تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    halisa
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 13064
    115170089@qq.com

    يازما سانى : 53
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-5-20 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    شامۇشۇشى



     

    شامۇشۇشى

     

    شامۇشۇشى (1867-1916). ياپونىيىنىڭ يېقىنقى زامان ئەدەبىيات تارىخىدىكى مەشھۇر يازغۇچى ۋە ئەدەبىي ئوبزورچى، ئۇنىڭ تولۇپ-تاشقان ھاياتىي كۈچكە ئىگە ۋە ئۆتكۈر ئىجتىمائىي تەنقىد روھىغا ئىگە ئەسەرلىرى مىڭجى دەۋرىدىكى ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنى ئەكس ئەتتۈرگەن بولۇپ، ئىنتايىن زور بىلىش قىممىتىگە ۋە تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە. شامۇشۇشى ‹مىڭجى يېڭىلىقى› دەۋرىدىن بىر يىلى بۇرۇن توكيودىكى كۆپ پەرزەنتلىك بىر كىچىك ئەمەلدار ئائىلىسدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ تۇغۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئاتىسى ئۇنى باشقا بىرىگە بېقىپ بېرىشكە بەرگەن، ئۇ ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە ھەقىقىي ئائىلە مېھرىنى كۆرەلمىگەن. روشەنكى، بۇ ئۇنىڭغا نىسبەتەن ناھايىتى زور بەختسىزلىك ئىدى. 1884-يىلى، ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپنى تۈگىتىپ، ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەييارلىق مەكتىپىگە كىرگەن. ئۇ چاغدا ئۇ بىناكارلىق ئۇستىسى بولۇشنى كۆڭلىگە پۈككەنلىكتىن، بىناكارلىق پەنلىرىنى ئۆگىنىشنى تاللىۋالغان. 1888-يىلىغا كەلگەندە، ئۇ ئالىي 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئالىي سىنىپىغا ئوقۇشقا كىرگەن ۋە بۇرۇنقى ئوي-پىكرىدىن ۋاز كېچىپ ئەنگلىيە ئەدەبىياتىنى ئۆگىنىشكە ئىرادە باغلىغان. ئۇ 1890-يىلى، ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىنگلىزتىلى فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ، دارىلمۇئەللىمىن ۋە ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىنىگلىزتىلى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. 1896-يىلى ئالىي 5-مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋېتىپ، ئاقسۆڭەكلەر پالاتاسى كاتىپىنىڭ قىزى بىلەن توي قىلغان.

      1900-يىلى، مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى ئۇنى ئەنگلىيىنىڭ لوندون شەھىرىدە ئوقۇپ ئەنگلىيە ئەدەبىياتىنى تەتقىق قىلىشقا ئەۋەتكەن، ئوقۇش ياردەم پۇلىنىڭ بەك قىسلىقى، ئىنىگلىزتىلىنى تېخى پىششىق ئىگىلەپ كېتەلمىگەنلىكى تۈپەيلىدىن، شۇ دەۋردىكى ھەممە ئىش پۇل بىلەن بولىدىغان ئەنگلىيە جەمئىيىتىدە، ئىجتىمائىي ئالاقە پائالىيەتلىرىنى كەڭ ئېلىپ بېرىشقا ئامالسىز قېلىپ، تولىمۇ سوغۇق مۇئامىلىگە » ئۇچرىغان. ئۇ ‹ئەدەبىيات توغرىسىدا› (1907) دېگەن ئەسىرىنىڭ كىرىش سۆزىدە:‹ لوندون شەھىرىدە تۇرغان ئىككى يىل ناھايىتى كۆڭۈلسىز ئۆتكەن ئىككى يىل بولدى› دەپ يازغان. مانا شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدا ئاتالمىش ‹مەدەنىيەتلىك جەمئىيەت›كە نىسبەتەن تەنقىدىي ئىدىيە شەكىللەنگەن ھەم بۇ ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى ئۈچۈن چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن.

      شامۇشۇشى ئەنگلىيىدىكى چېغىدا: ‹ ياپونىيىگە قايتسام، بىر ئاز ئارام تاپىمەنغۇ› دەپ ئويلىغان، ھالبۇكى ياپونىيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى ئۈچ يېرىم يىلمۇ كۆڭۈلسىز ئۆتكەن. شۇڭا ئۇ، بىر تەرەپتىن ئۇنىۋېرسىتېتتا ئىنىگلىزتىلى ۋە ئەنگلىيە ئەدەبىياتىدىن دەرس ئۆتسە، يەنە بىر تەرەپتىن ‹تۈرمىدە يېتىشقا ئىدىيىۋى جەھەتتىن تەييارلىق كۆرمەي تۇرۇپ، ئەدىب بولۇش مۇمكىن ئەمەس› دېگەن ئەقىدە بىلەن يېزىشقا كىرىشىپ ئۆز نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن. 1905-يىلى، ئۇ ‹كاككۇك› ژۇرنىلىدا ‹مەن دېگەن مۈشۈك› ناملىق تۇنجى ساتىرىك رومانىنى ئېلان قىلغان. كېيىن ئارقا-ئارقىدىن ئون نەچچە رومان يازغان. ئۇ يازغان ھېكايە، ئوبزور، ئوچېرىك، شېئىر ۋە لەتىپلەرنىڭ سانى تېخىمۇ كۆپ. ‹مەن دېگەن مۈشۈك› (1905)، ‹گې ئېر› (1906)، ‹سەنسىلاڭ›(1908)، ‹شۇندىن كېيىن› (1909)، ‹ئىشىك› (1910)، ‹يورۇقلۇق ۋە قاراڭغۇلۇق› (1916) قاتارلىقلار ئۇنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ئەسەرلىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ‹مەن دېگەن مۈشۈك› دېگەن رومانى ياپۇنىيە يېقىنقى زامان ئەدەبىياتى تارىخىدىكى ئۆزىگە خاس نۇر چېچىپ تۇرىدىغان مەشھۇر ئەسەر.

