تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    halisa
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 13086
    115170089@qq.com

    يازما سانى : 54
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-5-20 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ئۆمەر ھەييام (11-ئەسىر)

     



    ئۆمەر ھەييام

    ئۆمەر ھەييام ئوتتۇرا ئەسىردە ئۆتكەن ئاتاقلىق پارس (ئىران) شائىرى، پەيلاسوپى، ماتېماتىكا ئالىمى، ئىلمىي نۇجۇم (ئاسترونومىيە) ئالىمى . ئۇ يەنە ئەركىن تەپەككۇر ۋە ھېكمەتلىك سۆز مۇئەللىپى بولۇش بىلەن پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىياغا مەشھۇر.

    ئۆمەر ھەييامنىڭ ھاياتى رەسمىي تارىخلاردا تەپسىلىي خاتىرىلەنگەن. لېكىن ھەر قايسى ئەللەردىكى پارىسشۇناس ئالىملارنىڭ ئىسپاتلاشلىرىغا قارىغاندا، ئۇنىڭ پىرسىيىنىڭ خۇراسان ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى نىشاپور شەھىرىدە (ھازىرقى ئىران چىگرىسى ئىچىدە) تۇغۇلغانلىقى مەلۇم. ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمىدىن قارىغاندا، ‹ھەييام› سۆزى پارسچە (‹خىمە›، ‹چىدىرچى›) دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنىڭغا ئاساسەن، كىشىلەر شائىرنى قول-ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن، دەپ ھۆكۈم قىلىشماقتا.

    ئىران ئاسىيادىكى قەمىدىمى مەدەنىيەتلىك اۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ . مىلادىدىن بۇرۇنقى 5-ئەسىردىلا ئۈچ قىتئەگە كېڭەيەەن ئىمپىرىيە قۇرغان. 7-ئەسىردىن باشلاپ ئەرەبلەر ئىراننى بويسۇندۇرغان. 9-ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، ئىرانلىقلار ئەرەپلەرنى قوغلاپ چىقارغاندىن كېيىن، ئىران تۇپرىقىدا پۈتۈنلەي يېڭى ، ئەرەپلەرنىڭ تىل-يېزىقىنىڭ تەسىرى چوڭقۇر بولغان، ئىسلام دىنى دۆلەت دىنى قىلىنغان بىر نەچچە دۆلەت بارلىققا كەلگەن. بۇلارنىڭ بىرى سامانىلار دۆلىتىدۇر(875-999).
    مەدەنىيەت جەھەتتىن ئالغاندا، سامانىلار دۆلىتى ئىران تۇپرىقىدىكى دۆلەتلەر ئىچىدە بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان دۆلەت ئىدى. سامانىلار دۆلىتىدە ياكى شەرقىي ئىراندا ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت تاجىكلار بولۇپ، ئۇلار دارى تىلىدا سۆزلىشەتتى. يېقىنقى زامان پېرسىيە تىلى ياكى پارس تىلى دارى تىلىنىڭ ئۆزگىرىپ تەرەققىي قىلىشىدىن مەيدانغا كەلگەن. 10-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، قاراخانىلار سۇلتانى سامانىلارنىڭ قولىدىن بۇخارا قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا شەھەرلىرىنى ئازاد قىلغان، ئارقىدىنلا  سامانىلار دۆلىتىنىڭ خۇراسان تۈركلىرىدىن بولغان باش ۋالىيسى ئالىپ تېكىن ھازىرقى ئافغانىستان زېمىنىدا غەزنىۋىلەر سۇلالىسىنى قۇرغان. (962-1186). تەخمىنەن مىلادى 1000-يىلى، سەلجۇق تۈركلىرى  ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شىمالىدىكى يايلاقلاردىن سىر دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنى ئەتراپىغا كۆچۈپ كەلگەن ۋە بۇ جايدا ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان. سەلجۇقنىڭ نەۋرىسى تۇغرۇل بەگ خۇراسان ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ۋە مىلادى 1037-يىلى، غەرنىۋىلەر سۇلتانى مەسئۇدنى مەغلۇپ قىلىپ ئىراننى ئىشغال قىلغان. 1055-يىلى، تۇغرۇل بەگ پايتەخت باغداتقا كىرىپ قۇدرەتلىك سەلجۇقلار ئىمپېرىيىسى قۇرغان. ئۇنىڭ جىيەنى ئالىپ ئارسلان سۇلتانلىققا ۋارىسلىق قىلىپ (1063-1072)، سەلجۇقلار ئىمپېرىيىسىنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن دەۋرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. ئالىپ ئارسلان بىلەن مەلىكىشاھنىڭ ۋەزىرى نىزالمۇلمۈلۈك ئەينى ۋاقىتتىكى ئەڭ چوڭ سىياسىئون ئىدى. ئۇنىڭ سىياسىي ۋە تارىخ جەھەتتە ئۆز قاراشلىرى بولۇپ، ‹سىياسەتنامە› ناملىق ئەسەر يېزىپ، ئۆزىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىياسىتى ھەمدە ئەينى چاغدىكى دىنىي مەزھەپلەر ماجىرالىرى، جايلاردىكى قوزغىلاڭلار قاتارلىق تارىخىي پاكىتلارنى چۈشەندۈرگەن. ئۇ خۇراسانلىق ئىدى. ئۇ ئىلىم-پەن ۋە سەنئەتنى تەشەببۇس قىلىپ، مەدەنىيەت ۋە تەلىم-تەربىيە ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بەرگەن. بۇ چاغدا، پايتەخت باغداتتا ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ ئالىي بىلىم يۇرتى بولغان ‹نىزامىيە مەدرىسى› قۇرۇلغان ۋە غەربىي ئاسىيادا داڭق چىقارغان. بۇ مەدرىسنىڭ تەشكىلىي تۈزۈلۈشى كېيىنكى كۈندىكى ياۋرۇپادا ئالىي مەكتەپلەرنى قۇرۇشتا ئۈلگە بولۇپ قالغانىدى.

