تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› ئاتالغۇلارغا ئىزاھ ›› تارىخ ›› مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىلىرىدىكى دېھقانلار ئۇرۇشى
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Ezize
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 13037
    aziza22@126.com

    يازما سانى : 64
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-7-21 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىلىرىدىكى دېھقانلار ئۇرۇشى



     

    «جەبرائىل كەلگەن تەقدىردىمۇ ئاشلىق تاپشۇرماسلىق»

     

    مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرىدىكى دېھقانلار ئۇرۇشى

      

       بۇ 17- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا پارتىلغان جۇڭگو قەدىمكى زامان تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ زور بولغان دېھقانلار ئۇرۇشىدۇر.
       مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى جاھاننى سىياسىي زۇلمەت قاپلىدى. پارتىيە گۇرۇھلارنىڭ ھوقۇق تالىشىش كۈرىشى كەسكىنلەشتى، يەرلەر يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلەشتۈرۈۋېلىندى. بەگ-خوجاملار ۋە پومېشىچىك-بايلار يەرلەرنى ئەسەبىيلەرچە ئۆز يەرلىرىگە قوشۇۋالغاچقا، ئارقا-ئارقىدىن يەرسىز قالغان دېھقانلار تۈركۈم-تۈركۈملەپ ياللانما ۋە قۇل بولۇپ قالدى. شەپقەتسىز ئىقتىسادىي زۇلۇم ۋە ياۋايىلارچە سىياسىي زۇلۇم دەستىدىن مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە يېزا-كەنتلەر قۇرۇقدىلىپ قالدى. ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى. سۇ ئاپىتى، سېرىق چىكەتكە ئاپىتى ۋە ۋابا ئاپىتى ئارقا-ئارقىدىن ئۈزۈلمەي يۈز بەردى. بولۇپمۇ شەنشى رايۇنىدا يىلمۇ يىل ئۇدا ئاپەت ۋە قەھەتچىلىك كۆرۈلگەن بولسىمۇ، پومېشىچىك ۋە ئەمەلدارلار خوجاملار دېھقانلارنى يەنىلا ئىجارە ھەققى ۋە باج-سېلىق تاپشۇرۇشقا قىستاپ تۇرۇۋالغاچقا، تىرىكچىلىك يولى قالمىغان كەڭ خەلق ئاخىر قوزغىلاڭ كۆتۈردى.
       1627- يىلى شىمالىي شەنشىنىڭ چېڭشەن ناھىيىسىدىكى ئاچارچىلىققا يولۇققان خەلق دېھقان ۋاڭ ئېرنىڭ باشچىلىقىدا يامۇلغا باستۇرۇپ كىرىپ، ئامبالنى ئۆلتۈرۈپ، مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى دېھقانلار ئۇرۇشىنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىدى. قوزغىلاڭ بورىنى تېزلا شىمالىي شەنشى ۋە ئوتتۇرا شەنشىگە تارالدى. كېيىنكى يىلى ۋاڭ جىيايىن، ۋاڭ دالياڭ، گاۋيىڭشىياڭ، ۋاڭ زوگۇا قاتارلىق كىشىلەر ئىلگرى-كېيىن بولۇپ شەنشىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا قوزغىلاڭ تۇغىنى كۆتۈرۈپ چىقتى. قوزغىلاڭغا قاتناشقانلار ئاساسەن نامرات دېھقانلار ئىدى. شۇنداقلا ئىشسىز قالغان پوچتىكەشلەر، ئىسيان كۆتۈرگەن لەشكەرلەر ۋە قول-سانائەتچىلەر قاتارلىقلارمۇ بار ئىدى. 1631- يىلى ھەر قايسى تارماق دېھقانلار قوشۇنى شەنشىدىن سەنشىگە يۆتكەلدى. 36 بارگاھقا بۆلۈنگەن 200 مىڭ كىشىلىك بۇ قوشۇن-ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ۋاڭ زىيۇڭ، گاۋيىڭشىياڭ قاتارلىق قوزغىلاڭچىلار داھىيلىرىنى ئۆزلىرىگە باش قىلىپ تىكلىدى. ئىككى يىلدىن كېيىن، دېھقانلار قوشۇنى مىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىنىڭ قورشاۋىدىن بۆسۈپ چىقىپ، مۇز قاپلىغان خۇاڭخې دەرياسىدىن ئۆتۈپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايۇنىغا كىردى. 1635- يىلى مىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئەۋەتكەن قوشۇنلار دېھقانلار قوشۇنىغا ئىككى تەرەپتىن قىستاپ ھۇجۇم قىلدى. دېھقانلار قوشۇنىدىكى 13 ئېقىم، 72 بارىگاھنىڭ ئاتامانلىرى خېنەن ئۆلكىسى شىڭياڭ ناھىيىسىگە جەم بولۇپ، مىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىغا، تاقابىل تۇرۇش ئىستىراتېگىيىسى ئۈستىدە كېڭەشتى. گاۋيىڭشىياڭنىڭ قول ئاستىدىكى سەردار لى زىۋېڭ بىرلىشىپ جەڭ قىلىش، بۆلۈنۈپ تۇرۇپ زەربە بېرىش فرڭجېنىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كۆپچىلىكنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. بۇ قېتىمقى يىغىن دېھقانلار قوشۇنلىرى تارقاق ئۇرۇش قىلىشتەك ۋەزىيەنى ھەمكارلىشىپ جەڭ قىلىش ۋەزىيىتىگە ئۆزگەرتتى. جۇڭگو دېھقانلار ئۇرۇشى تارىخىدىكى بۇ ئىجادىيەت مىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىنىڭ قورشاپ يوقىتىش يولىدىكى ھۇجۇملىرىنى تارمار قىلىشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىدى. يىغىندىن كېيىن گاۋيىڭشىياڭ، لى زىچېڭلار ئاساسىي قوشۇننى باشلاپ، چاقماق تېزلىكىدە خېنەندىن ئەنخۇيغا ئاتلىنىپ، مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرا پايتەختى فېڭياڭ شەھىرىنى ئىشغال قىلىپ، مىڭ سۇلالىسى پادىشاھى ئەجدادلىرىنىڭ قەبرىسىنى كۆيدۈرۈۋەتتى. ئىككىنچى يىلى گاۋيىڭشياڭ جەڭدە قۇربان بولدى. لى زىچېڭ ئۇنىڭ ئورنىغا قۇماندان بولدى. قوزغىلاڭچى قوشۇنلار كېيىنچە بارا-بارا لى زىچېڭ ۋە جاڭ شيەنجۇڭ رەھبەرلىكىدىكى ئىككى چوڭ تارماق بولۇپ شەكىللەندى. 1638- يىلى مىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنى قورشاپ يوقىتىش ئۈچۈن زور قوشۇننى ئىشقا سالدى. لى زىچېڭ تۇگگۈەن ناھىسىدىكى ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ، تاغ ئىچىگە يۇشۇرنۇۋالدى. جاڭ شيەنجۇڭمۇ بىر مەھەل يۇشۇرۇنۇپ يۈردى. كېيىنكى يىلى جاڭ شيەنجۇڭ قوزغىلاڭ تۇغىنى يېڭۋاشتىن كۆتۈرۈپ چىقىپ، غەربكە اتلىنىپ سىچۋەنگە باردى. ئارقىدىنلا لى زىچېڭمۇ سىچۈەندىن قورشاۋنى بۆسۈپ چىقىپ، خېنەنگە كىرىپ، «يەرلەرنى تەڭ تەقسىملەپ بېرىش، باجنى كۆتۈرۈۋېتىش» شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويدى. قەھەتچىلىكتە قالغان كەڭ خەلق بەس-بەستە لى زىچېڭدىن پاناھلىق تىلەپ كېلىپ قوشۇلدى. 1641- يىلى لى زىچېڭ لوياڭ شەھىرىنى ئېلىپ، نەپسى يامان زوراۋان فۇۋاڭنى ئۆلتۈردى. قوشۇن ئۇلغىيىپ، ئادەم سانى نەچچە مىليون كىشىگە يەتتى. ئىككى يىلدىن كېيىن لىي زىچېڭ پۈتۈن شەنشى رايۇنىنى كونتىرول قىلدى. شىئەندە ھاكىميەت قۇرۇپ، دۆلەت نامىنى داشۈن، يىل نامىنى يۇڭچاڭ دەپ ئاتىدى. 1644- يىلى لى زىچېڭ قوشۇنلىرىنى باشلاپ، شەنشىدىن چىقىپ، سەنشىدىن ئۆتۈپ، ئۇدۇللا بېيجىڭغا ھۇجۇم قىلدى ۋە 3- ئاينىڭ 19- كۈنى بېيجىڭغا بېسىپ كىردى. مىڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى چۇڭجېن مېيشەن تېغىدا ئۆلۈۋالدى. 300 يىلغا يېقىن دەۋر سۈرگەن مىڭ سۇلالىسى ئاخىر ئاغدۇرۇپ تاشلاندى. شۇ يىلى جاڭ شيەنجۇڭمۇ سىچۈەننى ئىشغال قىلدى، چىڭدۇدا دۆلەت قۇرۇپ، ئۆزى پادىشاھ بولۇپ، بۈيۈك غەربىي جۇڭگو ھاكىمىيىتىنى ئورناتتى. دېھقانلار قوزغىلىڭى غەلىبە قازانغاندىن كېيىن، قوزغىلاڭچىلاڭچىلارنىڭ باشلىقلىرى بىىەستىلىيك قىلىپ، دۈشمەننى سەل چاغلاپ قالدى. مىڭ سۇلالىسىنىڭ كونا سەردارى ۋۇسەنگۇي چىڭ سۇلالىسىنىڭ قوشۇنلىرىنى باشلاپ، قوۋۇققا بېسىپ كىردى. 1644- يىلى 4- ئاينىڭ 30- كۈنى لى زىچېڭ قوشۇنلىرى بېيجىڭدىن چېكىنىپ چىقتى. بىر يىلدىن كېيىن لى زىچېڭ خۇبېينىڭ توڭشەن ناھىيسىدىكى جيۇگۇڭشەن دېگەن جايدا يەرلىك قوراللىق كۈچلەرنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمىغا ئۇچراپ قازا قىلدى. 1646- يىلى 11- ئايداجاڭ شيەنجۇڭمۇ جەڭدە يېڭىلىپ قۇربان بولدى.
       مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرىدىكى دېھقانلار قوزغىلىڭى جوڭگۇ دېھقانلار ئۇرۇشى تارىخىدىكى مول مەزمۇنلۇق بىر ئابىدە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ قوزغىلاڭ فېئوداللىق يەر كمۈلۈكچىلىكى تۈزۈمىگە قارشى تۇرۇش شوئارىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، فېئودال پومېشىچىكلار سىنىپىغا قاقشاتقۇچ زەربە بەردى. فېئوداللىق ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنى بەلگىلىك دائىرە ۋە بەلگىلىك دەرىجىدە تەڭشەپ، ئىجتىمائىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت ھازىرلىدى.

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : 17- ئەسىر , مىڭ سۇلالىسى , جۇڭگو , _
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-8-23 19:45:58
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 125
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证