تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Ezize
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 13037
    aziza22@126.com

    يازما سانى : 64
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-7-21 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    لىۋونىيە ئۇرۇشى



     

    دېڭىز پورتى ئۈچۈن

     

    لىۋونىيە ئۇرۇشى

     

       بۇ روسىيىنىڭ بالتىق دېڭىزىدىكى دېڭىز پورتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن لىۋونىيە رىتسارلار پولكى ۋە شىۋىتسىيە، پولشا، لېتۋا، دانىيىلەرگە قارشى ئېلىپ بارغان ئۇرۇش.

       1547- يىلى ئىۋان Ⅳ «چار پادىشاھ» تاجىنى كىيگەندىن كېيىن كېڭەيمىچىلىك تىغ ئۇچىنى غەربكە قارىتىپ، دېڭىز پورتلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش غەرىزىدە بالتىق دېڭىزىنىڭ بويىدىكى رايۇنلارنى ئىشغال قىلىشقا ئۇرۇندى. ھالبۇكى، بالتىق دېڭىزىنى كونترول قىلماقچى بولىدىكەن، ئاۋۋال ئىستراتېگىيىلىك ئورنى مۇھىم بولغان لىۋونىيىنى ئىشغال قىلىشنى شەرت قىلدى. 13- ئەسىردىن بۇيان بۇ رايۇننى گېرمانىيە تېۋتون رىتسارلار پولكىنىڭ تارمىقى بولغان لىۋونىيە رىتسارلار (شەمشەرلىك رىتسارلار پولكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) بۆلىۋالغانىدى. 16- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا دىنى ئىسلاھات ھەركىتى قوزغالغانىدىن كېيىن رىتسارلار پولكى كۈنسايىن ئاجىزلاشتى.

       1558- يىلى 1- ئايدا ئىۋانⅣ لىۋونىيە رىتسارلار پولكى لىتۋا بىلەن بىرلىشىپ روسىيىگە قارشى تۇردى دېگەن باھانىدە لىۋونىيىگە قوشۇنلىرىنى كىرگۈزدى-دە، ئۇرۇشنىڭ بىرىنچى باسقۇچى باشلىنىپ كەتتى. روسىيە قوشۇنى ئىستونىيىنىڭ شەرقىي قىسىمىنى ئىشغال قىلدى ھەمدە ئېپىسكوپقا بېرىلگەن رىگا رايۇنىنى قورشاۋغا ئالدى. ئىككىنچى يىلى روسىيە بىلەن لىۋونىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى تۈزۈشتى. بىراق، لىۋونىيە يەنە دەرھاللا پولشا پادىشاھى، قوشۇنچە لىتۋا، كېنەزى سىگىسمان 2- بىلەن ئەھدىلىشىپ، ئۇنىڭ قوغدىشىنى قوبۇل قىلدى. 1560- يىلى ئۇرۇش يېڭىۋاشتىن قوزغىلىپ، ئىككىنچى باسقۇچقا كىردى. روسىيە قوشۇنى شۇ يىلى 1- ئايدا مالىنبورگ قەلئەسىنى ئىشغال قىلدى، 8- ئايدا مۇھىم بازار ۋىليانكىنى ئىشغال قىلىپ، رىتسارلار پولكىنىڭ كوماندىرى ۋولستېنبېرگنى ئەسىر ئالدى. بۇنىڭ بىلەن لىۋوپنىيە رىتسارلار پولكى چىمرىپ تاشلاندى. روسىيىنىڭ غەلىبىسى بالتىق دېڭىزى بويىدىكى ئەللەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە بىۋاستە تەھدىت سالدى. شۇڭا، شىۋىتسىيە، پولشا، لىتۋا، ۋە دانىيىلەر بىرلىشىپ ئارىلىشىش تەدبىرىنى قوللاندى. بۇنداق ئەھۋالدا روسىيە ياۋرۇپادىكى بىر قانچە كۈچلۈك دۆلەتلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا مەجبۇر بولدى-دە، ئۇرۇش ئۈچىنچى باسقۇچقا قەدەم قويدى. 1562- يىلى روسىيە قوشۇنى لىتۋاغا ھۇجۇم قىلىپ، كېيىنكى يىلى پولوتسكى شەھىرىنى ئىشغال قىلدى ۋە پايتەختى ۋىلنىيۇسقا تەھدىت سالدى. ۋەھالەنكى، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇرۇش ۋەزىيىتىدە جىددىي ئۆزگرىش يۈز بېرىپ، روسىيە قوشۇنلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئۇدا مەغلۇبىيەتكە دۇچار بولدى. 1579- يىلى پولشا قوشۇنى پولوتىسكىنى تارتىۋالدى. كېيىنكى يىلى يەنە پىسكوۋنى قورشىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە شىۋىتسىيە يەنە شىمالدا ھۇجۇم قوزغىدى. پايدىسىز ۋەزىيەتتە قالغان روسىيە 1582- يىلى پولشا بىلەن 10 يىل ئۇرۇش توختىتش كېلىشىمى تۈزۈشكە مەجبۇر بولۇپ، بېسىۋالغان زېمىنلىرىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولدى. لىۋونىيە ئۇېرۇشى شۇنداق قىلىپ روسىيىنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاخىرلاشتى.

       بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا روسىيە «قارنى ياماننىڭ قازىنى تۆشۈك» دېگەندەك لىۋونىيىنى قولغا كىرگۈزۈۋالالمايلا قالماستىن، ئەكسىچە بىر قىسىم زېمىنىنى پولشا، لىتۋا ۋە شىۋىتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە بۆلۈپ بېرىشكە مەجبۇر بولدى. لىۋونىيىنى پولشا بىلەن شىۋىتسىيە بۆلۈشۈۋالدى. روسىيىنىڭ بالتىق دېڭىزىدىكى دېڭىز پورتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئارزۇسى 18- ئەسىردىكى شىمال ئۇرۇشى جەريانىدىلا ئەمەلگە ئاشتى.



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : 1547- يىلى , روسىيە , پولشا , شىۋىتسىيە , _
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-8-22 20:16:19
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 117
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证