تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    halisa
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 13086
    115170089@qq.com

    يازما سانى : 54
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-5-20 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    موسسولىن(1883-1945)



     

    موسسولىن

     

      بىنتتو موسسولىن (1883-1945) ئىتالىيە فاشىستىك پارتىيىسىنىڭ كاتتىۋېشى. فاشىزمنىڭ كەشپىياتچىسى، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ئاساسلىق ئۇرۇش جىنايەتچىسى.
      1939-يىلىدىكى موسسولىن :

      موسسولىن ئۇششاق بۇرژۇئازىيە ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ئاتىسى تۆمۈرچى بولۇپ، سوتسىيالىزمغا مايىل بولغانلىقتىن، تۈرمىگە قامالغان. ئانىسى ئوقۇتقۇچى ئىدى. ئانىسىنىڭ نەسىھىتى بىلەن پىداگوگىكا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدۇ. ئۇ دائىم ھاراققا ۋە ئۇسسۇلغا بېرىلىپ كەتكەنلىكتىن، مەكتەپ ئۇنى خىزمىتىدىن بوشىتىۋېتىدۇ. لېكىن ئۇ شىۋىتسارىيىگە سەرگەردان بولۇپ بېرىپ، يۈك توشۇغۇچى بولۇپ ئىشلەيدۇ ۋە تىلەمچىلىكمۇ قىلىدۇ. 1903-يىلى ئۇ سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ نۇتۇق سۆزلىگۈچىسى بولىدۇ. موسسولىن ياش ۋاقتىدا گەرچە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدا دېموكراتىيىگە قارشى ئىدىيىۋى كەيپىيات ئېغىر بولۇپ، گېرمانىيىنىڭ ئەكسىيەتچىل مۇتەپەككۇرى نېتىزغا چوقۇنىدۇ. ئۇ ‹مە يىگىرمە ياشقا كىرگەن چاغدا نېتىزنى مەدھىيىلىگەن ئىدىم. ئۇ مەندىكى دېموكراتىيىگە قارشى تەبىئىي ئامىلنى مۇستەھكەملىگەن› دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، موسسولىن ئاشكارا ھالدا ئۇرۇشنى تەرغىپ قىلغانلىقتىن، سوتسىيالىستلار پارتىيىسى ئۇنى پارتىيىدىن تازىلىۋېتىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن موسسولىن فاشىستلىق ھەرىكىتى بىلەن ئاشكارا شۇغۇللىنىدۇ. ئۇ مىلاندىن ئۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدىغان گېزىت ‹ ئىتالىيە خەلق گېزىتى› نى چىقىرىپ، ئۇرۇش تەلۋىلىكىنى قۇترىتىدۇ. 1915-يىلى ئەسكەرلىككە كىرىپ، ئادەتتىكى ئەسكەر ۋە سېرژانت ئەسكەر بولىدۇ. 1917-يىلى ئۇ يارىلىنىپ، ھەربىي سەپتىن بوشاپ، قايتىدىن ‹ ئىتالىيە خەلق گېزىتى› نىڭ تەھرىرى بولۇپ، شوۋىنىزم بىلەن فاشىستلىق ھەرىكىتىنى تەشۋىق قىلىدۇ. 1919-يىلى 2-ئايدا موسسولىن ھەربىي خىزمەت ئۆتەش مۇددىتى ئېشىپ كەتكەن خادىملارنى يىغىپ، مەجلىس ئېچىپ، فاشىستلار تەشكىلى ‹جەڭگىۋار فاشىست› (جەڭگىۋار ئۆمەك دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ) نى قۇرۇپ چىقىدۇ. ‹ئىتالىيە خەلق گېزىتى›-فاشىستلار تەشكىلاتىنىڭ ئورگان گېزىتى بولۇپ قالىدۇ.فاشىست دېگەن سۆز لاتىنچە تىن كېلىپ چىققان. ئۇنىڭ مەنىسى ‹كالتەك› دېگەنلىك. ئۇ قەدىمكى رىم ئەمەلدارلىرى سىرتقا خىزمەت تەكشۈرگىلى چىققاندا قولىغا ئېلىۋالىدىغان ھوقۇق بەلگە كالتىكى ئىدى. موسسولىن قەدىمكى رىمنىڭ كونا ئۆرپ-ئادەتلىرىنى قەدىرلەپ، بىر دانە كالتەك بىلەن بىر دانە جەڭ پالتىسىنىڭ بىر-بىرىگە چىشلىتىلگەنلىكىنى كۈچ ۋە ھوقۇقنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە فاشىستلىق تەشكىلاتىنىڭ بەلگىسى قىلىدۇ. فاشىستلار پارتىيىسى كۆرۈنۈشتە كىشىنى قايمۇقتۇرىدىغان پروگراممىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئومۇمىي سايلامنى ۋە سەككىز سائەتلىك خىزمەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇش، كاپىتال بېجى بىلەن ۋارىسلىق بېجىنى كۆپەيتىش، دىنىي جەمئىيەتلەرنىڭ بىر قىسىم مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش، ئىشچىلارنى كارخانىلارنىڭ تېخنىكىلىق رەھبەرلىكىگە قاتناشتۇرۇش قاتارلىقلارنى تەشەببۇس قىلىپ، ئاممىنى ئالدايدۇ. ئەمەلىيەتتە، مونوپول كاپىتال گۇرۇھىنىڭ مەنپەئەتىگە  ۋەكىللىك قىلىپ، ئىزچىل ھالدا مەخپىي ئۆلتۈرۈش، بۇزغۇنچىلىق قىلىش ۋە تېررورلۇق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇرۇشنى تەرغىپ قىلىدۇ. موسسولىن‹پەقەت فاشىزىملا دۆلەتنى قۇتقۇزالايدۇ›-دەپ جار سالىدۇ. ئۇ ئۆزىنى ھەربىيدىن بوشىغان ئەسكەرلەرنىڭ جارچىسى قىلىپ كۆرسىتىپ: ‹بىز بۇ ھۆكۈمەتنى ئۆتكۈزۈۋېلىشقا ھەقلىقمىز، چۈنكى بىز دۆلەتنىڭ ئۇرۇشقا قاتنىشىىشىنى ئىلگىرى سۈردۇق ھەمدە ئۇنى يېتەكلەپ غەلبىگە ئېرىشتۈردۇق.› دەيدۇ. موسسولىننىڭ فاشىستلار پارتىيىسى مونوپول كاپىتالىستلارنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشىدۇ. چوڭ سانائەت ئىگىلىرى، چوڭ دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنىڭ خوجايىنلىرى ئۇلارغا زور مىقداردا پۇل ئىئانە قىلىدۇ.

