تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    halisa
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 13064
    115170089@qq.com

    يازما سانى : 53
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-5-20 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    كىرىشان چاندىر



    كىرىشان چاندىر

     

    كىرىشان چاندىر (1914-1977)، ھىندىستاننىڭ ئوردۇ تىلىدا ئەسەر يازىدىغان يازغۇچىسى. ئۇ، لاھوردىكى بىر ھىندى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، دادىسى كەشمىرلىك تېۋىپ ئىدى، شۇڭا چاندىرنىڭ بالىلىق دەۋرى بىلەن ياشلىق دەۋرى كەشمىردە ئۆتكەنىدى. كەشمىرنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى ۋە ئەمگەكچىلەرنىڭ نامراتلىقى چاندىرنىڭ مەسۈم قەلبىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ دەسلەپكى ئىجادىيىتى ئۈچۈن ئاساسلىق مەنبە بولغانىدى. كېيىن ئۇ ئايرىم-ئايرىم ھالدا لاھوردىكى بۇددا مەدرىسى، قانۇن ئىنستىتۇتى ۋە پەنجاپ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇپ، ئەدەبىياتتا ماگىستىر ۋە قانۇندا باكالاۋرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ. ئۇ ئۇنېۋىرسېتىتتا ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە مەكتەپ ژۇرنىلىنىڭ تەھرىرلىك خىزمىتىگە قاتنىشىپ، سىياسىي ۋە ئىقتىسادقا دائىر بىرمۇنچە ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ، سوتسىيالىزمغا قارشى ھۇجۇملارغا رەددىيە بېرىدۇ. شۇ چاغدا ئۇ يەنە ئەنگلىيىگە قارشى ھەرىكەتلەرگە قاتنىشىپ، قولغا ئېلىنىپ بىر ئايدىن كىيىن قويۇپ بېرىلىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە باشتىن-ئاخىر ئېتىبار بىلەن قاراپ، ئەينى ۋاقىتتىكى پەنجاپتىكى قارا خەلقلەر جەمئىيىتىنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئاكىتىپ قاتنىشىدۇ. ھىندىستان مۇستەقىللىككە ئېرىشكەندىن كىيىن، ئۇ يەنە ھىندىستان تىنچلىق لىشىخۈينىڭ رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئېلىپ، تىنچلىق ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. مول ئىجتىمائىي بىلىملەر ئۇنىڭ تۇرمۇش نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، سىياسىي سەزگۈرلۈكىنى ئاشۇرۇپ، ئەسەرلىرىدىكى كۆپلىگەن ئاساسىي تېمىلارنىڭ شۇ جەمئىيەتتىكى زور رېئال مەسىلىلەرگە بېرىپ تاقىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

    كىرىشان چاندىر 1937-يىلىدىن باشلاپ ‹ئاجايىپ تەسەۋۋۇر› دېگەن تۇنجى ھېكايىلەر توپلىمىنى نەشىر قىلدۇرۇپ، كەسپىي يازغۇچىغا ئايلىنىدۇ. ئۇ 1939-يىلى ھىندىستان رادىيو ئىستانسىسىدا ئىشلىگەن چېغىدا، كۆپ ۋاقتىنى دېھلى، لاھور ۋە لوكنوۋ شەھەرلىرى ئارىلىقىدا ئۆتكۈزىدۇ. 1942-يىلى رادىيو ئىستانسىسىدىكى خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ، كىنو ساھەسىدىكىلەر بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، كىنو ساھەسىدىكىلەر بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، كىنو سىنارىيىسى يېزىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇ يەنە دائىم ئۆزى يېزىپ، ئۆزى رېژىسسورلۇق قىلىدۇ. مەسىلەن: بىر مەھەل دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن ‹يۈرەك ساداسى› ۋە ‹ساراي سىرتىدا› دېگەن فىلىملار سىنارىيىسىنى ئۆزى يېزىپ، ئۇ فىلىملارغا ئۆزى رېژىسسورلۇق قىلغان.

