تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    halisa
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 13086
    115170089@qq.com

    يازما سانى : 54
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-5-20 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    سەئىدى(1210-1292)

     



    سەئدى

     

       مۇشرىفەددىن سەئىدى (1210-1292)، ئوتتۇرا ئەسىردە ياشىغان پارىس شائىرى، ئۇنىڭ تولۇق ئىسمى ئەبۇ ئابدۇللا مۇشرىفەددىن مۇسلىھىدىن سەئىدى شىرازى. ئۇنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتىنى بەزىلەر 12-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى دېيىشىدۇ، ئەمما، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى تەھلىل قىلغاندا، تۇغۇلغان ۋاقتى تەخمىنەن 1210-يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە بولسا كېرەك.

      سەئىدى شىرازى ئانچە باي بولمىغان موللا ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك ھاياتى شىرازدا ئۆتكەن. ئۇنىڭ ئاتىسى مۇسلىھىدىن شىرازى دىن تارقاتقۇچى ئىدى. ئۇنىڭ يېرىمۇ، كۆچمە مۈلۈكىمۇ يوق بولۇپ، دائىم دېگۈدەك تەن جازاسىغا ئۇچراپ تۇرىدىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بالىلىق دەۋرى بىر قەدەر بەختلىك ئۆتكەن. سەئىدى 13 ياشلارغا كەلگەندە، دادىسى ئالەمدىن ئۆتۈپ، ئائىلىسىنىڭ كېيىنكى تۇرمۇشى ناھايىتى جاپالىق بولغان. 13-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، سەئدى شۇ چاغدىكى شەرق مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەركىزى بولغان باغداتقا كېلىپ، ئالىي دەرىجىلىك نىزامىيە مەدرىسىگە كىرگەن ۋە ئوقۇش ياردەم پۇلى ئېلىشقا مۇيەسسەر بولغان. ئۇ چاغدا مەدرىسىدە مۇدەررىسلىك قىلىدىغانلارنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى ئاتاقلىق ئالىملار ئىدى. ئەمما سەئىدى ئۇلارنىڭ ئېيتقان ۋەزلىرىگە ۋە نەپسىنى يىغىش ئەقىدىلىرىگە ئانچە قىزىقمىغان. چۈنكى ئۇنىڭ كېيىنكى ھەرىكىتىگە قارىغاندا، ئۇ مەدرىسىنى پۈتتۈرمەي تۇرۇپلا كېتىپ قالغان.

      13-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا، ئۇ مەككىگە تۇنجى قېتىم ھەج قىلغىلى بارغان. كېيىن ئۇ دەرۋىش بولۇپ، ئۇزۇن مۇددەتلىك سەرگەردانلىق ھاياتىنى باشلىغان. ئۇنى 50-يىللارغىچە داۋاملاشتۇرغان. بۇ مەزگىلدە، ئۇ مۇقەددەس مەككىگە كۆپ قېتىم بارغان. ئۇ يەنە دەمەشىق، تىرىپولى، ھەلەپ قاتارلىق يېقىن شەرق شەھەرلىرىنىڭ ھەممىسىگە بارغان. ئۇ يەنە ھىندىستاندىن تارتىپ شىمالىي ئافرىقىغىچە بولغان نۇرغۇن دۆلەتلەر ۋە رايونلارغا بارغان. شائىر كېيىنچە ئەسلەپ، ئاشۇ يىللاردا ئۆزىنىڭ قورساق تويغۇدەك تاماق يەپ باقمىغانلىقىنى، كىيىملىرىنىڭ جۇل-جۇل ئىكەنلىكىنى، تاپالىسا يەپ. تاپالمىسا ئاچ يۈرگەنلىكىنى، دالىدا تۈنىگەنلىكىنى، تارتمىغان جەبر-جاپاسىنىڭ قالمىغانلىقىنى، نۇرغۇن قېتىملار ئۆلۈپ كېتىشكە تاس-تاماس قالغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ دائىم كوچىلاردا كىشىلەرنى ئەتراپىغا توپلاپ، دىنىي تەشۋىق قىلغان. ئېتىقادچىلارنىڭ بەرگەن سەدىقىسى ئارقىلىق ھايات كەچۈرگەن.