      1922-يىلى 2-ئايدا ئىتالىيىدە سىياسىي كىرزىس يۈز بېرىدۇ، ئىنقىلاب دولقۇنىنىڭ زەربىسى ئارقىسىدا سىياسىي ۋەزىيەتتە داۋالغۇش پەيدا بولىدۇ. فاشىستلار پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ نۇرغۇن شەھەرلەردە نامايىش قىلىپ ؛‹ يوقالسۇن پارلامېنت!›، ‹ياشىسۇن دىكتاتۇرا!› دەپ توۋلايدۇ. شۇ يىلى 9-ئايدا موسسولىن فاشىستلارنىڭ بىر قېتىملىق يىغىنىدا: ‹رىمغا يۈرۈش قىلايلى!› دېگەن شوئارنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. 10-ئاينىڭ 24-كۈنى موسسولىن فاشىستلار پارتىيىسى قۇرۇلتىيىدا ھۆكۈمەتكە ئۇلتىماتۇم تاپشۇرۇپ، يېڭى ھۆكۈمەت ئىچىدە بەش مىنىستىرلىك ۋە ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ كومىسسارلىق خىزمەت ئورنىنى بېرىشىنى قەتئىي تەلەپ قىلىدۇ. قۇرۇلتايدىن كېيىن 50 مىڭ قۇراللىق فاشىست رىمغا يۈرۈش قىلىدۇ. 28-كۈنى ئىچكى كابېنتنى ئىستىپا بېرىشكە مەجبۇرلايدۇ. ئىتالىيە پادىشاھى موسسولىنغا تېلېگرامما بېرىپ، ئۇنى ئىچكى كابېنت تەشكىل قىلىشقا چاقىرىدۇ. 30-كۈنى ئەتىگەندە موسسولىن مىلاندىن پويىزغا چۈشۈپ رىمغا يېتىپ كېلىدۇ. فاشىستلار پارتىيىسىنىڭ ئەزالىرى كىيىدىغان قارا چاپىنىنى سېلىۋېتىشكىمۇ ئۈلگۈرمەي، ئالدىراپ-تېنەپ پادىشاھ ھوزۇرىغا سالامغا بېرىپ، ئىچكى كابېنت تەشكىل قىلىش بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. مۇشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ فاشىستلار ئىتالىيىدە ھاكىمىيەتنى تارتىۋالىدۇ.

