تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› ئاتالغۇلارغا ئىزاھ ›› تارىخ ›› ئالېكساندېرنىڭ غەربكە يۈرۈش قىلىشى
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Ezize
    كوماندېر
    دەرىجىسى : 3
    جۇغلانما نۇمۇر : 12877
    aziza22@126.com

    يازما سانى : 48
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-7-21 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ئالېكساندېرنىڭ غەربكە يۈرۈش قىلىشى



    قارا نىيەتچىنىڭ «ئۈمىد» سەپىرى

     

    ئالېكساندېرنىڭ غەربكە يۈرۈش قىلىشى

     

       مىلادىدىن ئىلگىرىكى 4- ئەسىردە گرېتسىيىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر ھۆكۈمرانلىقنى تالىشىش ئۇرۇشلىرىدا چارچاپ، ھالىدىن كەتكەن پەيتتە، شىمالدىكى ماكىدونىيە پادىشاھلىقى تىز سۈرئەتتە گۈللىنىشكە باشلىدى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 338- يىلى ماكىدونىيە خارونىيە ئۇرۇشىدا گرېتسىيە دۆلەتلىرىنى مەغلۇپ قىلدى. ئىككىنچى يىلى ماكىدونىيە پادىشاھى فىلىپⅡكورنىستا پۈتۈن گرېتسىيە يىغىنى چاقىرىپ، شەرقتىكى يەرلەرنى، قۇللارنى ۋە مال-دۇنيانى تالان-تاراج قىلىش ئۈچۈن ماكىدونىيىنىڭ رەھبەرلىكىدە پېرسيىگە قارشى ئۇرۇش قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ ئارقىلىق گرېتسىيىدىكى ماكىدۇنىيىگە قارشى ھەرىكەتنىڭ دىققىتىنى بۇرىۋەتمەكچى بولدى. شەرقكە يۈرۈش قىلىش ھارپىسىدا فىلىپ قەستكە ئۇچراپ قازا قىلدى، ئۇنىڭ ئالېكساندېر تەختكە ۋارىسلىق قىلغاندىن كېيىن، ئۇ ئاتىسى ئورۇنداپ بولالمىغان چوڭ ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشقا بەل باغلىدى، مىلادىدىن ئىلگىركى 334- يىلى ئەتىيازدا ئالېكساندېر ماكىدونىيە ۋە گرېتسىيىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەردىن تەشكىللەنگەن بىرلەشمە ئارمىيىنى، جۈملىدىن 30 مىڭ پىيادە ئەسكەر، 5000 مىڭ ئاتلىق ئەسكەر ۋە 160 ھەربىي كېمىنى باشلاپ، ھەيۋەت بىلەن ھېللېسپونت بوغۇزىدىن ئۆتۈپ، تاجاۋۇز خاراكتېرىدىكى شەرققە يۈرۈش قىلىش سەپىرىنى باشلىدى. ئلېكساندېر سەپەرگە ئاتلىنىش ھارپىسىدا ئۆزىنىڭ بارلىق تەئەللۇقاتىنى قول ئاستىدىكى ئادەملىرىگە ھەدىيە قىلىپ بېرىۋەتكىنىدە، بىرەيلەن ئۇنىڭدىن ئۆزىڭىزگە نېمە قالدى، دەپ سورىغاندا، ئۇ: «ئۈمىد» دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. شۇنداق قىلىپ، ئالېكساندېر بويسۇندۇرۇش ۋە تالان-تاراج قىلىشتىن ئىبارەت «ئۈمىد» نى كۆڭلىگە پۈكۈپ، شەرقكە يۈرۈش قىلىش سەپىرىگە ئاتلاندى.   شەرقكە يۈرۈش قىلىش سەپىرى باشلىنىپلا، ئالېكساندېرنىڭ قوشۇنى گرانىكۇ دەرياسىنىڭ ئەتراپىدا پېرسىيە قوشۇنى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى. شەرقكە يۈرۈش قىلغۇچى قوشۇن تۇنجى جەڭدىلا غەلىبىگە ئېرىشىپ، كىچىك ئاسىيانى بويسۇندۇردى. ئىككىنچى يىلى كۈزدە شەرقكە يۈرۈش قىلغۇچى قوشۇن سۈرىيىگە بۆسۈپ كىردى. ئالېكساندېرنىڭ ئارمىيىسى ئىسسۇدا پېرسىيە پادىشاھى دارىئۇس Ⅱنىڭ قۇماندلىقىدىكى پېرسىيە ئارمىيىسى بىلەن 2- قېتىم تۇتۇشتى. گەرچە پېرسىيە قوشۇنىنىڭ ئادەم سانى شەرقكە يۈرۈش قىلغۇچى قوشۇننىڭكىدىن كۆپ بولسىمۇ، ئالېكساندېر تەرىپىدىن تارمار قىلىندى. دارىئوس شەرقكە قېچىپ كەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئالېكساندېر ئۆز قوشۇنىنى باشلاپ جەنۇبقا ئاتلاندى، فىنكىيىنىڭ دېڭىز بويىدىكى نۇرغۇن شەھەر ئۇرۇش قىلمايلا تەسلىم بولدى. پەقەت تىيىر شەھىرىلا قەدئىي قارشىلىق كۆرسەتتى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 332- يىلى شەرقكە يۈرۈش قىلغۇچى ئارمىيە يەتتە ئاي قورشاۋغا ئېلىش، پىستان كالتەك، شەھەر ئېلىش مۇنارى ۋە سېپىل تېشەر زور ئۈچكە قاتارلىق سەر خىل شەھەر ئېلىش قۇراللىرىنى ئىشلىتىىش ئارقىلىق، بۇ شەھەرنى ئاران تەستە ئالدى، 30 مىڭ ئەسىرنى قۇل قىلىپ سېتىۋەتتى. ئالېكساندېر شۇ يىلى قىشتا يەنە مىسىرغا بېسىپ كىردى. ئۇ مىسىردا بىر شەھەر بىنا قىلدى ھەمدە بۇ شەھەرگە ئۆز ئىسمىنىڭ نامىدا ئالېكساندېرىيە (ئىسكەندەرىيە) دەپ نام قويدى. بۇ شەھەر كېيىن ئوتتۇرا يەر دېڭىز رايۇنى بىلەن شەرق ئەللىرىنىڭ ئىقتىسات، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش مەركىزى بولۇپ قالدى. بۇ يەردە 700 مىڭ پارچە كىتاب ساقلانغان دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ زور تۇنجى كۈتۈپخانا قۇرۇلدى. ئولۋېر ئارخىمد قاتارلىق نۇرغۇن مەشھۇر ئالىملار بۇ يەردە ئىلىم تەھسىل قىلغان. شەھەر سىرتىدىكى فالوس ئارىلىدا ئېگىزلىكى 122مېتىر كېلىدىغان ماياك پىرىستانىغا كىرىدىغان كېمىلەرگە يول كۆرسىتىپ قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. بۇ ماياك مەشھۇر ئالېكساندېرىيە مايىكى، بولۇپ ئۇ قەدىمكى زامان دۇنياسىغا تەئەللۇق يەتتە چوڭ مۆجىزاتنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