    ئۆمەر ھەييام ئەنە شۇ سەلجۇقلار ئىمپېرىيىسىنىڭ سەدىر ئەزەمى ( باش ۋەزىرى) بولغان نىزامۇلمۈلۈك بىلەن بىر مەكتەپتە ئوقۇغان ھەم يېقىن دوستلاردىن بولغان ئىدى. ئۆمەر ھەييام 17 ياشقا كىرگەن يىلى، ئۇنىڭ مۇئەللىمى ئۆلۈپ كەتكەن. ئۆمەر ھەييامنىڭ داۋاملىق ئوقۇغۇسى بولسىمۇ، لېكىن كېيىنكى يىلى دادىسى ئۆلۈپ كەتكەنلىكتىن، سىرتقا چىقىپ مۇستەقىل تىرىكچىلىك قىلىشقا مەجبۇر بولغان. ئۇزۇن ئۆتمەي سەمەرقەنتنىڭ شەرىئى مەھكىمىسىدە ئىلمىي تەھسىل بىلەن شۇغۇللىنىشقا تەكلىپ قىلىنغان. بۇ ۋاقىتتا ئۇ قازى كالانغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن ئالگېبرالىق تەڭلىمە ئۈستىدە ئىلمىي مۇھاكىمەماقالىسى يېزىپ چىققان. نەتىجىدە بۇخارا ھاكىمى شاھ مۇلمۈلۈك قاراخانى (1068-1079) ھوزۇرىدا، كېيىن يەنە سۇلتان مەلىك شاھ ھۇزۇرىدا ئىشلىگەن، شۇ مەزگىللەردە، ئۆمەر ھەييام ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىپاخاننىڭ ۋە مەرۇپنىڭ رەسەتخانىلىرىنى باشقۇرغان.يەنە بىر كالېندارمۇ ئىشلەپ چىققان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇ كالېندار ھازىر نۇرغۇن دۆلەتلەردە ئىشلىتىلىۋاتقان شەمسىيە كالىندارىدىنمۇ مۇكەممەل ۋە توغرا ئىكەن. 1092-يىلى مەلىك شاھ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، يېڭى تەختكە چىققان ھۆكۈمرانلار گۇرۇھى ئۆز ئارا ھوقۇق تالىشىش بىلەن بولۇپ كېتىپ، ئىلىم-مەرىپەت ئىشلىرىغا زادىلا كۆڭۈل بۆلمىگەن. پاناھىدىن ئايرىلغان ئۆمەر ھەييامنىڭ كۈنى بارغانسېرى قىيىنلىشىپ، ئاخىرى ئاچ-يالىڭاچلىق ھالغا چۈشۈپ قالغان، ھەتتا بىر مەزگىل پال بېقىش بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولغان. ئوردىدىكى ئۇلغىيىۋاتقان ماجىرالارغا ئەگىشىپ، ئەكسىيەتچى دىنىي كۈچلەرمۇ بەك ھەددىدىن ئاشقان.

