تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› شەخسلەر ›› ئەدىپ-مۇتەپەككۈرلەر ›› ھاياتنوپۇس مۇھەممەد(1976-)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    tumurkadiri
    يىڭى ئەزا
    دەرىجىسى : 7
    جۇغلانما نۇمۇر : 52
    tumurkadiri@sina.com
    1196015800
    يازما سانى : 3
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-8-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ھاياتنوپۇس مۇھەممەد(1976-)



     http://www.xjtsnews.com/normal/content/bak/homepage/content/attachement/jpg/site82/20110401/002511e3a8790eff7fc206.jpg

     

     

     

    ئىجاد سەپىرىدە گۈللىگەن ياشلىق

     

     

    ـــ خوتەن رادىيو- تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لېكتورى، تالانتلىق شائىرە،  كۆزگە كۆرۈنۈۋاتقان ياش تەتقىقاتچى ھاياتنوپۇس مۇھەممەد توغرىسىدا

     

     

    تۆمۈر قادىرى

     

     ئادەمنىڭ قەدىر- قىممىتى ئۇنىڭ قانچىلىك ئۇزۇن ياشىغانلىقى بىلەن ئەمەس، بەلكى چەكلىك ھاياتىنى ئىنسانىيەتكە پايدىلىق ئىشلارغا سەرپ قىلىپ، جەمئىيەت ئۈچۈن  ئاز بولسىمۇ تۆھپە قوشالىغانلىقى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. خوتەن رادىيو- تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لېكتورى، تالانلتلىق شائىرە، كۆزگە كۆرۈنۈۋاتقان ياش تەتقىقاتچى ھاياتنوپۇس مۇھەممەدئۆزىنىڭ ياش ھاياتىنى ئوقۇتقۇچىلىقتىن ئىبارەت مۇقەددەس كەسىپكە ۋە ئىجادىيەت، تەتقىقات ئىشلىرىغا بېغىشلاپ، خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى تەشنالىقىنى قاندۇرۇش يولىدا تېنىمسىز ئەجىر سىڭدۈرۈۋاتقان تۆھپىكار  باغۋەنلىرىمىزنىڭ بىرىدۇر.  

    ھاياتنوپۇس مۇھەممەد 1976-يىلى قاراقاش ناھىيەسىنىڭ تۈۋەت يېزىسىدا خىزمەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلدى. 1991-يىلى 9-ئايدا خوتەن پېداگوگىكا مەكتىپىنىڭ ئومۇمىي پەن كەسپىگە قوبۇل قىلىندى. بۇ مەكتەپتە ئۇ ئۇدا ئۈچ يىل « ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى»،« ئەلاچى ئوقۇغۇچى»،« مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى كادىرى»، « مۇنەۋۋەر قىزلار ھەيئىتى» بولۇپ باھالىنىپ ، مەكتەپ پارتكومى ۋە مەمۇرىيىتى تەرىپىدىن كۆپ قېتىم مۇكاپاتلاندى. ئۇ ھەر جەھەتتىن ئەتراپلىق تەربىيەلىنىپ ۋە ئۆزىنى كۈچەيتىپ، ئومۇمىي پەن كەسپى بويىچە ئوتتۇرا تېخنىكوم دىپلومى بىلەن تىل-ئەدەبىيات كەسپى بويىچە مەخسۇس كۇرس دىپلومىنى بىرلا ۋاقىتتا ئېلىپ  ئوقۇش پۈتكۈزدى.  ئۇنىڭ قىسقا ئۈچ يىللىق ئوقۇش تارىخىدا قانداق ئوقۇغانلىقىنى ئوبدان بىلىدىغان ۋە بىلىپ تۇرۇۋاتقان  ئانا مەكتىپى ــــ قاراقاش ناھىيەسىنىڭ تۈۋەت يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتىپىدىكىلەر  ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىغا قايتا- قايتا ئىلتىماس يېزىش ئارقىلىق ، ھاياتنوپۇسنى ئۆزى ئوقۇغان  مۇشۇ مەكتەپكە تەقسىم قىلدۇرۇپ ئېلىپ قالدى. 1994-يىلىدىن 1997-يىلىغىچە بولغان ئۈچ يىل جەريانىدا، ھاياتنوپۇس ئوقۇتقۇچىلىقتىن ئىبارەت بۇ شەرەپلىك، مۇقەددەس كەسپكە چوڭقۇر ئەقىدە- ئىشتىياق باغلاپ،  تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە باش چۆكۈرۈپ  جاپالىق ئىشلىدى ھەمدە  ناھىيە بويىچە « كۆزگە كۆرۈنگەن ئوقۇتۇش ماھىرى»، « مۇنەۋۋەر ئىتتىپاق كادىرى»، « 8- مارت قىزىلبايراقدارى» بولۇپ باھالىنىپ ، تېزلا كۆزگە كۆرۈندى.

