تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› شەخسلەر ›› ئەدىپ-مۇتەپەككۈرلەر ›› ئوسمان سېمبېنى -سېنگال (2007-1923)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    halisa
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 13064
    115170089@qq.com

    يازما سانى : 53
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-5-20 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ئوسمان سېمبېنى -سېنگال (2007-1923)



     

    ئوسمان سېمبېنى 

     

      سېمبېنى ئوسمان (2007-1923)سېنگالنىڭ ئاتاقلىق يازغۇچىلىرىدىن بىرى بولۇپ،1923-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى ،ئىسلام دىنىغا ئىشىنىدىغان ۋولوف مىللىتى  ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ بالىلىق دەۋرىدە دادىسى بىلەن بىللە كازامانىس دەرياسىدا بېلىق تۇتقان. ئائىلىسى نامرات بولغاچقا، فرانسۇز باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئاران ئۈچ يىللا ئوقۇيالىغان ۋە ئىسلام دىنى مەكتىپىدە ئوقۇپ ئەرەب تىلى ئۆگەنگەن. 15 ياشقا كىرگەندە، ئۇ ھاياتلىق يولى ئىزدەپ داكارغا بېرىپ، ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ تۇرۇبا ئىشچىسى، تامچى ۋە فرانسىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتىدە شاگىرت بولغان. 1942-يىلى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، ئۇ شوپۇرلۇق سۈپىتى بىلەن ‹ئەركىن فرانسىيە قۇراللىق كۈچلىرى› گە چاقىرىلغان ھەمدە ئىتالىيە بىلەن گېرمانىيە دۆلىتى چېگرىسى ئىچىدە تۆت يىل ئۇرۇشقا قاتناشقان. ئۇرۇشتىن كېيىن، دۇنياغا داڭلىق  كىترويىن(Citroën) ئاپتوموبىل شىركىتىدە ، مارسىل پورتىدا تۆۋەن دەرىجىلىك قاراخىزمەتلەرنى قىلغان.

     

     

    1959-يىلى ئۆزىنىڭ ئۈچىنچى رومانىنى يېزىپ بولغاندىن كېيىن سېنگالغا قايتىپ كەلگەن.

      ئوسمان پۈتۈنلەي ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ يازغۇچى بولغان. ئۇ ياۋروپاغا بارغاندىن كېيىن، سەللا بوش ۋاقىت تاپسا، بېرىلىپ كىتاب ئوقۇغان. بولۇپمۇ ئەدەبىياتقا قىزغىن بېرىلىپ، نۇرغۇن ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇغان ھەمدە فرانسۇز تىلىدا ئەسەر يېزىشنى مەشىق قىلغان. ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى ئۆزىنىڭ بىۋاستە كەچۈرمىشلىرى بىلەن زىچ باغلانغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە ئۆزى بىۋاستە باشتىن كەچۈرگەن مۇستەملىكىچىلىكنىڭ ئېكسپىلاتاتسىيىسى ۋە زۇلمى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ۋەتەن، خەلققە بولغان قىزغىن مۇھەببىتىمۇ ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ 1956-يىلى نەشىر قىلىنغان ‹نېگىر پرىستان ئىشچىسى› دېگەن كىتابى ئۆزىنىڭ فرانسىيىدە پرىستان ئىشچىسى بولغان چاغدىكى ئېچىنىشلىق سەرگۈزەشتىلىرىدىن ئېلىنغان تۇنجى تەرجىمىھال خاراكتېرلىك رومانى، ئەسەردىكى باش قەھرىمان سېنگاللىق ياش دىياۋۇ فالارون مارسېلدا يۈك توشۇش ئىشچىسى بولىدۇ. ئۇ قىزغىن، ساپ دىل، ئەقىللىق بولۇپ، ۋەتىنىگە، قېرىنداشلىرىغا چوڭقۇر مۇھەببەت باغلايدۇ. ئۇ نېگىر قېرىنداشلىرىنىڭ ئىش تاشلىشىغا رەھبەرلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن، فرانسىيە مۇستەملىكىچى دائىرىلىرىنىڭ ئۆچمەنلىكىنى قوزغاپ، يولسىزلىق بىلەن قولغا ئېلىنىدۇ ھەمدە ئۆمۈر بويى مەجبۇرىي ئەمگەك قىلىش جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ قېرى ئانىسى غەم-قايغۇ، دەرد-ئەلەم بىلەن ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ سۆيگەن قىزى ئىپپىتىنى سېتىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئېچىنىشلىق رېئاللىق دىياۋۇنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەربىيىگە ئىگە قىلىدۇ. گەرچە ئۇ تۈرمىگە تاشلانغان بولسىمۇ، لېكىن قىلچە بوشاشماي، ھاياتنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئافرىقىنىڭ ئىستىقبالى ھەققىدە تېخىمۇ ئەستايىدىل باش قاتۇرىدۇ. رومان غەزەپلىك سۆزلەر بىلەن نېگىر پرىستان ئىشچىلىرىنىڭ مۇستەملىكىچىكىنىڭ زۇلۇمى ئاستىدا ھايۋان كەبى كەچۈرمىشلىرىنى تەسۋىرلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، قەيەردە زۇلۇم بولسا، شۇ يەردە قارشىلىق كۆرسىتىشنىڭ بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى ئېچىپ بېرىدۇ.