      ئاپتور بۇ روماندا، سۆزمەن، تەدبىرلىك بىر مۈشۈكنى ۋەقەنىڭ بايان قىلغۇچىسى قىلىدۇ. مۈشۈكنىڭ كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرى، ھاياتىدىكى سەرگۈزەشتلىرى ئارقىلىق ياپۇنىيە كاپىتالىزم جەمئىيىتىدىكى ساختىپەزلىك، جىنايەت ۋە زۇلمەتنى پاش قىلىپ، ئاچكۆز، رەھىمسىز بۇرژۇئازىيە جازانىخورلىرىغا زەربە بېرىدۇ. نادان، قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان ئەخمەقلەرنى مەسخىرە قىلىدۇ. ئەسەردىكى جۇش ئۇرۇپ تۇرغان ئىجتىمائىي تەنقىد روھى مەركىزىي ئىدىيىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ.

      ‹مەن دېگەن مۈشۈك› دىكى ئىجتىمائىي تەنقىدنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ۋەقەنىڭ بايان قىلغۇچىسى مۈشۈك ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ تەنقىدلەر ھەر قايسى باب ۋە پاراگرافلارغا سىڭدۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ يەردە بىر-بىرلەپ مىسال كەلتۈرمەيمىز. پەقەت تۆۋەندىكى بىر قانچە جەھەتتىكى تەنقىدنىلا قىسقىچە بايان قىلىمىز:

    بىرىنچى، ئۇششاق بۇرژۇئازىيە زىيالىيلىرىغا قارىتىلغان تەنقىد جۇڭگو-ياپۇنىيە ئۇرۇشىنىڭ ئالدى-كەينىدە، كاپىتالىزمنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ ياپۇنىيە ئۇششاق بۇرژۇئازىيە زىيالىيلىرى بارغانسېرى كۆپىيىشكە باشلايدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۆزلىرىنى كاپىتالىستلارنىڭ قوينىغا ئېتىپ، ئۇلارنىڭ غالچىلىرىغا ئايلانغان بولسا، بەزىلىرى يېرىم فېئوداللىق بىيۇكراتلارغا بېقىنىپ، ئۇلارنىڭ گۇپپاڭچىسى ياكى قول-چۇماقلىرىغا ئايلىنىدۇ. بەزىلىرى بولسا، ئىشچى-دېھقانلار ئاممىسى تەرەپتە تۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئىسلاھات پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، خەلق ئۈچۈن مەلۇم پايدا كەلتۈرىدۇ. بەزىلىرى جەمئىيەتتىن ئايرىلىپ دېگۈدەك ياشايدۇ. ئۇلاردا ياكى ئالىيجاناب غايە بولمايدۇ،ياكى ئۇلۇغۋار ئىرادە بولمايدۇ،، قىسقىسى، نادانلىق بىلەن بىمەنە ھايات كەچۈرىدۇ. ‹ مەن دېگەن مۈشۈك› تىكى مىتىڭ، كوشامى، خەنيۈ، يۈجى دۇڭفىڭ قاتارلىق ئوبرازلار ئەنە شۇ خىلدىكى زىيالىيلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن ئىبارەت.

      مىتىڭ خېلى مول بىلىمگە ئىگە، بىر نەچچە خىل قابىلىيىتى بار ئادەم بولسىمۇ، لېكىن يېڭىلتەك، شاللاق، پەسكەشلىكلەرنى قاملاشتۇرىدىغان، يالغان سۆزلەرنى تارقىتىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم. ئۇ بىر قېتىم يەنە بىر نەچچە كىشىنىڭ ئالدىدا يالغان ئېيتىپ، چوڭ تاغام بارۇن بولدى، دەيدۇ. بىراق بۇ سۆزنى ئېيتقاندىن كېيىنلا ئۇنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويىدۇ. كېيىن بۇنى ئاڭلىغانلاردىن بىرى ئۇنىڭ چوڭ تاغىسىنىڭ بارۇن بولغان-بولمىغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ جاۋاب بېرەلمەي، مەن شۇنداق دېگەنمىدىم؟ ھا،ھا،ھا...ئۇ مېنىڭ يالغان ئېيتقىنىم، دەيدۇ. بۇنى سورىغان ھېلىقى ئادەم: ‹ ئوھۇي، ھەقىقەتەن بىڭسىڭ بار جۇمۇ، چىرايىڭنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ شۇنچىلىك يالغان ئېيتقاندىن كېيىن، ھەقىقەتەن قالتىس ئىكەنسەن!› دەپ تەنقىد قىلىدۇ.

