تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    halisa
    كوماندېر
    دەرىجىسى : 3
    جۇغلانما نۇمۇر : 12980
    115170089@qq.com

    يازما سانى : 49
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-5-20 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    مۇھەببەت



    مۇھەببەت

    فەتىھۇللا گۈلەن(تۈركىيە)
    خالىسە ئەھمەد تەرجىمىسى

     

     مۇھەببەت مېھىر-شەپقەتلىك ئاللاھ تائالانىڭ بىزگە ئاتا قىلغان ئەڭ نازۇك ۋە سىرلىق بولغان بەخت-ئامەتلىرىنىڭ بىرى. ھەر بىر كىشىنىڭ قەلبىدە مۇھەببەت ئۇرۇقى بولىدۇ، بۇ ئۇرۇق مۇۋاپىق شارائىتتا ئۈنۈپ، دەرەختەك يوغىنايدۇ، چېچەك ئاچىدۇ، مېۋە بېرىدۇ.

      مۇھەببەت بىر خىل ھېسياتتۇر، ئۇ بىزنىڭ كۆزىمىز، قۇلىقىمىز ھەمدە قەلبىمىز ئارقىلىق، روھىمىزغا سىڭىپ كىرىدۇ. ئۇ خۇددى دەريا قېشىنىڭ ئارقىسىدىكى سۇدەك توختاۋسىز جۇغلىنىپ، ئەڭ ئاخىرىدا قار كۆچكۈنىگە ئوخشاش پارتلايدۇ، خۇددى يالقۇنغا ئوخشاش بىزنىڭ جىمىكى روھىمىزنى يالمايدۇ. پەقەت مۇھەببەتنىڭ كۈچى بىلەن بىرلەشكەندىلا، كەلكۈننى توسۇپ قالغىلى بولىدۇ. سۇ ئامبىرى شاۋقۇن سۈرمەيدۇ، يالقۇن بۇ كۈچتىن ئۆچىدۇ، قار-مۇزلارمۇ ئاستا-ئاستا ئېرىيدۇ.

      مۇھەببەت بىزنىڭ روھىمىزنى تەشكىل قىلغۇچى ئەڭ ساپ، ئەڭ تەبىئىي بولغان مۇھىم بۆلەكتۇر. ئەمما مۇھەببەت ھەقىقىي، چىن مۇھەببەتكە ـ ياراتقۇچىغا بولغان مۇھەببەتكە ئايلانغان ۋاقىتتىلا، ئۆزىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىگە قايتقان بولىدۇ. شۇنداقلا ئەڭ ئاخىرىدا ئەسلى تەبىئىتىگە قايتىش بولسا، كىشىنىڭ ئەڭ يارقىن خۇشاللىقىغا ئايلانغان بولىدۇ.

      قەلب بولسا ئاللاھنىڭ بېشارەتلىرىنى قوبۇل قىلىدىغان ئاپپاراتقا ئوخشايدۇ. سىزنىڭ ئاللاھقا بولغان مۇھەببتىڭىز ۋە سېغىنىشىڭىز بولسا، ئاللاھنىڭمۇ سىزگە بولغان رازىمەنلىكىنىڭ ئەڭ توغرا ۋە ئېنىق بولغان ئىپادىسىدۇر.

        مۇھەببەت ـ ئىنسانلارنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى ئەڭ بىۋاستە ۋە ئەڭ بىخەتەر يولدۇر. مۇھەببەتسىز ئىنسانىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشى ۋە مۇكەممەللىشىپ بېرىشى بەسى مۈشكۈلدۇر. ‹ ئادەم بالىسىنىڭ تۇغۇلىشىدىنلا ئىقتىدارلىق ۋە باي بولۇپ تۇغۇلمايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ كۈچى ۋە بايلىقىغا تايىنىدىغانلىقىنى، باشتىن ئاخىر ئاللاھقا سادىق بولۇش ۋە ئۇنىڭ شاپائەتلىرىگە شۈكۈر ئېيتىش› تىن باشقا يەنە مۇھەببەت بىلەن تەڭلەشكىلى بولىدىغان ھەقىقەتكە يېتىش يولى يوقتۇر.