      1957-يىلى، ئوسمان ‹ۋەتەن، سۆيۈملۈك خەلقىم› دېگەن ئىككىنچى رومانىنى ئېلان قىلىدۇ. بۇ كىتابتا ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ئەركىنلىك، ئازادلىقنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ تارىخىي ئېقىمىنى يەنە بىر قېتىم ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. روماننىڭ باش قەھرىمانى ئۆمەر فايى ئافرىقىلىق ياش زىيالىي بولۇپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتنىشىدۇ. ئۇ ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن، مۇستەملىكىچىلەر قۇرغان يەرلىك ماللارنى سېتىۋېلىش شىركىتىنىڭ قېرىنداشلىرىغا كەلتۈرگەن ئېغىر ئۆسۈم، قاتمۇقات ئېكىسپىلاتاتسىيىسىنى كۆرۈپ قاتتىق غەزەپلىنىدۇ ۋە ئۇ ‹ھەمكارلىق دېھقانچىلىق مەيدانىنى› قۇرۇپ، دېھقانلار دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئۆزى سېتىپ، مۇستەملىكىچىلىكنىڭ تالان-تاراج قىلىنىشىدىن قۇتۇلۇش قارارىغا كېلىدۇ. لېكىن بۇنداق ئىسلاھاتچىلىق خاراكتېرىدىكى ئۇرۇنۇشلار مۇستەملىكىچىلەرنىڭ مەنپەئەتىگە تەگكەچكە، ئۇلار ئۆمەرنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ. ئۆمەر قۇربان بولغان بولسىمۇ، لېكىن مىليونلىغان خەلقنىڭ قەلبىگە ئىنقىلاب ئۇرۇقى چېچىلىدۇ. يازغۇچى ئەڭ ئاخىرى مۇنداق دەپ يازىدۇ: ‹ ئۆمەر فايى ئۆلدى، ئۇنىڭ جەسىتى تۇپراققا كۆمۈلدى. لېكىن ئۇنى ئۆلتۈرگەن قاتىل يېڭىلدى. قەبرە ھەرگىز ئۆمەر تىنچ ياتىدىغان جاي بولماي قالدى، ئۆمەر بارلىق ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ قەلبىدە ھەرىكەتلەنمەكتە. ئۇنىڭ مۇنەۋۋەر خەلقى ئۇنى مەڭگۈ مەدھىيىلەيدۇ› يازغۇچىنىڭ بۇ رومانىدا ئافرىقىدىكى يېڭى بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىنى مىللىي ئازادلىق ئىشلىرىغا بېغىشلاشتەك ھېچنىمىدىن قورقمايدىغان روھى مەدھىيلىنىدۇ. شۇنداقلا ئۇنىڭدا ئەگەر مۇستەملىكىچىلىكتىن ئىبارەت جىنايى تۈزۈمنى ئاساسىدىن ئاغدۇرۇپ تاشلىماي، ئۇنىڭ ئورنىغا ئىسلاھاتچىلىق ياكى شەخس قارشىلىق كۆرسىتىش يولى تۇتۇلىدىكەن، ئۇ ھالدا، مۇستەقىللىك ۋە ئەركىنلىكنى ھەقىقىي تۈردە قولغا كەلتۈرگىلى بولمايدىغانلىقى كۆرسىتىلىدۇ. بۇ رومان تۇنجى ئەسەر بولسىمۇ، ئەمما زور مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، نۇرغۇن دۆلەت تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىدۇ ۋە دۇنيا مىقياسىدا كەڭ كىتابخانلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىدۇ.

