تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    halisa
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 13064
    115170089@qq.com

    يازما سانى : 53
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-5-20 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    پوتئېر(1816-1887)



     

    پوتئېر

     

     

    ئېۋگىنى پوتئېر (1816-1887) فرانسىيىلىك ئىشچى شائىر. پارىژ كوممۇناسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى. مەشھۇر ‹ئىنتېرناتسىئونال شېئىرى› نىڭ ئاپتورى.

    1816-يىلى 4-ئۆكتەبىر كۈنى پوتئېر پارىژدا نامرات ئىشچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دادىسى قاچىلاش ئىشچىسى، ئانىسى ئەمگەكچى ئايال ئىدى. پوتئېر كىچىكىدىنلا ئاچارچىلىق ۋە ئوقۇشسىزلىقنىڭ جاپاسىنى يەتكۈچە تارتىدۇ، لېكىن ئۇ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشكە ئىرادە باغلايدۇ. 13 يېشىدا دادىسى بىلەن بىللە قاچىلاش زاۋۇتىغا بېرىپ شاگىرت بولىدۇ، ئەڭ ئاخىرقى 30 يىلدا گۈللۈك رەخت نۇسخىسىنى ئىشلەيدىغان تېخنىك ئىشچى بولىدۇ. 1830-يىلى ئىيۇلدا پارىژدا تىرىلگەن خانىدانلىقنى ئاغدۇرۇشئۈچۈن ئىيۇل ئىنقىلابى پارتلايدۇ. 14 ياشلىق پوتئېر كوچا جېڭىگە قاتنىشىشنى قايتا-قايتا تەلەپ قىلىدۇ. يېشى بەك كىچىك بولغاچقا، چوڭلار تەرىپىدىن توسۇپ قويۇلىدۇ. پوتئېر شېئىرنى قۇرال قىلىپ تۇنجى شېئىرى -‹ياشىسۇن ئەركىنلىك!› نى ئىجاد قىلىدۇ. ئىيۇل ئىنقىلابى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، ئۇ يەنە قاچىلاش زاۋۇتىغا شاگىرت بولىدۇ. ناھايىتى ئاز بوش ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ بىر تەرەپتىن ئىشلەيدۇ، بىر تەرەپتىن شېئىر يازىدۇ. ئىككىنچى يىلى ئۇ شېئىرلار توپلىمى ‹ ئۆسمۈر شېئىرلىرى› نەشىردىن چىقىدۇ، ئۇنىڭ شېئىرلىرى دەسلەپتىلا خەلقنىڭ ئىنقىلابىي كۈرىشى بىلەن زىچ باغلانغان بولۇپ، ئىشچىلار ئاممىسىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ كەڭ تارقىلىدۇ. پوتئېر 19-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا بىراقلا خىيالىي سوتسىيالىزمنىڭ تەسىرىگىمۇ ئۇچرايدۇ. ئۇ بابىفنىڭ ‹خەلق كوممۇنىسى›غا ناھايىتى ئىنتىلىدۇ. ئۇ ئرتاق ئىشلەپ، تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى قۇۋۋەتلەيدۇ. بابېفنىڭ ئىنقىلاب ۋاستىسى ئارقىلىق جەمئىيەتتە بولۇشقا تېگىشلىك ھەقىقىي باراۋەرلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش دېگەن تەشەببۇسنى قەتئىي قوللايدۇ. 1840-يىلى ‹ھەممە ئۆزىگە بولۇشىۋالىدىغان ۋاقىت بولدى› نى يازىدۇ. بۇ شېئىردا  بابېفنىڭ ئاددىي كوممۇنىزملىق ئىدىيىسى شەرھلەنگەن. بۇ چاغدا فرانسىيە ئىشچىلىرىنىڭ كاپىتالىستىك ئېكىسپىلاتاتسىيىگە قارشى ئىنقىلابىي كەيپىياتى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، پوتئېرنىڭ بۇ شېئىرى پارىژ، لىيون ۋە جەنۇبتىكى ئىشچىلار ھەرىكىتى ئارىسىدا كەڭ تارقىلىپ، ئەكسىيەتچىل گېزىت-ژۇرناللارنى ئالاقزادە قىلىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ قاتتىق ئۆچمەنلىكىنى قوزغايدۇ.