      ‹ھەقىقەتەن قالتىس ئىكەنسەن!› بۇ، ئاپتورنىڭ مىتىڭغا قاراتقان بىر خىل ئەخلاقىي جەھەتتىكى قاتتىق تەنقىدى.

    مىتىڭ يالغانچىلىقى مۇنداق ئىشتىمۇ ئىسپاتلىنىدۇ. مەلۇم بىر كۈنى ئەدەبىيات يىغىلىشىدا، ئۇ ئوقۇمىغان بىر رومان ئۈستىدە ئوقۇپ چىققان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، ئوقۇپ چىققاندىن كېيىنكى تەسىراتىم، دەپ قالايمىقان بىر نەرسىلەرنى سۆزلەيدۇ. گەرچە ئۇنىڭ بۇ يالغان ۋە قالايمىقان سۆزلىرى يىغىنغا قاتناشقان ئادەملەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغان ھەتتا بىر ئەپەندى ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۇنىڭ قالايمىقان سۆزلىرىنى مەدھىيىلەپ سۆزلىگەن بولسىمۇ، مىتىڭ بۇ ئەپەندىنىڭ مەدھىيە سۆزلىرىگە قاراپ، ئۇنىڭمۇ بۇ روماننى ئوقۇمىغانلىقىنى بىلىۋالىدۇ. ئاپتور مىتىڭنىڭ بۇ يالغانلىقلىرىنى بايان قىلىپ بولغاندىن كېيىن، مۈشۈكنىڭ تىلى بويىچە ئۇنى مۇنداق تەنقىد قىلىدۇ:

    -‹بۇ ئىستېتىكا ئالىمى گەرچە ئالتۇن جىيەكلىك كۆزەينەك تاقىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ خىسلىتى ھارۋىكەشنىڭ ئۆيىدىكى لوخې بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىكەن.›

    مىتىڭغا قارىتىلغان بۇ تەنقىد ئىنتايىن كۈچلۈك. چۈنكى ‹لوخې› ھارۋىكەشنىڭ ئۆيىدە بېقىلغان قارا مۈشۈكنىڭ نامى بولۇپ، يۇقىرىدا ئېيتىلغان مىتىڭنىڭ خىسلىتى ‹لوخې›نىڭكى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىكەن،دېگەن سۆز، مىتىڭ ئادەم ئەمەس،ھايۋان، دېگەنلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

    كوشامى تۈز كەتكەن ئادەم بولۇپ، بەزى جەھەتلىرى يېقىنلىق بولسىمۇ، لېكىن كاللىسى ئانچە ئۆتكۈر ئەمەس، ئەقلى كەم، بەزىدە ساراڭغا ئوخشاپ قالىدۇ، ئۇ، ئىنىگلىزچىلىنى ئون يىل ئۆگەنگەن بولسىمۇ، تۈزۈكرەك سۆزلىيەلمەيدۇ. دائىم باش-ئاخىرىنىڭ تايىنى يوق ماقالىلەرنى كۆپ يازىدۇ. ئاپتور مۇقەددەس ئوقۇتقۇچىلىق مۇنبىرىنى كوشامىدەك ئىقتىدارسىز، دۆت ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بولۇشى مائارىپ ساھەسى ئۈچۈن ھەقىقەتەنمۇ چوڭ ھاقارەت، دەپ تونۇيدۇ.

      ئاپتور يوجى دۇڭفىڭ ۋە خەنيو قاتارلىقلارنىمۇ قاتتىق تەنقىد ئاستىغا ئالىدۇ:

      يوجى دۇڭفىڭ-يېڭى شېئىر يازىدىغان شېئىر بولۇپ، مۈشۈكنىڭ پىكرىچە ئۇ، مەدەنىي ئويۇنلارنىڭ ناخشىسىنى ئېيتىدىغان ئويۇنچىغا بەك ئوخشاپ كېتىدىكەن. ئۇنىڭ ئايال دوستىغا تەقدىم قىلغان شېئىر توپلىمىدا پاپروس ھەققىدە دېگەن بىر شېئىر بولۇپ، بۇ شېئىردا مۇنداق ئىككى مىسرا بار، ‹ھەسرەتلىك بۇ دۇنيادا، لەززەتلىكى بىر قىزىق شوراش› بۇنى كۆرگەن مىڭتىڭ دەرھاللا: ‹ بۇ ئىككى مىسرا شېئىرىڭىز ھەقىقەتەن جانابىڭىزنىڭ مۇنەۋۋەر ئەسىرى، سىزنىڭ ئۆزىڭىزگىلا خاس ماھىرلىقىڭىز، مەن سىزگە قايىلمەن!› دەپ ماختاپ كېتىدۇ.