      1959-يىلى يازغۇچىنىڭ ئۈچىنچى رومانى-‹پەرىشتىنىڭ ئوغۇل-قىزلىرى› كىشىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى. بۇ روشەن ھالدا، جاھانگىرلىككە، مۇستەملىكىچىلىككە قارشى ھەم ئافرىقا خەلق ئەدەبىياتى ئەنئەنىسىنىڭ تۈسىنى ئالغان رومان بولۇپ، ھەجىمى چوڭ، مەركىزىي ئىدىيىسى ئاكتىپ، مەزمۇنى چوڭقۇر، تەسۋىرى جانلىق بولغان ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە مۇنەۋۋەر ئەسەر. ئۇنىڭدا 1949-يىل 10-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 1949-يىل 3-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە غەربىي ئافرىقا ئىشچىلار ھەرىكىتى تارىخىدا يۈز بەرگەن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان داكار تۆمۈر يولىدىكى چوڭ ئىش تاشلاش ۋەقەلىكى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان بولۇپ، تۆمۈر يول ئىشچىلىرىغا بولغان مۇئامىلىنى ياخشىلاشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن مۇستەملىكىچى ھۆكۈمرانلارغا قارشى قانات يايدۇرغان قەھرىمانلىق كۈرەشلىرى تەسۋىرلىنىدۇ. يازغۇچى بۇ قېتىمقى ئىش تاشلاشنىڭ غۇلغۇلىسىدىن تارتىپ تاكى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەنگە قەدەر بولغان پۈتۈن ئەھۋالنى يېزىپ، ئىش تاشلاشنىڭ رەھبەرلىرىدىن باگ يوگا، لابىر، تودو قاتارلىق ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ۋەكىللىرىنى قىزغىن مەدھىيىلەپ، ئۇلارنىڭ كۈرەش داۋامىدا پىشىپ يېتىلگەن، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەتلىك يۈكسەك ئوبرازىنى سۈرەتلەپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يازغۇچى بۇ قېتىمقى مىسلى كۆرۈلمىگەن چوڭ ئىش تاشلاشنىڭ ھەر قايسى تەبىقە كىشىلىرىگە نىسبەتەن سىنىقى ۋە كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ھەم ئىدىيىسىدە بولغان ئۆزگىرىشلەرنى تەسۋىرلەپ بېرىدۇ. پۈتۈن ئەسەر گويا بىر ھەيۋەتلىك سۈرەتلەر توپلىمىغا ئوخشاش، غەربىي ئافرىقا خەلقلىرىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى ئېچىنىشلىق ئەھۋاللىرىنى كۆرسىتىپ، ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن ئىبارەت بۇ ھەيۋەتلىك شىرنىڭ ھۆركىرەۋاتقانلىقى، مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىنىڭ پۈتۈن سەپ بويىچە يېقىن ئارىدا بەربات بولىدىغانلىقىنى تەسۋىرلەپ بېرىدۇ. بۇ كىتاب نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن، دەرھال ئىنىگلىزتىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، ‹قاراڭغۇ ئافرىقىنىڭ ساداسىنى تارقاتقان ئاجايىپ ئەسەر› دېگەن نامغا ئېرىشىدۇ.

      يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئوسمان ئارقا-ئارقىدىن ‹يۇقىرى ۋولتا كىشىلىرى› ناملىق پوۋېستلار توپلىمى ۋە ‹ئىسسىق شامال›، ‹پېرېۋوت قىلىنغان پۇل چېكى›، ‹خادا› قاتارلىق رومانلارنى يازىدۇ.

      1960-يىللاردىن باشلاپ، ئوسمان ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشتىن سىرت، ئۆزى كىنو سىنارىيىسى يېزىپ، ئۆزى رېژىسسورلۇق قىلغان كىنو فىلىملار دۇنيا نېگىرلىرى سەنئەت بايرىمىدا قويۇلغاندا، يۇقىرىباھاغا ئېرىشىدۇ. 1972-يىلى ئۇ يەنە مۇستەملىكىچىلىككە قارشى تۇرۇش تېما قىلىنغان رەڭلىك ھېكايە فىلىم- ‹ئامى دايى› نى يازىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئۆزى رېژىسسورلۇق قىلىدۇ.
       2004-يىلى ئۆزى يېزىپ رىژىسورلۇق قىلغان «مۇقەددەس قوغدىنىش» ناملىق فىلىمى گانا كىنو بايرىمىدا ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ. 2007-يىلى ۋاپات بولىدۇ.

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئوسمان , پرىستان ئىشچىسى , يازغۇچى , سېنېگال
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-8-13 19:05:16
    تەھرىر : admiral
    باھا : 0 كۆزىتىش : 184
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证