     ئۇئۆزىنىڭ ئوتتەك ئوقۇش قىزغىنلىقى  ۋە ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ قوشۇلۇشى ئارقىلىق ، 1997-يىلىدىن 1999-يىلىغىچە ئىككى يىل  شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا بىلىم ئاشۇردى. بۇ ئىككى يىل جەريانىدا ، ھاياتنوپۇسنىڭ  ئەدەبىيات ئاساسىي بىلىمى،  ئوقۇتۇش تەجرىبىسى  ئۈزلۈكسىز موللىشىپلا قالماي، 1992-يىلى  ئەدەبىي ئىجادىيەت سېپىگە كىرگەن  بۇ قىزنىڭ يېزىقچىلىق جەھەتتىكى تالانتىمۇ  بارغانسېرى پىشىپ يېتىلىشكە باشلىدى. « يېڭى قاشتېشى »، «شىنجاڭ ياشلىرى »، «شىنجاڭ ئاياللىرى»، « تەڭرىتاغ »، « تارىم »، « كروران »، « شىنجاڭ ئىشچىلار ھەرىكىتى » ، « شىنجاڭ رادىئو-تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى » قاتارلىق ژۇرناللاردا 260 پارچىغا يېقىن ماقالىسى ۋە شېئىرى ئېلان قىلىندى. مەخسۇس خانىم- قىزلار توغرىسىدا يېزىلغان « قىز- ئاياللارغا مەسلىھەت » ناملىق ماقالىلەر توپلىمى 1997-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىقىپ، بۇ ساھەدىكى باشلامچىغا ئايلاندى. ھاياتنوپۇس ئۆزىنىڭ كۈچلۈك تەشكىللەش ئىقتىدارى ۋە نۇتۇق قابىلىيىتىگە تايىنىپ، شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتىدىكى بىرقانچە قېتىملىق چوڭ تىپتىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا ، تۈرلۈك  پائالىيەتلەردە تەشكىللەش ۋە رىياسەتچىلىك قىلىش ئىشلىرىنى ناھايىتى  مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنداپ، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ   يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى.  بۇ جەرياندا شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك رادىيو ئىستانسىسى  ئۇنى تۈرلۈك مەخسۇس تېمىلار بويىچە بىرقانچە قېتىم زىيارەت قىلدى. ئىككى يىللىق ئوقۇشىنى ئەلا نەتىجىدە تاماملاپ، تولۇق كۇرس مەلۇماتىغا ئىگە بولغان ھاياتنوپۇس  مۇھەممەد ئۈرۈمچىدىكى نوپۇزلۇق ئورگانلارنىڭ يۆتكىلىپ كېلىش توغرىسىدىكى تەكلىپىگە  رەھمەت  ئېيتىپ،  ئانا يۇرتىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا ئاز بولسىمۇ تۆھپە قوشۇش نىيىتىدە   1999- يىلى  9- ئايدا ئەسلىدىكى خىزمەت ئورنىغا قايتىپ كېلىپ ئىشقا چۈشتى. ئالىي مەكتەپتىكى ئىككى يىللىق بىلىم ئاشۇرۇش ھاياتى  ئۇنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەل بولۇشى، نەزەر دائىرىسىنىڭ تېخىمۇ كەڭ بولۇشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان بولۇپ،  تۈۋەت يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇ- ئوقۇتۇش ۋە تۈرلۈك ئىجتىمائىي خىزمەتلىرىدە ئۇنىڭ بۇخىل ئالاھىدىلىكى ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇردى.  مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسى ۋە مەمۇرىيىتى ئۇنىڭغا ئىشىنىپ، 80 نەپەردىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى، ئىشچى – خىزمەتچىسى ، 3000 نەپەردىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىسى بار بولغان بۇ چوڭ يېزا ئوتتۇرا  مەكتىپىنىڭ ئىتتىپاق شۇجىسىلىق  خىزمىتىنى ئۇنىڭغا تاپشۇردى.   