      سەئىدى ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىن باشلاپلا شېئىر يازغان. ئەپسۇسكى، ئۇ شېئىرلار ھازىرغىچە يېتىپ كېلەلمىگەن. سەئىدىنىڭ ساقلانغان شېئىرلىرىنىڭ ئەڭ بالدۇرلىرى 13-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىن 40-يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا يېزىلغان بولۇپ، شائىر بۇ شېئىرلىرىنى باغداتتا تۇرغان ۋە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن مەزگىللىرىدە يازغان. بۇ شېئىرلارنىڭ كۆپىنچىسى ‹كورىيا مۇنارى› ناملىق توپلامغا كىرگۈزۈلگەن. بۇلار ئاساسەن، غەزەل شەكلىدىكى لىرىك شېئىرلار، بۇنداق شەكىل سەئدىدىن بۇرۇنمۇ بار ئىدى. لېكىن سەئىدى ئۇنى ناھايىتى مۇكەممەل دەرىجىگە كۆتۈرۈپ پارس ئەدەبىياتىدا ئۆز ئالدىغا بىر ئۇسلۇپ ياراتقان. ‹كورىيا مۇنارى› دېگەن توپلامنى مۇشۇ خىل شېئىرىي شەكىلنىڭ ئۈلگىسى دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ تىلى پۇختا، تەبىئىي، ئوبرازلىرى ناھايىتى ئەينەن، ھەر بىر شېئىرى بىر ناخشا بولۇپ، مەنىسى ئىنتايىن چوڭقۇر. شەكلى گۈزەل ۋە تەسىرلىك بولسىمۇ، لېكىن سەئىدىنىڭ بۇ شېئىرلىرى ئەينى ۋاقىتتا يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىمىغان. بەزىلەر ئۇنىڭغا ئەمەلدارلار، كاتتا ئەربابلارنى مەدھىيىلەيدىغان شېئىرلارنى يېزىش ھەققىدە مەسلىھەت بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بۇنىڭغا پەرۋا قىلمىغان. ئۇ بىر شېئىرىدا مۇنداق يازغان:

      بەزىلەر ماڭا مۇنداق دەيدۇ:

     ‹سەئدى نېچۈن تارتقايسەن مۇنچە دەرد-ئەلەم،

    ئىگە بولالايتتىڭغۇ ئىشەنچلىك كىرىمگە، سەلتەنەت،

    بايلىققىمۇ ھەم.

    سېنىڭ قىممەتلىك ئاشۇ قولۇڭ ئالتۇن تەختنى ئېلىشقا قادىر،

    نەھاجەت ھاياتلىق ئۈچۈن سەرسانلىق، تەمتىرەش ھازىر؟

    مەرتىۋىلىك كاتتىلارنى مەدھىيىلەيدىغان بولساڭلا، تۈگىمەس

                                مال-مۈلۈككە ئىگە بولىسەن،

    بايلىقىڭ بولمىسا، ئىقتىدار ساڭا پەقەت خاپىلىق ۋە كۆز

                                   يېشىلا ئېلىپ كېلىدۇ.›

    قۇرغۇي سۇمرۇغتىن ئۈستۈن-شۇنداق قارايدۇ دۇنيادىكى كۆپلىگەن كىشى، لېكىن قۇرغۇي تاپ چوقۇپ ياشايدۇ، بىراق سۇمرۇغ پاكلىق تەڭدىشى.

    ياق، مەن مەرتىۋىلىك كاتتىلارغا ھەرگىز يېلىنمايمەن، باشقىلارنى دوراپ ئۇلاردىن ئاشقان-تاشقاننى تېرىپمۇ يۈرمەيمەن.

    ئۇلارنىڭ بىر تال يىڭنىسىنى ئېلىش كىرپىنىڭ ئۈستىگە ئولتۇرغان بىلەن باراۋەر.

