدى. 7- ئاينىڭ 28- كۈنى ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى سېربىيىگە جەڭ ئېلان قىلدى، شۇنىڭ بىلەن دۇنيا ئۇرۇشى باشلىنىپ كەتتى. 7- ئاينىڭ 30- كۈنى روسىيە پۈتۈن مەملىكەتنى سەپەرۋەر قىلىپ، سېربىيىنى قوللىدى. 8- ئاينىڭ 1- كۈنى گېرمانىيە روسىيىگە جەڭ ئېلان قىلدى. 8- ئاينىڭ 3- كۈنى گېرمانىيە يەنە فرانسىيىگىمۇ جەڭ ئېلان قىلدى. ئەنگلىيە 8- ئاينىڭ 4- كۈنى گېرمانىيە بىتەرەپ تۇرۇۋاتقان بېلگىيىگە دەخلى-تەرۇز يەتكۈزدى، دېگەن باھانە بىلەن گېرمانىيىگە جەڭ ئېلان قىلدى. 8- ئاينىڭ 6- كۈنى ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى روسىيىگە جەڭ ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن تۈركىيە بىلەن بۇلغارىيە، گېرمانىيە، ئاۋسترىيە سېپىگە قوشۇلۇپ ئۇرۇش قىلدى.
       بۇ قېتىمقى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ جەڭ مەيدانى ئاساسەن ياۋرۇپا بولۇپ، جەمئىي ئۈچ سەپ بار ئىدى. غەربىي سەپ ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيىنىڭ گېرمانىيىگە قارشى جەڭ مەيدانى، شەرقىي سەپ روسىيىنىڭ گېرمانىيە بىلەن روسىيىنىڭ ئاۋسترىيىگە قارشى جەڭ مەيدانى، جەنۇبىي سەپ ئاۋسترىيە بىلەن ۋېنگرىيىنىڭ روسىيە بىلەن سېربىيىگە قارشى جەڭ مەيدانى ئىدى. 1914- يىلى 8- ئايدا گېرمانىيە «سىلفىن پىلانى» بويىچە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، ئۈستۈنلۈككە ئىگە ھەربىي كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ فرانسىيىگە ھۇجۇم قىلدى. 9- ئاينىڭ 5- كۈنىدىن 10- كۈنىگىچە گېرمانىيە قوشۇنى فرانسىيە قوشۇنى مارنا دەرياسىدا ئومۇمىي جەڭ قىلدى. جەڭدە گېرمانىيە قوشۇنى مەغلۇب بولدى. فرانسىيىنى بىرلا ھۇجۇم بىلەن مۇنقەرز قىلماقچى بولغان سىلفىن پىلانى كۆپۈككە ئايلاندى. بۇنىڭ بىلەن غەربىي سەپتە تىركىشىش ۋەزىيىتى شەكىللەندى. 1915- يىلى گېرمانىيە ھۇجۇم مەركىزىنى شەرققە بۇراش ئارقىلىق، روسىيىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇنى ئۆزى يالغۇز سۈلھى قىلدۇرۇشقا ئۇرۇندى. 5- ئاينىڭ 2- كۈنى گېرمانىيە ئارمىيىسى گورتسا-تارنوۋ جېڭىدە روسىيە ئارمىيىسىنىڭ سېپىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، زور كۆلەمدىكى زېمىنىنى ئىشغال قىلدى. بىراق، گېرمانىيە ئارمىيىسى روسىيە ئارمىيىسىنىڭ ئاساسىي كۈچىنى بۇنىڭلىق بىلەن يوقىتالمىغانىدى. شۇڭا، 9- ئاينىڭ ئاخىرىدا شەرقىي سەپتىمۇ ئىستىھكام ئۇرۇشى ۋەزىيىتى شەكىللەندى. گېرمانىيە شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى يەنە غەربىي سەپكە بۇرىدى. 