تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Ezize
    كوماندېر
    دەرىجىسى : 3
    جۇغلانما نۇمۇر : 12997
    aziza22@126.com

    يازما سانى : 60
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-7-21 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    گوتلار ئۇرۇشى



     

    رىم ئىمپېريسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

    يولىدىكى تىرىشچانلىق

     

    گوتلار ئۇرۇشى

     

       گوتلار ئۇرۇشى 6- ئەسىردە ۋىزانتىيە ئىمپېريىسى ئىتالىيىدىكى گوت پادىشاھلىقىنى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن قوزغىغان ئۇرۇش.

       غەربىي رىم ئىمپېريىسى ھالاك بولغاندىن كېيىن شەرقىي گوتلارنىڭ سەردارى دىئودولىك راۋاننانى مەركەز قىلىپ گوت پادىشاھلىقىنى قۇردى. بۇ پادىشاھلىقنىڭ زېمىنى ئاپىننىن يېرىم ئارىلى ۋە ۋە سېتسىلىيە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. شەرقى گوتلار ئىتالىيىنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىق قاتلىمى رىم ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ قالدۇق كۈچلىرى بىلەن يېقىنلىشىشقا كۈچىنىڭ بارىچە تىرىشتى. دۆلەتنىڭ ئەدلىيە، مەمۇرىي ئاپپاراتلىرىنى تەسىس قىلىشتا رىمنىڭ كونا تۈزۈمگە ۋارىسلىق قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ياخشى تەربىيە ئالغان نۇرغۇن رىم ئاقسۆڭەكلىرىنى قوبۇل قىلىپ، مۇھىم ۋەزىپىلەرگە قويدى. «رىمپەرەسلەر» نىڭ رىم ئاقسۆڭەكلىرى بىلەن بىرلىشىپ كېتىش سىياسىتىى رىم مەدەنىيتىنىڭ تەسىرىگە نىسبەتەن ئاز ئۇچرىغان شەرقى گوت ھەربىي ئاقسھۆڭەكلىرى بولغان «كونا گوت تەرەپدارلىرىنىڭ» نارازىلىقىنى كۈنسايىن ئۇلغايتتى. 534- يىلى گوتلارنىڭ رىمپەرەس داھىيسى ئاللاماسۇنتا خانىش ئىتالىيىنى شەرقى رىمغا (ۋىزانتىيە ئىمپېريىسىگە) قايتۇرۇپ بېرىشىغانلىقىنى ئاستىرتىن پۇرۇتۇپ قويدى. پادىشاھ دىئودوت كونا گوت تەرەتدارلىرىنىڭ قۇتىتىشى بىلەن ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. بۇ ئىش دەل پۈتۈن ئوي-خىيالى كونا رىم ئىمپېريىسىنى تىرىلدۈرۈشتە قالغان ۋىزانتىيە پادىشاھى چاشتىننىڭ شەرقى گوتقا ئەسكەر چىقىرىپ جازا يۈرۈشى قىلىشىغا باھانە بولۇپ بەردى. ئىتالىيىنى بويسۇندۇرۇش چاشتىننىڭ كونا رىم ئىمېريىسىنى تىرىلدۈرۈشكە ئۇرۇنۇش پائالىيەتلىرىنىڭ مۇھىم بىر ھالقىسى ئىدى.

       535- يىلى چاشتىننى يېڭىلا مۇنقەرز بولغان شىمالىي ئافرىقىدىكى ۋاڭدار پادىشاھلىقىنىڭ كۈچلۈك سەردارى باللىسانلىئونى لەشكەر تارتىپ شىمالغا ئاتلىنىشقا بۇيرۇدى. باللىسانلىئو 8000 نەپەر سەركەردە-لەشكەرنى باشلاپ سېتسىلىيە ئارىلىدا قۇرۇقلۇققا چىقتى، بۇ يەرنى ساقلاپ تۇرۇۋاتقان شەرقى گوت قوشۇنلىرى تۈزۈككىنە قارشىلىق كۆرسەتمەيلا قورال تاشلاپ تەسلىم بولدى. ئىككىنچى يىلى 6- ئايدا باللىسانلىئو ئىتالىيىگە بېسىپ كىرگەندە، شەرقى گوت پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى دىئودوت ۋىزانتىيە قوشۇنلىرىنىڭ ھۇجۇمى ئالدىدا ئالاقىزادە بولۇپ، تەمتىرەپ قالدى، ھەتتا تەسلىم بولۇش توغرىسىدا دۈشمىنى بىلەن مەخپى كېڭەشتى: نېئاپول شەھىرى قولدىن كەتكەندىن كېيىن، شەرقى گوتلار دىئودوتنى پادىشاھلىقتىن ئېلىپ تاشلاپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىپ، ئەسكەرلىكتىن كېلىپ چىققان ۋېتچوسنى پادىشاھلىققا كۆرسەتتى. ۋېتچوسنىڭ دۈشمەنگە قارشىلىق كۆرسىتىش ئىرادىسى كۈچلۈك بولسىمۇ، توغرا ئىستىراتېگىيە ۋە تاكتىكا قوللىنالمىغاچقا، ئۇزاققا بارمايلا رىم قولدىن كېتىپ قالدى. ۋېتچوس 150 مىڭ كىشىلىك قوشۇن دەپ ئاتالغان شەرقى گوت قوشۇنىغا قۇماندانلىق قىلىپ، ۋىزانتىيە قوشۇنى بېسىپ ياتقان رىم شەھىرىنى قورشاۋغا ئالدىيۇ، ئۇزۇنغىچە قولغا ئالالمىدى، ئەكسىچە ئېغىر زىيان تارتىپ، ئاخىر چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى. باللىسانلىئو گوت پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى راۋاننانى ئىشغال قىلدى. ۋېتچوس ئەسىر سۈپىتىدە كونستانتىپولغا يالاپ ئېلىپ بېرىلدى. شەرقىي گوتلار پو دەرياسىنىڭ شىمالىغا چېكىندى.