    ئۆمەر ھەييام ياشىغان دەۋرلاردە ئىسلام دىنى بىلەن پارىس مىللەتچىلىكى كۈچ ئېلىشىۋاتقان، پارىس زىيالىرىلىرى ئىراننىڭ قەدىمى شان شۆھرىتى ۋە شەھەر مەدەنىيىتگە مەست بولۇپ ئەرەب مەدەنىيىتىنى كۆزگە ئىلمىغانلىقتىن تەدرىجى ھالدا بىر مەزھەب بولۇپ ئۇيۇشۇشقا باشلىغان بولۇپ، ھاكىمىيەت بېشىدىكى سۈننى مەزھەپ مۇسۇلمانلىرىغا قارشى بولغا شىئە مەزھىبى ۋە تېخىمۇ سىرلىق بولغان سوپىلار ئېقىمى ئىران مىللەتچىلىكىنىڭ يېڭى تون ئاستىدىكى ئىپادىسى بولۇپ قالغان ئىدى.

     ئۆمەر ھەييام ئوردىدىكى ۋاقتىدا ‹ مەۋجۇدىيەتنىڭ ئومۇملىقى› دېگەن تېمىدا بىر ئىلمىي ماقالە يېزىپ، ھۆرىيەتپەرۋەرلىك ئىدىيىسىنى، سوپىزىمنى تەشۋىق قىلغان بولۇپ، سۈننى مۇسۇلمانلارنىڭ نەزەرىدە ئېغىر كۇپرىلىق نەزەرىيىسى بولغان ئىبارىلەر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ دەرۋىشانە پەلسەپىسىنى، تەركىدۇنيالىق ئىدىيىسىنى كىنايە شەكلىدە ئەكس ئەتتۈرگەن.

    ئۆمەر ھەييام سۈننى مەزھەپتىكىلەرنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس ماكانى مەككىگە ھەج قىلىشقا بارغان. قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۆز يۇرتىدا غەم-غۇسسە ئىچىدە ئالەمدىن ئۆتكەن.

    ئۆمەر ھەييامنىڭ ئەدەبىياتتىكى مۇھىم تۆھپىسى ئۆز ئۆمرىدە يازغان ئۈچ يۈز كۇپلېتتىن ئارتۇق (بەزىلەر 456 كۇبلېت دېيىشىدۇ) رۇبائىيسىدۇر. ئەرەب تىلىدىكى ‹رۇبائىي› سۆزى ‹ تۆت› دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، بۇ خىل شېئىرنىڭ ھەر بىر كۇپلېتى تۆت مىسرادىن بولۇپ، 1-2-4-مىسرالىرى قاپىيىداش، بەزىدە تۆت مىسرانىڭ ھەممىسى قاپىيىداش بولۇپ كېلىدۇ.

    ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىدا رادىكال ھۆرىيەتپەرۋەر ئىدىيە، دىندىن گۇمانلىنىش، كىنايە تۈسى بىلەن كۇپرانە سوئال قويۇش، ھۆكۈمرانلار سىنىپىنىڭ دىن ئارقىلىق سالغان بويۇنتۇرۇقلىرىغا قارشى تۇرۇش ھەمدە ئۆزىنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، دىنىي مۇستەبىت كۈچلەرنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىشى قاتارلىق مەزمۇنلار ئىپادىلەنگەن. شېئىرىي شەكىل جەھەتتە، بۇ رۇبائىيلارنىڭ ۋەزنى كۆركەم بولۇپ، ئۇلاردا ھەر خىل مەسخىرىلەش ئۇسۇللىرى ۋە ئوخشىتىشلار ماھىرلىق بىلەن قوللىنىلغان. رۇبائىينىڭ مەزمۇنى چوڭقۇر بولۇپ، كىشىلەرنى ئويغا سالىدۇ. لېكىن بەزى پەلسەپىۋىي رۇبائىيلارنىڭ سىرلىق تۈسى، غەمكىن كەيپىياتى ، ئىشرەتخورلۇق، ھاراقكەشلىك ھەتتا تەركى دۇنيالىق ئىدىيىسى كۈچلۈك بولۇپ پەقەت ساغلام ئەمەس.

    مۇنەۋۋەر ئەدەبىي ئەسەر ھامان ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، سەلجۇقىلار دۆلىتىدە، سۈننى مەزھەپتىن بولمىغان پارىس خەلقى ئۆز زىمىنىدا  ئاياغ-ئاستى قىلىنىشقا ئۇچرايدۇ،شۇنداقلا سىياسىي زۇلۇم، ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلىش، دىنىي ماجىرالار تۈپەيلىدىن خەلقنىڭ تۇرمۇشى ئىنتايىن ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ، جەمئىيەت پاراكەندىچىلىك ۋە ئەنسىزلىك ئىچىدە قالىدۇ، بۇ چاغدا ئىرادىلىك كىشىلەر خەلق ئۈچۈن چىقىش يولى ئىزدەيدۇ، شۇڭا ‹ رۇبائىيلار› دىكى بەزى رۇبائىيلاردا جاھاندىن رازى بولمىغان ، ئۆزىنىڭ ئۈمىدسىزلىكىنى زاماندىن ، تەقدىردىن كۆرۈپ ئۆزىنى تاشلىۋەتكەن ئىچەرمەنلەر تەركى دۇنيالارنىڭ ۋايساشلىرى گەۋدىلىنىدۇ.

    بىر كېلەر ۋە كېتەر بۇ ئەجەب دۇنيا،

    يوق ئاڭا ئىپتىدا ياكى ئىنتىھا.

    كەلدۇق بىز قەيەردىن، نەگە كېتىمىز؟

    بۇ ھەقتە كىم بەردى قېنى جىڭ باھا؟

    ئۆمەر ھەييام ئادالەتسىزلىك، كۆڭۈل خۇشلۇقى بولمىغان رېئال دۇنيانى ئەيىبلەيدۇ،  شۇنداقلا كەلگۈسىدىكى جەننەت بىلەن دوزاخقىمۇ ئىشەنمەيدۇ، بۇ رېئال جەمئىيەتتە ياخشى ئۆزگىرىش بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. كىشىلەرنىڭ ئازادلىققا ئېرىشىشى ئۈچۈن، بىرەر كىشىنىڭ باشقىلارغا نېمىنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ.

    كاشكى تىنچ جاي تېپىپ كېتىپ بولسىدى،

    يا بۇ ئۇزاق يولنى ئۆتۈپ بولسىدى.

    يۈز مىڭ يىلدىن كېيىن ئارزۇ-ئۈمىدلەر،

    تۇپراقتىن مايسىدەك ئۈنۈپ چىقمىدى.

