تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Ezize
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 13037
    aziza22@126.com

    يازما سانى : 64
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-7-21 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    خوگېنۇ ئۇرۇشى



     

    سۈلھى بىلەن ئاخىرلاشقان دىنىي ماجىرا

     

    خوگېنۇ ئۇرۇشى

     

       خوگېنۇ ئۇرۇشى فرانسىيە دىنىي ئۇرۇشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ ئۇرۇش 16- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا فرانسىيە فېئودال ئاقسۆڭەكلەر گۇرۇھى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن سىياسىيغا دىنغا چېتىشلىق بىر مەيدان ئىچكى ئۇرۇش.

       16- ئەسىرنىڭ ئوتتورىلىرىدا كارۋىن دىنى فرانسىيىدە كەڭ تارقىلىپ، فرانسىيىنىڭ جەنۇبىي قىسىمىدا، غەربىي جەنۇپ قىسىمىدا نۇرغۇن كارۋىم دىنى مۇرتلىرى- خوگېنۇ مۇرتلىرى («خوگېنۇ» نېمىسچىدە «قەسەم بېرىپ بىرلەشكەن ئىتتىپاقداشلار» دېگەن مەنىدە، فرانسىيىدە بولسا كارۋىن دىنىغا ئېتقاد قىلىدىغان يېڭى مەزھەپنى كۆرسىتىدۇ) مەيدانغا كەلدى. خوگېنۇ مۇرتلىرى تەركىبىدە شەھەر پۇقرالىرى، دېھقانلار ۋە ئوتتۇرا، ئۇششاق پومېشىچىكلارلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئۆز نەپسى ئۈچۈن كاتولىك چېركاۋىنىڭ مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش غەرىزىدە بولغان فېئودال ئاڭسۆڭەكلەرمۇ بار ئىدى. بۇ ئاڭسۆڭەكلەر ئىتالىيە ئۇرۇشىدا فرانسىيە مەغلۇپ بولۇپ، پادىشاھنىڭ ھوقۇقى زەئىپلەشكەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، چېركاۋنىڭ مۈلىكىنى تارتىۋېلىپيەرلەرنى بۆلۈشۈۋېلىپ، ئەلنىڭ بېشى بولۇپ، پادىشاھ بىلەن ئۆزۈڭگە سوقۇشتۇرماقچى بولدى.  شۇنىڭ بىلەن خوگېنۇ مەزھىپىدىكى ئاڭسۆڭەكلەر، پادىشاھ ۋە كاتولىك دىنىدىكى ئاڭسۆڭەكلەر ئارا ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى تالىشىش كۈرىشى جەرياندا بىر-بىرىگە قارمۇ قارشى ئىككى لاگىر- شىمالدىكى ئېسىلزادىلەردىن جىس جەمەتى باشچىلىقىدىكى فرانسىيىنىڭ شەرقى شىمالىي قىسىمى ۋە ئوتتۇرا قىسىمىدىكى كاتولىك دىنىغا مەنسۈپ ئاقسۆڭەكلەر گورۇھى بىلەن جەنۇبتىكى ئېسىلزادىلەردىن بوربۇن جەمەتى باشچىلىقىدىكى خوگېنۇ مەزھىپىگە مەنسۈپ ئاقسۆڭەكلەر گۇرۇھى پەيدىنپەي شەكىللەندى.

       1562- يىلى 3- ئايدا كېنەز فرانسوۋا جىس مۇھاپىزەتچىلەر ئەتىرىتىنى باشلاپ ۋاسى بازىردىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، ئاشلىق ئىسكىلاتىدا ئىبادەت قىلىۋاتقان خوگېنۇ مۇرتلىرىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغانىدى. بۇ ۋەقە 30 يىل داۋاملاشقان خوگېنۇ ئۇرۇشىنىڭ پارتىلىغانلىقىنىڭ نامايەندىسى بولۇپ قالغان.

       ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە خوگېنۇ مۇرتلىرى كاتولىك مۇرتلىرى بىلەن ئۈچ قېتىم جەڭ قىلدى، ھۆكۈمەت كاتولىك مۇرتلىرى تەرەپتە تۇردى. ھەر ئىككى تەرەپ چەت ئەللەردىن ياردەم تىلىدى. ئەنگىلىيە بىلەن گېرمانىيىدىكى يېڭى دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان بەگلەر خوگېنۇ مۇرتلىرىنى قوللىدى. ئىسپانىيە بولسا كاتولىك مۇرتلىرىغا مەبلەغ ياردەم قىلدى. ئۇرۇشتا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ غەلىبە قىلغان چاغلىرىمۇ، مەغلۇپ بولغان چاغلىرىمۇ بولدى. 1570- يىلى 8- ئاينىڭ 8- كۈنى ھۆكۈمەت خوگېنۇ مۇرتلىرى بىلەن سانھىرمان تىنچىلىق شەرتنامىسى ئىمزالىدى. بۇ شەرتنامە بىلەن خوگېنۇ مۇرتلىرىنىڭ جەنۇب ۋە ئوتتۇرا قىسىمىدىكى كۈچى مۇستەھكەملەندى.

       بىراق، تىنچلىق شەرتنامىسى قارشىلىشىش ۋەزىيىتىنىڭ يەنىمۇ يامانلىشىشىنى توسۇپ قالالمىدى. 1572- يىلى 8- ئايدا خوگېنۇ مەزھىپىدىكى ئاڭسۆڭەكلەر خوگېنۇ مەزھىپىنىڭ داھىسى، ناۋاررانىڭ پادىشاھى ھېنرىنىڭ توي مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن پارىژغا توپلانغانىدى. 8- ئاينىڭ 24- كۈنى سەھەر ۋاقتى سائەت ئىككىدە تولۇق قوراللانغان پارىژدىكى كاتولىك مۇرتلىرى ۋالىدىخان كادرىن بىلەن كېنەز جىنىسنىڭ قۇماندانلىقىدا، تاتلىق ئۇخلاۋاتقان خوگېنۇ مۇرتلىرىنى پىلانلىق تۈردە قىرچاپ قىلىپ، 2000 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە خوگېنۇ مەزھىپىنىڭ مۇھىم كاتتىۋېشى، دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ سەركەردىسى كورنىمۇ بار ئىدى. بۇ قىرىنچىلىق ئارقىدىنلا باشقا ئۆلكىلەرگە يامرىدى. 8- ئاينىڭ 24- كۈنى ساينت پاتولومىئو بايرىمى بولغاچقا، تارىختا بۇ قېتىمقى قىرغىن «ساينت پاتولومىئو كېچىسى» دەپ ئاتالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش يەنە باشلاندى. ئىككى تەرەپنىڭ ئىككى قېتىملىق ئېلىشىشى نەتىجىسىدە جەنۇبتىكى خوگېنۇ مەزھىپى باستۇرۇۋېتىلمەيلا قالماستىن، ئەكسىچە جەڭ قىلغانچە قەيسەرلەشتى. 1573- يىلى جەنۇبتىكى شەھەرلەر فېدېراتىپ جۇمھۇرىيەت بولۇپ تەشكىللىنىپ، شىمالدىن ۋە مەركەزدىن بۆلۈنۈپ چىقتى. 1576- يىلى ھۆكۈمەت خوگېنۇ مەزھىپىدىكىلەر بىلەن خوگېنۇ مەزھىپىگە تېخىمۇ پايدىلىق بولغان بولىئوۋ تىنچىلىق شەرتنامىسىنى ئىمزالىدى. شىمالدىكى كاتولىك مۇرتلىرى بۇ شەرتنامىگە نارازى بولغاچقا جەنۇب بىلەن تىركىشىدىغان كاتولىك مۇرتلىرى بىرلەشمىسىنى رەسمىي قۇرۇپ چىقتى. ئىككى گۇرۇھنىڭ كۈرىشى تېخىمۇ كەسكىنلەشتى.

