تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    halisa
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 13064
    115170089@qq.com

    يازما سانى : 53
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-5-20 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    تولاسىداس(1532-1623)



      تولاسىداس

      تولاسىداس (1532-1623) ھىندىستاننىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئۇلۇغ شائىرى ۋە دىنىي ئىسلاھاتچىسى. ئۇ شىمالدىكى ئاللاھباتقا يېقىن بىر يېزىدىكى بىر براخمان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، كىچىك چېغىدىلا ئاتا-ئانىسىدىن يېتىم قالغان. تۇغقانلىرى ئۆيدىن ھەيدەپ چىقارغاندىن كېيىن، بۇتخانىلاردا يېتىپ قوپۇپ، كوچىلاردا تىلەمچىلىك قىلىپ، كىشىلىك جەمئىيەتنىڭ ئازاب- ئوقۇبەتلىرىنى يەتكۈچە تارتقان. ئۇ 15 ياش ۋاقتىدا، ئۇنى باشقىلار بېقىۋالغان. ئۇ بىر بۇرابات (دۇئا-ئىبادەت بىلەن شۇغۇللانغۇچى› غا ئەگىشىپ، سانكىرت تىلى ھەم بۇددا نوملىرىنى ئۆگەنگەن. راما رىۋايەتلىرىنى ئاڭلىغان. ئۇ بىراخمان ئالىمى بولۇپ يېتىشكەندىن كېيىن، يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ ئۆي-ئوچاقلىق بولغان. ئۇزۇن ئۆتمەي ئائىلىسىنى تاشلاپ بۇرابات بولۇپ 25 يېشىغىچە، ھىندىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىنى كېزىپ يۈرگەن. 10-ئەسىردە، مۇسۇلمانلار ھىندىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن كېيىنكى ئالتە ئەسىر داۋامىدا، ھىندىستان يات مىللەتنىڭ قىلىچى ئاستىدا تىز پۈكۈپ، ئىچكى قىسىمدا كۆپلىگەن چوڭ-كىچىك بەگلىكلەرگە بۆلۈنۈپ كەتكەنىدى. شۇڭا، ساياھەت جەريانىدا ئۇرۇشنىڭ كەينى-كەينىدىن كېلىۋاتقان ئاپەتلىرى، ھاكىمىيەتنىڭ چىرىكلەشكەنلىكى، دىننىڭ چۈشكۈنلۈكى، خەلقنىڭ تاقەت قىلغۇسىز دەرىجىدە تارتقان جاپا-مۇشەققىتى قاتارلىق ھەقىقىي مەنزىرىلەر ئۇنىڭ روھىي دۇنياسىنى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن ھالدا كۆز ئالدىدا نامايان بولغان. تولاسىداس مۇشۇنداق داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقان ئەنسىز دەۋرلەردە، شۇ چاغدىكى ئۇقۇمۇشلۇق ئەربابلار بىلەن بىرلىكتە دىنىي ئىسلاھات ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق جەمئىيەتنى ئۆزگەرتمەكچى بولغان. ئۇ دىننىڭ ئېزىشى ۋە كەمسىتىشىگە قارشى تۇرۇپ، ھەممە كىشىنىڭ راماغا ئېتىقاد قىلىشىنى، راما روھى دەۋر سۈرگەن خاندانلىقنى بىرلىكتە يارىتىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇ دىنى مۇقەددەس جايلاردا، بىر تەرەپتىن دىنىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ، ئەدەبىيات ئىنسانلار قەلبىنى ئەڭ ياخشى بايان قىلىدىغان قۇرال، دەپ ھېسابلاپ، ئەدەبىياتنىڭ خاھىشچانلىققا ئىگە بولۇپ، تەربىيىۋى رول ئوينىشىنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇ ئەدەبىياتنىڭ شەخسىي ‹ھېسيات› نى قوزغاپ، كۆڭۈل ئاچىدىغان نەرسىگە ئايلىنىپ قېلىشىغا قارشى تۇرغان. ئۇ ئۆمۈر بويى شېئىرىيەت ئارقىلىق خەلققە راماغا سادىق بولۇش روھىنى سىڭدۈرۈپ، كىشىلەر قەلبىنى ئويغىتىش بىلەن جەمئىيەتنى ئۆزگەرتمەكچى بولغان. شۇڭلاشقا ئوتتۇرا ئەسىردىكى ھىندىستاننىڭ دىنىي ئىسلاھاتى كۆپىنچە ئەدەبىيات شەكلى ئارقىلىق تارقىلىپ كەلگەن. ئەينى ۋاقىتتىكى ساداقەتلىك نەزمىسىنى ئاساس قىلغان ئەدەبىيات دولقۇنى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئەدەبىيات مۇنبەرلىرىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك قاپلىغان. تولاسىداس بۇ ئىككى ھەرىكەتنىڭ رەھبىرى بولۇپ قالغان.

