تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› ئاتالغۇلارغا ئىزاھ ›› تارىخ ›› گېرمانىيە دېھقانلار ئۇرۇشى
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Ezize
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 13037
    aziza22@126.com

    يازما سانى : 64
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-7-21 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    گېرمانىيە دېھقانلار ئۇرۇشى



     

    ياۋرۇپادا فېئوداللىققا قارشى ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى

    قېتىملىق ھەل قىلغۇچ جەڭ

     

    گېرمانىيە دېھقانلار ئۇرۇشى

     

       گېرمانىيە دېھقانلار ئۇرۇشى غەربىي ياۋرۇپادا فېئوداللىققا قارشى ئوتتۇرا ئەسىردە كۆتۈرۈلگەن كۆلىمى ئەڭ زور بىر قېتىملىق دېھقانلار قوزغىلىڭى بولۇپ، ئۇ گېرمانىيە دىنى ئىسلاھات ھەرىكىتى تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر مەھسۇلى.

       16- ئەسىردە گېرمانىيە سودا-سانائەت ئىقتىسادىي تېز سۈرئەتتە راۋاجلىنىپ، كاپىتالىزىم ئامىللىرى كۈنسايىن ئۇلغايدى. بىراق، بۇ چاغدا گېرمانىيە سىياسىي جەھەتتە ئېغىر دەرىجىدە بۆلۈنمە ھالەتتە تۇرۇۋاتاتتى. دىنپەرەس فېئوداللار دېھقانلارغا قاراتقان ئېكىسپالاتاسىيىسىنى جېنىنىڭ بارىچە كۈچەيتتى. كەڭ دېھقانلارنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان شەھەر پۇقرالىرى ۋە ئەمدىلەتىن شەكىللىنىۋاتقان بۇرژۇئازىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ خەلق ئاممىسى بىلەن دىنپەرەس فېئوداللار ئوتتۇرىسىدىكى  زىدىيەت كۈنسايىن كەسكىنلەشتى. گېرمانىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى دېھقانلار ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «چورۇقلۇقلار جەمئىيتى» (بۇ تەشكىلاتنىڭ توغىغا ئۇزۇن يىپلىق دېھقانچە چورۇقنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇزۇن قونچىلىق ئۆتۈك كىيىدىغان ئاڭسۆڭەكلەر بىلەن قارشىلىشىدىغانلىقى ئىپادىلەنگەن) ۋە «كەمبەغەل كانلارد» قاتارلىق مەخپى جەمئىيەتلەرنى تەشكىللەپ، فېئودالىزىمغا قارشى كۈرەش قىلماقتا ئىدى. 1517- يىلى ئىسلامىيەت ئىلىمى بويىچە فرانسوز مارتىن لۇتېر ئېلان قىلغان «توقسان بەش ماددىلىق پروگرامما» نى مىزان قىلغان گېرمانىيە دىنى ئىسلاھات ھەركىتى ھەر قايسى جايلاردا كەڭ قانات يېيىپ كەتتى. چېركاۋغا قارشى كۈرەشكە قاتناشقان جەمئىيەتنىڭ تۈرلۈك قاتلاملىرى ئوتتورىسىدىكى ئىختىلاپ بۇ ھەرىكەتنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ كۈنسايىن روشەنلەشتى. كەڭ دېھقانلار ۋە شەھەر كەمبەغەللىرى ئەسلىدىكى ئىجتىمائىي تۈزۈمنى ئۆزگەرتىپ، باراۋەرلىك ۋە ھۆرلۈكنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. لۇتېر ۋەكىللىكىدىكى گېرمانىيە بۇرژۇئازىيە سىنىپى بولسا ئۆز ئاجىزلىقىنى زاھىر قىلدى. شۇنىڭ بىلەن دېھقانلار ۋە ئاددىي پۇقرالارنىڭ مەشھۇر داھىيسى توماس مىسسېل رەھبەرلىكىدىكى ھەيۋەتلىك گېرمانىيە دېھقانلار ئۇرۇشى پارتىلىدى.