      موسسولىن تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئۆزىنى ‹زۇڭسەي› دەپ ئاتىۋېلىپ، ئۆزى يالغۇز يەتتە مىنىستىرنىڭ ۋەزىپىسىنى قوشۇمچە ئۆتەيدۇ. فاشىست ھاكىممۇتلەقلىق ھۆكۈمرانلىقىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، ئۇ ‹بارلىق سىياسىي پارتىيىلەر ئۆز ۋەزىپىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇشى، يوقىلىشى لازىم› دەپ ئېلان قىلىدۇ. ئۇ ‹مىللەتكە قارشى› بارلىق سىياسىي پارتىيىلەرنى تارقىتىۋېتىدۇ ھەم ھەر خىل قانۇن ئېلان قىلىپ، ‹جەمئىيەت ئامانلىقىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان› گېزىت-ژۇرناللارنى نەشىر قىلىشنى مەنئىي قىلىدۇ. ‹پادىشاھ جەمەتلىرىنى ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرىنى ئۆلتۈرۈشكە قەست قىلغان ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ› دەپ ئېلان قىلىدۇ. پەۋقۇلئاددە تېرورلۇق سوت كوللېگىيىسىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. موسسولىن پارتىيە، ھۆكۈمەت، ھەربىي، ئىقتىساد چوڭ ھوقۇقىنى پۈتۈنلەي چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋېلىشقا ئۇرۇنۇپ، ئاتالمىش ‹ئومۇمىي گەۋدە دۆلىتى› فاشىستىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بىلەن ‹ئومۇمىي گەۋدە بولۇش› تىن ئىبارەت ئىككى تەشكىلىي سىستېمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ‹ ئومۇمىي گەۋدە› دېگىنى ئەمەلىيەتتە ھەر قايسى تارماقلارنىڭ كارخانا خوجايىنلىرى بىلەن ياللانما ئەمگەكچىلەر ۋەكىللىرىنىڭ ‹سىنىپىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى› بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ تەڭ نىسبەتتىكى ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپىدۇ. پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 22 تارماق ئومۇمىي گەۋدە بولۇپ قۇرۇلىدۇ. ئۇنىڭغا مەملىكەتلىك ئومۇمىي گەۋدە كېڭىشى رەھبەرلىك قىلىدۇ. ئۇنىڭغا موسسولىن رەئىس بولىدۇ. 1938-يىلى ئۇ بۇيرۇق بىلەن پارلامېنتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ‹فاشىست ۋە ئومۇمىي گەۋدە پارلامېنتى› نى قۇرۇپ چىقىدۇ. بۇ دۆلەتلىكتەشكىلاتلار فاشىستلار پارتىيىسى ۋە تارماقلار ئومۇمىي گەۋدىسىدىكى 700 نەپەر ‹ۋەكىل› دىن تەركىب تاپىدۇ. ھالبۇكى، بۇ ۋەكىللەرنىڭ ھەممىسىنى موسسولىن ئۆزى كۆرسەتكەن. بۇنىڭ بىلەن موسسولىن ئالىي ئىستىبىداتقا ئايلىنىدۇ.