      چاندىر ئۆمرىدە 30 پارچە رومان ۋە 20 نەچچە پارچە كىنو سىنارىيىسى يازغان، ئەمما ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت مۇۋەپپەقىيىتى، ئاساسەن، ھېكايىچىلىقتا ئىپادىلەنگەن. ئۇ جەمئىي 400 دىن ئارتۇق ھېكايە يېزىپ، ئۇنى 22 توپلامغا يىغىنچاقلىغان. شۇڭا ھىندىستاندىكى ئەدەبىي ئوبزورچىلار ئۇنىڭغا ‹ھىندىستان ھېكايىچىلىقىنىڭ پادىشاھى› دەپ نام بەرگەن. بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ كۆپلىگەن ئەسەرلىرى جۇڭگو تىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا 65 خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنىپ، دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەللەر كىتابخانلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ كەلمەكتە.

    ئۇنىڭ ئىجادىيىتىنى، ئاساسەن، ئىككى باسقۇچقا بۆلۈش مۇمكىن؛ دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئەسەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى كەشمىرنىڭ تەبىئىي شارائىتى ۋە كىشىلىك ئۆرپ-ئادەتلىرىنى سۈرەتلەپ بەرگەن بولۇپ، قويۇق رومانتىزملىق تۈس ئالىدۇ. دەسلەپكى ئەسەرلىرى ئارقىلىق، ئۇ كەشمىرنىڭ خىيابانلىق مەنزىرىسىدە، ئىشىق-مۇھەببەتكە بېرىلگەن قىزلارنىڭ شاد-خۇرام ناخشىلىرىنى، چاققان ئوۋچىلارنىڭ ئاجايىپ سەرگۈزەشتىلىرىنى، بېلىقچىلار قىزلىرىنىڭ ئىشىق-پىراقلىرىنى تەسۋىرلەيدۇ. ئۇنىڭ بۇ چاغدىكى ئەسەرلىرىگە ‹تور›،‹ئايدىڭ كېچە› ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇنىڭ بۇ مەزگىلدىكى بىر قىسىم ئەسەرلىرىدە، مەسىلەن، ‹ئاجايىپ تەسەۋۋۇر›، ‹ئۇزۇن كوچا› دېگەن ھېكايىلىرىدە، ئېزىلگۈچىلەرگە ھېسداشلىق قىلىپ، كونا تۈزۈم ئەيىبلىنىدۇ.

      چاندىر 1942-يىلى بېنگالدىكى ئاچارچىلىق تېما قىلىنغان ‹مەن ياشايمەن› دېگەن پوۋىستنى ئېلان قىلىدۇ. ئەسەر يازغۇچىنىڭ رومانتىزىمدىن رېئالىستىك ئىجادىيەت يولىغا قەدەم قويغانلىقىدىن ھەمدە ئۇنىڭ ھىندىستان ئەدەبىيات مۇنبىرىدىكى مۇھىم ئورنىنى تىكلىگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ پوۋېسىت ئۈچ قىسىمغا بۆلىنىدۇ، بىرىنچى قىسمى، مەكتۇپ ژانىرىدىكى ‹ۋىجدانلىق ئادەم› بولۇپ، ئۇنىڭدا، مەلۇم بىر دۆلەتنىڭ كالكوتتىدا تۇرۇشلۇق كونسۇلنىڭ دۆلەت باشلىقىغا يازغان خېتىدە، ئۆزىنىڭ ئاپەتكە بولغان كۆز-قارىشىنى دوكلات قىلغانلىقى تەسۋىرلىنىپ، قانخور مۇستەملىكىچىلەرنىڭ ئوبرازى تەپسىلىي، روشەن بايان قىلىنىدۇ. ئىككىنچى قىسمى ‹ئۆلگەن ئادەم› بولۇپ، ئۇنىڭدا ھاراققا بېرىلىپ كەتكەن بىر جانابنىڭ ئاپەتتىن قۇتۇلدۇرۇش نامىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، نام-شۆھرەت قازانماقچى بولغانلىقىدەك ۋەقە ئارقىلىق، مۆتىۋەر ھىندىلارنىڭ ئوبرازى تەسۋىرلىنىدۇ. ئۈچىنچى قىسمى، ‹ھايات ئادەم› بولۇپ، ئۇنىڭدا، ئاپەت جەريانىدا ئۆلۈپ كەتكەن بىر كىشىنىڭ پاجىئەلىك سەرگۈزەشتىلىرى ئارقىلىق، جەمئىيەت تراگېدىيىسىنىڭ چوڭقۇر ئارقا كۆرۈنۈشى ئېچىپ بېرىلىدۇ.