1916- يىلى 2- ئاينىڭ ئاخىرىدىن ئېتىبارەن گېرمانىيە ئارمىيىسى خىل قوشۇنلىرىنى توپلاپ، فرانسىيىنىڭ مۇھىم ھەربىي قورۇقى ۋېردېنغا شىددەتلىك ھۇجۇم قىلدى. فرانسىيە قوشۇنلىرى جان تېكىپ قارشىلىق كۆرسەتتى. يەتتە ئاي داۋاملاشقان زور كۆلەمدىكى بۇ قانلىق ئۇرۇش تارىختا «ۋېردېن گۆش قىيمىلىغۇچ» دەپ ئاتالدى. بۇ جەڭدە ئىككى تەرەپتىن 600 مىڭغا يېقىن ئادەم چىقىم بولدى. 7- ئايدا ئەنگلىيە، فرانسىيە قوشۇنلىرى سومما دەرياسى جېڭىنى قوزغىدى. جەڭدە ئەنگلىيە ئارمىيىسى بىرىنچى بولۇپ تانكا ئىشلەتتى. ئىككى قېتىملىق جەڭدە ئىككى تەرەپ تارتىشما جەڭ قىلدى. شۇ ئارىدا ئەنگلىيە، گېرمانىيە دېڭىز ئارمىيىلىرى بىر-بىرىگە قارشى كۆلىمى ئەڭ زور دېڭىز ئۇرۇشى قىلدى. يەنى، 1916- يىلى 5- ئاينىڭ 31- كۈنىدىن 6- ئاينىڭ 1- كۈنىگىچە ژىللاندىيە دېڭىز ئۇرۇشى قىلدى. نەتىجىدە ئەنگلىيە يەنىلا بۇ دېڭىزنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالدى. 1917- يىلى 2- ئايدا گېرمانىيە «چەكلىمىسىز چۆكمە پاراخۇت ئۇرۇشى» نى يولغا قويۇپ، ئەھدىلەشكەن دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي كېمىسى ۋە بىتەرەپ دۆلەتلەرنىڭ سودا كېمىسى بولۇپ 5000 دىن ئارتۇق كېمىنى دېڭىزغا غەرق قىلىۋەتتى. بىراق، دېڭىزدىكى پاسسىپ ئەھۋالنى بەرىبىر ئۆزگەرتەلمىدى. جەنۇبىي سەپتىكى بالقان جەڭ مەيدانىدا سېربىيە قوشۇنلىرى ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە قوشۇنلىرىنىڭ ھۇجۇملىرىنى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلدى، ئۇرۇش ئىنقىلابنى بارلىققا كەلتۈردى. 1917- يىلى 3- ئاينىڭ 12- كۈنى (روسىيە كالىندارى بويىچە 2- ئاينىڭ 27- كۈنى) روسىيىدە فېئورال ئىنقىلابىي يۈز بېرىپ، ئىنقىلابچىلار چار پادىشاھ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. شۇنىڭدىن كېيىنلا قۇرۇلغان بۇرژۇئازىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى ئالدىنقى سەپتىكى ئەسكەرلەرنىڭ ئۇرۇشتىن قاتتىق بىزار بولۇش كەيپىياتىغا پەرۋا قىلماي ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش قارارىغا كەلدى، شۇڭا روسىيە ئۇرۇشتا قاتتىق مەغلۇپ بولدى. شۇ يىلى 11- ئاينىڭ 7- كۈنى (روسىيە كالىندارى بويىچە 10- ئاينىڭ 25- كۈنى) روسىيىدە ئۆكتەبىر ئىنقىلابىي پارتلىدى، يېڭىلا دۇنياغا كەلگەن سوۋېت روسىيىسى ھۆكۈمىتى 11- ئاينىڭ 8- كۈنى تىنچلىق پەرمانى ئېلان قىلدى، كېيىنكى يىلى 3- ئايدا گېرمانىيە ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقچىلىرى بولغان ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى، تۈركىيە ۋە بۇلغارىيىلەر بىلەن برېست تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، شۇنىڭدىن كېيىن روسىيە ئۇرۇشتىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقتى.
