تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› تەرجىمە-تەرمىلەر ›› تەرجىمە-تەرمىلەر ›› بىز يەنە ‹‹موما پەرقلەندۈرۈش مۇتەخەسىسى››بولىمىزمۇ؟
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    tewpiq
    يىڭى ئەزا
    دەرىجىسى : 7
    جۇغلانما نۇمۇر : 21
    ailiteacher@126.com

    يازما سانى : 1
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-8-19 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    بىز يەنە ‹‹موما پەرقلەندۈرۈش مۇتەخەسىسى››بولىمىزمۇ؟



    بىز يەنە ‹‹موما پەرقلەندۈرۈش مۇتەخەسىسى››بولىمىزمۇ؟

    شاڭخەيدە ‹‹رەڭلىك موما››ۋەقەسى ئاخبارات ۋاستىلىرى ئارقىلىق ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، جايلاردىكى سودا-سانائەت،سۈپەت تەكشۈرۈش تارماقلىرى مومىنى بوياپ سېتىش ۋەقەسىگە قارىتا تەكشۈرۈشنى باشلىدى.ھەرخىل‹‹خۇرۇچ››لار قوشۇلغان شەكلىك مومىغا قارىتا، مۇتەخەسىسلەرمۇ مۇناسىپ پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇل-چارىلىرىنى كۆرسىتىشتى.

    كىشى بۇ دۇنيالىقتا تاكى قېرىپ ئۆلگىچە ئۆگىنىدىغان نەرسىلىرىمۇ تۈگىمەيدىغان ئوخشايدۇ. مومىنى پەرقلەندۈرۈش جەھەتتە مۇتەخەسىسلىرىمىز ئازبولمىغان بىلىملەرنى تونۇشتۇردى، ئېيتايلۇق: قوناق مومىسىنىڭ راسىت-يالغانلىقىنى قانداق پەرقلەندۈرىمىز؟ بۇنىڭدا‹‹بىرىنچىدىن قاراش، ئىككىنچىدىن پۇراش،ئۈچىنچىدىن چىلاش››ئۇسۇلى بارئىكەن. كۆپتۈرگۈچ قوشۇۋېتىلگەن مومىنى تاشقى كۆرۈنۈشى،تېگىش سېزىمى قاتارلىق جەھەتلەردىن پەرقلەندۈرۈشكە بولىدىكەن...

    مۇتەخەسىسلەر بىزگە نېمە ئۈچۈن موما پەرقلەندۈرۈش بىلىملىرىنى ئۆگىتىدۇ؟ بۇ ئەلۋەتتە ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى،مۇھىم قاراتمىلىققا ۋە تەخىرسىزلىككە ئىگە.چۈنكى شاڭخەي تاللابازارلىرىدا كۆرۈلگەن‹‹رەڭلىك موما›› كەڭ ئىستىمالچىلارنىڭ ئالاقىزادىلىكىنى ۋە غەزىپىنى قوزغاپ قويدى. مۇتەخەسىسلەرمۇ شۇنىڭ بىلەن جەمئىيەتكە بولغان كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق پوزىتىسىيىسىدە تۇرۇپ، موما پەرقلەندۈرۈش بىلىملىرىنى تارقىتىشىۋاتىدۇ.

    قائىدە بويىچە ئېيىتقاندا،بىزمۇ مۇتەخەسىسلەرنىڭ ياخشى كۆڭلىنى يەردە قويماي، موما پەرقلەندۈرۈش بىلىملىرىنى ئەستايىدىل ئۆگەنگەن بولساق،يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە ياردەم قىلغان بولاتتۇق.بىراق،بىز ھەقىقەتەنمۇ سەل قېينچىلىق تارتىپ قالدۇق،چۈنكى يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بېرى بىز ئۆگىنىدىغان بىلىملەر ھەقىقەتەنمۇ جىق بولۇپ كەتتى.

