تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    halisa
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 13064
    115170089@qq.com

    يازما سانى : 53
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-5-20 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    نەجىب مەھبۇز



     

    نەجىب مەھبۇز

     

      نەجىب مەھبۇز (1912-) مىسىرنىڭ ھازىرقى زامان رومان يازغۇچىسى. ئۇ قاھىرەدە ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1930-يىلىدىن 1934-يىلىغىچە قاھىرە ئۇنىۋېرسىتېتى ئىجتىمائىي پەنلەر ئىنستىتۇتىنىڭ پەلسەپە فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، دىنىي مەبلەغ مىنىستىرلىكى،مەدەنىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش مىنىستىرلىكى ھەمدە ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە ئىجتىمائىي پەنلەرگە غەمخورلۇق قىلىش ئالىي كومىتېتىدا ئىشلىگەن.

      نەجىب مەھبۇز 1930-يىللاردىن 1940-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە تارىخىي رومانلارنى يېزىش بىلەن ئۆزىنىڭ ئىجاىيەت ھاياتىنى باشلىغان، ئۇنىڭ ‹تەقدىرنىڭ مەسخىرىسى› (1939)، ‹رادوبىس›-يەنە بىر نامى ‹فىرئەۋىن ۋە داڭلىق پاھىشە› (1943)، ‹تائىپە ئۇرۇشى› (1944) قاتارلىق ئەسەرلىرىدە مىسىرنىڭ قەدىمكى تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنىپ، مىسىر خەلقىنىڭ ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرىگە بولغان چەكسىز غەزەپ-نەپرىتى ۋە ئۇلارنى مىسىر تۇپرىقىدىن قوغلاپ چىقىرىش ئارزۇسى ئىپادىلەنگەن. بولۇپمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدە ‹رادوبىس› رومانى بىر قەدەر داڭلىق بولۇپ، ئاپتور ئۇنىڭدا قەدىمكى مىسىردا ئۆتكەن فىرئەۋىننىڭ شەھۋانىي تۇرمۇشقا بېرىلىپ، مەنىسىز ھاياتقا ئەسىر بولغانلىقى، ئاخىرىدا پاجىئەلىك ئاقىۋەتكە قالغانلىقى تەسۋىرلەنگەن. روماننىڭ باش قەھرىمانى رابودىس ھۆسىن-جامال، نازۇ-كەرەشمە، قۇۋلۇق-شۇملۇق قىلىشتا تەڭ يېتىلگەن ئايال بولۇپ، شاھ، تۆرە ، پۇلدار، ئالىم ۋە مەشھۇر زاتلارنىڭ سەجدىگاھىغا ئايلانغان. ھالبۇكى، ئاسماندىن چۈشكەن گۈللۈك بىر پاي كەش مىسىر پادىشاھى فىرئەۋىننى ئاشۇ گۈزەلنىڭ قەسىرىگە مەھلىيا قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن فىرئەۋىن  دۆلەت ئىشلىرىدىن ۋاز كېچىپ، بارلىقىنى ئۇنىڭغا بېغىشلايدۇ. بۇ ئەھۋال دىندارلار باشچىلىقىدىكى ئاۋام خەلق ئارىسىدا كۈچلۈك غەليان قوزغايدۇ. فىرئەۋىننىڭ شاھلىق تەختى دولقۇنلۇق دېڭىزدىكى قولۋاقتەك تەۋرىنىشكە باشلايدۇ. ئەنە شۇنداق ھايات-ماماتلىق پەيتلىرىدە قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەل-يۇرتنى سۆيۈش كېرەكمۇ ياكى ساھىپجامالنىمۇ؟ ئەسەرنىڭ خاتىمىسى كىتابخاننىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدىغان يېشىم بىلەن ئاخىرلىشىپ، سىياسىي بىلەن مۇھەببەت گىرەلىشىپ كەتكەن دەھشەتلىك پاجىئەنى پەيدا قىلىدۇ.