      تولاسىداس 25 يېشىدىن ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، جەمئىي 12 پارچە شېئىرلار توپلىمى يازغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئاساسلىقى قىرانلىق دەۋرىدە يازغان ‹رامانىڭ شاپائىتى› (1575-يىل ئۆپچۆرىسىدە) ئەسىرىدۇر. 2000 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ھىندىستاندىكى ھەر خىل تىللاردا راما ھېكايىلىرى تېما قىلىنغان ئىپىك داستانلار كۆپلەپ مەيدانغا چىققان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ھېچبىرى تولاسىداسنىڭ ‹رامانىڭ شاپائىتى› ناملىق داستانىغا يەتمەيدۇ. نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان داستان كىشىلەر تەرىپىدىن ئەدەبىياتنىڭ نەمۇنىسى، ئەخلاق خەزىنىسى، تۇرمۇشنىڭ قامۇسى، دەپ قارىلىپ كەلمەكتە. ‹رامانىڭ شاپائىتى› دۇنياغا كەلگەندىن بۇيان، 10 مىليون پارچە ئەتراپىدا تارقالغان. دۇنيادىكى ئاساسلىق تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان. بۇنىڭدىن بۇ داستاننىڭ غايەت زور بەدىئىي كۈچىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

      تولاسىداس ‹رامانىڭ شاپائىتى› داستانىنى يېزىشقا كلاسسىك داستان ‹رامايانا› دىن پايدىلانغان بولسىمۇ، لېكىن شائىر داستاننىڭ ۋەقەلىكىنى قۇراشتۇرۇش، پېرسۇناژلارنىڭ ئوبرازىنى يارىتىش، تىلىنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق جەھەتلەردە بۇرۇنقىسىدىن زور دەرىجىدە ياخشىلىغان. داستان بابقا بۆلۈنگەن بولۇپ،جەمئىي 20 مىڭ مىسرادىن ئاشىدۇ. ھېكايىدە بايان قىلىنىشىچە، ئۇلۇغ مالائىكىلەردىن بېشىنۇ يەر يۈزىگە چۈشۈپ، ئايۇپتۇ دۆلىتىنىڭ شاھزادىسى راماغا ئايلىنىدۇ. ئۇ چوڭ مالائىكىنىڭ ئىلتىجاسى بىلەن مىتىدو ئىلكىدىكى ئورمانلىققا بېرىپ، ئالۋاستى دوروكانى ئۆلتۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ دۆلەتنىڭ مەلىكىسى شېدونى خوتۇنلۇققا ئالىدۇ. ئۇ تەختتە ئولتۇرغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ دادىسى ئۆگەي ئانىسىنىڭ پىتنە-ئېغۋالىرىغا ئالدىنىپ راما بىلەن شېدونى ئورمانلىققا 14 يىل سۈرگۈن قىلىدۇ. ئۇلار ئورمانلىقتا ياشاۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە، شېدونى ئاراللار دۆلىتىدىكى ئون باشلىق دىۋە بۇلاپكېتىدۇ. راما كارامەتلىك مايمۇننىڭ ياردىمى بىلەن دېڭىزدىن ئۆتۈپ، شېدونى قۇتۇلدۇرۇۋېلىپ، شېدونى ئۆلتۈرىدۇ-دە، دۆلىتىگە قايتىپ كېلىپ تەختكە ئولتۇرىدۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، رامانىڭ گۈللەنگەن دەۋرى باشلىنىدۇ. ئۇ يەردە ئاپتور رامانىڭ ۋەقەسىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىش ئارقىلىق، ھىندىستاننىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى فېئوداللىق جەمئىيىتىنىڭ كەڭ كارتىنىسىنى سۈرەتلەپ بەرگەن. ئاپتورنىڭ پۈتۈن داستانغا سىڭدۈرگەن يېتەكچى ئىدىيىسى مېھرىبانلىقۋە پىداكارلىقتىن ئىبارەت. ھىندىستاننىڭ ھازىرقى زامان ئۇلۇغ سىياسىئونى گەندى بۇنىڭدىن غايەت زور تەسىر ئالغان.

