تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› ئاتالغۇلارغا ئىزاھ ›› تارىخ ›› ئافىنا-سىپارتا ئۇرۇشى(م ب 5-ئەسىر)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Ezize
    كوماندېر
    دەرىجىسى : 3
    جۇغلانما نۇمۇر : 12917
    aziza22@126.com

    يازما سانى : 52
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-7-21 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ئافىنا-سىپارتا ئۇرۇشى(م ب 5-ئەسىر)



     

    قەدىمكى گرېتسىيىدىكى ئىككى كۈچلۈك

    دۆلەتنىڭ ئېلىشىشى

     

    پېلوپوننېس ئۇرۇشى

     

       پېلوپوننېس ئۇرۇشى قەدىمكى گرېتسىيىدىكى سىپارتا باشچىلىقىدىكى پېلوپوننېس ئىتتىپاقى بىلەن دېڭىزدىكى كۈچلۈك دۆلەت ئافېنا ئوتتۇرىسىدىكى كۆلىمى ئەڭ زور بىر قېتىملىق خوجايىنلىقنى تالىشىش ئۇرۇشىدۇر. ئۇنداقتا بىر قەدىمقى زامان ئىچكى ئۇرۇشى قانداقلارچە دۇنياغا مەشھۇر ئۇرۇش بولۇپ قالىدۇ؟ قەدىمقى يۇناننىڭ مەدنىيىتى ھەممەيلەنگە ئايان، ئەنە شۇنداق كۈچلۈك جەمىيەت ناۋادا بىرلىككە كەلگەن بىر قۇدرەتلىك دۆلەت ھاكىمىيىتىگە ئېرىشكەن بولسا ئېھتىمال دۇنيانىڭ سىياسى خەرىتىسى ھەرگىز ھازىرقىدە كبولمىغان، ياۋروپادىكى باشقا مىللەتلەر تېخى ئېلىپبەنىمۇ بىلمەيدىغان چاغدا پەنلەرنى تۈرگە ئايرىغان ۋە دىموكراتىك دۆلەت قۇرۇشنى بىلگەن يۇنانلىقلارنىڭ تىلى بولغان گىرىك تىلىمۇ، ھازىرقى كىچىككىنە يېرىم ئارالدىلا چەكلەنمىگەن بولاتتى.

       گرېتسىيە-پېرسىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن كۈچى راسا ئۇلغايغان ئافېنا دېلوس ئىتتىپاقىغا بولغان كونتىروللىقىنى پەيدىنپەي كۈچەيتىپ، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنى ئۆزىنىڭ بېقىندىسىغا ئايلاندۇرۇۋالدى، نەتىجىدە ئۇ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىۋاتقان دېڭىزدىكى خوجايىن دۆلەتكە ئايلىنىپ، يەنە بىر كۈچلۈك دۆلەت سىپارتا بىلەن گرېتسىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى تالىشىشتەك ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈردى. سىپارتا شۇنىڭدىن يۈز يىل ئىلگىرى پېلوپوننېس يېرىم ئارىلىدىكى گرېتسىيە شەھەر دۆلەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى ھەربىي كۈچ ئارقىلىق، پېلوپوننېس ئىتتىپاقى قىلىپ تەشكىللىگەنىدى. ئافېنا ئوتتۇرا يەر دېڭىزىنىڭ شەرقى قىسىمىدىن غەربى قىسىمىغىچە بولغان ئارلىقتىكى سودا لىنىيىسىنى ئۆز كونتىرۇللىقىغا ئېلىش، سىتسىلىيە ئارىلىدىكى ئاشلىق كانىنى قولغا كەلتۈرۈۋېلىش مەقسىتىدە پېلوپوننېس ئىتتىپاقىدىكى كورىنف قاتارلىق سود-سانائەت شەھەر دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئىقتىسادىي رىقابەتنى كۈنسايىن جىددىيلەشتۈردى؛ ئافېنانىڭ دېڭىزدىكى خوجايىنلىق ھوقۇقىنىڭ ئۆزىگە تەئەللۇق تاشقى ئالاقىسىگە تەھدىت سېلىشىدىن ئەنسىرەپ تۇرغان سىپارتا كورىنفنىڭ ئافېنا بىلەن قارشىلىشىشىغا مەدەت بېرىش قارارىغا كەلدى. شۇ ۋاقىتتا سىياسىي جەھەتتە ئافېنانىڭ دېمۇكراتىك سىياسىتى سىپارتانىڭ ئاقسۆڭەكلەرگە خاس سىياسىتىدىن روشەن پەرقلىنەتتى. ئۇلار خوجايىنلىق مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن بىر-بىرىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى ئۆكتىچىلەردىن كۈچىنىڭ بارىچە پايدىلىنىشقا ئۇرۇناتتى. ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي ھۆكۈمرانلىقنى تالىشىش كۈرىشى بارغانسېرى كەسكىنلەشتى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 431- يىلى سىپارتانىڭ ئىتتىپاقداشلىرىدىن دىبىس ئافېنانىڭ ئىتتىپاقدىشى پىلاتىيىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلدى. ئارقىدىنلا سىپارتا قوشۇنلىرىنىڭ ئاتتىكىغا بېسىپ كىرىشى بىلەن ئۇرۇش پارتلىدى.

