تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› شەخسلەر ›› ئەدىپ-مۇتەپەككۈرلەر ›› شابان روبېرت-تانزانىيە(1909-1962)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    halisa
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 13064
    115170089@qq.com

    يازما سانى : 53
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-5-20 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    شابان روبېرت-تانزانىيە(1909-1962)



     

      شابان روبېرت

      شابان روبېرت(1909-1962)تانزانىيىنىڭ مەشھۇر شائىرى، يازغۇچىسى ۋە ئالىمى. ھازىرقى زامان سۋاھلى ئەدەبىي تىلىنىڭ ئاساسچىسى(سۋاھلى تىلى ئافرىقىدىكى سۆزلەشكۈچىلىرى ئەڭ كۆپ يەرلىك تىل بولۇپ كېنىيە، ئۇگاندا، تانزانىيە ۋە كومورو سۋاھلى تىلىنى دۆلەت تىلى قىلغان، سۋاھلى تىلى 1942-يىلىدىن كېيىن ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى يېزىقتىن لاتىن ئېلىپبەسىگە كۆچكەن) . ئۇنىڭ داڭقى پۈتۈن ئافرىقىغا تارالغان بولۇپ،‹ھازىرقى شەرقىي ئافرىقا شېكىسپىرى› دەپ ئاتالماقتا.

     

      شابان روبېرت 1909-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى تانزانىيىنىڭ شەرقىدىكى تانگا شەھىرى يېنىغا جايلاشقان ۋىبامۇبۇن يېزىسىدا ھاللىق ئائىلىدە دۇنياغاكەلگەن. ئاتىسى ئۆمۈر بويى يېزا ئارىلاپ دوختۇرلۇق قىلغان. شابان بالىلىق دەۋرىدە يۇرتىدىكى مۇسمۇ باج مەكتىپىدە ئوقۇپ، 1922-يىلى، ئوقۇشنى دەپ دارىسسىلامغا بارغان. 1926-يىلى مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن، 1960-يىلىغىچە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا خىزمەتچى بولۇپ، ئىلگىرى-ئاخىر پانگانى تامۇژنىسى، ياۋايى ھايۋانلار باشقارمىسى، تانگا شەھەر باشلىقى ئىشخانىسى ھەم شەھەرلىك ئۆلچەش-سىزىش ئىدارىسىدا خىزمەت قىلغان. 1960-يىلى كېسەل سەۋەبى بىلەن خىزمەتتىن چېكىنىپ، 1962-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى 53 يېشىدا تانگا شەھىرىدە ۋاپات بولغان.

      شابان كىچىكىدىن باشلاپلا شەرقىي ئافرىقا خەلقلىرىنىڭ تۇرمۇشى ۋە ئۇنىڭ باي مىللىي خەلق ئېغىز ئىجادىيىتى بىلەن كەڭ تونۇشىدۇ ھەم ئۇنىڭغا ناھايىتى ھەۋەس قىلىدۇ. ئۇنىڭدا ياشلىق دەۋرىدىن باشلاپلا ۋەتەننى سۆيۈشتەك مىللەتپەرۋەرلىك ئىدىيىسى تۇرغۇزۇلغانلىقتىن، ئۆز مىللىتىنىڭ تۇرمۇشىنى تېما قىلغان ئەسەرلەرنى يېزىشقا باشلاپ، مۇستەملىكىچى دائىرىلەر تەرىپىدىن كەمسىتىلىپ كەلگەن شەرقىي ئافرىقا سىۋاشلى تىلىدا ئەدەبىي ئەسەرلەرنى يېزىپ، 30-يىللاردىن باشلاپ ئېلان قىلىشقا كىرىشىدۇ. 1930-يىلى، ياشلىق دەۋرىدىكى تۇرمۇش سەرگۈزەشتلىرىنى ئاساس قىلىپ يېزىلغان ‹مېنىڭ ياشلىق دەۋرىم› ناملىق رومانى ‹شەرقىي ئافرىقا ئەدەبىيات مۇسابىقىسى› دە، بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، كېيىن ماگارىتا ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ. شابان ھايات چېغىدا ‹شەرقىي ئافرىقا يازغۇچىلار جەمئىيىتى› نىڭ ئەزاسى بولىدۇ.