      مۇھەببەت تەڭرىمىز بىزگە ئاتا قىلغان ئارغىماققا ئوخشايدۇ، ئارغىماقنى مىنگىنىمىزدە ئۇ بىزنى ئىلگىرى يوقىتىپ قويغان گۈزەل باغچىمىزغا باشلاپ بارىدۇ. بۇ ئارغىماقنى مىنگەن ئادەم ھەرگىز يول ئازابى تارتمايدۇ. گەرچە بەزى ۋاقىتلاردا بەزىلەر ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان ئارغىماقنى مىنەلىگەنلىكىدىن كۆرەڭلىشىپ قويۇشسىمۇ، ئەمما بۇ ھامان ئۇلار بىلەن ئاللاھ تائالا ئوتتۇرىسىدىكى ئىشتۇر.

      مەيلى بۇ دۇنيادىكى ۋەياكى ئۇ دۇنيادىكى ئوت يالقۇنلىرى بولسۇن، ھەممىسى مۇھەببەت ئۈچۈن كۈل بولۇشقان ئادەملەرنى كۆيدۈرەلمەيدۇ. بۇ دۇنيادا دوزاخ ئوتىنىڭ كۆيدۈرۈشىدىن قورققان ئادەم ھەرگىزمۇ دوزاخقا كىرمەيدۇ. ئەكسىچە ئۆزىنى پولاتتەك مۇستەھكەم چاغلىغان، ھەرگىز دوزاخقا چۈشۈپ قالمايمەن، دەپ شىلتىڭ ئاتقان كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بارارگاھى بەلكىم يەنىلا شۇ دوزاخ بولۇشى مۇمكىن. بۇ دۇنيادا مۇھەببەت ئوتىدا كۆيۈشكە رازى بولغانلار، دوزاخ ئازابىغا بەرداشلىق بېرەلىگەنلەر ۋە ئۆزىنىڭ نەپسى ۋە بۇ دۇنيانىڭ تۈرلۈك مەئىشەتلىرى بىلەن ئېلىشالىغان كىشىلەر، ئاخىرەتتە ھەرگىز ئازاپ چەكمەستۇر.

      مۇھەببەت بىزگە پىداكارانە روھنى ئىنئام قىلىپ، بىزنى شۇ مۇھەببەت ئىچىگە سىڭدۈردى. مۇھەببەت بىزدىن ئۈزلۈكسىز تۈردە مۇھەببەت بېرىش ۋە ئۈزۈل-كېسىل ھالدا ئۆزىمىزنى بېغىشلىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ، مېنىڭچە يۇقىرىقى بايانلار دەل ئىنساننىڭ ماھىيىتى بولسا كېرەك.

    سۆيگۈچىدە سۆيۈلگۈچىگە قارىتا مىسقالچىلىكمۇ دۈشمەنلىك ئىدىيىسى بولماسلىقى كېرەك، كىچىككىنە ئۆچ كۆرۈش بولۇپ قالسىمۇ بولمايدۇ. ئۇلار سۆيۈلگۈچىنىڭ غۇۋا ۋە خۇنۇك بولۇپ قېلىشىغا يول قويسا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ خىل ھەرىكەت بۇ ياراتقۇچىنى ئۇنتۇپ، ئۆزىنىڭ سەنىمىگە دەسسەشكە باشلاپ ئاپىرىدۇ. بۇ سۆيۈلۈش بولمايدۇ، قىلغانلىرى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن بولماي قالىدۇ، سۆيگۈچىنىڭ نەزىرىدە بۇ پەقەت ئەسلىنى ئۇنتۇش ۋە ساداقەتسىزلىكتۇر خالاس.

    مۇھەببەت قەلبنىڭ ئىچ-ئىچىدىن ئۇرغۇپ چىقىدىغان، سۆيگۈچىگە بولغان يۈكسەك دەرىجىدىكى مايىللىقتۇر، مۇھەببەت سۆيگۈچىنىڭ ئۆزىنىڭ بارلىق ھېسيات ۋە ئوي-خىياللىرىنى مۇھەببەتكە مۇجەسسەم قىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. سۆيگۈچىنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتى مۇھەببەتنى ئىپادىلىشى، ئۇنىڭ يۈرىكى ھەر زامان مۇھەببەت ئۈچۈن سوقۇشى، ئۇنىڭ تىلى ھەم دىلىدا ھەر زامان سۆيۈلگۈچى يادلىنىشى، ئۇ كۆزىنى يۇمغاندىمۇ سۆيۈلگۈچىنىڭ ئوبرازى ئۇنىڭ ئالدىدا نامايەن بولۇشى كېرەك. مانا بۇ ھەقىقىي مۇھەببەتتۇر.

