تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    halisa
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 13064
    115170089@qq.com

    يازما سانى : 53
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-5-20 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    پىرىمچاند (1880-1936)



     

    پىرىمچاند

     

      پىرىمچاند (1880-1936) ھىندىستاننىڭ ھازىرقى زامان مەشھۇر رېئالىستىك يازغۇچىسى. ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى بولسا تىنابورت راكى بولۇپ، ھىندىستاننىڭ ئوتتار پىرادىشىدىكى مەشھۇر شەھىرى بەنارەسقا يېقىن رامۇش كەنتىدە تۇغۇلغان، دەسلەپتە ئۇ ئوردۇ يېزىقى بىلەن، كېيىن ھىندى يېزىقى بىلەن ئەسەر يازغان. ئۇ ئۆمۈر بويى ئىخلاس بىلەن قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، قاتتىق ئىشلەپ كېيىنكىلەرگە 21 رومان 250 تىن ئارتۇق ھېكايە ۋە نۇرغۇن ئوبزور، سەھنە ئەسەرلىرى، كىنو سىنارىيىسى،بالىلار ئەدەبىياتى ئەسەرلىرى قاتارلىق ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرغان.

      پىرىمچاندنىڭ پۈتۈن ئۆمرى جاپا-مۇشەققەتتە ئۆتكەن. بالىلىق چاغلىرىدا ئائىلىسى خېلىلا نامرات بولۇپ، ئاتىسى پوچتىخانىنىڭ ئاددىي خىزمەتچىسى ئىدى. پىرىمچاند كىچىكىدىن باشلاپ ئاتىسى بىلەن ئۇياق-بۇياققا بىللە بېرىپ، يېزا-قىشلاقلار بىلەن تونۇشىدۇ. دېھقانلارغا يېقىنلىشىدۇ. سەككىز ياشتىن ئاشقاندا، ئاپىسى ئۆلۈپ كېتىپ، كېيىن ئۆگەي ئانىسىنىڭ خورلۇقىنى تارتىدۇ. 15 ياشقا كىرگەندە، ئۆگەي ئاپىسى ئۇنى ھەم سەت، ھەم غەلىتە مىجەزلىك بىر قىزغا ئۆيلەپ قويىدۇ. بۇ تۇرمۇشتىن ئۇ قىلچە بەخت تاپالمايدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي ئاتىسى ئالەمدىن ئۆتۈپ ئائىلىنىڭ پۈتۈن ئېغىر يۈكىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئۇ بەزىلەرنىڭ مەسخىرە قىلىشىغا قارىماي، كەسكىنلىك بىلەن بىر تۇل خوتۇنغا ئۆيلىنىدۇ، ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى تۇرمۇشى تېخىمۇ غۇربەتچىلىكتە ئۆتىدۇ ھەتتا كىيىم-كېچەك ۋە كىتابلىرىنى سېتىپ دېگۈدەك كۈن ئۆتكۈزىدۇ. كۈلپەتلىك ماددىي تۇرمۇش، سۆزلەپ تۈگەتكۈسىز روھىي ئازاب ئۇنى جەڭگىۋار، قەيسەر ئىرادىلىك قىلىپ يېتىشتۈرىدۇ. ئۇ ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ۋە مۇپەتتىش بولۇپ، مىڭ تەسلىكتە ئىجتىمائىي پەنلەر بويىچە باكالاۋرلىق ئۇنۋانغا ئېرىشىدۇ. ئەسلىدە ئۇ ماگىستىرلىق ئۇنۋانغا ئېرىشىپ، ئادۋۇكاتلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ نامرات پۇقرالارنى ئاقلاشنى نىيەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بۇ ياخشى ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشمايدۇ. ئەڭ ئاخىرى، ئۇ ئەدەبىياتنى قۇرال قىلىپ، ئېزىلگەن، خورلانغان خەلق ئاممىسى ئۈچۈن ھەقىقەتنى سۆزلەپ، ھىندىستاننىڭ مۇستەقىللىكى ۋە ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش نىيىتىگە كېلىدۇ. 1921-يىلى ئۇ مۇپەتتىشلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىپ، ئۆزىنى ئەدەبىيات ئىشىغا بېغىشلايدۇ.