       دەسلەپتە ئافېنالىقلار ئۆز ھۆكۈمرانى پېرلىكلىرىنىڭ قەلئەدىن چىقماي مۇداپىئە كۆرۈپ، چىڭ تۇرۇش ئىستراتېگىيىسى بويىچە بويىچە ئىش كۆرگەچكە، سىپارتانىڭ مۇھاسىرسى كارغا كەلمىدى. بىراق، ئۇزۇنغا بارمايلا ئافېنا شەھىرىدە چوما كېسىلى تارىلىپ، بۇ ئۆتكۈر كېسەل بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەنلەرنىڭ جەسىتى شەھەرنى بىر ئالدى، پېرلىكلىرىگىمۇ كېسەل يۇقۇپ قازا قىلدى. مىلادىدىن ئىلگىركى 427- يىلى ئۇرۇش تەرپتارلىرىنىڭ كاتتىۋىشى كىرېئون ئافېنانىڭ باش سەردارى بولۇپ سايلىنىپ، قوشۇن باشلاپ بېرىپ، پېلوپوننېس يېرىم ئارىلىدىكى پىلوسنى ئىشخال قىلدى ھەمدە سىپارتانىڭ دۆلەت قۇلى ئىلوتلارنى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە كۈشكۈرتتى. سىپارتا لەشكەر تارتىپ ئېگەي دېڭىزىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا ھۇجۇم قىلدى ھەمدە ئافېنانىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنى ئاسىيلىق قىلىشقا قۇتراتتى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى، 424- يىلى سىپارتا ئافېنانىڭ مۇھىم تايانچى نۇقتىسى ئانفبورنى ئالدى. تارىخشۇناس خوسددې ئەينى زاماندا ئافېنادىكى ئون سەركەردىنىڭ بىرى ئىدى، ئۇ ئافېنانىڭ فراكىيىدە تۇرۇشلۇق سىرىس فىلوتىنىڭ قۇماندانلىقىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ۋاقتىدا ياردەمگە كېلىپ قۇتقۇزمىغانلىقى ئۈچۈن قارىلانغان ھەمدە سۈرگۈن قىلىنغان ئىدى. مەشھۇر «پېلوپوننېس ئۇرۇشى تارىخى» ئۇنىڭ سۈرگۈندىكى بىر مەزگىلدە ماتېرىيال توپلاپ ھەمدە ئۆزىنىڭ بىۋاستە كەچۈرمىشلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ يېزىپ چىققان ئۆلمەس ئەسىرىدۇر.

