تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› ئاتالغۇلارغا ئىزاھ ›› تارىخ ›› گرېتسىيە-پېرسىيە ئۇرۇشى (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 6- ئەسىر)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Ezize
    كوماندېر
    دەرىجىسى : 3
    جۇغلانما نۇمۇر : 12877
    aziza22@126.com

    يازما سانى : 48
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-7-21 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    گرېتسىيە-پېرسىيە ئۇرۇشى (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 6- ئەسىر)



     

    مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىنىڭ

    مەيدانغا كېلىشى

     

    گرېتسىيە - پېرسىيە ئۇرۇشى

     

       گرتسىيە-پېرتسىيە ئۇرۇشى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 5- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئافېنانى مەركەز قىلغان گېرتسىيە شەھەر دۆلەتلىرى بىلەن پېرسىيە ئىمپېرىيىسى ئوتتۇرىسىدا بولۇپ ئۆتكەن ئۇرۇش.

       مىلادىدىن ئىلگىرىكى 6- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئىران ئېگىزلىكىنىڭ غەرنى جەنۇبىدا گۈللىنىشكە باشلىغان پېرتىسىيە ئىمپېرىيىسى- يېرىم ئەسىر پائال تۈرىدە كېڭەيمىچىلىك قىلىش ئارقىلىق، دارىئوس 1 تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە شەرقتە ھىندى دەرياسىغىچە، غەربتە كىچىك ئاسىياغىچە زېمىنىنى كېڭەيتىپ، ئاسىيا-ئافرىقا قىتئەلىرىدىن ھالقىغان قۇللۇق تۈزۈمىدىكى چوڭ ئىمپېرىيە بولۇپ قالدى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 514- يىلى دارىئوس يەنە ئېگەي دېڭىزىنىڭ شىمالى قىرغىقىدىكى فراكىيە ئەتراپلىرىنى ئىشخال قىلىپ، گرېتسىيىدىكى شەھەر دۆلەتلىرىگە، بولۇپمۇ ئافېنانىڭ قارا دېڭىز بويىلىرىدىكى مۇھىم ئاشلىق ئامبارلىرىغا ۋە تاۋار بازارلىرىغا بىۋاستە تەھدىت سالدى. نەپسى تويماس، ئاچكۆز دارىئوس بۇنىڭ بىلەنلا قانائەتلەنمەستىن، يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ گرېتسىيە يېرىم ئارىلىنىمۇ بويسۇندۇرماقچى بولدى. بۇ چغدا گرېتسىيە يېرىم ئارىلىدا قۇللۇق تۈزۈمىدىكى يۈزدەك شەھەر دۆلىتى شەكىللەندى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئافېنا بىلەن سىپارتا ئەڭ كۈچلۈك ئىدى. ئافېنا سولون ئىسلاھاتىدىن كېيىن سانائىتى ۋە تاشقى سودىسىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، كىچىك ئاسىيانىڭ دېڭىز بويىدىكى رايۇنلىرى ۋە فراكىيە ئەتراپىدىكى رايۇنلار بىلەن زىچ ئالاقە باغلىغانىدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە سىرتتا ئۆز مۇستەملىكىسىنى ئېچىشقىمۇ پائال تۈرىدە كىرىشىپ كەتكەنىدى. ئېنىقكى، ئافېنا ۋەكىللىكىدىكى گرېتسىيە شەھەر دۆلەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن بولسۇن ياكى تاشقى سودىسىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە مۇستەملىكىسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بولسۇن، پېرسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز غەربكە ئىلگىرلەۋېرىشىگە يول قويمايتتى.

       مىلادىدىن ئىلگىرىكى 500- يىلى كىچىك ئاسىيادىكى مىلدو قاتارلىق گرېتسىيە شەھەر دۆلەتلىرى پېرسىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئىسيان كۆتۈردى. ئافېنا بىلەن ئېرتېرىيە تەكلىپكە بىنائەن ياردەمگە ھەربى كېمىلىرىنى ئەۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن گرېتسىيە-پېرسىيە ئۇرۇشىنىڭ مۇقەددىمىسى باشلىنىپ كەتتى. دارىئوس قوشۇنلىرىنى توپلاپ، كىچىك ئاسىيادىكى شەھەر دۆلەتلىرىنىڭ قارشىلىقىنى دەھشەتلىك باستۇردى. مىلادىدىن ئىلگىركى 492- يىلى دارىئوس مىلدولارغا ياردەم بەرگەن ئافېنانى جازالاشنى باھانە قىلىپ، ئۇزۇندىن بۇيان پىلانلاپ كەلگەن گرېتسىيىگە تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنى رەسمىي قوزغىدى. بۇنىڭ بىلەن، گرېتسىيە-پېرسىيە ئۇرۇشى 1- باسقۇچقا كىردى.