ئۇنىڭ يېزىقچىلىق ئىقتىدارىنىڭ ياخشىلىقى ۋە خىزمەتتتىكى جانلىقلىقىغا قاراپ، مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسى ياچېيكىنىڭ كاتىباتلىق خىزمىتىنى ۋە قىز- ئاياللار خىزمىتىنى ئۇنىڭغا تاپشۇردى. ئۇ ئوقۇتۇش خىزمىتىدىمۇ ئىزچىل تۈردە ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان يىللىقلارغا دەرس بېرىپ، تىل-ئەدەبىيات ئىمتىھان نەتىجىسىنىڭ ناھىيە بويىچە يۇقىرى  ئورۇندا تۇرۇشىغا زور كۈچ چىقاردى. ناھىيە بويىچە بىرقانچە قېتىم « ئۈلگىلىك دەرس ئۆتۈش ماھىرى» بولۇپ باھالاندى. « ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش،  تەشۋىق قىلىش پائالىيىتى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلغان مەزگىللەردە ، ئۇ ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ناھىيە تەۋەسىدە  30 مەيداندىن ئارتۇق لېكسىيە سۆزلىدى.  ئۇ ئۆز لېكسىيەسىدە  ماركسىزملىق « بەش قاراش»نى ئۆز خىزمەت ئەمەلىيىتىمىزگە قانداق تەتبىقلاش،  بىر ئوقۇتقۇچىدا بولۇشقا تېگىشلىك كەسپىي ئەخلاق ۋە ئۇنىۋېرسال ساپا ھەققىدە ئەمەلىي مىساللار بىلەن ئوقۇتقۇچىلارغا  مول مەزمۇنلۇق تەربىيە ئېلىپ باردى. ناھىيەلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ تەكلىپى بويىچە  مائارىپ تەرەققىياتى ۋە مىللىي مائارىپىمىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا بىرقانچە قېتىم لېكسىيە سۆزلىدى. ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى ئۇنىڭ يۇقىرىقىدەك ئالاھىدىلىكلىرىنى نەزەردە تۇتۇپ، 2003-يىلى ئۇنى مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئىدىيەۋى- سىياسىي خىزمەت بۆلۈمىگە يۆتكىدى. بۇ، دەل « ئاياللار ۋە بالىلار تەرەققىيات پروگراممىسى » يولغا قويۇلغان مەزگىل بولۇپ،  ئۇ مۇشۇ خىزمەتكە دائىر نۇرغۇن كونكرېت ئىشلارنى قىلدى. ئۇ قاراقاش ناھىيەسىنىڭ مائارىپ سىستېمىسىدىكى قىزلار، ئاياللار  خىزمىتى مەسئۇللىرىغا « ئاياللار ۋە بالىلار تەرەققىيات پروگراممىسى»نىڭ روھىنى يەتكۈزدى  ۋە ئۇلارنى سىستېمىلىق تەربىيەلەپ، نۇرغۇن ئەنەلىي خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. 2004-يىلى ۋىلايەت بويىچە ئېلىنغان يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا قاتنىشىپ ، خوتەن رادىئو-تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتىغا يۆتكىلىپ كەلدى. ئۇ بۇ مەكتەپنىڭ دەرسلىك قۇرۇلمىسى ۋە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنىڭ ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە ئوخشىماسلىقى ، پەنلەر ئوقۇتۇشىنىڭ ئېنىق ئايرىلماسلىقىدەك ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭدىن تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك بىلىم قۇرۇلمىسىغا ئىگە بولۇشنى  تەلەپ قىلدى. بۇ يەردە ئۇنىڭغا بىر يىلدا ئىككىدىن تۆتكىچە ئىجتىمائىي پەن دەرسىنى ئۆتۈشىكە توغرا كەلدى. بۇ  پەنلەرنىڭ ئىچىدە « يېزىقچىلىق» دەرسىمۇ، « گۇمانىتار ئىجتىمائىي پەنلەردىن ئاساس» دەرسىمۇ، « تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتۇش مېتودى» دەرسىمۇ ۋە تۈرلۈك قانۇن پەنلىرى دەرسىمۇ بار ئىدى. ئۇنىڭغا بىر تەرەپتىن دەرس ئۆتۈشكە، بىرتەرەپتىن ئۆگىنىشكە توغرا كەلدى. شۇنداقتىمۇ، ئۇ  ئەدەبىي ئىجادىيىتىنى قىلچىمۇ توختىتىپ قويمىدى.  