      پىرىمچاند ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ ‹ئاققۇ›، ‹ئويغىنىش› دېگەن ئىككى چوڭ ھىندى ئەدەبىي ژۇرنىلىنى ئىشلەيدۇ. بىر نەشرىيات قۇرۇپ زور بىر تۈركۈم ياش يازغۇچىلارنى يېتىشتۈرىدۇ. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى بىر نەچچە يىلىدا ئۇنىڭ ئىجادىيىتى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ، ‹كېپەنلىك› دېگەن داڭلىق ھېكايىنى ۋە ‹گودەن› ناملىق ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە روماننى يازىدۇ. 1936-يىل 4-ئايدا ئۇ ھىندىستان بويىچە تەرەققىيپەرۋەر يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ ھەمدە قۇرۇلتاي خىتابنامىسىنىڭ لاھىيىسىنى يېزىش خىزمىتىگە بىۋاستە قاتنىشىدۇ. ئۇ ۋاپات بولۇشتىن بىر ھەپتە بۇرۇن گوركىينىڭ ۋاپات بولغان خەۋىرىنى ئاڭلاپ، ئۆزىنىڭ سەكراتقا چۈشۈپ قالغانلىقىغا تەزىيە نۇتۇقى يېزىپ چىقىدۇ، ئۇ قاتتىق چارچاپ كەتكەنلىكتىن، كېسىلى ئېغىرلىشىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئالەمدىن ئۆتىدۇ.

      پىرىمچاند ئەسەرلىرىنىڭ ئىچىدە ‹شەپقەت موناستىرى›، ‹سەھنە› ۋە ‹گودەن› قاتارلىق رومانلىرى ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە.

      ‹شەپقەت موناستىرى› (1921) دە ، دېھقانلار بىلەن پومېشچىكلارنىڭ مۇناسىۋىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، روماندىكى گىريانسونگىل زوراۋان، ئىستىبدات، رەزىللەرنىڭ سىمۋولى. ئۇنىڭ ئۇكىسى بىرىمسونگىل بولسا مۆمىن، رەھىمدىل ۋە ئالىيجانابلىقنىڭ ۋەكىلى. روماننىڭ ئاخىرىدا بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا ‹شەپقەت موناستىرى› نىڭ كارتىنىسى. دېھقانلارنىڭ بەختكە ئېرىشىپ قانائەت ھاسىل قىلغانلىقى گەۋدىلىنىدۇ. روماننىڭ ئاخىرىدا دېھقانلارغا مەنپەئەتلىك بولغان مېھىر-شەپقەتلىك يېڭى يېزا كارتىنىسىنىڭ سۈرەتلىنىشى ۋە دېھقانلارنىڭ ياخشى تۇرمۇشتا ياشىشى ئاپتورنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان خام خىيالىنىڭ مەھسۇلى. روماننىڭ ئەھمىيىتى شۇكى، ئاپتورنىڭ يېزا-قىشلاقلاردىكى ئۆتكۈر سىنىپى زىددىيەتلەرنى كۆرسىتىپ، فېئودال-پومېشچىكلارنىڭ گۇمران بولۇشىغا قاراپ يۈزلەنگەنلىكىدىن ئىبارەت ئىجتىمائىي رېئاللىقنى تەسۋىرلىگەنلىكىدە كۆرۈلىدۇ.

      ‹سەھنە› (1927) پىرىمچاندنىڭ ئەڭ ئۇزۇن رومانى بولۇپ، ئۇنىڭدا كاپىتالىزمنىڭ گۈللىنىشى ۋە زاۋاللىققا يۈزلىنىشى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپلا قېلىنماستىن، بەلكى ھىندىستاندىكى ھەر قايسى سىنىپلار تۇرمۇشىنىڭ كەڭ كارتىنىسىمۇ سۈرەتلىنىدۇ. ئاپتور باش قەھرىمان ئەسكەرنىڭ ئۆز يېرى ۋە ئۆز ئۆيىنى قوغداش ئۈچۈن قىلغان كۈرەشلىرى ئارقىلىق، كاپىتالىزم كۈچلىرىنىڭ ھىندىستان يېزا-قىشلاقلىرىغا بولغان ئىقتىسادىي زەربىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئاپتور باش قەھرىماننىڭ تىلى ئارقىلىق، ‹تۇرمۇش-تەنھەرىكەت مەيدانى، ھەر بىر ئادەم شۇ مەيداندىكى تەنھەرىكەتچى› دەيدۇ.