      1848-يىلى ئىيۇندا پارىژ ئىشچىلىرى قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ. پوتئېر ئىشچىلارنىڭ بۇرژۇئازىيىگە قارشى بۇ ئۇلۇغ كۈرىشىگە كوچا توسمىسى جەڭچىسى بولۇپ قاتنىشىدۇ. ئۇ يامغۇردەك ئوقلار ئارىسىدا ھايات-ماماتىغا قارىماي، قەھرىمان، جاسارەتلىك بولۇپ، قۇربان بولۇشتىن قورقمايدۇ. 1865-يىلىنىڭ باشلىرىدا ماركىس، ئىنىگلىس رەھبەرلىكىدىكى بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونال پارىژدا ياچېيكا قۇرىدۇ. پوتئېر گۈللۈك رەخت نۇسخىسىنى ئىشلەيدىغان 500 دىن ئارتۇق ئىشچى-خىزمەتچىنى تەشكىللەپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇپ، بىرىنچى ئىنتىرناتسىئونالغا قاتنىشىدۇ. پوتئېر ماركىسنىڭ تەسىرى ۋە تەربىيىسى ئارقىسىدا ئىنتېرناتسىئونالنىڭ سادىق جەڭچىسىگە ئايلىنىپ، بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونال ياچېيكىسىنىڭ بەزى رەھبەرلىك خىزمىتىگە قاتنىشىدۇ. ئىنقىلابنىڭ جىددىي ئېقىمى ئۇنىڭ كاللىسىدىكى فورىيزىملىق خىيالنى پاكىز تازىلايدۇ.

      1870-يىلى پروسىيە-فرانسىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە، پروسىيە ئارمىيىسى پارىژغا قىستاپ كەلگەندە، پوتئېر خەلقنى قوزغاپ، پروسىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى جەڭنى ئاخىرىغىچە ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئۇ ‹قوغدان پارىژ› قاتارلىق شېئىرلىرىدا، خەلقنى تاجاۋۇزچىلار قوشۇنىغا قارشى تۇرۇپ، ‹قىزىل كوممۇنا› قۇرۇشقا چاقىرىدۇ. ئۇ يەنە ھەربىيچە كىيىم كىيىپ، مىللىي قوغدىنىش ئارمىيىسىنىڭ شاڭۋىي ھەربىي ئەمەلدارى بولۇپ، پارىژنى قوغداش جېڭىگە قاتنىشىدۇ. 1871-يىلىدىكى ئۇلۇغ پارىژ كوممۇنا ئىنقىلابى دەۋرىدە، پوتئېر كوممۇنا ھەيئىتى ۋە مىللىي قوغدىنىش ئارمىيىسى كومىتېتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى كومىتېتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى بولۇپ سايلىنىدۇ. ئۇ، سەمىمىي-ساداقەتلىك بىلەن كېچە-كۈندۈز ئالدىراش ئىشلەيدۇ ھەم كوممۇنانىڭ ھەيئەت ئەزاسى بولىدۇ، ھەم ئىشچىلار جەمئىيىتى بىرلەشمىسى ۋە سەنئەتكارلار جەمئىيىتى بىرلەشمىسىنىڭ رەھبەرلىك خىزمىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. 21-ماي كۈنى دۇنيانى زىل-زىلزىلگە كەلتۈرىدىغان ‹ماي قانلىق ھەپتىسى› پارتلايدۇ. 55 ياشلىق پوتئېر كوممۇنانىڭ ھەققانىي ئىشلىرىنى قوغداش ئۈچۈن، باتۇرلۇق بىلەن تىز پۈكمەيدۇ، ۋېرسال باندىتلىرى پارىژغا كىرگەندىن كېيىن، ئۇ 11-رايوندا قەتئىي تۇرۇپ فېيرى، ۋارلىن قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە جەڭ قىلىدۇ. كوممۇنا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ قىزىق قورالىنى ئېلىپ يەر ئاستىغا چېكىنىدۇ. ئۇ باندىتلارنىڭ تۇتقىنىدىن قۇتۇلۇپ مېنماتىلنىڭ ئىشچىلار رايونىدىكى ئاددىي بىر بىنانىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىگە يوشۇرۇنىدۇ. 30-ماي كۈنى ۋېرسال گېزىتى، پوتئېر ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى، دەپ تەشۋىق قىلغاندا، پوتئېر پرولېتارىيات ئىنقىلاب ئىشلىرىنىڭ غەلىبىسىگە بولغان ئىشەنچىسى بىلەن قولىغا قەلەمنى ئېلىپ كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇپ، جەۋلان قىلىپ تۇرىدىغان شانلىق شېئىرى ‹ ئىنتېرناتسىئونال، نى يېزىپ چىقىدۇ. كېيىن فرانسىيىلىك ئىشچى پېيىردىگېيتىر ‹ ئىنتېرناتسىئونال› غا ھەيۋەتلىك، كىشىنىڭ يۈرىكىنى تىتىرىتىدىغان نوتا ئىجاد قىلىدۇ. مانا بۇ ‹ ئىنتېرناتسىئونال› شېئىرىدۇر. 1888-يىلى 23-ئىيۇن كۈنى دىگايىت رىلدا ئۆتكۈزۈلگەن گېزىت ساتقۇچى ئىشچىلارنىڭ خاتىرىلەش يىغىنىدا خورچىلار ئۆمىكىگە ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ، تۇنجى قېتىم ئىنتېرناتسىئونال شېئىرىنى ئوقۇپ، ئىشچىلار ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىدۇ. ئەكسىيەتچىلەر ئىنتايىن ئالاقزادە بولۇپ، شېئىرى ئوقۇشنى مەنئىي قىلىش بۇيرۇقىنى چىقىرىدۇ. لېكىن ‹ئىنتېرناتسىئونال شېئىرى› ناھايىتى تېزلا پۈتۈن دۇنيانىڭ ئورتاق جەڭ ناخشىسىغا ئايلىنىدۇ.