       مىلادىدىن ئىلگىرىكى 422- يىلى ئافېنالىقلار بىلەن سىپارتانىڭ قوشۇنى ئانفىبوردا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلدى. ئىككى تەرەپنىڭ سەردارى كىرېئون بىلەن پراسدا جەڭدە قازا قىلدى. 2- يىلى تىنچلىق شەرتنامىسى تۈزۈلۈپ، ئۇرۇش ۋاقتىنچە توختىتىلدى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 415- يىلى ياسپېتىر، نىسىيا قاتارلىق سەركەردىلەرنىڭ قۇماندانلىقىدىكى ئافېنا قوشۇنلىرى ئىتتىپاقدىشى ئېگىستېرگە ياردەم بېرىش باھانىسىدا سىپارتانىڭ ئىتتىپاقدىشى سراكۇزىغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن سىتىسېلىيىگە يۈرۈش قىلدى. ئۇلار جەڭگە ئاتلانغاندىن كېيىن ياسپېتىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇ جازادىن قورقۇپ سىپارتانىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتتى. نىسىيانىڭ قوشۇنى سىراكوزىغا ھۇجۇم قىلىپ غەلىبە قازىنالمىدى، ئەكسىچە قورشاۋدا قالدى. ئىككى يىلدىن كېيىن 40 مىڭ سەركەردە لەشكەرلەرگە، 210 ھەربىي كېمىگە ئىگە ئافېنا فىلوتى سىپارتا-كوللنىس-سىراكۇزى بىرلەشمە فىلوتى تەرىپىدىن ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سىپارتا قوشۇن ئەۋەتىپ دېكەيلىيىلىنى ئىشخال قىلىپ، ئافېنا بىلەن يۇبىيا ئارىلىنىڭ ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلىدى. بۇ چاغدا ئافېنادىكى 20 مىڭ نەپەر ھۈنەرۋەن-كاسپ مۇساپىر بولۇپ قېچىپ كەتكەچكە پۈتكۈل ئىگىلىك پالەچ ھالغان چۈشۈپ قالدى، تېخىمۇ يامىنى، دېلوس ئىتتىپاقىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بەس-بەستە يۈز ئۆرۈگەنلىكتىن ئافېنانىڭ تاشقى مالىيە مەنبەسى ئۈزۈلۈپ قالدى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 411- يىلى ئافېنادا يەنە بىر قېتىم سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، ئولگارخىيە ھاكىمىيىتى ئورنىتىلىشى بىلەن ئەھۋال بارغانسېرى يامانلاشتى. گەرچە شۇنىڭدىن كېيىن ئافېنا قايتا قۇرۇلغان فىلوتىغا تايىنىپ بىر قانچە قېتىم غەلىبىلىك ئۇرۇش قىلغان بولسىمۇ، بولۇپمۇ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 410- يىلى كوچكوس جېڭىدە سىپارتانىڭ فىلوتىنى ئەجەللىك زەربىگە ئۇچراتقان بولسىمۇ، يەنىلا ئۇ ئۆزىنىڭ خارابىلىكىگە يۈز تۇتقان ۋەزىيىتىنى ئوڭشىۋېلىشىغا مادارى يەتمەيتتى. سىپارتا پېرسىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، پېرسىيىنىڭ كىچىك ئاسىيادىكى گرېك دۆلەتلىرىگە بولغان ھۆكۈمرانلىقنى ئېتراپ قىلىش شەرتى بىلەن پېرسىيىنىڭ كاپىتال مەبلىغىگە ئېرىشىپ، ھەربىي كېمە ياسىدى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 405- يىلى ھېللېسپونت ئەتراپىدىكى ئېگوسپوتامىدا ئافېنا دېڭىز ئارمىيىسى ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى. 180 گە يېقىن ھەربىي كېمە قېچىپ كەتكەن بىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، سىپارتا فىلوتى تەرىپىدىن ئەسىر قىلىنغاندىن كېيىن پۈتۈنلەي ئۆلتۈرۈۋېتىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئافېنانىڭ ئەمەلىي كۈچى تۈگىدى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 404- يىلى سىپارتانىڭ دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيىلىرى ئافېناغا قىستاپ كەلدى. ئافېنا مەجبۇرىي تەسلىم بولدى.

       27 يىل داۋاملاشقان بۇ ئۇرۇش ئاخىر ئافېنانىڭ ئۈزۈل-كېسىل مەغلۇپ بولۇشى بىلەن ئاياغلاشتى. بىر مەھەل گۈللەنگەن ئافېنا شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئەسلىگە كېلەلمىدى، سىپارتانىڭ كۈچىمۇ ئۇرۇش جەريانىدا بەك ئاجىزلاپ كېتىپ، ئىچكى قىسىمىدىمۇ ئۈزۈلمەي داۋالغۇچ بولۇپ تۇردى. شۇڭا، بۇ ئۇرۇش قەدىمكى گرېتسىيە قۇللۇق تۈزۈمىنىڭ گۈللىنىشتىن زاۋاللىققا يۈزلىنىپ، كىيىنچە ماكېدونىيىنىڭ گرېتسىيىنى بويسۇندۇرۇشى ئۈچۈن يول ئېچىلغانلىقىدىن دېرەك بەردى.



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : مىلادىدىن ئىلگىرىكى 431- يىلى , سىپارتا , پېرسىيە , ئافېنا , قەدىمقى يۇنان
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-8-13 20:39:54
    تەھرىر : admiral
    باھا : 0 كۆزىتىش : 253
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证