       دارىئوس شۇ يىلى دېڭىز ئارمىيە ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوشۇنلىرىنى گرېتسىيىگە بېسىپ كىرىشكە ئەۋەتتى. نەتىجىدە دارىئوسنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى فراكىيىدە توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى، دېڭىز ئارمىيىسى دارداتېللىس قولتۇقىدا شىددەتلىك قارا بوراننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. ئېغىر چىقىمدار بولغان پېرسىيە قوشۇنلىرى قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 490- يىلى 100 مىڭ كىشىلىك ئەسكىرىي كۈچكە، 600 ھەربىي كېمىگە ئىگە ھەيۋەتلىك پېرسىيە قوشۇنى گرېتسىيىگە يەنە بىر قېتىم يۈرۈش قىلدى. پېرسىيە قوشۇنلىرى ئېرتېتېرىيىنى ئالغاندىن كېيىن، ئافېنانىڭ شەرقى قىسىمىدىكى مارافون تۈزلەڭلىكىدە قۇرۇقلۇققا چىقتى. ئافېنا قوشۇنلىرى باتۇرلۇق بىلەن ئېلىشىپ، 9- ئاينىڭ 12- كۈنى مارافوندا ئۆزىدىن ئون ھەسسە كۆپ پېرسىيە ئارمىيىسىنى يېڭىپ، غەلىبىگە ئېرىشتى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئافېنا قوشۇنى بۇ قېتىمقى جەڭدە غەلىبە قازانغاندىن كېيىن، لەشكەر فېدبى ئافېناغا بېرىپ غەلىبە خەۋىرىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن، بىر يۈگۈرۈشىدە 195.42 كىلومېتىر مۇساپىنى بېسىپ: «ئافېنا قۇتقۇزۇۋېلىندى» دەپ بولۇپلا ماغدۇرىدىن كېتىپ، يىقىلىپ چۈشۈپ، ئۆلۈپ قالغانىكەن. كېيىنكىلەر بۇ ۋەقەنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، 1896- يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىدا يېڭى بىر مۇسابىقە تۈرى- مارافونچە ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى تۈرىنى تەسىس قىلغان.

       مىلادىدىن ئىلگىرىكى 480- يىلى پېرسىيە قوشۇنى پېرسىيە پادىشاھى كىسېركىسنىڭ بىۋاستە قۇماندانلىقىدا گرېتسىيىگە دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇقتىن 3- قېتىم  تاجاۋۇز قىلىپ كىردى. سىپارتا پادىشاھى لىئوندانىڭ قۇماندانلىقىدىكى 300 نەپەر سەركەردە-لەشكەر گرېتسىيىنىڭ ئارىشاڭ ئۆتكىلىنى قوغداپ، پۈتۈنلەي قۇربان بولغانغا قەدەر قانلىق جەڭ قىلدى. بۇ قېتىمقى جەڭ گرېتسىيە تارىخىدا ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ نەمۇنىسى بولۇپ قالدى. شۇنىڭدىن كېيىن پېرسىيە ئافېنا شەھىرىنى ئىشخال قىلدى. 9- ئاينىڭ 23- كۈنى ئافېنا فىلوتى سالامى دېڭىز بوغۇزىدا زور كۆلەمدىكى پېرسىيە دېڭىز ئارمىيىسىنى يوقاتتى. بۇ جەڭ پۈتكۈل ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىۋەتتى. مىلادىدىن ئىلگىركى 479- يىلى پېرسىيە ئارمىيىسى يەنە پىلاتېيىدە گرېتسىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى تەرىپىدىن تارمار قىلىنىپ، گرېتسىيە يېرىم ئارىلىدىن پۈتۈنلەي چىكىنىپ چىقىشقا مەجبۇر بولدى.