      ‹رامانىڭ شاپائىتى›نىڭ چوڭ بەدىئىي ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭ كۆپلىگەن جانلىق بەدىئىي ئوبرازلارنى يارىتالىغانلىقىدا. ئۇ نۇرغۇن كۈچ سەرپ قىلىپ سۈرەتلىگەن رامادىن ئىبارەت بۇ ئوبراز تەكەببۇرلۇقتىن خالىي، ئىنسانىي خىسلەتكە باي، ئۆز ھاياتىدىن ۋاز كېچىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىدىغان باتۇر، ئۇرۇش قىلىشقا ماھىر، دوستلارغا يول قويىدىغان مۇكەممەل خاراكتېرگە ئىگە ۋە ياخشى پەزىلەتكە باي قىلىپ تەسۋىرلەنگەن. ئاپتور خەلقنىڭ بېشىغا كەلگەن بالايىئاپەتنى يوقىتىدىغان رامانى تەسۋىرلەش ئارقىلىق، شۇ ۋاقىتتىكى خەلققە زۇلۇم سېلىۋاتقان ھۆكۈمرانلارغا قارشى تۇرىدۇ. ئاپتور سۈرەتلەپ بەرگەن ئالىتوپىلاڭ كۆتۈرۈپ بايلىق يىغىۋالغان، كەيپ-ساپاغا بېرىلىپ، ئەيش-ئىشرەت قىلىۋاتقان ئون باشلىق دىۋىدىن ئىبارەت بۇ مەخلۇق زۇلمەتلىك رېئاللىقنىڭ ئەينەن تەسۋىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئاپتور ئاخىرىدا يورۇقلۇقنى قاراڭغۇلۇق ئۈستىدىن، ھەققانىيەتنى ياۋۇزلۇق ئۈستىدىن غەلىبە قىلدۇرۇپ، كىشىلەرگە جىنايەت بار ۋە گاداي، ئۇرۇشنىڭ بالايىئاپەتلىرى بولمايدىغان خىيالىي، غايىۋى جەمئىيەتنى تەسۋىرلەپ بەرگەن. ئۇ بۇ غايىۋى جەمئىيەت ئارقىلىق، ئوتتۇرا ئەسىردىكى ھىندىستان خەلق ئاممىسىنىڭ مەلۇم دەرىجىدىكى قىزغىن ئۈمىدى ۋە ساداسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن داستاندا تەقدىرچىلىك تەرغىپ قىلىنىپ، ئىنسانلار راماغا سادىق بولۇش ئارقىلىقلا ئازادلىققا ئېرىشەلەيدۇ، دېگەن كۆز-قاراش بازارغا سېلىنغان، ئۇنىڭدا يەنە فېئوداللىق ئەخلاق تەرغىپ قىلىنىپ، ئۇرۇقداشلىق تۈزۈم قوغدالغان. شۇڭا بۇ ھۆكۈمرانلارنىڭ دىتىغا ياققان. داستاننىڭ تارىختىن بۇيان ھۆكۈمرانلار سىنىپىنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ھەم خەلق ئىچىدە ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا تارقىلىپ كېلىشكە سازاۋەر بولۇشى ئۇنىڭدا ھەم فېئوداللىق شاكالنىڭ ھەم دېموكراتىك مېغىزنىڭ بولغانلىقىدىن بولغان.