       مىلادىدىن ئىلگىرىكى 331- يىلى ئالېكساندېر مىسىردىن ئۆز قوشۇنىنى شەرقكە قايتۇرۇپ كېلىپ، مىسوپوتامىيىگە ھۇجۇم قىلىپ، پېرسىيە قوشۇنى بىلەن 3- قېتىم جەڭ قىلدى. نەتىجىدە ئادەم سانى 50 مىڭغىمۇ يەتمەيدىغان شەرقكە يۈرۈش قىلىش ئارمىيىسى مىليون كىشىكلىك قوشۇن دەپ نام ئالغان پېرسىيە قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلدى. ئالېكساندېر غەلىبىسېرى ئىلگىرىلەپ پېرسيىنىڭ پايتەختى بابىلون بىلەن سۇزانى ئىگىلىدى. كېيىنكى يىلى يەنە پېرسىيىنىڭ كونا پايتەختى پوسپورتنى ئىشغال قىلدىپ پادىشاھ ئوردىسىدىن 12 مىڭ تالانتۇن ئالتۇن-كۆمۈش، ئۈنچە مارۋايىتنى قولغا چۈشۈرۈپ، ماكېدونىيىگە يۆتكەپ، ئۆز دىيارىغا ئاپىرىۋالدى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 330- يىلى دارىئوسⅢشەرقكە قېچىپ كېتىۋاتقاندا قول ئاستىدىكىلىرى بىلەن ئۆلتۈرۈۋېتىلدى، پېرسىيە ئىمپىرىيىسى شۇنىڭ بىلەن ھالاك بولدى.