      يازغۇچى شابان ئۆمۈر بويى جاپالىق ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، 20 دىن كۆپرەك شېئىرلار توپلىمى ۋە رومان يازىدۇ. شاباننىڭ ئەسەرلىرىدىن بىر قىسمى ئۇ ھايات ۋاقتىدا نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلىدۇ. بەزىلىرى ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن ئاچىسى تەرىپىدىن رەتلىنىپ نەشىرگە بېرىلىدۇ. ئۇنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ئەسەرلىرى ئىچىدە شېئىر توپلاملىرىدىن ‹ئافرىقىلىقلار ناخشا ئېيتماقتا›، ‹ئافرىقا ئالماسلىرى›(1958)، ‹ھەقىقىي مۇھەببەت›، ‹شابان شېئىرلىرىدىن تاللانمىلار› (1959)؛ داستاندىن ‹ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش› (1967)؛ مەسەللەردىن ‹ئاكا-ئۇكا ئادىللار›، ‹ئىشەنچلىك ۋەتەن› (1951)، ‹غايىۋى مەملىكەت› (1967)؛ پوۋېستتىن ‹تىرىشقاننىڭ يىللىرى›، ‹دېھقان ئوتبورا› (1968)؛ تەرجىمىھالدىن ‹مېنىڭ ھاياتىم›(1966) قاتارلىقلار ئەڭ مەشھۇردۇر.

      ‹ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش› 15 مىڭ مىسرادىن تەركىب تاپقان، مەزمۇنى مول، ھەجىمى زور تارىخىي داستان. شابان بۇ ئەسىرىنى 1930-يىلى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى تۈگىگىچە يازىدۇ، شائىر فاشىزمغا قارشى ئىتتىپاقچىلار مەيدانىدا تۇرۇپ،چېرچىلدىن تارتىپ روزۋېلتقىچە، سىتالىندىن تارتىپ دىگولغىچە بولغان مۇھىم تارىخىي شەخسلەرنىڭ پائالىيىتىنى ئىپادىلەپ، خەلقنىڭ ئازاب-ئوقۇبىتى ۋە ئۇلارنىڭ باتۇرانە كۈرەش روھى، ئالىيجاناب پەزىلىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، گېتلېر تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئىنسانىيەت ئۇرۇقىنى قۇرۇتۇشتەك ھەر خىل زوراۋانلىقلىرىنى غەزەپ بىلەن ئەيىبلەيدۇ. يازغۇچى كۈچلۈك تىل، ئۆزگىرىشچان قاپىيە، ۋەزنى راۋان، جاراڭلىق مىسرالار بىلەن ئۇرۇش يىللىرىدىكى تۇراقسىز ۋەزىيەتنى جانلىق، ئەينەن ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ سىۋاشلى تىلى ئەدەبىياتىدا ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ.

      ‹دېھقان ئوتبورا› دېگەن پوۋېستتا، باش قەھرىماننىڭ چوڭ شەھەر زانزىبارنى تاشلاپ، چەت-ياقىدىكى يېزىسىغا بېرىپ، سودىگەرچىلىكتىن ۋاز كېچىپ، دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغانلىقىدەك ئەگرى-توقاي سەرگۈزەشتىلىرى ئارقىلىق ئىندىۋىدۇئال ئازادلىقنى تەلەپ قىلىدىغان ئەمگەكچان، ئاق كۆڭۈل مېھنەتكەشنىڭ ئوبرازىنى يارىتىدۇ. ئوتتۇرا شەھەردە باشقىلارنىڭ سايىسىدا جان باقىدىغان سودىگەرچىلىك تۇرمۇشىنى باقتۇرمايدۇ. ‹پايانسىز ئاسمان، يېتەرلىك قۇياش نۇرى ۋە يېشىل دالىلارنى كۆرۈشنى، قۇشلارنىڭ سايراشلىرىنى ۋە كالىلارنىڭ مۆرەشلىرىنى ئاڭلاشنى ئارزۇ قىلىدۇ›، شۇڭا يېزىغا كېلىشكە جۈرئەت قىلىپ، جاپالىق ئەمگىكى بىلەن ھايات كەچۈرىدۇ. پوۋېستتا يەنە باي خوجايىننىڭ قىزى سىھانىڭ ئوتبورادىن ۋاز كېچىپ، كېيىن  يەنە ئۇنى قوغلىشىپ ئارمىنىغا يېتەلمىگەنلىكى، سىھانىڭ بىر نەۋرە سىڭلىسى راسىيەنىڭ ئوتبورانى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرگەنلىكى ۋە بوشاشماي ئەڭ ئاخىرى بەختكە ئېرىشكەنلىكى ئارقىلىق، ‹پۇل ھەممىگە قادىر› دېگەن ناچار ئىدىيىنى جانلىق تەنقىد قىلىدۇ.