      ئەينى ۋاقىتتا قاراڭغۇلۇق بىلەن يورۇقلۇق، قالاقلىق بىلەن ئىلغارلىق ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش ئەدەبىي ئىجادىيەت ئۇسۇلىدىمۇ چوڭقۇر ئەكس ئەتتۈرگەنىدى. مۇتەئەسسىپ كۈچلەر ھەر قانداق ئادەمنى كونا، ئەنئەنىۋىي دائىرىدىن بىر قەدەممۇ سىرتقا چىقىشقا يول قويمايتتى، لېكىن تولاسىداس ئۇلارنىڭ چەكلىمىلىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ ئۇلارنىڭ تۈرلۈك ھۇجۇملىرىغا تاقابىل تۇرۇپ، خەلق ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن ئافېتنىڭ جانلىق تىلى ۋە ئاددىي، چىن بولغان ئەدەبىي ئۇسلۇبىنى قوللىنىپ ئىجادىيەت ئېلىپ بارغان ھەمدە ئەينى ۋاقىتتىكى ئەدەبىي ئېقىملارغا تەنقىدىي ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى ئۆزلەشتۈرگەن. شۇڭا ئۇنىڭ شېئىرىي ئىجادىيىتى ئالاھىدە كۆركەم ۋە گۈزەل بولۇپ ئوتتۇرىغا چىققان. 68 ياشتىن ئاشقان ۋاقتىدا، ئۇ ھېسسىياتلىق دىنىي لىرىك شېئىرلار توپلىمى ‹كەمتەرلىك› ۋە ‹ھۆرمەت مەكتۇپى› (1600) نى يازغان. شۇ يىلى يەنەئۇسلۇبى پۈتۈنلەي ئوخشاشمايدىغان ئەقلىيە شېئىرلىرىدىن ‹غەزەللەر› (1600) نى يېزىپ چىقىپ، ئادەملەرگە ئۆزىنى قانداق تەربىيىلەش ھەققىدە مەسلىھەت بەرگەن. ئۇ يەنە قىزغىنلىق بىلەن كېچىدىكى مۇھەببەت ھېكايىلىرىنى ئاساس قىلغان لىرىكىلىق تىپىك داستان ‹كېچىدىكى شېئىرلار› نى يازغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا، ئۇنىڭ كېسەللىك چىرمىۋالغان بولسىمۇ، ئۇ يەنە ئون نەچچە يىلنى سەرپ قىلىپ، راما ھېكايىسىنى يىپ ئۇچى قىلغان ئاساستا، پۈتۈن ئۆمرىدىكى كەچۈرمىشلىرىنى خۇلاسىلەپ ‹شېئىرنىڭ ئىگىسى› ناملىق داستان يېزىپ چىققان. داستاندا، دېھقانلارنىڭ يەرسىز قېلىپ، ئاچ-يالىڭاچلىقتىن زار قاقشاۋاتقانلىقى، ھۈنەرۋەنلەرنىڭ ئىشسىز قېلىپ قۇرۇق قاقشال بولۇۋاتقانلىقى تەسۋىرلەنگەن. شائىر خەلقنىڭ ئازاب-ئوقۇبەت دېڭىزىغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، قاتتىق ھەسرەت چەككەن ۋە غەزەپلەنگەن. شائىر ئاقىۋەت خولىرا كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، 1623-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن. ھىندىستان خەلقى ئۇنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن مەقبەرە تىكلەپ، بۇتخانا سالغان.

     

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : تولاسىداس , رامانىڭ شاپائىتى , ھىندىستان , _
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-8-13 12:58:07
    تەھرىر : admiral
    باھا : 0 كۆزىتىش : 79
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证