    مۇتەخەسىسلەر تاۋارلارنى پەرقلەندۈرۈش توغرىسىدا بىزگە ئۆگىتىۋاتقان بىلىملەر ئاز دېگەندىمۇ نەچچە ئون خىلغا يەتتى.سۇ ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇلغان گۆشلەرنى قانداق پەرقلەندۈرۈشتىن تارتىپ،DDVغا چىلانغان توخۇ پاچىقى،پارقىرىتىلغان گۈرۈچ،تۇغماسلىق دورىسى يېگۈزۈۋېتىلگەنيىلان بېلىق،راك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان لۆڭگە،سۈنئىي تۇخۇم،سۈپەتسىز تازىلىق قەغىزى، سۈپەتسىز سۈت پاراشوكى...قاتارلىقلارغىچە بۇ خىلدىكى ئۆگىنىش پائالىيىتى ھەريىلدا نەچچە قېتىم دېگۈدەك بولۇپ تۇردى.ھەيھاي!بۇنچىۋالا نۇرغۇن بىلىملەرنىڭ قايسىبىرىنى يادىمىزدا تۇتۇپ بولارمىز؟ئەڭ ياخشىسى، خاتىرىگە يېزىۋېلىپ، مال سېتىۋالغاندا يازغىنىمىز بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئاندىن ئالساق بولىدىغان ئوخشايدۇ.

    ئىستىمالچىلارنىڭ بۇنچە كۆپ بىلىملەرنى ئۆگىنىپ بولۇشى مۇمكىن بولمايلا قالماستىن،بەلكى ئىستىمالچىلارغا بۇنچە كۆپ بىلىملەرنى ئۆگىتىمىز دەپمۇ تۇرۇۋالماسلىق كېرەك.جەمئىيەتتە ئەسلىدىنلا ئىش تەقسىماتى بولۇشى كېرەكقۇ؟ئىشچىلار ئىش قىلىدۇ،دېھقان يەر تېرىيدۇ،دوختۇر كېسەل داۋالايدۇ، ئىشچى بىلەن دوختۇرنىمۇ بىرلا ۋاقىتتا ئۆزى ئاشلىق تېرىسۇن دېگىلى بولمايدۇ–دە.ئوخشاش بىر قائىدە، مۇتەخەسىسلەر يېمەكلىك ئىلمىنى،يېمەكلىكنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ئۇسۇللىرىنى تەتقىق قىلىدۇ،بىزمۇ ئۆگىنىپ چۈشۈپ كەتسەك ئۇ چاغدا مۇتەخەسىسلەر نېمە ئىش قىلىدۇ؟

     ھالبۇكى،يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا دۆلىتىمىز سۈپەت تەكشۈرۈش،سودا-سانائەت،سەھىيە،دورا نازارەتچىلىكى قاتارلىق نۇرغۇن فۇنكىسىيىلىك تارماقلارنى تەسىس قىلغان ئەمەسمىدى؟بىز ئەسلى ئۆتكەلنى چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك ئىدى،ئەمەلىيەتتە بولسا ئۆتكەلنى تۇتقۇچىلار مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماي،سۈپەتسىز يېمەكلىك،ھەتتا زەھەرلىك يېمەكلىكلەرنىڭ بازارغا كىرىشىگە يول قويدى،ئارقىدىنلا ئىستىمالچىلارنى ‹‹سەن ئۆزۈڭ بېرىپ پەرقلەندۈرۈپ سېتىۋال››دېسە،بۇ بەك بىمەنلىك بولمامدۇ؟