2004-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن « رەڭدار  كۆلەڭگە» ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى، 2006-يىلى شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى تەرىپىدىن « قىزلىق دوقمۇشىدىن ئانىلىق سەپىرىگىچە » ناملىق ماقالىلەر توپلىمىنى ئارقا- ئارقىدىن نەشىر قىلدۇرۇپ، كىتابخانلار ئارىسىدا  كۈچلۈك زىلزىلە قوزغىدى. بۇ جەرياندا ئۇ شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 2- يۈرۈش قانىلىنىڭ  « تەڭرىتاغ گۈلزارى » پروگراممىسىدا مەخسۇس  زىيارەت قىلىندى. شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 5-يۈرۈش قانىلىنىڭ « مەدەنىيەت ۋە تەرەققىيات» پروگرامما گۇرۇپپىسىمۇ ئۇنىڭ ئىجادىي پائالىيىتى توغرىسىدا ئىككى قېتىم  مەخسۇس  پروگرامما ئىشلىدى. شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى « ياشلىق ساداسى» ، « ئاياللار ۋە جەمئىيەت»، « ئەخلاق گۈلىستانى» قاتارلىق پروگراممىا گۇرۇپپىلىرى  كەينى-كەينىدىن بىرقانچە تېمىدا ئۇنى زىيارەت قىلدى ۋە تونۇشتۇردى. ئارقىدىنلا شىنجاڭ تېلېگراف شىركىتى ۋە  كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى  كەڭ ئابونتلارنىڭ كۈچلۈك تەلىپىگە ئاساسەن ئۇنى نەقمەيدان زىيارىتىگە ئارقا- ئارقىدىن تەكلىپ قىلدى. خوتەن خەلق رادىيو  ئىستانسىسىنىڭ « خوتەن كۈيى»، « ئاياللار ۋە  جەمئىيەت» ، « ئەخلاق باغچىسى » قاتارلىق تۈرلۈك پروگرامملىرىدا ئۇنى زىيارەت قىلىش، تونۇشتۇرۇش ، تۈرلۈك تېمىلاردا سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى.  ئۇ يەنە  خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ۋىلايەتلىك  ئاياللار بىرلەشمىسى،  خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى ، خوتەن رادىيو-تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە تەكلىپى بىلەن خوتەن ۋىلايىتىنىڭ يەتتە ناھىيە، بىر شەھىرىدە،  ۋىلايەتكە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردا  ۋە ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوملاردا  نۇرغۇن قېتىم تۈرلۈك مەزمۇنلاردا ئىلمىي لېكسىيەلەرنى سۆزلىدى.  خوتەن ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى ئاچقان ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئەخلاق تەربىيە مۇدىرلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسىدا بىرقانچە قېتىم لېكسىيە سۆزلەپ،  ئۇلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئۈزلۈكسىز مائارىپ بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتناشقان كۇرسانتلارغا « ئەدەبىيات دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى لايىھەلەش» ، « ئەدەبىيات ئوقۇتۇش مېتودى» قاتارلىق دەرسلەرنى ناھايىتى جانلىق ئۆتۈپ، كۇرسانتلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى.  ئۇ كەسپىي بىلىم قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ پۇختىلاش مەقسىتىدە، 2009-يىلى9-ئايدىن 2010-يىلى6- ئايغىچە مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىفلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ  ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپىدە  سىستېمىلىق بىلىم ئاشۇردى.