    شائىر ئۆمەر ھەييام ئوتتۇرا ئەسىردىكى مەدرىس پەلسەپىسى ۋە ئىسلام ئەقىدىلىرىنى مەسخىرە قىلىپ ھۆرىيەتپەرۋەرلىك ئىدىيىسى ۋە گۇمانلىنىش نەزەرىيىسىنى تارقىتىدۇ. بەزىلەر ئۆمەر ھەييامنىڭ پەقەت چار روسىيە مەزگىلىدىن كېيىنلا ياۋروپا ئارخولوگلىرى ئارقىلىق ئوتتۇرىغان چىققان نامىدىن گۇمانلىنىپ بەزى رۇبائىلار ئېھرىمال ياۋرولاپىقلار تەرىپىدىن ھەييامغا چاپلانغان بولۇشى مۈمكىن دەپمۇ پەرەز قىلىدۇ. 

    كىم كۆردى جەننىتىڭ، دوزىخىڭ ئەي دىل؟

    كىم كەلدى ئۆلگەندىن، قىل گېپىڭ ئەي دىل؟

    بىز قورققان، يېلىنغان نەرسىنىڭ، ئاڭلا:

    ئىسمى بار، جىسمى يوق...مۇشۇ-جىڭ، ئەي دىل!

    شائىر يەنە بىر رۇبائىيسىدا ئىلاھىي كۈچكە مۇنداق خىتاب قىلىدۇ:

    كوزامنى يوقاتتىڭ سۇندۇرۇپ رەببىم!

    ياپتىڭ بەخت ئىشىكىنى، سەن ئۇرۇپ رەببىم!

    گۈل رەڭلىك شارابىم تۆكتۈڭ يەرگە سەن،

    قالدىڭمۇ سەن ياكى مەست بولۇپ رەببىم!

    شائىر بۇ رۇبائىيدا، شۇ چاغقىچە تېخى ھېچ كىشى قارشى تۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمىغان خۇراپىي ئېتىقادقا، مەۋھۇم ساماۋى كۈچكە قارشى ھۆرىيەتپەرۋەرلىك پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

    بىر جامكى، ئەيلىمىش ئىختىرا ئەقىل،

    قەدىرلەپ شۇ جامغا يۈزنى سۆيدى، بىل...

    ‹پەلەك› نام كوزىچى شۇنداق جام ياساپ،

    ئارقىدىن يەرگە ئۇ، ئۇرىدۇ سىجىل...

    شائىرنىڭ بۇ رۇبائىيدىكى ‹جام› ئوبرازى-ئىنسان؛ ‹كوزىچى› ئوبرازى ۋە ‹پەلەك› ئاتالغۇسى-ئىلاھىي كۈچتىن ئىبارەت. شائىر بۇ رۇبائىيسىدا ئىلاھىي كۈچنىڭ ئاتايىن ئادەم يارىتىپ ئۇنى ئارزۇ-ئارمانلاپ ئىنسانلىق قىيامىغا يەتكۈزگەندىن كېيىن ھالاك قىلغانلىقىدىكى مەنتىقىسىزلىقنى پاش قىلىدۇ-دە، پەلەككە ۋە پەلەكنىڭ شۇنداق غەلىتە قىلىقلىرىغا، ئادالەتسىزلىكلىرىگە نەپرەتلىنىدۇ. شائىر بۇنداق ئادالەتسىزلىك قىلىدىغان پەلەكنى بۇزۇپ تاشلاپ، ‹ياخشىلار تولۇق مەقسەتكە يەتكۈدەك› ئادىل دۇنيا قۇرماقچى بولىدۇ:

    بىر كۈچۈم بولغاندا تەڭرىدەك گويا،

    بۇزاتتىم پەلەكنى بۇنداق بىۋاپا...

    ياخشىلار مەقسەتكە يەتكۈدەك تولۇق،

    قۇراتتىم بىر پەلەك-بىر يېڭى دۇنيا.

    ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرى يەنە شۇنىڭ بىلەن ئەھمىيەتلىككى، ئۇ ئەمەلىيەتچىدۇر. ئەمەلىيەتچىلىكنىڭ تەرغىباتچىسىدۇر. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئۆز زامانىسىغا كۆرە، ئۆمەر ھەييامنى ماتېرىيالىستىك قاراشقا ئىگە دەپ ئېيتىش مۇمكىن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

    كېچە مەن تۇيغۇمدا ساماغا چىقىپ،

    دوزاخ ھەم بېھىشنى يۈردۈم ئاختۇرۇپ.