      ‹ئىشەنچلىك ۋەتەن› ۋە ‹غايىۋى مەملىكەت› شاباننىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە مەسەللىك ئەسەرلىرى بولۇپ، ئالدىنقىسىدا ئىشىكنى تاقىۋېلىپ، كونىلىقنى ساقلاپ، ئۆزىنى چوڭ چاغلايدىغان بىر دۆلەتنىڭ ئاخىرى كونا ئادەتلەرنى بۇزۇپ تاشلاپ، تار قاراشلارنى تەرك ئېتىپ، باشقا مەملىكەتلەرنىڭ ئىلغار تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ گۈللىنىش-قۇدرەت تېپىش يولىغا ماڭغانلىقىنى يازسا، كېيىنكىسىدە، ساقايتقىلى بولمايدىغان كېسەلگە گىرىپتار بولغان پادىشاھنىڭ بىمەنە سەرگۈزەشتىلىرىنى تەسۋىرلەپ، غايىۋى مەملىكەتتە يەنىلا بۇزۇشقا تېگىشلىك كونا نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى، چەت ئەللەرنىڭ ئىلغار نەرسىلىرىنى ئۆگىنىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى كۆرسىتىدۇ. يازغۇچى كونا پادىشاھنىڭ ئەتىۋارلىق ئوغلىنى ئۆز تەختىگە ۋارىسلىق قىلدۇرۇش ئۈچۈن باي دۆلەتنى نامرات بىر دۆلەتكە ئايلاندۇرۇۋېتىشكە رازى بولىدىغانلىقىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق، بەگ-غوجاملارنىڭ يۇقىرىغا قارىتا خوشامەتچىلىك قىلىپ، قانۇن، ئەمىر-پەرمانلارنى خالىغىنىچە ئۆزگەرتىدىغانلىقى، پۇقرالارنىڭ جېنىنى قۇشقاچچىلىكمۇ كۆرمەيدىغان خۇنۈك ئەپت-بەشىرىسىنى جانلىق پاش قىلىدۇ. بۇ ئەسەرلەر مۇستەملىكىچىلىكتە ياشاۋاتقان يازغۇچىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە خەلقچىللىق ئىدىيىسىنى تۈرلۈك يوللار بىلەن ئەكس ئەتتۈرىدۇ.

      ئومۇمەن، شاباننىڭ پۈتۈن ئۆمرىدىكى شېئىر ۋە نەسرىي ئەسەرلىرىنىڭ مەزمۇنى مول، رەڭگارەڭ، بەدىئىي جەھەتتە خەلق ئىجادىيىتىنىڭ ماتېرىياللىرىنى زور مىقداردا قوبۇل قىلغان بولۇپ، كۆپچىلىك ئەسەرلىرى بىر قەدەر روشەن، گۈزەل خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە. بولۇپمۇ كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى، شابان بىر ئۆمۈر ئۆز رايونىنىڭ سىۋاشلى تىلىدا ئەسەر يېزىپ، ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشىدۇ. ئۇنىڭ ئىجادىيىتى شەرقىي ئافرىقا مىللەتلىرىنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا چوڭ تۆھپە قوشىدۇ.

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : شابان روبېرت , تانزانىيە , يازغۇچى , _
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-8-13 19:49:06
    تەھرىر : admiral
    باھا : 0 كۆزىتىش : 170
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证