    1871-يىلى ئىيۇننىڭ باشلىرىدا پوتئېر پارىژدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولۇپ، ئەنگلىيىگە قېچىپ بارىدۇ. كېيىن ئامېرىكىغا بېرىپ، 1880-يىلىغىچە شۇ يەردە تۇرۇپ جاپالىق تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، لېكىن ئۇ ئىنقىلابىي ھەرىكىتىنى باشتىن-ئاخىر توختاتماي، باشتىن-ئاياغ پارىژ كوممۇنىسى ئەزالىرى بىلەن بولغان قويۇق مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كېلىدۇ، ئامېرىكا ئىشچىلار ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ، پارىژ كوممۇناسىنىڭ تەجرىبە-ساۋاقلىرىنى تەشۋىق قىلىدۇ. 1876-يىلى ئۇ ‹ئامېرىكا ئىشچىلىرىدىن فرانسىيە ئىشچىلىرىغا› دېگەن داستانىنى يازىدۇ. داستاندا ئۇ ھەسسىلەپ ئىشەنچ قىلغان ھالدا كەلگۈسىگە بىشارەت قىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:

    ئۆتۈپ كەتسە كۆپلىگەن پاجىئەلىك ئەسىرلەر،

    دۇنيا خەلقى بىرلىكى چوقۇم ئاشار ئەمەلگە.

    قىلسا ئەمەل غايىسىگە ھۆر ئىنسانلار،

    بولۇش كوممۇنا نامايان، يەنە يۈز يىل ئۆتكەندە.