    بىر ئۇستاز ئۇچرىشىپ دوزاق ھەم بېھىش،

    ئۆزۈڭدە!-دېدى ئۇ،-يۈرمىگىن ئېزىپ!

    ئۆمەر ھەييام بۇ كىچىككىنە ھېكايە ئارقىلىق ئۆز دەۋرىدە جەننەت-دوزاخ دېگەننىڭ ئەمەلىيەتتە يوق نەرسە ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىدۇ.

    ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىدا نۇرغۇن ماتېرىيالىستىك جەۋھەرلەر بولغاندەك، ئىدېئالىستىك شاكاللارمۇ يوق ئەمەس. مەسىلەن:

    ئاقمىغاي تەقدىرگە نارازى بولۇش،

    ئاقمىغاي ئالەمدە بىرىيابولۇش.

    قولۇمدىن كەلگەنچە تەدبىر ئىشلەتتىم،

    كەتكۈزدى ئاھ-قازا، تەدبىرىمنى بوش.

     

    خۇشال ئۆت، ئۆمۈرنىڭ ھاسىلى بىردەم،

    بۇ تۇپراق-تۇپرىقى كەيقۇباد ۋە جەم.

    قىل قىياس بىر خىيال ئالدىنىش يا چۈش،

    ھاياتنىڭ تەكتى ھەم ئەھۋالى ئالەم.

    شائىر بۇ رۇبائىيلىرىدا ‹ بىز شۇنچە قىلساقمۇ، تەقدىر بەرىبىر يەنە ئۆز ئىشىنى قىلىدۇ. تەقدىرگە تەدبىر ئىشلىمەيدۇ› دەيدىغان تەقدىرچىلىك كۆز-قاراشنى ئىلگىرى سۈرگەن، شۇنداقلا دۇنيانىڭ ماددىي دۇنيا ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ، ئۇنى بىر ‹چۈش› بىر ‹خىيال› دەيدۇ.

    ئۆمەر ھەييام ھاياتنىڭ سىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، رېئال دۇنيانى بىلمەكچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ دەۋر چەكلىمىسىگە ئۇچراپ، بىكار كۈچ سەرپ قىلغان. مەقسەتكە يېتەلمىگەن. ئۇ، باشقىلارنى مەسخىرە قىلىپلا قالماستىن، ئۆزىنىمۇ مەسخىرە قىلغان:

    دىلىم ئىلىملەردىن مەھرۇم بولماپتۇ،

    بىر سىر قالمىدىكىم، مەفھۇم بولماپتۇ.

    كۈنۈ تۈن ئويلاندىم، يەتمىش ئىككى يىل،

    ئاڭلىدىم ھېچنەرسە مەلۇم بولماپتۇ.

    شۇنداق قىلىپ شائىردا ئۈمىدسىزلىك كەيپىياتى پەيدا بولىدۇ.

    ئىچ شاراپ، ياتارسەن يەردە كۆپ زامان،

    بولمىغاي يولدىشىڭ، مۇڭدىشىڭ ئىنسان.

    ئېيتمىغىن ھېچكىمگە بۇ مەخپىي سىرنى،

    بىر قېتىم سۇلغان گۈل ئېچىلغاي قاچان!؟

     

    مەي تېنىم قۇۋۋىتى، ئوزۇقلۇقى جان،

    ماڭا ئۇ، كۆپ مەخپىي سىرلارنى ئاچقان.

    بىر يۇتۇم مەي ياخشى ئىككى دۇنيادىن،

    مەندە يوق بۇنىڭدىن باشقا بىر ئارمان.

     

    قولىمىزدا بولسا ئاق بۇغداي نانى،

    بىر كاسا شارابۇ، قوينىڭ بىر سانى.