    ئاپتور بۇ يەردە مىڭتىڭنىڭ مەدھىيىسى ئارقىلىق، ئەمەلىيەتتە ئۇنى مەسخىرە قىلىدۇ ۋە كۈلكە ئاستىغا ئالىدۇ، چاكىنا، مەنسىز شېئىر يازىدىغان شائىرلارنى تەنقىد قىلىدۇ.

    خەنيۇ تېخنىكىنى تەتقىق قىلىدىغان باكلاۋېر، شۇنداقلا شېئىرى دراما يازىدىغان يازغۇچى. ئۇ بىر پەردىلىك شېئىرى دراما يازغان بولۇپ، ئۇنىڭ مەزمۇنى مۇنداق:

    بىر تۈپ دەرەخ بېشىدا بىر قاغا قونۇپ ئولتۇرۇپ دەرەخ تۈۋىدە سۇغا چۆمۈلىۋاتقان چىرايلىق ئايالغا قاراپ تۇرىدۇ. بۇ چاغدا شائىر خەنيۇ بۇ يەردىن ئۆتۈپ قالىدۇ-دە، دەرھال 17 سۆزلۈك بىر شېئىر يازىدۇ: ‹ چۆمۈلۈش بىلەن بولۇپ كەتكەن بىر ساھىپجامال، دەرەخ بېشىدا ئولتۇرغان قاغىنى قىلدى مەست!›

    بۇ شېئىر تۈگىشى بىلەنلا پەردە يېپىلىدۇ.

    خەنيۇ بۇ بىر پەردىلىك درامىنى باشقىلارغا ئوقۇپ بەرگىنىدە، باشقىلار ئاڭلاپ بولۇپ: ‹ ئەگەر مۇشۇنداق يەككە مۇقام بولىدىغان بولسا، شېئىرى درامىنىڭ ھەقىقەتەن مەنىسى قالماپتۇ. بۇ دۆلەتنىڭ مۇنقەرز بولۇش مۇزىكىسدىنلا ئىبارەت بوپتۇ.› دەيدۇ.

     بۇ قىلچە يوشۇرمىغان، ئوچۇق-ئاشكارا ئىجابىي تەنقىد بولۇپ، ئاپتور بۇ يەردە خەنيۇ بىر ئادەمنىلا تەنقىد قىلىپلا قالماستىن، بەلكى شۇ چاغدىكى ئەدىبلەر ئوتتۇرىسىدا ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان يۈزەلىك، تەنتەكلىك خىسلىتىنى تەنقىدلەيدۇ.

    ئىككىنچى، بۇرژۇئازىيىگە قارىتىلغان تەنقىد بولۇپ، بۇنىڭغا ئاپتورنىڭ كاپىتالىست جىڭتيەنگە قاراتقان تەنقىدى ئەڭ ئاچچىق تەنقىدتۇر. جىڭتيەن دەۋرنىڭ ئەركە بالىسى. ئۈچ چوڭ شىركەتنىڭ دېرىكتورى، داڭلىق چوڭ كاپىتالستتۇر. ئاپتور جىڭتيەندەك كاپىتالىستتىن قاتتىق يىرگىنىدۇ. شۇڭا ئۇ بىر پېرسوناژنىڭ سۆزى ئارقىلىق بۇ كاپىتالىستنى ‹ جىڭتيەندەك چوڭ قاراقچى يوقالغان بولسا ياخشى بولاتتى، قىلىچ بىلەن بىرلا ئۇرۇپ ئۇنىڭ جېنىنى جەھەننەمگە يولغا سالغىلى بولاتتى. ئۇ جازانىخورلۇق ۋە يۇقىرى ئۆسۈمگە تايىنىپ باش كۆتۈرگەن، ئۇ، ئىنتايىن ئاچكۆز، ۋەھشىي، ئەڭ قەبىھ ھەم خىلمۇخىل ئاپەتكە ئوخشايدۇ› دەپ تىللايدۇ.

    بۇرژۇئازىيە كىشىلىرى ئارىسىدا جىڭتيەندىن تاشقىرى، يەنە لىڭمۇغا ئوخشايدىغان دەللاللارمۇ بار ئىدى. ئاپتور مۇنداق دەللاللارنىمۇ ئىنتايىن ئۆچ كۆرىدۇ. لىڭمۇ 30 ياشلاردىكى سۆلەتلىك، كىچىك كاپىتالىست بولۇپ، ئۇ،كاپىتالىست بولۇش ئۈچۈن پۇل بىلەن ‹ھېسياتنى ئۆلتۈرۈش› ئىرادىسىگە ئىگە بولۇش كېرەك، دېگەن قائىدىنى ئوبدان بىلىدۇ. ئۇ، ‹ئۈچ كەم بولۇش› (ھەققانىيەت كەم بولۇش، رەھىم-شەپقەت كەم بولۇش، ئار-نومۇس كەم بولۇش) قا تايىنىپ باش بولۇشنىڭ سىرى، دېگەننى پىششىق بىلىدۇ. قىسقىسى، ئۇ تىز پۈكۈپ خۇشامەت قىلىدىغان، تەڭدىشى يوق تەقسىچى دەللالدۇر. مۈشۈكنىڭ ئۇنى ‹ھىيلىگەر› دېگەنلىكىمۇ ئاپتورنىڭ لىڭمۇغا ئوخشاش دەللاللارغا قاراتقان ئىجابىي تەنقىدىدۇر.