       ئۇنىڭدىن كېيىن ئالېكساندېر داۋامىلىق تۈردە ئۆزش قوشۇنىنى باشلاپ ئوتتۇرا ئاسىياغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، كېيىن ئاففانىستان ئارقىلىق جەنۇپقا ئۆتۈپ، ھىندىستانغا كىرىپ پەنجاپقا يېتىو باردى ۋە ھىندى دەرياسىنى بويلاپ داۋاملىق تۈردە جەنۇپقا بېرىشقا تەييارلاندى. بىراق، ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلىرى يۇرتنى سېغىنىپ ئۇرۇشتىن يالتىيىپ قالغانلىقى، يەرلىك ئاھالە قەيسەرلىك بىلەن قارشى؛ىق كۆرسەتكەنلىكى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئەللەرنىڭ ھاۋا كېلىماتىغا ئۇنىڭ قوشۇنى كۆنەلمىگەنلىكتىن، ئالېكساندېر شەرقكە يۈرۈش قىلىشى جېڭىنى توختىتىپ، دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇق يوللىرىغا بۆلۈنۈپ چېكىندى. مىل؛ادىدىن ئىلگىرىكى 324- يىلكى بۇرۇنقى ئىككى يولدىكى قوشۇنلار بابىلونغا قايتىپ باردى، ئون يىل داۋۋراملاشقان شەرقكە يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشى شۇنىڭ بىلەن ئاياغلاشتى.

       ئالېكساندېر بۇ قېتىمقى زور كۆلەملىك شەرقكە يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشى ئارقىلىق، شەرقتە ھىندى دەرياسى ۋادىسىدىن تارتىپ غەربتە بالقان يېرىم ئارىلىغىچە، جەنۇپقا نىل دەرياسىنىڭ بىرىنچى شارقىراتمىسىدىن شىمالدا دوناي دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىنىڭ جەنۇبى قىرغىقىغىچە بولغان كەڭ زېمىندا مىسلى كۆرۈلمىگەن زور بىر ئىمپېريە قۇرۇلدى. شەرقكە يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشى شەرقتىكى خەلىقلەرگە زور بالايىئاپەتلەرنى كەلتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوبيېكتىپ جەھەتتە گرېتسىيە بىلەن شەرق ئەللىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالاقىسىنى پائال تۈرىدە ئىلگىرى سۈردى. زور بىر تۈركۈم گرېتسىيە قۇلدارلىرى ئارمىيە بىلەن بىللە شەرقكە كېلىپ سودا-سانائەت بىلەن شۇغۇللىنىپلا قالماستىن، بەل؛كى نۇرغۇن گرېتسىيە ئالىملىرىمۇ ئارقا-ئارقىدىن شەرقكە كېلىپ، شەرق پەن مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلدى، بۇنىڭ شەرق-غەرب مەدەنىيىتى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇلۇپ، بىر-بىرىنى تولۇقلىدى، بىر-بىرىگە مەنپەئەت يەتكۈزدى. بۇنىڭ بىلەن غەربىي ئاسىيا ئەللىرىنىڭ ئجتىمائىي تارىخىي تەرەققىياتى يېڭى بىر باسقۇچقا كىرىدى.  



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : مىلادىدىن ئىلگىرىكى 338- يىلى , مىسىر , ئالېكساندېرىيە مايىكى , بابىلون , _
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-8-16 16:07:17
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 262
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证