    دىلبەر بىلەن مەيلى ۋەيرانىدىمىز،

    بۇ ئەيىشنى تاپالماس جاھان سۇلتانى!

    شائىرنىڭ بۇ رۇبائىيلىرىدىن ئۈمىدسىزلىك، شەخسىيەتچىلىك ۋە چۈشكۈنلۈكنىڭ ساداسى چىقىپ تۇرىدۇ.

    ‹رۇبائىيلار› دىكى نۇرغۇن رۇبائىيدا شائىرنىڭ ئوي-پىكىرلىرى ۋە خىياللىرى ئىپادىلىنىدۇ. شائىر ئوبيېكتىپ دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان شەيئىلەرنى بىلگىلى بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ. ئۇ، پەن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ھەممە نەرسىدىن ھەيران بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئىدىيىسىدە مىستىتىزىم ۋە فانتىزىم ئامىللىرى كۆپ بولۇپ، ۋەزىيەت تۇراقلىق بولمايدۇ، تۇرمۇشتا خاتىرجەملىك بولمايدۇ، شۇڭا، ئۇ ئادەم ئۆمرىنىڭ قىسقىلىقى، نۇرغۇنلىغان مەسىلىگە جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. غەم چېكىپ يۈرگەندىن كۆرە، ھاراق-شاراب ئىچىپ غەمدىن قۇتۇلۇپ ھۇزۇرلىنىش ياخشى، دەپ قارايدۇ. ئەمما بۇ جايدىكى ‹ھوزۇرلىنىش› پەقەت روھىي جەھەتتىن ئۆزىگە تەسەللىي بېرىشنىلا كۆزدە تۇتىدۇ. ئۇ، چوڭ ئەمەلدار-ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئىشرەتخورلۇقى، خالىغانچە ھۇزۇرلىنىشنى توغرا تاپمايدۇ. ئۇ، گۇمانى پوزىتسىيە بىلەن ھۆكۈمرانلار ۋە دىن ئەھلىلىرىگە سوئاللار قويىدۇ، ئەمما سىياسىي ئىسلاھات، دىننى ئىسلاھ قىلىش ۋە پەن-تەتقىقاتى جەھەتتە ئانچە چوڭ ئۈنۈم ھاسىل قىلالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن شائىردا كىشىلىك ھاياتنى ۋە ئۇنىڭ ئىستىقبالىنى بىلگىلى بولمايدۇ، دەيدىغان ئۈمىدسىزلىك كەيپىياتى پەيدا بولىدۇ. بۇ خىل كەيپىياتمۇ ئۆمەر ھەييامنىڭ پەلسەپىۋى ئىدىيىسىدىكى شەخسىيەتچىلىك ئامىلىدۇر. ئومۇمەن ئالغاندا، ئۇنىڭ رۇبائىيلىرىنىڭ ئىدىيىسىدە زىددىيەت مەۋجۇتتۇر. مەسىلەن، ئۇ ھامان، ھايات دېگەن نېمە؟ ئادەم ئۆز ھاياتىدا نېمە قىلىشى كېرەك؟ دېگەن مەسىلىلەرنى ئويلىشىدۇ. ئۇ، كىشىلەرنى ئەقلىنى ئىشقا سېلىپ كىشىلىك ھاياتنىڭ ئەھمىيىتىنى ئىزدەشكە چاقىرىدۇ. بۇ ئۇنىڭ ياخشى ۋە ئاكتىپ تەرىپى بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بۇنىڭغا جاۋاب تاپالماستىن، ئەلەم چېكىدۇ ۋە ئۈمىدسىزلىنىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇنىڭ ئوي-پىكىرلىرى پەقەت ئۆز دائىرىسى ئەتراپىدىلا چۆرگىلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ، تىلسىمات ئوردىسىغا كىرىپ قېلىپ، ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قۇتۇلدۇرالمايدۇ. بىراق شۇنداق بولغان ھالەتتىمۇ، ئۇنىڭ بەزى رۇبائىيلىرىدا ئاكتىپ ۋە ھۆرىيەتپەرۋەر روھ بار:

    ئويغان! يۇلتۇزلار ئۆچتى كۈن چىقىپ،

    قاچتى ئاسماننى پۈركىگەن زۇلمەت تۈن.

