تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    halisa
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 13064
    115170089@qq.com

    يازما سانى : 53
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-5-20 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    باھار(1886-1951)



    باھار

     

      مۇھەممەد تاگھى باھار(1886-1951) ئىراننىڭ شەرقىدىكى مەشھەد شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ دادىسى مۇھەممەد قاسىم سابورى ئاتاقلىق شائىر ئىدى. باھار بالىلىق دەۋرىدە دادىسىدىن ۋە كلاسسىك ئىران ئەدەبىياتىدىن شېئىر ئۆگىنىدۇ. 14 يېشىدىن باشلاپ، دادىسىغا ئەگىشىپ ئىلغار زاتلارنىڭ يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىدۇ ۋە بۇ يىغىلىشلاردا ئۆزىنىڭ مەشىق قىلىپ يازغان شېئىرلىرىنى ئوقۇپ بېرىدۇ. 1903-يىلى، ئۇ تېخى 17 ياشقا توشمىغان ۋاقىتتا دادىسى ۋاپات بولىدۇ.بۇ يىللاردا باھار تالانتلىق بىر ياش شائىر بولۇپ قالغانىدى. دەسلەپكى مەزگىللەردە، ئۇ فېئودال ھۆكۈمرانلار سىنىپىنى مەدھىيىلەيدىغان بەزى شېئىرلارنى يازغان بولسىمۇ، لېكىن ئوردا شائىرلىرىنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ شېئىرلىرى ھېچقانداق ئىناۋەتكە ئېلىنمايدۇ. ئۇ 1905-يىلىدىكى ئىنقىلاب ھارپىسىدا ئىنقىلاب ۋەزىيىتىنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن بۇ قېتىمقى ئىنقىلابقا ئاكتىپ قاتنىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ دۇنيا قارىشىدىمۇ كونسېرۋاتىپلىق ئىدىيىدىن رادىكال ئىچىگە قاراپ ئۆزگىرىش بولۇپ، ئىران يېقىنقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللىرىدىن بولۇپ قالىدۇ.

      باھارنىڭ دەسلەپكى ئىجادىيەتلىرىدىن بىز ئۇنىڭ ئىدىيىۋى ئۆزگىرىش جەريانىنى كۆرەلەيمىز. ئۇ ئەينى ۋاقىتتا نەسىھەت قىلىش، ئىلتىماس سۇنۇش ئارقىلىق فېئودال ھۆكۈمرانلار سىنىپىنى ئۆز قىلمىشلىرىغا ئۈزۈل-كېسىل توۋا قىلدۇرغىلى، غەيرەتكە كېلىپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە رىغبەتلەندۈرگىلى بولىدۇ، دەپ خام خىيال قىلىدۇ.

      ئىنقىلاب ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئىنقىلابىي كۈچلەر بىلەن كونسېرۋاتىپ كۈچلەر ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش بارغانسېرى ئۆتكۈرلىشىدۇ. باھارنىڭ سىياسىي پوزىتسىيىسىدىمۇ جىددىي ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ. 1909-يىلى، مەشھەد شەھىرىدە ئىران دېموكراتىك پارتىيىسى قۇرۇلىدۇ. باھار ئۆلكىلىك كومىتېت ئەزاسى بولۇپ سايلىنىپ، پارتىنىڭ ئورگان ژۇرنىلى ‹يېڭى باھار› نى نەشىر قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. ‹يېڭى باھار› ژۇرنىلى پىچەتلەنگەندىن كېيىن، ئۇ دەرھال ‹دەسلەپكى باھار› ژۇرنىلىنى چىقىرىشقا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي ‹دەسلەپكى باھار› ژۇرنىلىمۇ پىچەتلەنگەندىن كېيىن، ئۇ تېھرانغا كېلىپ ئىنقىلابىي كۈرەشكە قاتنىشىدۇ ۋە ئۇنىڭ رېئاللىققا بولغان تونۇشى تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىپ، نەزەر دائىرىسى كېڭىيىدۇ. ئۇ فېئوداللار گۇرۇھىنىڭ جىنايى شۇملۇقلىرىنى كۆرۈپلا قالماستىن، بەلكى جاھانگىرلارنىڭ ئىراننىڭ مۇستەقىللىكىگە تەھدىت سېلىۋاتقان ئەڭ ئەشەددىي دۈشمىنى ئىكەنلىكىنىمۇ تونۇپ يېتىدۇ. ئۇ خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنقىلابتىكى تارىخىي رولىنى تونۇپ، خەلقنى ئويغىنىشقا، دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىكىنى قوغداشقا چاقىرىدۇ. 1909-يىلى يازغان بەزى شېئىرلىرىدا ۋەتەنگە بولغان مۇھەببىتىنى ئىپادىلەپ، روسىيە، ئەنگلىيە جاھانگىرلىكىنىڭ ئىرانغا قاراتقان تاجاۋۇزچىلىقىنى پاش قىلىدۇ.