    ‹گودەن› (1936) 20-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ھىندىستان يېزا-قىشلاق تۇرمۇشىنىڭ ئەينەن ئىنكاسى بولۇپ، ئۇ چاغلاردا ھىندىستان ئەنگلىيە جاھانگىرلىكىنىڭ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشى ۋە مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ئىدى. كەمبەغەللىك، ئاچ-يالىڭاچلىق ئىچىدە قالغان كەڭ ئەمگەكچىلەر ئاممىسى جاھانگىرلىك ۋە فېئودالىزم، كاپىتالىزمنىڭ قاتمۇ-قات زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتاتتى. روماندىكى باش قەھرىمان خېرى غەزەپلىك ئىڭراۋاتقان نەچچە يۈز مىليون ھىندىستان دېھقانلىرىنىڭ تىپىك ئوبرازى. پىلال بولسا بىپايان يېزا-قىشلاقلىرىنىڭ كىچىكلىتىلگەن كۆرۈنۈشى. خېرى پومېشچىك، جازانىخور ۋە ژاندارمىلارنىڭ ئېچىنىشلىق ئېكىسپىلاتاتسىيىسىگە ھەم زۇلۇمىغا ئۇچرايدۇ. يىل بويى ئىشلەپ تاپقان ئاشلىقى خاماندىلا تۈگەيدۇ. فېئوداللىق ئەدەپ-قائىدىنىڭ تەسىرى ئاستىدا، ئۇ خىلمۇخىل چارىلەر بىلەن ئۆز جەمەتىنىڭ ‹ئىناۋىتى› نى ساقلاپ قالماقچى بولىدۇ. ئەمما يوقسۇللۇق،غۇربەتچىلىك ئۇنى بارلىق ‹ئار-نومۇس›،‹ئىناۋەت› تىن مەھرۇم قالدۇرۇپ، ئاخىرىدا ئۇ ئىككىنچى قىزىنىڭ تويلۇق مېلى ئۈچۈن بېرىدىغان نەرسە تاپالماي، قاتتىقچىلىق ۋە ئىلاجسىزلىقتىن ئىككىنچى قىزىنى بىر قېرى بوۋايغا ئىككىنچى خوتۇنلۇققا سېتىۋېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. خېرى ئازاب-ئوقۇبەت ئىچىدە تۇغۇلۇپ، ئازاب-ئوقۇبەت ئىچىدە ئۆلىدۇ، ئۇنىڭ پۈتۈن ھاياتى پاجىئەلىك تەقدىر بىلەن ئاياغلىشىدۇ.

    ئاپتور ‹گودەن› رومانىدا، دېھقان خېرىنىڭ ۋەيران بولغان پاجىئەلىك تەقدىرى ئارقىلىق كىشىلەرگە ھىندىستان يېزا-قىشلاقلىرىدىكى سىنىپىي زۇلۇم ۋە ئېچىنىشلىق ئېكىسپىلاتاتسىيىنىڭ كارتىنىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ھىندىستان يېزىلىرىدىكى پومېشچىكلار، ئەمەلدارلار، جازانىخورلار، براخمانلار نەزىر-چىراغ ئۆتكۈزۈش قائىدىسى ۋە ئاقساقاللارنىڭ دېھقانلار ئۈستىدىن يۈرگۈزگەن رەھىمسىز ھۆكۈمرانلىقىنى دەھشەتلىك قامچىلايدۇ. ئاپتور روماندا ۋەيران بولغان دېھقانلارنىڭ ئوبرازىنى تەسۋىرلەپ، ئېزىلگەن، خورلانغان ۋە ھاقارەتلەنگەنلەرگە چەكسىز ھېسداشلىق قىلىدۇ. ئۇلارنى ئەسەرنىڭ ھەقىقىي باش قەھرىمانى قىلىپ تەسۋىرلەيدۇ. بۇ رومان كۈچلۈك بەدىئىي جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە بولۇپ، خۇددى گوركى تەرىپىدىن يارىتىلغان « ئانا »، لۇشۈن تەرىپىدىن يارىتىلغان « ئاQ» غا ئوخشاش «گودەن »رومانىدىكى خېرىمۇ ھىندىستاندىكى قېرى-ياشنىڭ ھەممىسىگە تونۇشلۇق بولغان ئوبراز بولۇپ قالىدۇ.

    پىرىمچاندىنىڭ ئەسەرلىرى ھىندى تىلى ئەدەبىياتىغا رېئالىستىك ئاساس سالدى، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە مۇستەملىكە ۋە فېئودال كۈچلەرنىڭ قاتمۇ-قات زۇلمى ئاستىدىكى ھىندىستان دېھقانلىرىنىڭ تۇرمۇشى مەركەزلىك ھالدا ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ھىندىستان خەلقىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش كۈرەشلىرىنىڭ جانلىق كارتىنىسى ھەقىقىي تۈردە سۈرەتلەپ بېرىلدى.

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : پىرىمچاند , 1880 , 1936 , ھىندىستان , ئوبزور , سەھنە ئەسەرلىرى , _
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-8-13 11:22:59
    تەھرىر : admiral
    باھا : 0 كۆزىتىش : 62
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证