      يازغۇچى يەنە ئۇزۇن ئۆتمەيلا، تەرجىمىھال ژانىرىدىكى رومانى ‹ھالاكەت› نى ئېلان قىلىدۇ. بۇ روماندا بىر مۈلكىي ئەمەلدارنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان ئوغلىنىڭ تەتىل جەريانىدا ھامماچىسىنىڭ قىزىنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقى ئاساسىي ۋەقەلىك قىلىنىدۇ. ھامماچىسى ۋە ئۇنىڭ قىزى ئۆز جەمەتىدىن سۈرگۈن قىلىۋېتىلگەن بولۇپ، باشقىلارنىڭ پاناھلىقىدا كۈچ كەچۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئورنى بىلەن مەرتىۋىسى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ناھايىتى چوڭ بولغاچقا، ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى ئاتا-ئانىسىنىڭ قارشىلىقىغا ۋە جەمئىيەتنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ياشنىڭ كۆرەش ئىرادىسى كەمچىل بولغاچقا، ئاخىر ئۇلار بىر-بىرىدىن ئايرىۋېتىلىدۇ. قىز بىر دىنىي ئۆلىمانىڭ ئوغلىغا ياتلىق بولىدۇ. ئۆلىمانىڭ ئوغلى بەكمۇ كۆرۈمسىز، قىلىقلىرى غەلىتە بولغانلىقتىن، قىز ياتلىق بولۇپ، ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي ھەسرەت چېكىپ ئۆلۈپ كېتىدۇ. روماندىكى يەنە بىر مۇھىم ۋەقەلىك ‹يېقىنلاشقىلى بولمايدۇ› دېيىلگەن بىر تاغلىق قىزنىڭ ۋەيران بولغان بايۋەچچە بىلەن بولغان چىن مۇھەببىتىدىن ئىبارەت بولۇپ،  فېئوداللىق ئەقىدىلەرنىڭ توسقۇنلۇقى ۋە فېئوداللىق دىنىي كۈچلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىقى تۈپەيلىدىن يىگىت قاتتىق جازاغا تارتىلىپ ئۆلۈپ كېتىدۇ. قىز ئەقلىدىن ئادىشىپ سەرسان بولۇپ كېتىدۇ. روماندا يەنە پەنجاپ يېزىلىرىنىڭ تۇرمۇشى جانلىق ھەم ئەينەن تەسۋىرلىنىدۇ. ھاقارەتلەنگەن ۋە ئېزىلگەن ئىككى ئايالنىڭ پاجىئەلىك تەقدىرى ئارقىلىق ئادەمخور ئەدەپ-ئەخلاق ۋە كاپىتالنىڭ جىنايەتلىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە زىيالىيلارنىڭ يېڭى ھاياتقا ئىنتىلىش داۋامىدىكى ئاجىزلىقلىرى سۈرەتلىنىدۇ. بۇ رومان كىتابخانلار تەرىپىدىن رېئالىزىملىق مەشھۇر ئەسەر، دەپ ئېتىراپ قىلىنىدۇ.