    ئۈچىنچى، ئاپتور روماندا قالاق ئىدىيىلەرنى تەنقىد قىلىدۇ. بۇ تەنقىد ئاساسەن ساياڭ دۈشمەنگە قارىتىلغان تەنقىدتە كۆرۈلىدۇ.

    ساياڭ دۈشەن تەكەببۇر، مەنمەنچى، كۆرەڭلىك ئىدىيىسى بار ئادەم بولۇپ، ئۇ غەربلىكلەرنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن ئالغا ئىنتىلىدىغان تۇرمۇش پوزىتسىيىسىنى خاتا دەپ قارايدۇ، ئۇنىڭ رېئال دۇنيانى قىزغىنلىق بىلەن ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئارزۇنى قاندۇرۇش ۋە خاتىرجەم بولۇش تەلىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدىغان خام خىيال. چۈنكى قانائەتلىنىش بىلەن خاتىرجەملىكنىڭ چېكى بولمايدۇ. شۇڭا، مۇنداق تۇرمۇش پوزىتسىيىسىمۇ خاتا، دەيدۇ. ساياڭ دۈشمەننىڭ قارىشىچە مۇھىتنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق خاتىرجەملىك تەلىپىنى قاندۇرۇش قۇرۇق ئاۋارىگەرچىلىك. ئادەملەر ۋەقەگە ئۇچرىغاندا، تەبىئەتكە قۇلاق سېلىشى لازىم. ئۆز قەلبىگە ئىگە بولغاندىلا، ھەقىقىي خاتىرجەملىككە ئېرىشكىلى بولارمىش. دۈشەننىڭ مۇنداق پاسسىپ چېكىنىش ئىدىيىسى تەبىئىيكى بىر خىل قالاق، ئىنتايىن خەۋپلىك ئىدىيىدۇر. شۇڭا، ئاپتور بۇنى قاتتىق تەنقىد قىلىدۇ. تەنقىدنى بىر قاتار جانلىق پاكىتلار ئارقىلىق ئېلىپ بارىدۇ.

    يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك، ‹مەن دېگەن مۈشۈك› دېگەن روماننىڭ ئىجتىمائىي تەنقىدچانلىقى كۈچلۈك بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئۈنۈمىدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ ئېلىپ بارغان تەنقىدلىرى جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىپ، جەمئىيەت ئېقىمىنى خەلققە پايدىلىق يۆنىلىشكە بۇراشتا دېگەندەك رول ئوينىمىدى.

    ‹مەن دېگەن مۈشۈك› دېگەن روماننىڭ بەدىئىي ئالاھىدىلىكىمۇ ئۆزىگە خاس بولۇپ، ئاپتور ئەسەردە ئارىلاش ھەزىل سۆزلىرىنى ئىشلىتىپ، ياپۇنىيە كاپىتالىستىك جەمئىيىتىنىڭ جىنايەتلىرىنى كۈچىنىڭ بارىچە تەنقىد قىلىپ، قاتتىق كۈلكە ئاستىغا ئالىدۇ. ئەسەردىكى جانلىق كۈلكە ۋە مەسخىرە ياپونىيىنىڭ قەدىمكى ئەدەبىيات ئەنئەنىسى لەتىپىچىلىك بىلەن 18-ئەسىردىكى ئەنگلىيە ئەدەبىيات ئەنئەنىسىدىكى ھەجۋ قىلىش ئۇسۇلىنىڭ بىرلەشتۈرۈلىشىدىن شەكىللەنگەن بولۇپ، بۇ جۇشقۇن، كۈچلۈك، چىداملىق ۋە يېڭى بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە.

      ئەسەردە مۈشۈك ۋەقەنى بايان قىلىپ بەرگۈچى قىلىنىشتەك مۇشۇنداق ئىپادىلەش ئۇسۇلى، بايان قىلغۇچىنى ئادەم قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىغان غەلىتە ئەھۋالدا بىزنى پايدىلىق بولغان پايانسىز يېڭى بىر دۇنياغا-خۇشاللىقىمىزدىن جېنىمىز يايراپ كېتىدىغان لەززەت دۇنياسىغا باشلاپ كىرىدۇ. بۇنداق ئۇستىلىق ئۇسۇلى ياپۇنىيە ئەدەبىيات تارىخىدا ھەمىشە ئۇچرىمايدۇ.