       بۇنىڭ بىلەن، ئىككى مەزھەپتىكى فېئوداللار ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن بىر-بىرىنى قىرغىن قىلىدىغان، ھەر بىر گۇرۇھ ئۆز ئالدىغا پادىشاھقا قارشى كۈرەش قىلىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى. 1585- يىلى فرانسىيە پادىشاھى ھېنرى Ⅲنىڭ ئېنىسى كېنەز ئانرۇ ئۆلگەندىن كېيىن ناۋاررادىكى ھېنرى تەخت ۋارىسى دەپ جاكارلاندى. پۇرسەتنىڭ قولدىن كېتىپ قالغانلىقىنى بىلگەن جىس جەمەتى رەھبەرلىكىدىكى كاتولىك مۇرتلىرى بىرلەشمىسى پادىشاھ ھاكىمىيىتى بىلەن ئادا-جۇدا بولۇپ، فرانسىيە پادىشاھى ھېنرى Ⅲنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشنى پائال تۈردە پىلانلىدى. 1588 يىلى 5- ئايدا ھېنرى 3- پارىفدىن قېچىپ چىقتى. 12- ئايدا ئادەم ئەۋەتىپ، كېنەز جېسنىڭ ئوغلى ھېنرى جېېنى ۋە ئىنىسىنى ئۆلتۈرگۈزۈۋەتتى. ئىككىنچى يىلى ھېنرى Ⅲۋە خوگېنۇ مەزھىپىنىڭ داھىسى داۋاررادىكى ھېنرىلار ئۆز ئالدىغا لەشكەر تارتىپ، پارىژغا قاراپ ئىلگىرىلىدى. 8- ئايدا ھېنرى Ⅲكاتولىك مۇرتلىرى بىرلەشمىسى ئەۋەتكەن تېرورچى قاتىل تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. ناۋاررادىكى ھېنرى فرانسىيىنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ھېنرى Ⅳدەپ ئاتالدى. شۇنىڭ بىلەن بوربون سۇلالىسى ۋالويە سۇلالىسىنىڭ فرانسىيىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئورنىنى ئالدى. فرانسىيە كاتولىك مۇرتلىرى بىلەن پارىژ ئاڭسۆڭەكلىرى بىر خوگېنۇ مۇرتلىرىنىڭ پادىشاھ بولۇشىنى ئېتراپ قىلىشنى خالىمايتتى. شۇڭا كاتولىك مەزھىپى بىلەن خوگېنۇ مەزھىپى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش داۋاملىشىۋەردى. ھېنرى Ⅳقىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلۇش، شىمالدىكى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ۋە بۇرژۇئازلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىش قاراىغا كەلدى ۋە 1593- يىلى 7- ئاينىڭ 23- كۈنى ساينت دېننى چېركاۋىدا رەسمىي كاتولىك دىنىغا كىرىپ، يېڭى دىن ئىتقادىدىن ۋاز كەچتى. 1594- يىلى 3- ئايدا پايتەختكە كىرىپ، پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىيۈزلۈك ئېتراپ قىلغان پادىشاھ بولۇپ قالدى، ئىچكى ئۇرۇشمۇ توختىدى.

       ھېنرى Ⅳئۇرۇش داۋامىدا زەربىگە ئۇچرىغان كاتولىك مۇخلىسلىرىغا تەسەللىي بېرىش، خوگېنۇ مۇرتلىرىنىڭ غەزىپىنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن 1598- يىلى 4- ئاينىڭ 13- كۈنى نانت پەرمانىنى ئېلان قىلىپ، كاتولىك دىنىنىڭ دۆلەت دىنى ئىكەنلىكىنى، بۇرۇن مۇسادىرە قىلىنغان يەر زىمىن، مال-مۈلۈكلەرنىڭ كاتولىك چېركاۋىغا قايتۇرۇپ بىرىلىدىغانلىقىنى؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خوگېنۇ مۇرتلىرىنىڭمۇ دىنى ئېتىقاد ۋە چوقۇنۇش ئەركىنلىكىگە، ئۆزلىرىنىڭ دىنى يىغىنلىرىنى ئېچىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكى؛ دۆلەت خىزمىتىنى ئۆتەش جەھەتتە كاتولىك مۇرتلىرى بىلەن باراۋەر ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقى جاكارلاندى. شۇنداق قىلىپ، نانت پەرمانى كاتولىك مەزھىپى بىلەن خوگېنۇ مەزھىپى سۈلھىسىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ قالدى. بۇ غەربىي ياۋرۇپادا يات دىندىكىلەرگە كەڭچىلىك قىلىشنىڭ تۇنجى نەمۇنىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : فرانسىيە دىنىي ئۇرۇشى , ئەنگىلىيە , فرانسىيە , كاتولىك دىنى , _
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-8-23 15:29:25
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 55
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证