       بۇ چاغدا باللىسانلىئونىڭ ھاكىممۇتلەقلىق قىلىپ ئۆزىنى چوڭ تۇرۇۋېلىشىدىن ئەندىشە قىلىپ قالغان چاشتىننى 541- يىلى ئۇنى يېنىغا چاقىرتىۋېلىپ، خاس ھوقۇقلۇق مالىيە ئەلچىسى ئالېكساندېرنى راۋانناغا ئەۋەتتى. ئۇ كلۈچىنىڭ بارىچ ئىتالىيە ئاھالىسىنىڭ مال-دۇنياسىنى تال؛ان-تاراج قىلىپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. ۋېتچوسنىڭ جىيەنى، گوت پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھلىقىغا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن توتلا بۇ جاينىڭ يەر شارائىتىدىن پايدىلىنىپ، قوشۇننى باشلاپ جەنۇپقا ئاتلاندى ۋە ئارقا-ئارقىدىن غەلىبە قىلىپ، نېئاپولنى قايتۇرۇۋالدى ھەمدە رىم شەھىرىنى يىڭىۋاشتىن ئىشغال قىلىپ، ئىتالىيىنىڭ كۆپ قىسىم زېمىنى كونتىرول قىلدى. ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن غەلبىسېرى ئىلگىرىلەپ ۋە كېڭىيىپ ئۆز كۈچىنى سېتسىلىيە، ساردىنىيە ۋە كورسىكا ئاراللىرىغىچە يەتكۈزدى. چاشتىننى ئىتالىيىنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن ھەرەم ئاغىسى نارسېسىنى خىل قوراللانغان دېڭىز ئارمىيە فلوتىنى ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوشۇنىنى باشلاپ، ئادرىياتىك دېڭىزىغا ئەۋەتتى. ئۇنىڭ 20 مىڭ كىشىلىك زور قوشۇنى ئاپىننىن تاغ تىزمىسىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ئىتالىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى تادنادا ھەل قىلغۇچ غەلىبىگە ئېرىشىپ، توتىللا قۇماندانلىقىدىكى 150 مىڭ كىشىلىك شەرقى گوت قوشۇنلىرىنى ئۈزۈل-كېسىل مەغلۇپ قىلدى، توتىللا جەڭدە قازا قىلدى. 554- يىلى نارسېس سەركەردىسىز قالغان شەرقى گوتلارنىڭ قالدۇق كۈچلىرىنى يوقىتىپ، چاشتىننىڭ ئىتالىيىنى بويسۇندۇرۇش ئارزۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش بىلەن شەرقى گوت پادىشاھلىقىنى ئاخىر ھالاك قىلدى.

       چاشتىننىڭ شەرقىي، غەربىي رىم ئىمپېريىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئۆمۈرلۈك ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشتى. بىراق، 20 يىل داۋاملاشقان گوتلار ئۇرۇشى ۋىزانتىيە ئىمپېريىسىنىڭ نۇرغۇن مالىيە كۈچى ۋە ئەسكىرى كۈچىنى خورىتىۋەتكەچكە، كونا رىم ئىمپېريىسىنى تىرىلدۈرۈش ئىشلىرىنىڭ ھەقىقىي مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بۇ مەندىن ئېيتقاندا، چاشتىن كونا رىم ئىمپېريىسىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقمايلا قالماستىن، ئەكسىچە ۋىزانتىيە ئىمپېريىسىنى ھالاكەت گىردابىغا ئېلىپ باردى.  



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : 6- ئەسىر , گوت پادىشاھلىقى , نېئاپول شەھىرى , _
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-8-19 19:55:18
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 114
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证