      1909-يىلى يازدا، ئىنقىلاب ۋەزىيىتى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلىدۇ. ئىراننىڭ شىمالىي قىسمىدىكى گىلەن ئۆلكىسى پىدائىيلار قوشۇنى بىلەن ئىراننىڭ جەنۇبىدىكى بەختىيار خاننىڭ قۇراللىق قوشۇنى بىرلا ۋاقىتتا تېھرانغا ھۇجۇم قىلىپ، تېھراننى ئىشغال قىلىدۇ. بۇ قېتىمقى غەلبىنى تەبرىكلەپ مەسھەد شەھىرىدە ئاممىۋىي يىغىن بولىدۇ. يىغىندا پۈتۈنلەي دېگۈدەك باھارنىڭ شېئىرلىرى دېكلاماتسىيە قىلىپ ئوقۇلىدۇ.

      1909-يىلى 4-ئايدا، روسىيە جاھانگىرلىكى مۇھاجىرلارنى قوغداشنى باھانە قىلىپ، ئىرانغا ئەسكەر كىرگۈزۈپ، تەبرىزنى ئىشغال قىلىۋالىدۇ. 1911-يىلى ئەنگلىيە بىلەن روسىيە كەڭ كۆلەملىك قۇراللىق مۇداخىلە يۈرگۈزۈپ، ئىران ئىنقىلابىنى قانلىق باستۇرىدۇ. بۇ چاغدا باھارنىڭ شېئىرلىرىدا ۋەتەنگە چوڭقۇر مۇھەببەت، جاھانگىرلارغا قارىتا غەزەپ-نەپرەت تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلىدۇ. بىراق 1905-يىلىدىن 1911-يىلىغىچە ئېلىپ بېرىلغان دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ مەغلۇپ بولۇشى باھاغا قاتتىق زەربە بولۇپ، ئۇ ئىجادىيەت  جەھەتتە چۈشكۈنلىشىدۇ. 1920-يىللارنىڭ ئاخىرىدا، باھار ‹ئۆگىنىش مەھكىمىسى› دېگەن ئەدەبىي تەشكىلاتنى تەشكىللەپ، بۇنى چۆرىدىگەن ھالدا بىر تۈركۈم ياشلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرىدۇ ھەمدە ئەدەبىيات مەسىلىلىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە مۇلاھىزە قىلىش ئاساسىدا ‹ئۆگىنىش مەھكىمىسى› دېگەن ئەدەبىي ژۇرنالنى نەشىر قىلىدۇ. كېيىنكى يىللاردا، ئۇ سىياسىي سەھنىدىن چېكىنىپ، ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ(تېھران ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوتسېنت بولۇپ ئىشلەيدۇ) بىراق ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەت ئۇنى ئۆز ئىختىيارىغا قويۇپ بەرمەيدۇ، ئىككى قېتىم قولغا ئالىدۇ. بىر قېتىم تېھراندىن قوغلاپ چىقىرىدۇ. ئاخىرى، ئۇ ئىسفاخانىغا بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ قالىدۇ. باھار كۆپ قېتىم سىياسىي زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن تەسلىم بولمايدۇ ھەم ئۈمىد ئىشەنچىسىنى يوقىتىپ قويمايدۇ. ئۇ 1930-يىلى يازغان بىر پارچە شېئىرىدا، كەلگۈسىدىكى ئەركىنلىك، ئازادلىققا بولغان ئىشەنچىنى چوڭقۇر ھېسيات. يۈكسەك ئاۋاز بىلەن جاكارلايدۇ.

      باھار پۈتۈن ئۆمرىدە 20 مىڭ مىسرادىن ئارتۇق شېئىر يازىدۇ. ئۇ گەرچە 1951-يىلى ۋاپات بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئىجادىيىتى ئاساسىي قانۇن تۈزۈش ھەرىكىتى مەزگىلىدە تازا گۈللىنىدۇ. ئۇنىڭ شېئىرلىرى كلاسسىك ئېران شېئىرىيىتىنىڭ ئەنئەنىۋىي شەكلىگە ئەمەل قىلىپ، ئۇنىڭغا يېڭى دەۋر روھىنى سىڭدۈرىدۇ. ئۇنىڭ بۇ دەۋردىكى شېئىرلىرى ئەينى ۋاقىتتىكى ئىران ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدىكى زور مەسىلىلەرگە تاقىلىپ، يۈكسەك ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسيات ۋە جاھانگىرلىككە، فېئودالىزمغا قارشى روھ بىلەن تولۇپ تاشىدۇ. ئىران شېئىرىيىتىدە، 1905-يىلىدىن 1911-يىلىغىچە ئېلىپ بېرىلغان ئىنقىلاب داۋامىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولىدۇ ھەمدە يۈكسەك ئىدىيىۋى مەزمۇنغا ئىگە بولغان سىياسىي شېئىرلار مەيدانغا كېلىدۇ. باھار ئىنقىلابى ئۆزگىرىش جەريانىدىكى داڭلىق شائىر بولۇپ، ئۇنىڭ شېئىرلىرى يېقىنقى زامان ئىران ئەدەبىياتىدا مۇھىم ئورۇن ئىگىلەيدۇ.

     

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : باھار , شېئىر , ئىران , _
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-8-11 18:25:20
    تەھرىر : yultuzay
    باھا : 0 كۆزىتىش : 123
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证