      فاشىست-ئۇرۇش دېمەكتۇر. موسسولىن مەملىكەت ئىچىدىكى فاشىستلىق ھۆكۈمرانلىقىنى تۇرغۇزۇش ۋە مۇستەھكەملەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، سىرتقا قارىتا غالجىرانە كېڭەيمىچىلىك، تاجاۋۇزچىلىق سىياسىتىنى يۈرگۈزىدۇ، ئۇ 20-يىللاردىلا، ‹بىزنىڭ بىرىنچى مەجبۇرىيىتىمىز قۇراللىق كۈچىمىزنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت. بىز مەلۇم ۋاقىت ئىچىدە بەش مىليون ئادەمنى سەپەرۋەر قىلالايدىغان دەرىجىدە تەييارلىق كۆرىشىمىز ۋە قوراللاندۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولۇشىمىز لازىم. بىز دېڭىز ئارمىيىمىزنى، ھاۋا ئارمىيە كۈچىمىزنى كۈچەيتىشىمىز لازىم. ئۇلارنىڭ موتور ئاۋازى باشقا بارلىق ئاۋازلارنى بېسىپ چۈشسۇنكى، ئۇلارنىڭ سايىسى ئىتالىيە ئاسمىنىنى قاپلىۋەتسۇن› دەپ كانىيى يىرتىلغۇچە جار سالدى. 30-يىللاردا ئوچۇقتىن-ئوچۇق ‹فاشىزمنىڭ دىنىي ئەقىدىسىدە ئىمپېرىيە يالغۇزلا زېمىن، ھەربىي ۋە سودا ئىشلىرىنىڭ ئىپادىلىنىشى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى روھ ۋە ئەخلاقنىڭ ئىپادىلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ...فاشىزم دېگەنلىك ئىمپېرىىيىگە يۈزلىنىش دېمەكتۇر. دېمەك، مىللىي كېڭەيمىچىلىك بىر خىل ھاياتىي كۈچنىڭ ھادىسىدىدىن ئىبارەت› دەپ ئاشكارا تەرغىپ قىلىدۇ. 1935-يىلى موسسولىن ئېفئوپىيىگە تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنى قوزغايدۇ. 1936-يىلى 50 مىڭ كىشىلىك يىراققا يۈرۈش قىلىش ئارمىيىسى تەشكىللەپ، ئىسپانىيە جۇمھۇرىيىتىگە تاجاۋۇز قىلىدۇ. 1937-يىلى ئىتالىيە، گېرمانىيە، ياپۇنىيە فاشىستلىرىنىڭ ‹كوممۇنىستىك ئېنتىرناتسىئونالغا قارشى تۇرۇش كېلىشىمى› نى تۈزۈشكە قاتنىشىدۇ. ئىتالىيە ئارمىيىسى 1939-يىلى ئالبانىيىنى بېسىۋالىدۇ. موسسولىن 1940-يىلى 6-ئايدا گېرمانىيە فاشىستلىرىغا ئەگىشىپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتنىشىدۇ.

      ئۇرۇشقا قاتنىشىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئىتالىيە خەلقىنىڭ قارشى تۇرۇش ۋە مەملىكەت ئىچىدىكى قاتمۇ-قات زىددىيەتلىرى تۈپەيلىدىن، ئىتالىيە فاشىستلىرىنىڭ ئاجىز، ئىقتىدارسىز، قەغەز يولۋاسلىق ماھىيىتى دەرھال ئاشكارىلىنىدۇ. ئالتە ئايدىن كېيىن مۇداپىئەلىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ. موسسولىن گرېتسىيە ئۇرۇش مەيدانى ۋە شىمالىي ئافرىقا ئۇرۇش مەيدانىدىكى پاجىئەلىك مەغلۇپ بولۇش تەقدىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، گېتلىرغا ئۈزلۈكسىز خۇشامەت قىلىپ ياخشىچاق بولۇشتىن باشقا ئامالى قالمايدۇ. 1941-يىلى ئۇ، خىل ئەسكىرىي قوشۇنىنى ئاجرىتىپ، گېرمانىيە فاشىستلار ئارمىيىسىگە قاتناشتۇرۇپ ‹شەرققە يۈرۈش قىلىدۇ›. نەتىجىدە سوۋىت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ ئەجەللىك زەربىسىگە ئۇچرايدۇ. ئىتالىيە ئەسكەرلىرى ئۇرۇش قىلىشنى رەت قىلىپ، ئارقا-ئارقىدىن قېچىپ كېتىدۇ موسسولىن مەغلۇپ بولغان قالدۇق ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. 1943-يىلى 6-ئايدا ئەنگلىيە، ئامېرىكا بىرلەشمە ئارمىيىسى سېسىلىيە قۇرۇقلۇقىغا چىققاندىن كېيىن، ئۇرۇشنىڭ سۈرئىتى تېزلىشىدۇ. ئىتالىيە خەلقىنىڭ قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىمۇ ئىنتايىن كەسكىنلىشىدۇ. فاشىستلار گۇرۇھىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئۇرۇش-تالاشمۇ توختىمايدۇ، موسسولىن زاۋاللىققا يۈزلىنىدۇ.