       گرېتسىيىلىكلەر شۇنىڭدىن كېيىن مۇداپىيىدىن ھۇجۇمغا ئۆتتى، جەڭ مەيدانى فراكىيە ۋە كىچىك ئاسىياغا يۆتكەلدى. ئۇرۇش 2- باسقۇچقا كىردى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 478- يىلى ئافېنالىقلار قارا دېڭىز بوغۇزىغا ھۇجۇم قىلىپ، ھېللېسپونتنىڭ سول قىرغىقىدىكى مۇھىم قورغان سىتوسنى ئىشخال قىلدى. شۇ يىلى ئافېنا پېرسىيىگە قارشى داۋامىلق ئۇرۇش قىلىشنى خالايدىغان بارلىق گرېتسىيە شەھەر دۆلەتلىرىنى يىغىپ، ئۆزىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى دېڭىز ئۈستى ئىتتىپاقىنى تەشكىللىدى (ئىتتپاقنىڭ شىتابى ۋە خەزىنىسى دېلوس ئارىلىدا بولغاچقا، «دېلوس ئىتتىپاقى» دەپمۇ ئاتالدى). مىلادىدىن ئىلگرىكى 476- يىلى ئافېنا سەردارى سىموننىڭ قۇماندانلىىقدىكى ئىتتىپاقداش ئارمىيە پېرسىيە كۈچلىرىنى فراكىيىدىن قوغلاپ چىقاردى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 468- يىلى پېرسىيە تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈپ، گرېتسىيىگە يەنە بىر قېتىم ھۇجۇم قىلىش مەقسىتىدە كىچىك ئاسىيانىڭ جەنۇبى قىسىمىدىكى ئېفرات دەرياسىدا زور بىر تۈركۈم دېڭىز ئارمىيىسىنى توپلىدى. سىمون ئىتتىپاق فىلوتىنى تېزدىن ئۇ يەرگە باشلاپ بېرىپ، پېرسىيە ئارمىيىسىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلدى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 449- يىلى دېلوس ئىتتىپاقداش ئارمىيىسى سېپروسنىڭ شەرقىي قىسىمىدىكى سارامىستا ئۇرۇشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى. بۇ چاغدا پېرسىيە ئىمپېريىسىنىڭ قايتا ئۇرۇش قىلغۇدەك مادارى قالمىغان بولۇپ، ئافېنا ئوتتۇرا يەر دېڭىزىنىڭ شەرقىدىكى دېڭىزغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرگەنىدى. شۇ يىلى ئىككى تەرەپ پېرسىيىنىڭ پايتەختى سۇسەندىجبدا «كالياس تىنچلىق شەرتنامىسى» نى تۈزدى. شەرتنامىدە پېرسىيىنىڭ ئېگەي دېڭىزى ۋە قارا دېڭىز ئەتراپلىرىغا بولغان ھۆكۈمرانلقىدىن ۋاز كېچىدىغانلىقى بەلگىلەندى، كىچىك ئاسىيانىڭ غەربى قىرغىقىدىكى گرېتسىيە دۆلەتلىرىنىڭ مۇستەقىللىقى ئېتراپ قىلىندى. گرېتسىيە-پېرسىيە ئۇرۇشى يېرىم ئەسىرچە داۋاملىشىپ، ئەڭ ئاخرىدا گرېتسىيىنىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلاشتى.

       بۇ قېتىمقى ئۇرۇشنىڭ نەتىجىسىدە پېرسىيە ئىمپىريىسى قاتتىق ماغدۇرسىزلىنىپ، كۈنسايىن ئاجىزلاشتى. گرېتىسىيدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر مۇستەقىللىق ۋە ھۆرلۈككە ئېرىشىپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى قۇللۇق تۈزۈمىدىكى بۇ ئەللەرنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي جەھەتتىن گۈللىنىش ئۈچۈن شەرت-شارائىت ھازىرلاندى. بولۇپمۇ ئافېنا ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇرۇشنىڭ نەتىجىسدە ئۇنىڭ ھەربىي كۈچى ۋە سىياسىي نوپۇزى تېز سۈرئەتتە ئېشىپ، ئۇ گرېتسىيىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ئورۇنغا ئۆتۈشكە باشلىدى. «تارىخ ئاتىسى» دەپ تەرىپلەنگەن ھېرودېت مىلادىدىن ئىلگىرىكى 443- يىلدىن ئېتىبارەن قەدىمكى زامان دۇنيا تارىخدىكى بۇ مۇھىم ئۇرۇشقا ئاتاپ مەشھۇر جەڭنامە- «تارىخ» نى يېزىپ، گرېتسىيىدىك ھەرقايسى دۆلەرلەرنىڭ ئۇرۇش جەريانىدا پېرسىيە تاجاۋۇزچىلىرىنى مەغلۇپ قىلىش يولىدىكى باتۇرانە تۆچپىسىنى قىزغىن مەدھىيلىگەن  



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : گرېتسىيە , ئافېنا , مارافون , _
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-8-13 20:09:32
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 151
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证