    ئۇلارغا يالۋۇرۇش ئەڭ شەرمەندىلىك، ئۇ پەقەت يامانلىقلا ئېلىپ كېلىدۇ، كىشىنى نومۇسقا ئۆلتۈرىدۇ.

       سەئدىنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرى ‹بوستان› بىلەن ‹گۈلىستان› ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئاندىن ئۇنىڭ نامى چىققان. 1250-يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە، سەئدى سەرگەردانلىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، دەمەشقتە ئولتۇراقلاشقان ھەمدە ‹بوستان› نى يېزىشقا باشلىغان ۋە 1255-يىلى شىرازغا قايتىپ كېلىشنىڭ ئالدىدا يېزىپ پۈتتۈرگەن. ‹بوستان› بىر داستان بولۇپ، جەمئىي 10بابقا بۆلىنىدۇ، ھەر بىر بابى بەزى ئۇششاق ھېكايە ۋە مەسەللەردىن تەركىب تاپقان. ئۇنىڭغا ئاپتورنىڭ قىستۇرما بايانلىرى ناھايىتى قىسقا بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن مەنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىش رولىنى ئوينىغان. ‹بوستان› نىڭ مەيدانغا كېلىشى سەئدىگە ئىنتايىن چوڭ شۆھرەت ئېلىپ كەلگەن. جەمئىيەتتىكى ئەمەلدار، كاتتىلار ۋە سەنئەت ھەۋەسكارلىرى ئۇنىڭغا بولغان پوزىتسىيىسىنى دەرھال ئۆزگەرتكەن. پادىشاھ ئۇنى ئوردا شائىرلىقىغا تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن سەئدى پادىشاھنىڭ بۇ ئىلتىپاتىدىن تەسىرلىنىپ كەتمەي: ‹ئۆز كۈچۈمگە تايىنىپ جان باققىنىم، تىنچ ئولتۇرۇپ ئارام ئالغىنىم، ئالتۇن كەمەر باغلاپ ھۆكۈمەت خىزمىتىدە بولغىنىمدىن ئەۋزەل!› دېگەن. سەئدى شېئىر يېزىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ھەقىقەتنى تارقىتىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىللەتلىرىنى پاش قىلغان.

      سەئدىنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرلىك ئەسىرى ‹گۈلىستان› نۇرغۇنلىغان قىسقا ۋە ئىخچام نەسىر بىلەن پەلسەپىۋى ھەم ئەقلىيىلىك قىسقا شېئىرلاردىن تەركىب تاپقان. ئۇنىڭدا ئومۇمەن ھېكايە، نەسىرى ئۇسۇلدا سۆزلەنگەن.  ئاندىن قىسقا شېئىر بىلەن خۇلاسىلىنىپ، ھېكايە ئارقىلىق دېمەكچى بولغان مۇددىئا ئېچىپ بېرىلگەن. پۈتۈن كىتاب سەككىز بابقا ۋە بىر مۇقەددىمىگە بۆلۈنگەن. 1-بابتا، پادىشاھلارنىڭ خۇلقى-ئادىتى توغرىسىدا سۆزلىنىدۇ، 2-بابتا، دەرۋىشلەرنىڭ ئەخلاقى توغرىسىدا سۆزلىنىدۇ. 3-بابتا، قانائەت قىلىشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا سۆزلىنىدۇ. 4-بابتا سۈكۈت قىلىشنىڭ پايدىسى ھەققىدە سۆزلىنىدۇ. 5-بابتا، ئىشىق ۋە ياشلىق توغرىسىدا سۆزلىنىدۇ. 6-بابتا زەئىپلىك ۋە قېرىلىق توغرىسىدا سۆزلىنىدۇ. 7-بابتا تەربىيىنىڭ تەسىرى توغرىسىدا سۆزلىنىدۇ. 8-بابتا ئۆز ئارا مۇناسىۋەت سۆزلىنىدۇ. ھەر قايسى بابنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئاپتور ‹گۈلىستان› دا خەلق ئەدەبىياتىنىڭ جەۋھەرلىرىنى تولۇق قوبۇل قىلغان. ئەسەرنىڭ تىلى ئىخچام ۋە ئاددىي-ساددا، بايان قىلىشى جانلىق ۋە ھەقىقىي بولۇپ، ئۇنىڭدا قائىدىلەر چوڭقۇر ۋە تەسىرلىك بايان قىلىنغان. شائىر ھېكايە ۋە ئەقلىيىلىك سۆزلەر ئارقىلىق، شەرقتىكى مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ ئاجايىپ مەنزىرىسىنى ئېچىپ بېرىپ، ئۆزىنىڭ ئەركىنلىككە، بەختلىك تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئىپادىلەپ، دوستلۇق ۋە ئەمگەكنى مەدھىيىلىگەن.بۇ ئەسەردە زالىم ھۆكۈمرانلارنىڭ مۇستەبىت سىياسىتىگە شىددەتلىك زەربە بېرىلگەن. مەسىلەن، بىرىنچى بابتىكى بىر ھېكايىدە، پارس پادىشاھىنىڭ زالىملىقى، ئۆكتەملىكى، پۇقرالارغا زۇلۇم سالغانلىقى، نەسىھەتنى ئاڭلىماي، خالىغانچە ئەسكىلىكلەرنى قىلغانلىقى، نەتىجىدە ھەممە ئۇنىڭدىن بىزار بولغانلىقتىن، تەختتىن ئايرىلىپ قالغانلىقى يېزىلغان. شائىر بۇ ئارقىلىق زالىم ھۆكۈمرانلارنىڭ خەلق دۈشمىنى ئىكەنلىكى، قويلارغا زىيان سالغۇچى بۆرە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، خەلقنى ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرۈشكە چاقىرغان ھەمدە زالىم ئەمەلدارلارنىڭ ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدۇ، دەپ ھۆكۈم قىلغان. مەسىلەن:

      ئەزگۈچى زالىم بولمىسۇن سۇلتان،

       بۆرىدىن چىقماس ھەرگىزمۇ چوپان.

     

      پادىشاھ سالسا زۇلۇمغا ئاساس،

       دۆلەتنىڭ ئۇلىنى كولىغان ئوخشاش.

    شائىر يەنە قەدىمكى زالىم ھۆكۈمدار ھۇججاج يۈسۈپنىڭ ھېكايىسى ئارقىلىق رېئال تۇرمۇشتىكى زالىم ھۆكۈمدارلارنىڭ ئەسكىلىكىنى قامچىلايدۇ. ئۇ ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا مۇنداق دەيدۇ:

      ئەي زالىم، يېتەر خەلققە ئازارىڭ،

      قاچانغىچە قاينار بۇ بازارىڭ؟

     

     سەلتەنەت سۈرمەك نە كېرەك ساڭا؟

     خەلقنى ئەزگەندىن ئۆلگىنىڭ ئەلا!

    بۇ شېئىرىي ھېكايىلەر توپلىمىدا، رېئال تۇرمۇش ئەمەلىيىتى ئاساس قىلىنىپ، چوڭقۇر پەلسەپىۋى پىكىرلەر بايان قىلىنغان بابلارمۇ بار. ئاپتور كىتابنىڭ 8-بابىدا مۇنداق يازىدۇ:

      يامانلارغا رەھىم قىلىش-ياخشىلارغا زۇلۇم قىلىشتۇر.

      زالىملارنى ئەپۇ قىلىش-كەمبەغەللەرگە جەبىر سېلىشتۇر.

     

      بولسا ياۋۇزغا سېنىڭ غەمخورلۇقۇڭ، يۇمشاقلىقىڭ،

      قىلسا ئۇ ئەلدە جىنايەت، بار سېنىڭ ئورتاقلىقىڭ.

    دۈشمەن بارلىق ھىيلىلەرنى ئىشلىتىپ دەرمانى قالمىغاندا دوستلۇق زەنجىرىنى جىرىڭشىتىدۇ. بۇنداق چاغدا، ‹دوستلۇق› بويىچە ھېچقانداق دۈشمەن قىلالمايدىغان ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ.

