تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Ezize
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 13098
    aziza22@126.com

    يازما سانى : 69
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-7-21 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    سىنگىلەر قوزغىلىڭى



     

    ئەرەب ئىمپېريىسىدىكى نېگىر قۇللار قوزغىلىڭى

     

    سىنگىلەر قوزغىلىڭى

     

       سىنگىلەر قوزغىلىڭى بولسا 9- ئەسىردە ئېراقتىكى نېگىر قۇللارنىڭ ئەرەب ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئېلىپ بارغان قوزغىلاڭدۇر. قوزغىلاڭ كۆتۈرگۈچىلەر، ئاساسەن ئەرەب قۇلدارلار شەرقىي ئافرىقىنىڭ زانزىبار ئارىلىدىكى قۇل بازىرىدىن سېتىۋېلىپ ئەكەلگەن ئافرىقىلىق زەڭگى قۇللار بولۇپ، ئەرەبلەر بۇ ئارالنى ئاز- سىنگى دەپ ئاتايدۇ. شۇڭا بۇ نېگىر قۇللار سىنگىلەر دەپ ئاتىلىدۇ. سىنگىلەر قوزغىلىڭى دېگەن ناممۇ شۇنىڭدىن كەلگەن.

       شۇ زاماندا ئىراقنىڭ بەسىرە رايۇنىغا زور بىر تۈركۈم زەڭگى قۇللار توپلانغان بولۇپ، ئۇلار سازلىقنىڭ شورلۇق توپىسىنى تازىلاشتەك ئېغىر ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىناتتى، ئۈستىۋىشىنى ياپقۇدەك كىيىم كىيەلمەيتتى، قورسىقى تويغۇدەك تاماق يېيەلمەيتتى، تۇرمۇشى ئىنتايىن مۇشەققەتچىلىكتە ئۆتەتتى. بۇ چاغدا ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ خەلىپىسى تولا ئالمىشىپ كەتكەچكە، جايلاردا كۆتۈرۈلگەن دىنى قوزغىلاڭ ۋە ھەربىي توپىلاڭنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىگەنلىكتىن ئىمپېرىيە ھاكىمىيىتى كۈنسايىن ئاجىزلاشتى.