    1880-يىلى فرانسىيە ھۆكۈمىتى خەلقنىڭ بېسىمى بىلەن كوممۇنادىن قېچىپ كەتكەنلەرنى ئومۇميۈزلۈك كەچۈرۈم قىلىدۇ. پوتئېر پارىژغا يەنە قايتىپ كېلىپ، دەرھال 1879-يىلى قۇرۇلغان فرانسىيە ئىشچىلار پارتىيىسىگە قاتنىشىدۇ، چاچلىرى ئاقىرىپ كەتكەن پوتئېر يوقسۇزلۇق ۋە كېسەللىك دەستىدىن يېرىم پالەچ بولۇپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن كۈرەشنى توختاتمايدۇ. ئۇ پرولېتارىيات ئىنقىلابى ۋە پرولېتارىياتنىڭ جەزمەن غەلىبە قىلىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدۇ. ئۇ شېئىر ئارقىلىق كوممۇنانىڭ ئىدىيسىىنى داۋاملىق تەشۋىق قىلىدۇ. ئۇ يەنە ‹18-مارتنى خاتىرىلەيمىز›، ‹پارىژ كوممۇنىسى ئەزالىرىنىڭ خاتىرە مۇنارى›، ‹ئۇ تېخى ئۆلمىدى› قاتارلىق كوممۇنانى مەدھىيىلەيدىغان داڭلىق شېئىرلارنى يازىدۇ. بولۇپمۇ ‹تۆمۈرچىنىڭ چۈشى› دېگەن بۇ شېئىرىدا يەنە بىر قېتىم پۈتۈن دۇنيا پرولېتارىياتىنى ئىتتىپاقلىشىپ جەڭ قىلىشقا چاقىرىدۇ. 1883-يىلى 8-ئاۋغۇستتا پوتئېر فرانسىيىدە ‹شېئىر ئېيتىش جەمئىيىتى› ئۇيۇشتۇرغان شېئىر ئېيتىش مۇسابىقىسىدە شەرەپ بىلەن بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ. باشقىلار ئۇنىڭدىن پۇل ئېلىپ تۇرمۇش قىيىنچىلىقىنى ھال قىلىشنى خالامسىز ياكى شېئىرلار توپلىمىڭىزنى نەشىر قىلدۇرۇشنى خالامسىز؟ دەپ سورىغاندا، پوتئېر مەرتلىك بىلەن جاۋاب بېرىپ: ‹ ئەسەرلىرىمنى نەشىر قىلايلى! ئاچارچىلىقتا ئۆلۈپ كەتسەممۇ كېرەك يوق!، دەيدۇ. 1884-يىلى ‹شېئىر ئېيتىش جەمئىيىتى، نىڭ ياردىمىدە ئۇنىڭ مۇھىم شېئىرلار توپلىمى ‹سەۋدايىنى ئاقلاش› نەشر قىلىنىدۇ. ئارقىدىنلا ‹ئىجتىمائىي ئىقتىساد ئاقلاش› نەشىر قىلىنىدۇ. ئارقىدىنلا ‹ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي شېئىرى› ۋە ‹ئىنقىلابىي ناخشىلار توپلىمى› نەشىر قىلىنىدۇ. ‹ئىنتېرناتسىئونال› شېئىرى كېيىنكى توپلامغا كىرگۈزۈلىدۇ. پوتئېرنىڭ باشقا شېئىرلىرى ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن نەشىر قىلىنىدۇ.

       1887-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى پوتئېر يوقسۇزلۇقتىن كېسەل بولۇپ، 70 يېشىدا ۋاپات بولىدۇ. ئۇ ھاياتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تىنىقغىچە ‹پارىژ كوممۇنىسى ئۆلمەيدۇ!› شېئىرىنى ئۈنلۈك ئوقۇيدۇ. 11-ئاينىڭ 8-كۈنى ئامما توپ-توپ بولۇشۇپ، ئەكسىيەتچى ساقچىلارنىڭ توسۇشىغا قارىماي، قىزىل بايراقلارنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، تەرەپ-تەرەپتىن يىغىلىپ ‹ياشىسۇن پوتئېر!› سادالىرى ئىچىدە ئۇنىڭ جەسەت كۈلىنى پوپ لاشىسىزنىڭ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىدۇ. لېنىن پوتئېرنى ‹ ئۇ شېئىرنى قۇرال قىلغان ئەڭ ئۇلۇغ بىر تەشۋىقاتچى ئىدى› دەپ ماختىغان. لېنىن يەنە ‹ ئىنتېرناتسىئونال› نى يۈكسەك دەرىجىدە مەدھىيىلىگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن : بىرئاڭلىق ئىشچى ھەر قانداق بىر مەملىكەتكە بارسىمۇ، تەقدىر ئۇنى قەيەرگە ئېلىپ بېرىپ تاشلىسىمۇ، ئۇ ئۆزىنى ھەر قانچە مۇساپىر، تىل ئۇقمايدىغان، ئەل-ئاغىنىسىز، ئۆز ۋەتىنىدىن يىراقتا دەپ ھېس قىلسىمۇ، ئۇ ھەممىگە تونۇش بولغان ‹ئىنتېرناتسىئونال شېئىرى› ناخشىسى ئارقىلىق ئۆزىگە ‹يولداش ۋە دوست تاپالايدۇ›

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : پوتئېر , پارىژ , شائىر , _
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-8-24 20:07:54
    تەھرىر : admiral
    باھا : 0 كۆزىتىش : 122
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证