      1943-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى موسسولىن فاشىستلار پارلامېنتنىڭ جىددىي يىغىنىنى چاقىرغاندا، ئۆكتىچىلەرنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ. 10 سائەت مۇنازىرىلىشىش ئارقىلىق ئۆكتىچىلەر سەككىز ئاۋازغا قارشى 19 ئاۋاز بىلەن غەلىبە قىلىدۇ. ئىككىنچى كۈنى پادىشاھ يارلىق چۈشۈرۈپ موسسولىننىڭ خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلاپ، ئۇنى بىر كىچىك ئارالغا ئاپىرىپ نەزەربەنت قىلىپ قويىدۇ. كېيىن ئۇنى ئىتالىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئېگىز تاغقا جايلاشقان قەدىمكى قورغانغا يالاپ ئاپىرىپ قاماپ، بىر قانچە يۈز نەپەر ژاندارما نۆۋەتلىشىپ ئۇنى ساقلايدۇ. 9-ئايدا گېتلىر پاراشوتچى قىسىم ئەۋەتىپ موسسولىننى قۇتقۇزۇپ، گېتلىر قوماندانلىق شتابىغا ئېلىپ كېلىدۇ. موسسولىن گېتلىرنىڭ مەدەت بېرىشى ئارقىسىدا، ئىتالىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى گېرمانىيە ئىشغال قىلىۋالغان رايوندا ‹ئىتالىيە سوتسىيال جۇمھۇرىيىتى› (تارىختا ‹سارو جۇمھۇرىيىتى› دەپمۇ ئاتىلىدۇ) نى قۇرىدۇ، ئۆزى بۇ قورچاق ھاكىمىيەتنىڭ كاتتىۋېشى بولۇپ، ئىككى يىلغا يېقىن جان تالىشىدۇ. 1945-يىلى 4-ئايدا ئىتالىيە كوممونىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىك قىلغان پارتىزانلار قوشۇنى گېرمانىيە-ئىتالىيە فاشىست قوشۇنىغا كۈچلۈك ھۇجۇم قوزغايدۇ. موسسولىن  ئۆزىنىڭ مەغلۇپ بولىدىغانلىنى بىلىپ، گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ مۇھاپىزەت قىلىشى ئارقىسىدا ياسىنىپ قاچقان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا پارتىزانلار تەرىپىدىن تۇتۇۋېلىنىپ تونۇۋېلىنىدۇ. شىمالىي ئىتالىيە ئازادلىق كومىتېتىنىڭ ھۆكۈم قىلىشى ئارقىلىق 4-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن كېيىن كومو كۆلىنىڭ بويىدا موسسولىن ۋە ئۇنىڭ 15 نەپەر شېرىكىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ. ئىتالىيە خەلقى موسسولىننىڭ جەسىتىنى مىلاندىكى مەركىزىي مەيدانغا سۆرەپ ئاپىرىپ، تانا بىلەن پۇتىنىڭ بارمىقىنى چىگىپ، بېنزىن ئىسكىلاتىنىڭ سىرتىدىكى ياغاچقا پۇتىنى ئاسمانغا قىلپ ئېسىپ، ئۈزلۈكسىز نەپرەتلىنىپ تۈكۈرىدۇ. بەزىلىرى تاش ئېتىپ قاتتىق ئۇرىدۇ. فاشىستلارنىڭ كاتتىۋېشى-موسسولىننىڭ شەرمەندە ئاقىۋىتى ئەنە شۇنداق بولىدۇ.

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : موسسولىن , فاشىست , كاتتىۋاش , گېتلىر , ئىتالىيە_
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-8-24 14:26:47
    تەھرىر : admiral
    باھا : 0 كۆزىتىش : 297
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证