    تالانتلىق شائىرە،  كۆزگە كۆرۈنۈۋاتقان ياش تەتقىقاتچى ھاياتنوپۇس مۇھەممەدنىڭ « ئىپپەت ئارىلى » ناملىق شېئىرلار توپلىمى بىلەن  خانىم –قىزلار ھەققىدە يېزىلغان « ئايالدەك ياشاش ئەڭ زور غەلىبەڭ » ناملىق ماقالىلەر توپلىمىشىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىننەشردىن چىقىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ. 1996-يىلى ئۇنىڭ « كىمنىڭ ئەقلى قىسقا»، « رەڭدار سوراق ۋە بىز » ناملىق ئىككى پارچە ماقالىسى  مەملىكەتلىك، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىلىرى ۋە «شىنجاڭ ئاياللىرى» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى تەرىپىدىن « مۇنەۋۋەر ئەسەر » مۇكاپاتىغا، « ئەۋلادلارنىڭ بەختىنى ئويلايلى » ناملىق ماقالىسى « خوتەن گېزىتى » ئىدارىسى تەرىپىدىن 1- دەرىجىلىك « مۇنەۋۋەر ئەسەر» مۇكاپاتىغا، 2004-يىلى « مەدەنىيلىكنى چۈشىنەيلى » ناملىق ماقالىسى ۋىلايەتلىك پارتكوم، مەمۇرىي مەھكىمە تەرىپىدىن  « مۇنەۋۋەر ئەسەر» مۇكاپاتىغا، « شېئىردىكىگۇڭگاگۈزەللىك » ناملىق يېڭىچە ۋە ئەنئەنىۋى شېئىرىيەتتىكى يوشۇرۇن گۈزەللىك ھەققىدە كەڭ دائىرىلىك پىكىر يۈرگۈزۈلۈپ يېزىلغان ئىلمىي ماقالىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى  ۋە « تەڭرىتاغ» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى  ئۇيۇشتۇرغان « تۇنجى نۆۋەتلىك ئاقيول مۇكاپاتى » غا ، 2006-يىلى  « بىز دۇنيانى قانداق تەۋرەتتۇق» ۋە « ئانا، مېنى باغرىڭغا باس » ناملىق ئىككى پارچە ماقالىسى « شىنجاڭ ئاياللىرى » ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى ۋە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان « ئانىلار، ئاياللار ۋە دۇنيا » تېمىسىدىكى مۇكاپاتلىق ماقالە  مۇسابىقىسىدە  « مۇنەۋۋەر ئەسەر» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.  گەۋدىلىك ئىش- ئىزلىرى« شىنجاڭ گېزىتى».«شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى»، « خوتەن مائارىپى» ژۇرنىلى ، « تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى» ۋەمەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسسىدا تونۇشتۇرۇلدى.

    ئۇ ھازىر جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتيازغۇچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ ، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت « قوش تىل » مائارىپى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ۋە خوتەن ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، خوتەن ۋىلايەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت  ئەزاسى.

      



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : تالانتلىق شائىرە , تەتقىقاتچى ھاياتنوپۇس مۇھەممەد , _
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-8-15 17:08:24
    تەھرىر : admiral
    باھا : 0 كۆزىتىش : 235
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证