      بىر ئادەمدىن: ‹ ئەمەلسىز ئادەم نېمىگە ئوخشايدۇ، دەپ سوراشقانىكەن، ئۇ، ھەسەلسىز ھەرىگە› دەپ جاۋاب بەرگەن.

      ئالتۇن دېگەن كاندىكى مەدەندىن قېزىپ ئېلىنىدۇ، بېخىلنىڭ قولىدىن بولسا قېنىنى سۇغۇرۇۋالغاندىن كېيىنلا ئېلىش مۇمكىن.

      بۇ سۆزلەر كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدىكى سۆزلەرگە ئايلىنىپ، ھازىرمۇ رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، كىشىلەرنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ. شۇنىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ‹گۈلىستان› دىكى ھېكايە ۋە شېئىرلاردا تەقدىرگە تەن بېرىش مەۋجۇت تۈزۈمگە بويسۇنۇشنى تەرغىپ قىلىدىغان ۋەز-نەسىھەتلىرىگە قىزىقماي، بەلكى ئۇنىڭدىكى ئىلغار ئىدىيىگە مەدھىيە ئوقۇيدۇ. سەئدى ‹گۈلىستان› نىڭ باش قىسمىدىكى ‹كىتابنىڭ يېزىلىش سەۋەبى› دېگەن پارچىدا، ئۆزىنىڭ دوستى بىلەن گۈلىستاندا سەيلە قىلىپ يۈرۈپ ‹گۈلىستان› ناملىق كىتاب يېزىش توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەنلىكىنى، قىزىل گۈللەر سۇلغاندىن كېيىن، يەنىلا ‹قىزىل گۈل› نى ئەۋلادلارغا قالدۇرۇشنى ئويلايدىغانلىقىنى يازىدۇ. شائىر بۇ كىتابنىڭ خاتىمىسىدە:‹ مەن ئەقىل-پاراسەت ئارقىلىق، نەسىھەت قىلدىم. بۇ كىتابنى يېزىش ئۈچۈن كۆپ ۋاقىتنى سەرپ قىلدىم. بەلكى بەزىلەر ئۇنى پايدىلىق كىتاب ھېسابلىماس، لېكىن بىر ئەلچىنىڭ ۋەزىپىسى ئېنىقتۇر. ئۇ بولسىمۇ بۇ كىتابنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا قالدۇرۇشتۇر.› دەپ يازىدۇ. شائىرنىڭ ۋەزىپىسى ئورۇندىلىدۇ. ئۇ پايدىلىق كىتاب ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا قالىدۇ. ئۇ يېقىن شەرق ۋە ئوتتۇرا شەرققە تارقىلىپلا قالماي، بەلكى كۆپ قېتىم غەربىي ياۋرۇپادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان. ئۇ پارس ئەدەبىياتى ۋە دۇنيا ئەدەبىياتى خەزىنىسىدىكى ئاجايىپ ئېسىل گۆھەردۇر.