      شامۇشۇشى ‹گې ئېر› ناملىق پوۋىستىدا ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى تەلىم-تەربىيە بىلەن شۇغۇللانغان كەچۈرمىشلىرىنى ئاساس قىلىپ، مەلۇم بىر ئوتتۇرا مەكتەپنى ئارقا  كۆرۈنۈش قىلغان ھالدا، ساپدىل ۋە ئادالەتپەرۋەر ياش ئوقۇتقۇچى گې ئېر ھەم ماتېماتىكا كافىدىراسىنىڭ مۇدىرى جۈتيەن قاتارلىق ھەققانىيەتچى ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ھىيلىگەر، قاقۋاش مەكتەپ مۇدىرى، ئىلمىي مۇدىر ۋە ئۇلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنى ئىجابىي جەھەتتىن تەسۋىرلەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ جېدەل-ماجىرا، ئۇرۇش-تالاشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ۋەقەلەرگە تۇتقان ئوخشاش بولمىغان پوزىتسىيىلىرىنى تەسۋىرلەپ، گې ئېرنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش خاراكتېرىنى گەۋدىلەندۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى سەلبىي پېرسۇناژلارنىڭ ئىككى يۈزلىمىلىك قىلىش، ئارىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىشتەك رەزىل ئەپت-بەشىرىسىنى قەغەز يۈزىگە شۇنچە ماھىرلىق بىلەن چۈشۈرۈپ، كىشىلەردە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن مائارىپ ساھەسىدىكى خىلمۇخىل نامۇۋاپىق ھادىسىلەرنى تەنقىد قىلىدىغان ئاساسىي پىكىرنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى بەدىئىي ئۈنۈمگە ئېرىشىدۇ.

      شامۇشۇشى 1906-يىلى ئېلان قىلغان ‹قونالغۇ› ناملىق ئەسىرىدە بىر رەسسامنىڭ ‹تەرسالىق، زەھەرلىك، مۇرەسسەچىلىك، نومۇسسىزلىق بىلەن تولغان ئالەم› دىن نېرىراق تۇرۇش ئۈچۈن، جاھانكەشتىلىك قىلىپ، قانداقتۇر بىر خىيالىي جەننەت ئىزلىگەنلىكىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ مۇرەككەپ ۋە زىددىيەت بىلەن تولغان سەنئەت كۆز-قارىشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. كىتابتىكى ئاساسىي قەھرىمان بىر تەرەپتىن :‹سەنئەت-دەۋرىمىزدىكى ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەر قەلبىگە يوشۇرۇنغان يامانلىقتىن قېچىپ، ياخشىلىقنى ئىزدەيدىغان، ئاجىزلارنى يۆلەپ، كۈچلۈكلەرنى تىزگىنلەيدىغان ئەقىدە جەۋھىرىنىڭ ھەسەن-ھۈسەندەك چاقناپ ئىپادىلىنىشىدۇر.› دېسە، يەنە بىر تەرەپتىن ‹ غەرەزلىك، گۆدەكلىك، سېخىيلىقتا ئىپادىلىنىدۇ. سېخىيلىق رەسىمدە، شېئىردا ۋە ماقالىلەردە زۆرۈر شەرتتۇر› دەيدۇ. ئۇنىڭ ‹مەن دېگەن مۈشۈك›، ‹گې ئېر› ۋە ‹قونالغۇ› دېگەن ئەسەرلىرى مۇشۇنداق ئۆزئارا زىددىيەتلىك ئىدىيىلەرنى گەۋدىلەندۈرگەن. بۇلار دەل ئۇنىڭ مۇرەككەپ دۇنيا قارىشىنىڭ ئىنكاسىدۇر. ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا ھەم شەرقتىكى كۇڭزى تەرىقىتى، بۇددا مەزھىپى ئىدىيىسىنىڭ تامغىسى بار، ھەم غەربتىكى ناتۇرالىزم، ئىنسانپەرۋەرلىك ئىدىيىسىنىڭ چوڭقۇر تەسىرى بار.

      1907-يىلى، شامۇشۇشى ئوقۇتقۇچىلىقتىن ئىستىپا بېرىپ، ‹ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر› گېزىتى ئەدەبىيات-سەنئەت بۆلۈمىنىڭ مەسئۇل تەھرىرى بولغاندىن كېيىن، گېزىتتە ‹سەنسىلاڭ›،‹شۇنىڭدىن كېيىن›،‹ئىشىك› دېگەن تىرىلوگىيىسىنى ئېلان قىلغان. ئاپتور مۇھەببەت ئەخلاقى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئارقىلىق، زىيالىيلارغا چىقىش يولىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە كاپىتالىزم جەمئىيىتىنىمۇ تەنقىد قىلغان. ‹شۇنىڭدىن كېيىن› نىڭ باش قەھرىمانى دەيجۇ: ‹ياپونىيىگە نەزەر سېلىڭلارچۇ، قەيەرگىلا بارساڭلار يورۇقلۇق چۈشكەن بىر سۇڭ يەرمۇ يوق، ھەممە يەر قاراڭغۇلۇق بىلەن تولغان› دەيدۇ. بۇ سۆز شامۇشۇشىنىڭ جەمئىيەت ئۈستىدىكى تەنقىدىنى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرگەنىدى. ئەمما شۇنىڭدىن باشلاپ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە ‹مەدەنىيەتلىك يىرتقۇچلارنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، مال-مۈلۈكلۈك، تاجۇ دۆلەتلىك كۈچلەرنى يوقىتىش كېرەك› دەيدىغان جاراڭلىق سادالارنى تاپقىلى بولمىدى. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، 1919-يىلى، مىكادو ھۆكۈمىتى شىندى چيۇشۇي قاتارلىق ئارناخستلارنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، جەمئىيەت تېخىمۇ ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئىجادىيىتى ئاخىرقى باسقۇچقا قەدەم قويغان بولۇپ، تەنقىدچىلىك روھى زور دەرىجىدە ئاجىزلاپ كەتكەن. پەقەت كىشىلەرنىڭ روھى دۇنياسىغا يوشۇرۇنغان مەنپەئەتپەرەسلىك ئىدىيىلەرنى نۇقتىلىق ھالدا تەھلىل قىلىدىغان بولۇپ قالغانىدى.

