تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Ezize
    كوماندېر
    دەرىجىسى : 3
    جۇغلانما نۇمۇر : 12997
    aziza22@126.com

    يازما سانى : 60
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-7-21 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    30 يىللىق ئۇرۇش



     

    كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرا ياۋرۇپا قۇرۇقلۇقىدا
    ھاكىمىيەت تالىشىشى

     

    30 يىللىق ئۇرۇش

      

       بۇ ئۇرۇش ئەڭ دەسلەپتە گېرمانىيىدىكى كېنەزلەر ئوتتۇرىسىدىكى ۋە كېنەزلەر بىلەن پادىشاھ ئوتتۇرىسىدىكى فېئودال ئىچكى ئۇرۇش ئىدى. كېيىن بۇ ئۇرۇشقا غەربىي يارۋرۇپادىكى ۋە شىمالىي ياۋرۇپادىكى بەزى غوللۇق دۆلەتلەر ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئارىلىشىپ قالغاچقا، ياۋرۇپا بويىچە تۇنجى قېتىملىق زور كۆلەملىك دۇنياۋى ئۇرۇشقا ئۆزگىرىپ كەتتى. پۈتكۈل ئۇرۇش 30 يىل داۋاملاشقان بولغاچقا، تارىختا «30 يىللىق ئۇرۇش» دەپ ئاتالدى.
       گېرمانىيىدە دىنىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن مەملىكەت ئىچىدە يېڭى دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار بىلەن كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچىلاردىن ئىبارەت بىر-بىرگە دۈشمەن ئىككى چوڭ كېنەزلەر گۇرۇھى پەيدا بولدى.  ئىككى تەرەپ كۆرۈنۈشتە دىنى مەقسەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقاندەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ھەر ئىككى گۇرۇھ ئۆزى دەۋران سۈرۈش خىيالىدا ئىدى. بۇ ئىككى گۇرۇھ بىر-بىرىگە تىغمۇ تىغ قارشى تۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كېنەزلەر بىلەن پادىشاھ ئوتتۇرىسىدىمۇ ئېغىر توقۇنۇش مەۋجۇت ئىدى. ھالبۇكى، ياۋرۇپادىكى ھەر قايسى ئەللەرمۇ ئۆز مەنپەئەتلىرىنى نەزەردە تۇتۇپ، گېرمانىيىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قول تىققانىدى. بۇنىڭ بىلەن گېرمانىيىنىڭ ئىچكى-تاشقى زىددىيىتى تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كەتتى.
       1618- يىلى 5- ئاينىڭ 23- كۈنى چېخوسلوۋاكىيىنىڭ پراگا شەھىرىدە خەلق ھابۇسبورك سۇلالىسىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈردى. قوزغىلاڭچىلار شۇ جاينىڭ بۇزۇق ئادەملەرنى جازالاش ئادىتى بويىچە گېرمانىيە پادىشاھى ئەۋەتكەن ئىككى نەپەر ئەلچىنى دېرىزىدىن  تاشلىۋەتتى. ئارقىدىنلا چېخوسلوۋاكىيىدە ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇرۇپ، گېرمانىيە پادىشاھىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلدى. ئاندىن كېيىن چېخوسلوۋاكىيە پارلامېنتى يەنە كاتولىك دىنى ئىتتىپاقىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. قوشۇنچە چېخوسلوۋاكىيە پادىشاھى بولغان گېرمانىيە پادىشاھى فىددىناننى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، يېڭى دىن ئىتتىپاقىنىڭ باشلىقىنى پادىشاھلىققا كۆرسەتتى. بۇ ئىش بىلەن ئۇرۇش پارتىلىدى. ئۇرۇش جەريانىدا گېرمانىيىدىكى يېڭى دىنغا مەنسۈپ كېنەزلەر ۋە دانىيە، شىۋېتسىيە، فرنسىيىلەر بىر تەرەپ بولدى ھەمدە گوللاندىيە، ئەنگىلىيە ۋە روسىينىڭ ياردىمىگە ئېرىشتى؛ گېرمانيە پادىشاھى، كاتولىك دىنىغا مەنسۈپ ۋە ئىسپانىيە يەنە بىر تەرەپ بولدى ھەمدە پاپا ۋە پولشانىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى.