    شۇڭلاشقا،مۇتەخەسىس ئەمەلدارلار راست-يالغان مومىنى قانداق تونۇپ ئېلىشنى، كۆپتۈرگۈچ قوشۇۋېتىلگەن مومىنى قانداق پەرقلەندۈرۈش توغرىسىدىكى بىلىملەرنى ئالدى بىلەن نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماقلارغا ئۆگىتىشى كېرەك.ئۇلار ئۆگىنىپ بولغاندىن كېيىن،ئاندىن بازارغا كىرگۈزۈشتىن ئىبارەت بۇ باش ئۆتكەلنى ئىگەللىيەلەيتتى،بىز ئىستىمالچىلارمۇ خاتىرجەم ھالدا يۈرەكنى توق تۇتۇپ يېمەكلىك سېتىۋالالايتتۇق.ۋاھالەنكى ئەمەلىيەتكە قارايدىغان بولساق،بەزى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماقلار ھەقىقەتەن ئۆگىنىش قىلىشى زۆرۈر،ئۇلار قانداق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىمۇ بىلمەيدۇ.شاڭخەي شېڭلۇ يېمەكلىك چەكلىك شىركىتى شۆبە شىركىتى ئىشخانا خادىمىنىڭ ئېيتىشىچە،ئادەتتە موما ئايدا بىرقېتىم ئارلاپ تەكشۈرۈلىدىكەن،تەكشۈرۈشكە كەلگەندە،شىركەت نەرسىلەرنى ئىشخانىغا ئېلىپ كېلىپ ئۇلارغا تەكشۈرۈشكە بىرىپلا سېخقا بارغۇزمايدىكەن،ئۇلار كېلىشى بىلەنلا سېخلارنىڭ ئىشكىنى تاقاپ قويۇپ كەلگەنلەرنى كىرگۈزمەيدىكەن.خېنەندىكى ‹‹قارا گۆش جەۋھىرى››ىنى كارانتىن قىلغاندىكى ئەھۋالنى ئويلاپ باقايلى،باقمىچى  ئادەم سۈيدۈكىنى چوشقا سۈيدۈكى قىلىپ كۆرسىتىپ، تەكشۈرۈشتىن كۆز بوياپ ئۆتۈپ كەتكەنتىغۇ؟

    ئەلۋەتتە،نازارەت قىلغۇچى تارماقلاردا پەرقلەندۈرىدىغان مۇناسىۋەتلىك كەسپىي بىلىم كەم بولماسلىقى مۇمكىن،لېكىن كەم بولۇۋاتقىنى مەسئۇلىيەتچانلىق،بۇنىڭ سەۋەبى بىزدە كۈچلۈك بولغان مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتە قىلىش تۈزۈمىنىڭ كەملىكىدە. قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر،ھەدېسىلا ئىستىمالچىلارغا تاۋارنى تونۇپ سېتىۋېلىش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئىستىمالچىلارنى ‹‹مۇتەخەسىس››بولۇشقا قىستاش ۋاھالەنكى بىر خاتا قاراش،يەنىمۇ ئېغىرى بازار ئىگىلىكىدىكى بىر تېراگىدىيە.

    يىن گوئەن ئىمزالىقىدىكى بۇ يازما ‹‹جۇڭگو ياشلار گېزىتى›› 2011-يىلى 15-ئاپىرىل سانى5-بېتى (ئىقتىساد بېتى) دىن مۇھەممەتئېلى ياسىن تەرجىمىسى.تىلماچ:قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيە خانئېرىق بازىرى ماجار باشلانغۇچ مەكتەپتە.

    تەرجىماندىن ئىزاھات①: ‹‹قارا گۆش جەۋھىرى››ـــ ئىنگىلىزچە نامىClenbuterol، خەنزۇچە ئاتىلىشى 瘦肉精،بىرخىل ئىنتايىن ئەرزان باھالىق  ھايۋانات دورىسى بولۇپ، ھايۋاناتلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېنىدىكى ماينى ئازايتىپ قاراگۆشنى كۆپەيتىش رولىغا ئىگە.‹‹قارا گۆش جەۋھىرى››ــــ چوشقىنىڭ بىرلىك ئىقتىسادىي قىممىتىنى زوردەرىجىدە ئاشۇرۇپ بېرىدۇ،لېكىن يەڭگىل بولغاندا شۇ خىل گۆشنى ئىستىمال قىلغۇچىنىڭ كۆڭلى ئېلىشىش،بېشى قېيىش،بەدىنى ماغدۇرسىزلىنىش،يۈرەك رېتىمى تەكشىسىز بولۇشنى،ئېغىر بولغاندا يۈرەك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،شۇڭلاشقا مەملىكىتىمىز بۇخىل دورىنى ئىشلىتىشنى بىردەك چەكلىگەن.

     

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : رەڭلىك موما , _
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-8-19 14:25:15
    تەھرىر : admiral
    باھا : 0 كۆزىتىش : 50
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证