      شۇنىڭدىن كېيىن، كىرىشان چاندىر ئىجادىيەت تېمىلىرىنىڭ دائىرىسى كېڭىيىدۇ. ئەسەرنىڭ سىياسىي ۋە رېئاللىق بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قويۇقلىشىدۇ ھەمدە روشەن مىللىي دېموكراتىك خاھىشقا ئىگە بولىدۇ. مەسىلەن، 1942-يىلى ئېلان قىلىنغان ‹ئۈچ لۈكچەك› دېگەن ھېكايىسىدە ئەينى ۋاقىتتا ھىندىستان دېڭىز ئارمىيە ئەسكەرلىرىنىڭ بومبايدا كۆتۈرۈلگەن قوزغىلىڭى ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ. 1942-يىلى ھىندىستان بىلەن پاكىستان بۆلۈنۈپ كېتىشنىڭ ئالدى-كەينىدە، ھىندىلار بىلەن مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدا مىسلىسىز چوڭ قانلىق توقۇنۇش يۈز بېرىدۇ. بۇ چاغدا، چاندىر ‹دافەنننىڭ ئوغلى› دېگەن ئەسەرنى يېزىپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ زوراۋانلىقىنى ئەيىبلەيدۇ. 1954-يىلى بومبايدىكى توقۇمىچىلىق ئىشچىلىرى كەڭ كۆلەمدە ئىش تاشلايدۇ. ئۇ مۇشۇ ۋەقەنى تېما قىلغان ئاساستا، ‹گۈل بولسا قىزىل بولسا› دېگەن داڭلىق ھېكايىسىنى يازىدۇ. چاندىر يەنە خەلقئارالىق تېمىدا بىر نەچچە رومان يازىدۇ. مەسىلەن، ‹ئەنجۈر دەرىخى› رومانىدا، ئىسپانىيە خەلقىنىڭ فاشىزم ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى ئازاب-ئوقۇبەتلىرى ۋە  ئۇلارنىڭ باتۇرانە قارشىلىقى تەسۋىرلىنىدۇ. ‹قەلبى قىزىل خانىش›، ‹ئۆلۈككە يېزىلغان خەت› ناملىق ھېكايىلىرىدە بولسا، جۇڭگو-چاۋشىيەن خەلقلىرىنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ. تېخىمۇ تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، 1951-يىلى ئۇ ‹دالا ئويغانغاندا› دېگەن پوۋېستنى ئېلان قىلىدۇ. ئۇنىڭدا ھىندىستاننىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى تىلانگانا دېھقانلىرىنىڭ قۇراللىق كۈرەشلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ. لېكىن يازغۇچىنىڭ تۇرمۇش چىنلىقى، ئالغان تەسراتلىرى كەمچىل بولغانلىقتىن، قۇراللىق كۈرەشنىڭ كۆرۈنۈشلىرىنى ئىجابىي جەھەتتىن تەسۋىرلىمەي، دېھقان جەڭچىلەرنىڭ ئوبرازىنى بىر ئاز خۇنۇكلەشتۈرۈپ قويىدۇ. شۇنداقتىمۇ، بۇ پوۋېستنىڭ يېزىلىشى يەنىلا ئاپتورنىڭ ئىلغار مەيدانىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.

      كىرىشان چاندىرنىڭ بەدىئىي ماھارىتى ئۆزىگە خاس يۈكسەكلىككە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ ھېكايىلىرى راۋان ۋە نەپىس ھەمدە يېڭى بەدىئىي پىكىر، مول تەسەۋۋۇر، چىن لىرىكا، جانلىق ئوبرازغا ئىگە بولۇشتەك خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە.

    چاندىرنىڭ رېئالىستىك ئىجادىيىتى ئوردۇ تىلى ئەدەبىيات مۇنبىرىدە بىر مەھەل ئەۋج ئېلىپ كەتكەن چۈشكۈنلىشىش خاھىشىنى ئۆزگەرتىشتە چوڭ رول ئوينىدى.

     

     

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : كىرىشان چاندىر , ھىندىستان , _
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-8-13 11:20:55
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 82
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证