       سىنگىل قوزغىلىڭى 869- يىلى 3- ئايدا پارتىلىدى. قوزغىلاڭ رەھبىرى ئەلى ئىبنى مۇھەممەد ئىسىملىك ئەرەب بولۇپ، ئۇ ئۆزىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ كۈيئوغلى ھەزرىتى ئەلنىڭ پۇشتى دەپ ئاتاپ، كىشىلەرنى زوراۋان خەلىپىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، جىمى ئادەم بابباراۋەر بولىدىغان جەمئىيەتنى بەرپا قىلىشقا چاقىردى. ئەتراپتىكى قاچقۇن قۇللار، نېگىر لەشكەر، دېھقان بەدەۋىلەر ئەرەب  چارۋىچىلار بەس-بەس بىلەن كېلىپ قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىغا قوشۇلدى. بۇنىڭ بىلەن قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى ناھايىتى تېزلا كۆپىيىپ، ئادەم سانى 120 مىڭ كىشىگە يەتتى. قوزغىلاڭچىلار بىر يىلدىن كېيىن، بەسىرە شەھىرىنى ئالدى، ئەلمۇختار شەھىرىدە مۇستەھكەم بارىگاھ قۇرۇپ، باستۇرۇشقا كەلگەن خەلىپە قوشۇنلىرىنى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلدى. قوزغىلاڭچىلار ئۇزۇن ئۆتمەي چىئاۋاشنى ئىشغال قىلىپ، مىسسوپۇتامىيىنىڭ جەنۇبىي رايۇنلىرىنى كونتىرول قىلىپ، ئىمپېريىنىڭ يۈرىكى باغداتقا بىۋاستە تەھدىت سالدى. خەلىپە قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنى قورشاپ يوقىتىش ئۈچۈن، ھاپىلا-شاپىلا كۈچلۈك قوشۇن ئەۋەتتى. بىراق، خەلىپىنىڭ چەۋەندازلىرىنىڭ سازلىقتا جەڭ قىلىشى ئەپسىز ئىدى، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى بولسا ئېرىق-ئۆستەڭ ۋە كۆلچەك قاتارلىق ئۆزلىرىگە پايدىلىق يەر شارائىتىدىن پايدىلىنىپ، خەلىپىنىڭ قوشۇنىغا ئۇشتۇمتۇت زەربە بېرىپ، ئۇلارنى ئارقا-ئارقىدىن مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتتى. خەلىپە ئالداپ تەسلىم قىلىش ۋە سېتىۋېلىش نەيرەڭۋازلىقىنى ئىشقا سېلىپمۇ مەقسىتىگە يېتەلمىدى. ھالبۇكى قوزغىلاڭ ۋەزىيىتىنىڭ غەلبىگە قاراپ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، زەڭگى قۇللارنىڭ نادانلىقىمۇ بارغانسېرى ئاشكارىلاندى. قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن زەڭگى قۇللار ئۆزلىرى ھۆرلۈككە ئېرىشتىيۇ، باشقا قۇللارنى ئازاد قىلىۋەتمىدى. ئەكسىچە، ئەسىرگە چۈشكەن ئاقسۆڭەك ئاياللارنى، ھەتتا بەزى ئاۋام ئاياللارنى ۋە بالىلارنى قۇل قىلىپ، ھەر بىر زەڭگى قۇلغا ئوندىن تەقسىملەپ بەردى. ئەلى ئىبنى مۇھەممەد ئەرەب ئىمپېريىسى شەكلىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئۆزىنى خەلىپە دەپ جاكارلىدى. ئەنە شۇنداق ئىشلار تۈپەيلىدىن بىرمۇنچە دېھقانلار، چارۋىچىلار ئۈمۈدسىزلىنىپ، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىدىن چىقىپ كەتتى. نەتىجىدە قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى يېتىم ھالغا چۈشۈپ قالدى. قوزغىلاڭچىلارنىڭ رەھبەرلىك گۇرۇھى ئىچىدىمۇ ھەسەتخورلۇق ۋە بۆلۈنۈش خاھىشلىرى كۆرۈلۈپ، رەھبەرلىك كۈچى ئېغىر دەرىجىدە ئاجىزلىدى. خەلىپە ئىچكى دەريا فلوتىنى ۋە يەرلىك فېئودال قوراللىق كۈچلەرنى ئىشقا سېلىپ، قوزغىلاڭچىلار لاگېرىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلدى. قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى ئاخىر 883- يىلى مەغلۇپ بولدى، ئەلى ئۆلۈۋالدى. 14 يىل داۋاملاشقان زەڭگى قۇللار قوزغىلىڭى خەلىپە تەرىپىدىن باستۇرۇۋېتىلدى.

       سىنگىلەر قوزغىلىڭى ئەرەب ئىمپېريىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ، ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ ھالاكىتىنى تېزلەتتى. بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭشۇ ۋاقىتتىكى ئىقتىسادىي تۇرمۇقشتا قۇللار ئەمگىكىنىڭ ئوينايدىغان رولىنىمۇ پەيدىنپەي زاۋالىققا يۈزلەندۈردى. 9- 10- ئەسىردىن ئېتىبارەن پومىشىچېكلار زور بىر تۈركۈم قۇللارنى يەرگە باغلىۋالدى، ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇلارنى فېئودال بېقىندى دېھقانلارغا ئايلاندۇردى.



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : 9- ئەسىر , قۇللار قوزغىلىڭى , ئەرەب ئىمپېريىسى , ئەلى ئىبنى مۇھەممەد , _
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-8-19 20:09:08
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 102
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证