    ئالتۇن رەڭ قۇياش نۇرلىرى ئوقتەك،

    قادالدى سۇلتان راۋىقىدا بۇرۇن.

    بۇ رۇبائىيدا كىشىلەرنى ئويغىنىشقا چاقىرىشتەك يېڭى كەيپىيات بولسىمۇ، لېكىن يەنە بىر تەرەپتىن، شائىر خەلق ئاممىسىدىن ئايرىلغان بولۇپ، خەلق بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولالمايدۇ؛ ئۇ ھەر قانداق مەسىلىگە پەقەت شەخسىي نۇقتىدىن قارايدۇ. شۇڭا ئۇنىڭدا كىشىلىك ھايات جاپا-مۇشەققەتلىك ۋە قىسقا، ياشاشنىڭ ئانچە مەنىسى يوق، دەيدىغان پاسسىپ ئىدىيە پەيدا بولىدۇ. مانا بۇ شەخسىيەتچىلىكنىڭ ئىپادىسىدۇر.

    ‹رۇبائىيلار› نىڭ بەدىئىيلىك جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇنىڭدىكى كۆپلىگەن رۇبائىيلارنىڭ مەزمۇنى پەلسەپىۋى رۇبائىيلاردۇر. بەزى شائىرلار شېئىر ئارقىلىق پەلسەپە ۋە قائىدە سۆزلەيدۇ. بۇنداقتا شېئىر ئابىستىراكىتلاشقان، ئۇقۇملاشقان بىر نەرسە بولۇپ قالىدۇ. لېكىن ئۆمەر ھەييام ئۇنداق قىلمايدۇ، ئۇ بەدىئىي ئوبراز ئارقىلىق، پەلسەپىۋى قائىدىلەرنى شەرھلەپ، كىشىلەرنى پىكىر يۈرگۈزۈشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ تىلى شېئىرىي ھېسياتقا باي، ۋەزنى كۆركەم، ئوقۇغاندا خۇددى ناخشا ئېيتقانغا ئوخشايدۇ، شۇڭا كىتابخانلار ئۇنىڭ پەلسەپىۋى شېئىرلىرىنى زېرىكەرلىك ھېس قىلمايدۇ. ئۇنىڭ رۇبائىيلىرىنىڭ بۇ تەرىپى ئىنتايىن قىممەتلىكتۇر.

    ‹رۇبائىيلار›نىڭ يەنە بىر مۇھىم ئالاھىدىلىكى-ئۇ كۈچلۈك ھەجۋىيلىككە ئىگە بولۇپ، رۇبائىيلار ھەجۋ قىلىش، مەسخىرە قىلىش، ئۆزىنى مازاق قىلىش ھەم قىزىقارلىق يۇمۇرلار بىلەن تولغان. شائىر رۇبائىيلارنى ناھايىتى چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ ئىپادىلىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭ چوڭقۇر مەنىسىنى ئەستايىدىل ۋە ئىنچىكىلىك بىلەن ئوقۇغاندىلا، ئاندىن چۈشەنگىلى بولىدۇ. بۇلاردىن تاشقىرى، ئاپتور رۇبائىيلارنى يېزىشتا بىۋاستە ئوخشىتىش، يوشۇرۇن ئوخشىتىش، قەدىمكى ئارقىلىق ئەينى ۋاقىتتىكى ئىشلارغا ئىما-ئىشارەت قىلىش، تەكرار قوللىنىلغان ئاشكارا ئوخشىتىش ۋە يوشۇرۇن ئوخشىتىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللانغان.

     

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئۆمەر ھەييام , پارىسشۇناسلىق , رۇبائى , ئىران , سەلجۇقلار
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-8-10 19:24:52
    تەھرىر : yultuzay
    باھا : 0 كۆزىتىش : 205
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证