      ‹يولدىكى گىياھ› (1915) ناملىق تەرجىمىھال شەكلىدىكى ئەسىرى بىلەن يېزىپ بولالمىغان ‹يورۇقلۇق ۋە قاراڭغۇلۇق› ناملىق ئەسىرى ئۇنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېردىكى ئەسەرلىرىدۇر.

      ‹يورۇقلۇق ۋە قاراڭغۇلۇق› ئۇنىڭ ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك يېزىلغان ئەسىرى بولۇپ، ئاپتور باش قەھرىمان جىن تيەن بىلەن ئۇنىڭ خوتۇنى يەنزى ۋە بۇرۇنقى سۆيگۈنى چىڭزى ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت چىگىشلىرىنى، شۇنداقلا پېرسۇناژلارنىڭ روھىي-ھالىتىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق، مىڭ جى دەۋرىدىكى كىشىلەرنىڭ نەپسانىيەتچىلىك پىكىر-خىياللىرىنى، ساختىلىق، يىگانىلىك، ئۈمىدسىزلىك كەيپىياتىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ پۇلغا، مۇھەببەتكە بولغان كۆز-قارىشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. ئاپتور دراماتىك ئىجادىيەت ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، جىن تيەن ۋە ئۇنىڭ خوتۇنىنىڭ باشقا ھەر خىل پېرسۇناژلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كىتابخانلارغا بىر-بىرلەپ ئېچىپ بەرگەن. جىن تيەننىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، يار-بۇرادەرلىرى بىلەن قىلىشقان سۆزلىرى ھەم ئۆزىگە ئۆزى ئېيتقان يۈرەك سۆزلىرى ئارقىلىق ئۇنىڭ ساختىپەزلىك قىياپىتىنى ئېچىپ بەرگەن.

      پېرسۇناژلارنىڭ روھى-ھالىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەسۋىرلەنگەنلىكى، دىئالوگلار جانلىق، قۇرۇلمىسى پۇختا، ئىخچام بولغانلىقى ئۈچۈن، شەخسىيەتچى جىن تيەننىڭ ئوبرازى مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنزى قاتارلىق ئاياللارنىڭ ئوبرازىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتىلغان. شۇڭا، ئوبزورچىلار بۇ ئەسەرنى: رېئالىزىمنىڭ ئۆچمەس خاتىرىسى، ئاپتورنى بولسا، مىڭ جى، داجىڭ ئەدەبىيات تارىخىدىكى بىردىنبىر پىسخولوگ يازغۇچى، دەپ ئاتىغان.

      شامۇشۇشى بالىلىق دەۋرىدىلا تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىنىڭ بىر نەچچە مىڭ مىسرالىرىنى پىششىق ئوقۇغان ھەم ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا نۇرغۇن خەنزۇچە شېئىرلارنى يازغانىدى. ئۇنىڭ بۇ شېئىرلىرىدا لىرىكىلىق ھېسيات بىلەن مەنزىرىلەر تەسۋىرلەنگەن. مەسىلەن، 1910-يىلى دوختۇرخانىدىكى چاغدا يازغان خەنزۇچە شېئىرىدا:

      ئىڭرىتاتتى سوقۇپ بوران سانسىز دەرەخ-گىياھنى،

      لىڭشىتاتتى جۇدۇن-چاپقۇن ئېگىز راۋاق-بىنانى.

      جاندىن ئۆتتى كېسەل دەردى شەمشەر كەبى سانجىلىپ،

      غەم-غۇسسىدە ئولتۇرۇپتىمەن چىن چىراغقا ياندىشىپ.

    دەپ يازغانىدى.

      ئۇنىڭ بەزى شېئىرلىرىدا بولسا، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدىكى ‹ئاللا يولىدا ئۆزىنى تەسەددۇق ئەيلەش› تەك دىنىي ئىدىيىسى ئۇرغۇپ تۇراتتى. مەسىلەن:

     خۇدا يولىدا تائەت-ئىبادەت قىلىش ئىزچىل ئەقىدەمدۇر،

     بۇ زۇمرەتتەك تاغۇ0دەريا ئىلكىدە مەن نە قىلاي،

     كى ئالەم ئىچرەسىدقۇ ئىمان تەركى ئەتمىشتۇر.

    دەپ يازغانىدى.