       1620- يىلى گېرمانىيە پادىشاھى كاتولىك دىنى ئىتتىپاقى قوشۇنلىرىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا چېخوسلوۋاكىيىنى يەڭدى. ئىسپانىيىمۇ پىخالتىسىنى ئىشغال قىلدى. 1625- يىلى فرانسىيە ۋە ئەنگىلىيىنىڭ ياردىمىدە دانىيە ئەسكەر چىقىرىپ، گېرمانىيە پادىشاھى ۋە كاتولىك دىنى ئىتتىپاقى قوشۇنلىرى بىلەن جەڭ قىلىپ، مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، 1629- يىلى لۇپك تىنچلىق شەرتنامىسىنى قوبۇل قىلىپ، گېرمانىيىنىڭ ئىشلىرىغا قايتا ئارىلاشماسلىق ھەققىدە كاپالەت بەردى. 1630 يىلى يازدا شىۋېتسىيە ئارمىيىسى پومېرانىيىنى ئىشغال قىلدى. ئارقىدىن ئۇدۇللا جەنۇبىي گېرمانىيىگە ئاتلىنىپ، 1932- يىلى كاتولىك دىنىي ئىتتىپاقى قوشۇنىنى يەڭدى. بىراق، 1634- يىلى يەنە گېرمانىيە پادىشاھى ۋە ئىسپانىيە قوشۇنى تەرىپىدىن يېڭىلدى. 1635- يىلى فرانسىيە قوشۇنلىرى كاتولىك دىنىي ئىتتىپاقىنىڭ قوشۇنلىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلدى. بۇ ئۇرۇشتا گېرمانىيە ئاساسىي جەڭ مەيدانى بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىسپانىيە، ئىتالىيە ۋە نېدېرلاندىيىدىمۇ جەڭگە كىرىشتى. 1643- يىلى فرانسىيە قوشۇنى ئىسپانىيە قوشۇنىنى يەڭدى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئېلزاسىنى ئىشغال قىلدى. 1645- يىلى شىۋېتسىيە قوشۇنلىرى كاتولىك دىنىي ئىتتىپاقىنىڭ قوشۇنلىرىنى ۋە گېرمانىيە پادىشاھىنىڭ قوشۇنلىرىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلدى. 1646- يىلى فرانسىيە-شىۋېتسىيە بىرلەشمە قوشۇنى باۋارىيىگە بېسىپ كىردى. يېڭىلگىنىگە كۆزى يېتىپ قالغان گېرمانىيە پادىشاھى فىدىنان سۈلھ قىلىشقا مەجبۇر بولدى. 1648- يىلى 10- ئايدا ۋېستىفالىيە تىنچلىق شەرتنامىسى تۈزۈلۈپ، ئۇرۇش ئاخىرلاشتى.
       30 يىللىق ئۇرۇش ياۋرۇپا ئەللىرىنىڭ تارىخى تەرەققىياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. ۋېسىتىفالىيە تىنچلىق شەرتنامىسىگە ئاساسەن، ھەر قايسى ئەللەر ئەمەلىي كۈچىگە قاراپ ياۋرۇپا زېمىنىنى يېڭىۋاشتىن بۆلۈشۈۋالدى. مۇشۇ ئاساستا يېقىنقى زامان ياۋرۇپاسىنىڭ خەلقئارا ئەندىزسى شەكىللەندى، «مىللەتنىڭ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ئەلا بولۇش» پىنسىپى ئورنىتىلىپ، ئوتتۇرا ئەسىردىن بۇيانقى «بىرلا پاپا، بىرلا پادىشاھ» ياۋرۇپاغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشتەك ۋەزىيەتكە خاتىمە بېرىلدى. گوللاندىيىنىڭ مۇستەقىللىقى رەسمىي ئېتراپ قىلىندى. شىۋېتسىيە شىمالىي ياۋرۇپادىكى كۈچلۈك دۆلەت بولۇپ قالدى. فرانسىيە ياۋرۇپانىڭ ھۆكۈمرانلىق تەختىگە چىقتى. ئىسپانىيە بولسا بىرىنچى كۈچلۈك دۆلەتلىك ئورنىدىن مەھرۇم بولدى. ئاساسىي جەڭ مەيدانى بولغان گېرمانىيىگە كەلسەك، بۇ دۆلەت چاكچېكىدىن پارچە-پارچە بولۇپ كەتكەن ۋەيرانە فېئودال دۆلەت پېتى قېلىۋەردى.

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : 30 يىللىق ئۇرۇش , گېرمانىيە , ياۋرۇپا , 1618-يىلىدىن 1648- يىلىغىچە , _
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-8-23 19:14:55
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 103
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证