       بۇ قېتىمقى دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ مۇقەددىمىسى 1524- يىل 8- ئاينىڭ 24- كۈنى شىۋابىيە رايۇنىدا كۆتۈرۈلگەن دېھقانلار قوزغىلىڭى بىلەن باشلاندى. قوزغىلاڭچىلار مىسسىل ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىدە كۈرەش پروگراممىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھاكىمىيەتنى ئاددىي پۇقرالارنىڭ ئىگىلىشىنى تەلەپ قىلدى. قوزغىلاڭ شىۋابىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىنى قاپلىدى، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى ئۇلغىيىپ 40، 50 مىڭ كىشىگە يەتتى. بىراق، ئۇلارنىڭ كۈرەش ئىرادىسى قەتئىي، ھەرىكىتى بىردەك بولمىغانلىقى تۈپەيلىدىن، بىر-بىرلەپ مەغلۇپ بولدى. 1525- يىلى 3- ئاينىڭ ئاخىرى فرانكونىيە رايۇنىدا پارتىلىغان دېھقانلار قوزغىلىڭى كۆلىمى ئەڭ زور، كۈرەش ئەڭ كەسكىن بولغان بىر قوزغىلاڭ بولدى. بىراق، قوزغىلاڭچىلارنىڭ تەركىبىمۇ ئەڭ مۇرەككەپ ئىدى. بۇ رايۇندىكى شەھەر پۇقرالىرى دېھقانلارنىڭ كۈرىشىنى پائال تۈردە قوللىدى. ئەمما بەزى شەھەر ئوتتۇرا بۇرژۇئازىلىرى ۋە رېتسارلار دېھقانلار ھەرىكىتىدىن پايدىلىنىپ ئۆز مەقسىتىگە يېتىشنى كۆزلىگەنىدى. قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى نەچچە يۈز قەلئە ۋە ئىبادەتخانىنى ئىشغال قىلدى. 1525- يىلى 5- ئايدا قوزغىلاڭچىلار ھېيلبوروندا «ھېلبورون پروگراممىسى» نى ماقۇللىدى. بۇ پروگراممىدا ئاساسەن شەھەر ئاھالىسىنىڭ ۋە رتىسارلارنىڭ مەنپەئەتى گەۋدىلەندۈرۈلگەنىدى. شىۋابىيە قوزغىلىڭىنى باستۇرغان جاللات ترۇخزس بۇ چاغدا بۇ يەرگىمۇ قوشۇن باشلاپ جازا يۈرۈشى قىلىپ، تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش ۋاستىسىنى قوللىنىپ، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىغا ھۇجۇم قىلدى. قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىدىكى بەزى سەركەردىلەر بولسا يۈز ئۆرۈپ تەسلىم بولدى. شۇنىڭ بىلەن 7- ئاينىڭ ئاخىرىدا ھەر قايسى يول قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى ئىلگىرى-كېيىن مەغلۇپ بولدى.

       ساكسونىيە ۋە تىيۇرىنگىيە رايۇنىدىكى دېھقانلار قوزغىلىڭى ئەڭ قەتئىي بولدى. 1525-يىلى 3- ئايدا مىسېر رەھبەرلىكىدىكى مىيۇلىغا ئۇزېن شەھىرىدىكى ئىشلەمچىلەر، كەمبەغەل دېھقانلار ۋە كان ئىشچىلىرى شەھەر ئاڭسۆڭەكلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئىنقىلابىي ھاكىمىيەت «مەڭگۈلۈك مەجلىس» نى قۇردى. مەزكۇر رايۇندا دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ تۇشمۇ تۇشتىن كۆتۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ، پۈتكۈل گېرمانىيە دېھقانلار ئۇرۇشى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى. ئالاقىزادە بولغان فېئودال بەگلەر 4- ئاينىڭ ئاخىرىدىلا ئاران تەستە بىر قوشۇن تەشكىللەپ، ميولخا ئۇزىنىغا ھۇجۇم قىلدى. مىنسېل 8000 كىشىلىك پىدائىيلار قوشۇنى تەشكىللەپ، جەڭگە ئاتلاندى. 1525- يىلى 5- ئاينىڭ 16- كۈنى پىدائىيلار قوشۇنى فرانكېن ئۇزېندا كېنەز قوشۇنى بىلەن ھەل قىلغۇچ جەڭگە كىرىشتى. قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنىڭ قورال-ياراغلىرى ۋە ھەربىي مەشىقى يېتەرلىك بولمىغانلىقى ئۈچۈن، دۈشمەن تەرىپىدىن تارمار قىلىندى. 5000 دىن ئارتۇق جەڭچى قۇربان بولدى. مىنسېلمۇ يارىدارلىنىپ، ئەسىرگە چۈشۈپ، كېيىن قۇربان بولدى. 5- ئاينىڭ 25- كۈنى دۈشمەن قوشۇنى ميۇلخا ئۇزېننى ئىشغال قىلدى، دېھقانلار ئۇرۇشى ئاساسى جەھەتتىن ئاخىرلاشتى.

       بۇ ئۇلۇغ دېھقانلار ئۇرۇشى فېئودالىزىم تۈزۈمىگە زەربە بېرىپ، كاتولىك چېركاۋىنىڭ گېرمانىيىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى تەۋرىتىپ قويدى. ئۇ گېرمانيە تارىخدىكى مۇھىم بىر سەھىپە بولۇش سۈپىتى بىلەن گېرمانىيىنىڭ شۇنداقلا ياۋرۇپانىڭ تارىخى تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسەتتى. ئېنگېلس مەخسۇس بۇ ئۇرۇش توغرىسىدا يازغان «گېرمانىيە دېھقانلار ئۇرۇشى» دېگەن كىتابىدا، بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابىنىڭ خاراكتېرىنى ئالغان بۇ قېتىمقى دېھقانلار ئۇرۇشى ياۋرۇپا بۇرژۇئازىيىسىنىڭ فېئودالىزىم تۈزۈمىگە قارشى ئۇلۇغ كۈرىشى بويىچە بىرىنچى قېتىملىق ھەل قىلغۇچ جەڭ بولدى، دەپ كۆرسەتكەن. 



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : دېھقانلار قوزغىلىڭى , بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابى , نيۇ-يورك , ساكسونىيە , _
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-8-22 16:23:45
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 98
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证