      نەجىب مەھبۇزنىڭ ئىجادىيىتى 1940-يىللارنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ، نۆۋەتتىكى رېئال تۇرمۇش، رېئال كۈرەشنى يېزىشقا بۇرالغان. ئۇنىڭ تۇنجى رېئالىستىك رومانى ‹يېڭى قاھىرە› دە پارۇق خاندانلىقى ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدىكى ھەر خىل سىياسىي-ئىجتىمائىي ئىللەتلەر پاش قىلىنغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ‹مېداگ كوچىسى› (1947)، ‹باشتىن-ئاياغ خاتىرىلەش› (1949)، ‹مەھەللىمىزنىڭ بالىلىرى›(1959) قاتارلىق رومانلارنىمۇ يازغان. بولۇپمۇ يازغۇچىنىڭ ‹ئىككى قەسىر ئوتتۇرىسىدا› (1956)، ‹قەسىرگە تەلپۈنۈش› (1957)، ‹گەنلۇ رەستىسى›(1957) ناملىق تىرىلوگىيسى نەشىردىن چىققاندىن كېيىن، ئەدەبىيات مۇنبىرىدە نامى چىققان. بۇ تىرىلوگىيىسىدە ئەھمەت ئائىلىسىنىڭ ئۈچ ئەۋلادى تۇرغان كوچىغا پەرقلەندۈرۈپ ئۈچ قېتىم نام بەرگەنلىك ۋەقەسى ئارقىلىق، بۇ ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە ئائىلىسىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى تەسۋىرلەپ، يېقىنقى زامان مىسىر جەمئىيىتىنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. يازغۇچىنىڭ 1960-يىللاردىكى مۇھىم ئەسەرلىرى ‹ئوغرى ۋە ئىت› (1961)، ‹يول›(1964)، ‹قەلەندەر› (1964)، ‹نىل دەرياسىدىكى زېرىكىشلىك پاراڭلار› (1964) ‹ نامى ياخشى بولمىغان ئائىلە› (1965) قاتارلىقلار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ‹ نىل دەرياسىدىكى زېرىكىشلىك پاراڭلار› بىلەن ‹ ئوغرى ۋە ئىت› ناملىق رومانلىرى ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە. ‹نىل دەرياسىدىكى زېرىكىشلىك پاراڭلار› دا ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە زىيالىيلىرىنىڭ غەم-قايغۇلىرى، ئىستىقبالىغا بولغان ئەندىشە-تەشۋىشلىرى ئىپادىلەنگەن. يازغۇچىنىڭ  ‹ ئوغرى ۋە ئىت› ئەسىرى 1960-يىللاردىكى ئەڭ نادىر ئەسىرى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئوغرى سەئىد بىلەن بىر توپ خائىنلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت توقۇنۇش ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئىت دەپ ئاتالغان بىر توپ خائىنلارنىڭ بەزىلىرى ئۆزلىرى ئەمەل قىلىپ كەلگەن كىشىلىك تۇرمۇشىغا بولغان قاراشلىرىدىن ۋاز كەچكەنلەر، بەزىلىرى دوستلىرىغا خائىنلىق قىلغانلار، بەزىلىرى چىن مۇھەببەتكە خائىنلىق قىلغانلار ئىدى. ئەسەر باش قەھرىمانى سەئىد كەمبەغەل ئائىلىدىن كېلىپ چىققان ياش بولۇپ، كىچىكىدىن باشلاپلا مۇستەقىل تىرىكچىلىك قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئۇ جان بېقىش ئۈچۈن، ئىش تاللىماي، ئۇدۇل كەلگەن ئىشنىڭ ھەممىسىنى قىلىدۇ. ئۇ ئۆز ئەمگىكى بىلەن تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى راۋۇپ بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدۇ. راۋۇپ ئۇنى يېنىغا تارتىپ، قانات ئاستىغا ئېلىپ ئوغرىلىق قىلىشنى ئۆگىتىدۇ ھەمدە ئوغرىلىق قىلىش باي بولۇش، دۆلەتمەن بولۇشنىڭ قانۇنلۇق، شەرەپلىك يولى ۋە بىردىنبىر ھايات پەلسەپىسى، دەپ ئالدايدۇ. بىراق، ئۇزۇن ئۆتمەي راۋۇپ ئۇنىڭغا خائىنلىق قىلىدۇ. سەئىد تۆت يىل تۈرمىدە يارىدۇ. سەئىد تۈرمىدىن چىققۇچە راۋۇپ ئاللىقاچان بېيىپ دۆلەتمەن شەخسكە ئايلىنىپ بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە سەئىد بىلەن بىللە ئوغرىلىق قىلغان ئەلىش دېگەن ئوغرى، سەئىد تۈرمىدىكى چاغدا سەئىدنىڭ خوتۇنىنى ئالداپ، يولدىن چىقىرىپ، تىل بىرىكتۈرۈپ سەئىدنىڭ ئۆي ۋە مال-بىساتلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ قىلىۋېلىپ، سەئىدنى ئەزەلدىن تونۇمايدىغان قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۆي-ماكانسىز قالغان ھەممىدىن ئايرىلغان، دەرد-ئەلەم بىلەن تولغان سەئىد قەتئىي نىيەتكە كېلىپ، ئۇ بىر توپ ئىتلاردىن ئىنتىقام ئالماقچى بولىدۇ. ئەمما بۇ بىر توپ ئىتلار ھۆكۈمەت ساقچىلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئادەمنى ئۆلتۈردى، دېگەن بەتنام بىلەن سەئىدنى پۈتۈنلەي خاراب قىلىدۇ.