      ئۇ يەنە جۇڭگونىڭ قەدىمكى كلاسسىك ئەدەبىياتىدىن ئىلھام ۋە قۇۋۋەت ئېلىپ، ئەسەرلىرىنىڭ مەزمۇنى ۋە بەدىئىيلىكىنى جانلاندۇرغانىدى. ‹مەن دېگەن مۈشۈك› دېگەن ئەسىرىدە : ‹ پېقىر چاڭشەن تېغىدىكى باتۇر، جاۋزىلۇڭدۇرمەن›،‹ قانچىلىك شىلتىڭ ئاتقىنىڭ بىلەن بەرىبىر ساختا لى كۈيدۇر› دېگەن جۈملىلەر ئۇچرايدۇ ھەمدە كۇڭزى، چۈيۈەن، كۇڭ مىڭ قاتارلىق كلاسسىكلارنىڭ ئىسىملىرى چېلىقىپ تۇرىدۇ. ئەسەرلىرىدىكى بەزى پېرسۇناژلارمۇ جۇڭگونىڭ قەدىمكى زاماندىكى مەنسەپسىز ئۆلىمالىرىنىڭ ئوبرازىغا بەكمۇ ئوخشاپ كېتىدۇ.

      ئىزلىنىشنى ئەنگلىيە ئەدەبىياتىنى تەتقىق قىلىشتىن باشلاپ، ئەدەبىيات مۇنبىرىگە چىققان شامۇشۇشى غەربنىڭ ئەدەبىياتىدىنمۇ ئىجادىيەت تەجرىبىلىرىنى قوبۇل قىلغانىدى. بەزى ئەسەرلىرى ئەنگلىيە يازغۇچىسى مېرېدىسنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۈلگە قىلىپ يېزىلغان ياكى ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن ئىلھام ئېلىپ ئىجاد قىلىنغان. ئۇنىڭ گې ئېر، جىن تيەن قاتارلىق تىپىك ئوبرازلارنى يارىتىپ چىقالىشى دەل مەلۇم دەرىجىدە غەربنىڭ ‹ئەركىنلىك، باراۋەرلىك، مېھرىبانلىق› دېگەن ئىدىيىلىرىنى ۋە تەنقىدىي رېئالىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىنى قوبۇل قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسىدۇر.

      شامۇشۇشى ئىجادىيەت ئۇسلۇبىدا ‹ سېخىيلار گۇرۇھى› غا مەنسۇپ ئىدى. بۇ ناتۇرالىزىمغا قارشى بىر خىل ئەدەبىيات ئېقىمى، ئۇلار تاماشىبىنلارنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ، تەبىئەت، سەنئەت ۋە كىشىلىك تۇرمۇشتىن بىمالال لەززەتلىنىشنى تەشەببۇس قىلاتتى. ئۇ، بېيىت، نەقرات، يۇمۇرلۇق تىل ۋە يېڭى شەكىللەر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش پەلسەپىسىنى بىمالال-بەھۇزۇر بايان قىلىشقا ئۇستا ئىدى. ئۇ مىڭ جى، داجىڭ دەۋرىدە، ئىنتايىن كۆپ كىتابخانلارنى ئۆزىگە جەلب قىلغان يازغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ، ياپۇنىيە ئەدەبىيات ساھەسىدە ئىنتايىن چوڭ تەسىرى بار. ئۇنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرى كىنولاشتۇرۇلغان، تا ھازىرغىچە كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا مۇيەسسەر بولۇپ كەلمەكتە.

      شامۇشۇشى مىڭ جى دەۋرىدە، ئاتالمىش ‹مەدەنىي جەمئىيەت› ئۈستىدىن ھەممىدىن ئاۋۋال تەنقىد ئېلىپ بارغان يازغۇچىنىڭ بىرى. ئۇ 1911-يىلى، مەدەنىيەت مىنىستىرلىكىنىڭ دوق قىلىشىغا قارىماي، ئەدەبىيات دوكتۇرلىقى ئۇنۋانىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان. 1912-يىلى يازغان ئىككى پارچە كۈندىلىك خاتىرىسىدە خانىش، خانزادە ۋە ئوردا مۇلازىملىرىنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ قاپاقسۆلەتلىكىنى تەنقىد قىلغان. 1914-يىلى، بىلىم يۇرتىدا قىلغان سۆزىدە، ئاقسۆڭەك، بۇرژۇئا بەگزادىلەرگە، ئامىتىڭلار كېلىپ، مەنسىپىڭلار ئۆسكەندە، پۇقرالارغا ھوقۇق ۋە ئاقچاڭلارنى كۆز-كۆز قىلماڭلار، دەپ مۇراجىئەت قىلغان. 1912-يىلى يازغان خاتىرىسىدە، پارلامېنت ئەزاسى بولۇش كويىدا سىياسىي ساختىپەزلىك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنى ‹ ئەخلاق سەۋىيىسى بەكمۇ تۆۋەن› دەپ مەسخىرە قىلغان ھەم ‹يۈكسەك ئەخلاق بولۇش-سايلامدىنمۇ مۇھىم بولغان زور مەسىلە› دەپ ھېسابلىغان. دېمەك، ئۇنىڭ جەمئىيەتتە مەرتىۋىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان پروفېسسورلۇق ۋەزىپىسىدىن ۋاز كېچىپ، يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، ‹كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ ئۇلۇغ ئۇستازى› دېگەن نامغا ئېرىشكەنلىكى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : شامۇشۇشى , ياپونىيە , _
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-8-12 13:26:02
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 94
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证