       گېرمانىيە 1918- يىلى 3- ئايدىن 7- ئايغىچە غەربىي سەپتە تۆت قېتىم شىددەتلىك ئۇرۇش قوزغاپ، ھەممىسىدە مەغلۇپ بولدى. شۇ يىلى 3- ئاينىڭ 26- كۈنى ئەھدىلەشكەن دۆلەتلەر بىرلەشمە ئارمىيىگە بىر تۇتاش قوماندانلىق قىلىش شىتابى قۇردى. ئارقىدىنلا 330 مىڭ كىشىلىك ئامېرىكا قوشۇنى ياۋرۇپا جەڭ مەيدانىغا يېتىپ كېلىپ، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئارمىيىسىگە قارشى ئۇدا ئۇرۇش قىلىپ، ئۇدا مەغلۇپ بولدى. 8- ئاينىڭ 9- كۈنى ئەھدىلەشكەن دۆلەتلەر بىرلەشمەر ئارمىيىسى پۈتۈن سەپ بويىچە ھۇجۇمغا ئاتلىنىپ، گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ مۇداپىئە سېپىنى تېز سۈرئەتتە بېسىپ ئۆتتى. 9- ئاينىڭ 29- كۈنى بۇلغارىيە تەسلىم بولغانلىقىنى جاكارلىدى. 10- ئاينىڭ 31- كۈنى تۈركىيە ئۇرۇشتىن چېكىنىپ چىقتى. 11- ئاينىڭ 3- كۈنى ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى تەسلىم بولدى. بۇ چاغدا گېرمانىيىدە ئىنقىلاپ دولقۇنى قوزغالغانىدى. 11- ئاينىڭ 3- كۈنى كىئىرەدىكى دېڭىز ئارمىيىسى پۈتۈنلەي ئىسيان كۆتۈردى. 11- ئاينىڭ 9- كۈنى بېرلىن ئىشچىلىرى ئىش تاشلاپ ۋە ئىسيان كۆتۈرۈپ، گېرمانىيە ئىمپېريىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، گېرمانىيە پادىشاھى ۋىليام 2 نى تەختتىن چۈشۈردى. 1918- يىلى 11- ئاينىڭ 11- كۈنى گېرمانىيە ۋەكىلى ئېرتزبېگل ئەھدىلەشكەن دۆلەتلەر بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ ۋەكىلى فوخ بىلەن فرانسىيىنىڭ كومپىگنى ئورمىنىدىكى رېيدو ۋوگزالىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلشىمنامىسى ئىمزالىدى. گېرمانىيە ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولدى. 1- دۇنيا ئۇرۇشى شۇنىڭ بىلەن ئاياغلاشتى.
       1- دۇنيا ئۇرۇشى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى مىسلى كۆرۈلمىگەن بالايىئاپەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تۆت يىلدىن ئارتۇقراق داۋاملاشقان بۇ ئۇرۇشقا 33 دۆلەت قاتناشتى. 75 مىليون ئەسكەر سەپەرۋەر قىلىندى. 10 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلدى، 20 مىليون كىشى يارىدار بولدى، ئۇرۇش ئاپىتىگە دۇچار بولغان ئاھالە 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى. ئۇرۇش تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان ئىقتىسادىي زىياننىڭ قىممىتى 27 مىلىيارد دوللارغا يەتتى. ئۇرۇشنىڭ ئاقىۋىتىدە چار پادىشاھ روسىيىسى ۋېىنگرىيە، ئوسمانىيە ئىمپېرىيىسى ۋە گېرمانىيە ئىمپېرىيىسى گۇمران بولۇپلا قالماستىن، ئۇرۇشتا غەلىبە قازانغان ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە ئىتالىيىلەرمۇ ئاجىزلىشىپ كەتتى.

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى , ياۋرۇپا , ئاسىيا , ئافرىقا , _
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-9-17 16:37:17
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 250
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证