      يازغۇچى بۇ ئەسىرىدە سەئىد بىلەن بىر توپ خائىنلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت-توقۇنۇش ئارقىلىق بۈگۈنكى مىسىر جەمئىيىتىدىكى تۈزەلمەس، قەبىھ ئىللەتلەرنى كۆرسىتىپ، ئۆزىنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش، ئەخلاق، دىن ۋە قانۇندىن ئىبارەت بىر قاتار ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە بولغان كۆز-قارىشى ۋە پوزىتسىيىسىنى ئىپادىلىگەن، يازغۇچى ئەسەردە ئالدى بىلەن بىردىنلا بېيىپ كەتكەنلەرنىڭ يىرگىنىچلىك، رەزىل ئەپت-بەشرىسىنى ماھىرلىق بىلەن ئىخچام تەسۋىرلەپ، خائىنلارنىڭ نومۇسسىزلىقى، نائىنساپلىقى ۋە ۋىجدانسىزلىقىنى غەزەپ بىلەن پاش قىلغان ۋە بۈگۈنكى مىسىر جەمئىيىتىدە، نۇرغۇن جىنايەت ئۆتكۈزگەن ۋە يامان ئىش قىلغانلارنىڭ تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ بەختلىك بولۇۋاتقانلىقى، قەدەممۇ-قەدەم يۇقىرى ئۆرلەۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن. ئىككىنچىدىن،  ئەسەردە ئاددىي كىشىلەرنىڭ بەختسىز تۇرمۇشى، پاجىئەلىك سەرگۈزەشتلىرىنى تەسۋىرلەپ، ئۇلارغا خەيرىخاھلىق، ھېسىداشلىق قىلىپ، بۈگۈنكى مىسىر جەمئىيىتىدە ئاق كۆڭۈل، سەمىمىي ئادەملەرنىڭ ھەممىلا يەردە بوزەك قىلىنىۋاتقانلىقى، بالا-قازاغا ئۇچراۋاتقانلىقى، خارلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن. ئۈچىنچىدىن، ھۆكۈمەت ساقچىلىرى بىلەن خائىنلارنىڭ، بۇزۇق ئادەملەرنىڭ ئۆز ئارا تىل بىرىكتۈرگەنلىك، ئېغىز-بۇرۇن يالاشقانلىقلىرىدىن ئىبارەت جىنايى شۇملۇقلىرى پاش قىلىنىپ، خەلق ئاممىسى بىلەن ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ۋە توقۇنۇشمۇ ئىپادىلەنگەن. ئەسەردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، خائىنلار-بۇزۇقلار ھۆكۈمەت ساقچىلىرىغا تىز پۈكۈپ باش قويغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ ئامىتى كېلىپ جەمئىيەتنىڭ قاتلىمىغا كىرەلەيدۇ. ساقچىلارنىڭ قوغدىشىغا ئېرىشەلەيدۇ. ئاجىزلارنى بوزەك قىلىپ مۇراد-مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ. دېمەك، بۇ ئەسەردە ئوغرى بىلەن ئىتلار ئوتتۇرىسىدىكى ھايات-ماماتلىق كۈرىشىنى تەسۋىرلە ئارقىلىق، ئىنساننىڭ ئىنسانغا قىلىۋاتقان تاش يۈرەكلىكى،رەھىمسىزلىكى، ۋاپاسىزلىقى ئىپادىلىنىپ، يوقسۇللار ۋە ئاجىزلارغا خەيرىخاھلىق، ھېسىداشلىق قىلىنغان. خائىنلار-بۇزۇقلارنىڭ قارا نىيەتلىكى، نامەرتلىكى، ۋىجدانسىزلىقى ۋە شەپقەتسىزلىكى ئۈستىدىن قاتتىق شىكايەت قىلىنغان. مەھبۇزنىڭ 1970-يىللاردىكى مۇھىم ئەسەرلىرى ‹كۈنلۈك ئاستىدا› (1971)، ‹كارناك قەھۋەخانىسى› (1974)، ‹پۇقرالار ئىپوسى›(1977)، ‹مۇھەببەتلىك دەۋر› (1979)قاتارلىقلار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ‹پۇقرالار ئىپوسى› ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ئەسەر بولۇپ، ئۇنىڭدا ئالتە ئەۋلاد كىشىلىرىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ گۈزەل غايە ئۈچۈن بولغان ئىنتىلىشلىرى ۋە ئېلىپ بارغان ئىزدىنىشلىرى چىنلىق بىلەن ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

      مەھبۇزنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيەت دەۋرى ئافرىقىدىكى ھەر قايسى ئەللەر خەلقلىرى جاھانگىرلارنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرۇۋاتقان ۋە مىللىي ئازادلىق، مىللىي مۇستەقىللىك ئۈچۈن قەھرىمانانە كۈرەش ئېلىپ بېرىۋاتقان دەۋرگە توغرا كەلگەن. مۇشۇ ئەسىرنىڭ بېشىدا مۇستەملىكىسىزلەشتۈرۈش ھەرىكىتى ئەۋج ئېلىپ، ئافرىقا دۆلەتلىرى ئارقا-ئارقىدىن مۇستەقىللىككە ئېرىشكەن، مىسىر خەلقىنىڭ ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى مىللىي مۇستەقىللىك ھەرىكىتىمۇ ئەڭ ئەۋجىگە چىقىپ، 1922-يىلى ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرىنى مىسىر تۇپرىقىدىن قوغلاپ چىقارغان. 1953-يىلى مىسىردا پادىشاھلىق تۈزۈم ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان. نەجىب مەھبۇز دۆلىتىنىڭ تارىخىنى ۋە ھازىرقى ئەھۋالىنى پىششىق بىلگەچكە، ئىجادىيەتلىرىدە مىسىر جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىشلىرىنى ئوخشىمىغان تەرەپلەردىن مۇپەسسەل ئەكس ئەتتۈرۈپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ مىسىر خەلقىنىڭ كۈرەش روھى، مەدەنىيەت تارىخى، ئىجتىمائىي ئۆرپ-ئادىتى ۋە تەبىئىي شارائىتى قاتارلىقلارنى بىلىشىدە ئاجايىپ پارلاق ۋە قىممەتلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىن ئەتكەن.

      نەجىب مەھبۇز 1930-يىللاردىن باشلاپ، جەمئىي يىگىرمىدىن ئارتۇق رومان، يىگىرمىدىن ئارتۇق ھېكايىلەر توپلىمى ئېلان قىلغان. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن ئەسەرلىرى كۆپ خىل تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە يارىتىلغان قەھرىمانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قاھىرەدە ھەرىكەت قىلغانلىقتىن، مەھبۇزنىڭ ‹قاھىرەلىك يازغۇچى› دېگەن نامىمۇ بار. يازغۇچىغا كۆپ قېتىم دۆلەتلىك ئەدەبىيات مۇكاپاتى بېرىلگەن. 1988-يىلى نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : نەجىب مەھبۇز , مىسىر , قاھىرە , _
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-8-12 15:01:37
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 164
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证