    مەيلى شاماللاردىن، يامغۇردىن، شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان جىرا سۇلىرىدىن، قاتمۇ-قات ئورمانلاردىن، سەھەردىن، شەپەقتىن سۆيۈلگۈچىنىڭ سىماسىنى كۆرۈپ قالغاندا، سۆيگۈچى دەرھال ئۇيقۇدىن ئويغىنالايدۇ. ئۇ جىمىكى مەۋجۇداتتىن سۆيۈلگۈچىنىڭ خىسلىتىنى كۆرۈپ، ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ بارىدۇ. سۆيگۈچى شاماللاردىن سۆيۈلگۈچىنىڭ ھىدىنى پۇراپ ئۇنىڭدىن خۇشاللىنىدۇ. مۇھەببەتتە كەتكۈزۈپ قويغانلىقىنى ھېس قىلغان ۋاقتىدا بولسا قاتتىق ئازاپلىنىدۇ.

      سۆيگۈچى سۆيۈلگۈچى تەرىپىدىن بېرىلگەن بىشارەتنى ھېس قىلغان ۋاقتىدا بولسا ئۆزىنى ئاللىبۇرۇن بىر پارچە ئوت دېڭىزىدا كۆرىدۇ. شۇنداقلا ئۇلار ئۆزىنى كۆيۈۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ، ئەمما قېچىشنى ئەسلا ئويلاشمايدۇ.

    ھەقىقىي مۇھەببەت بىلەن يات جىنىسلارغا بولغان مۇھەببەتنى ھەرگىز ئارىلاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. يات جىنىسلارغا بولغان مۇھەببەتنىڭ بەزىدە چىن مۇھەببەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلىدىغان ۋاقىتلىرى بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۆمرى ناھايىتى قىسقا بولىدۇ. ھەقىقىي قىممەتكە ئىگە بولالمايدۇ.

    مۇھەببەتنى تىل ئارقىلىق ئىپادىلەش مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى ئۇ بىر خىل پەقەت سۆيگۈچىلا ھېس قىلالايدىغان ھېسسىي تۇيغۇدۇر.

    سۆيگۈچى مۇھەببەتنىڭ كۈچىدىن مەستخۇش بولىدۇ، مۇھەببەتكە چوقۇنىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن خۇرسەن بولىدۇ. پەقەت قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىلا سۆيگۈچىنى ئويغىتالايدۇ.

      ھەقىقىي مۇھەببەتلا بىردەملىك مەئىشەت قالدۇرۇپ كەتكەن ئازاپنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئازاپتىن سەكپارە بولۇۋاتقانلارغا تەسەللىي بولالايدۇ. ھەقىقىي مۇھەببەتلا داۋاسى يوق كېسەل دەپ قارالغان كېسەل ۋە ئازابلارنىڭ شىپاسىدۇر.

    بىز پەن-تېخنىكىنى، مەدەنىيەتنى يۈكسەلدۈرۈش ئۈمىدىنى ياشلارغا يۈكلىدۇق. ئەمما بىز ئۇلارنىڭ قەلبىگە مۇھەببەت ئۇرۇقىنى چاچمىساق، ئۇلار مەڭگۈ ئالغا ئىلگىرىلىيەلمەسلىكى، مەڭگۈ ئەمەل-مەنسەپكە چوقۇنۇش ئىدىيىسىدىن قۇتۇلۇپ چىقالماسلىقى مۇمكىن.

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : مۇھەببەت , ئاللاھ , روھ , فەتىھۇللا گۈلەن , خالىسە ئەھمەد
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-8-13 16:12:56
    تەھرىر : admiral
    باھا : 0 كۆزىتىش : 170
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证