      13-ئەسىر پارس ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ سودىسى ۋە قول سانائىتى تېز تەرەققىي قىلغان دەۋر ئىدى. سەئدىنىڭ ئەسەرلىرىدە ئاساسەن، سودىگەرلەر ۋە قول-سانائەتچىلەر ئارزۇسى ۋە مەنپەئەتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئۇ بىر ھېكايىسىدە مۇنداق يازىدۇ:‹بىر دانىشمەن ئوغلىغا يول كۆرسىتىپ مۇنداق دەپتۇ: بالام، نام-ئابروينىڭ ھەممىسى ئىشەنچلىك ئەمەس، ھازىرقى زاماندا، ئالتۇن-كۈمۈش، مال-دۇنيانىڭ ھەممىسى ئاسانلا قولدىن كېتىپ قالىدۇ، يا ئوغرىلىنىدۇ، يا ئۆزۈڭ خەجلىۋېتىسەن، پەقەت ھۈنەرلا ئېقىۋاتقان بۇلاق ۋە مەڭگۈلۈك بايلىق. ئەگەر قولىدا ھۈنىرى بار كىشى ھوقۇقتىن مەھرۇم بولۇپ قالسا، ئۇنىڭ كارى چاغلىق. چۈنكى ئۇنىڭ ھۈنىرى بار. ۋەھالەنكى، ھۈنەر بايلىق دېمەكتۇر. ئۇ مەيلى نەگە بارسۇن، ھۆرمەتكە ۋە ئىززەتكە سازاۋەر بولىدۇ. ھۈنىرى يوق كىشى ھامان نامراتلىقتا جاپا چېكىدۇ.› سەئدى يەنە پادىشاھقا سودىگەرلەرنى قوغداش ھەققىدە كۆپ قېتىم نەسىھەت قىلغان. ئۇنىڭ قارىشىچە سودا بولمىسا، دۆلەت قۇرۇش مۇمكىن ئەمەس.

      13-ئەسىرنىڭ بېشىدا ھەر قايسى فېئودال ھۆكۈمرانلار ئوتتۇرىسىدا جېدەل-ماجىرالار بولغان. 1220-يىلى داردانىلىقلار  تاجاۋۇز قىلغان. ئۇرۇش مالىمانچىلىقلىرى كەلتۈرگەن بالايىئاپەتلەر تۈپەيلىدىن، ئادەملەر كۈن كەچۈرۈشكە چارىسىز قالغان، دېھقانلارنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ ئېچىنىشلىق بولغان، سەئدىنىڭ ئەسەرلىرىدە دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشى ۋە ئارزۇسى مەلۇم دەرىجىدە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، ئاپتور پادىشاھ، ۋەزىرلەر ۋە ئاقسۆڭەكلەرگە دېھقانلارنى خارلىماسلىق ۋە بۇلاڭ-تالاڭ قىلماسلىق ھەققىدە مۇراجىئەت قىلىدۇ، چۈنكى ‹ئۇلار دۆلەتنىڭ ئاساسى، جەمئىيەتنىڭ ئۇلى› دەيدۇ. ئۇ ھوقۇقدارلارغا تۇرمۇشتا ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، شۈكۈر قىلىش، ھەددى-ھېسابسىز بۇزۇپ-چېچىپ، خەلقنىڭ ئىرادىسىنى ئاياغ ئاستى قىلماسلىق ھەققىدە نەسىھەت قىلىدۇ. ھۆكۈمرانلارنىڭ يەنىلا ئۆز بىلگىنىنى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە، ئۇ ھەمىشە خۇدانىڭ جازاسى ۋە ئالەمدىكى دوزاخ ئازابى قاتارلىقلار بىلەن قورقۇتماقچى بولىدۇ، ئەمما سەئدىنىڭ غەرىزى شۇ چاغدىكى ئوردا شائىرلىرىنىڭ مىستىتىسىزىمچى، سوپىزىمچى گۇرۇھىدىكى شائىرلارنىڭ غەرىزى بىلەن ئوخشاش ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ شېئىرلىرى خەلققە يۈزلەنگەن، ۋەز-نەسىھەتلىرى ئىنسان تەبىئىتى ۋە ئادىمىگەرچىلىكنى ئاساس قىلغان. ئۇنىڭ ئەكس ئەتتۈرگىنى خەلقنىڭ تۇرمۇشى ئىدى.

      سەئدى ئاخىرقى ئۆمرىدە شىراز شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى ئاددىي بىر ئۆيدە يېرىم يوشۇرۇن ھالەتتە تۇرمۇش كەچۈرگەن. 1202-يىلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، شۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان. 1952-يىلى ئىران ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ قەبرىسىنى قايتا رېمونت قىلغان.

     

     

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : سەئىدى , ئىران , گۈلىستان , بوستان , 1210 , 1292
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-8-11 17:08:18
    تەھرىر : yultuzay
    باھا : 0 كۆزىتىش : 91
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证