تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    mehray
    يىڭى ئەزا
    دەرىجىسى : 7
    جۇغلانما نۇمۇر : 0
    550396013@qq.com

    يازما سانى : 0
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : بار
    ئوتتۇرا ئەسىر پارس ئەدەبىياتى



    ئوتتۇرا ئەسىر پارس ئەدەبىياتى

     پارس (1935 ـ يىلدىن كېيىن «ئىران» دەپ ئاتالغان) تۆت ـ بەش مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە مەدەنىيەتلىك قەدىمكى دۆلەت. ئىران ئېگىزلىكى شىمالدا كاسپىي دېڭىزى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈزلەڭلىكىگە تۇتىشىدۇ، شەرقىي شىمالدا بولسا ھىندۇقۇش تاغ تىزمىسىدىن باشلىنىپ غەربىي شىمالدا كاپكاز تاغ تىزمىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىدە زاگروس تاغ تىزمىسى بار، جەنۇپتا پارس قولتۇقى ۋە ئەرەپ دېڭىزى بىلەن تۇتىشىدۇ. ئۇ – بىر قەدەر ئېتىك ئىچكى قۇرۇقلۇق ئېگىزلىكى.

    ئىران ئېگىزلىكىدىن ئەڭ قەدىمكى ئاھالە ئېلام قەبىلىسىدىن ئىدى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 4000 ـ يىلنىڭ ئالدى ـ كەينىدە، ئۇلار زاگروس تاغ تىزمىسىنىڭ غەربىي جەنۇب قىسمىدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 2000 ـ يىللارنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە قۇللۇق تۈزۈمىدىكى كۈچلۈك دۆلەت بولۇپ شەكىللەنگەن، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 7 ـ ئەسىردە ئاسسىرىيە پادىشاھلىقى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ پەيدىنپەي زاۋاللىققا يۈزلەنگەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 7 ـ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، ئىران ئېگىزلىكىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى مىدىيىلىكلەر باش كۆتۈرۈپ، ئاسسىرىيە پادىشاھلىقىغا زەربە بېرىپ، دەجلە، ئىۋفرات دەريالىرىنىڭ شىمالىي ۋادىسىدىكى قۇدرەتلىك دۆلەتكە ئايلانغان.

    ئىران ئېگىزلىكىنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمى پارس قولتۇقىغا يانداش رايون بولۇپ، بۇ يەردىلا پارسلار ئولتۇراقلاشقان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵئەسىرنىڭ باشلىرىدا پارسلار ئون قەبىلە بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئالتە قەبىلە دېھقانچىلىق بىلەن، تۆت قەبىلە چارۋىچىلىق بىلەن شوغۇللىناتتى. مىدىيىلىكلەرنىڭ قۇلدارلىق دۆلىتى قۇدرەت تاپغان چاغدا، پارسلارنىڭ قەبىلە ئىتتىپاقى مىدىيىلىكلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغانىدى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 553 ـ يىلى ئارخېمېند ئۇرۇقىدىن بولغان كۇرس (مىلادىدىن ئىلگىرىكى559 = 529) پارس قەبىلىلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قۇللۇق تۈزۈمىدىكى قۇدرەتلىك پېرسىيە دۆلىتىنى قۇرۇپ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 550 ـ يىلى مىدىيە پادىشاھلىقىنى، 538 ـ يىلى بابىل پادىشاھلىقىنى يوقاتقان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 529 ـ يىلى، كۇرۇس ئوتتۇرا ئاسىياغا قارىتا ئېلىپ بارغان كېڭەيمىچىلىك ئۇرۇشىدا ئۆلگەن. كۇرۇس ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى كامىسېس Ⅱ (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 529 = 522) مىلادىدىن ئىلگىرىكى 525 ـ يىلى مىسىرنى بويسۇندۇرغان. ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن، ئاخېمېند ئۇرۇقىدىن بولغان دارئۇس Ⅰ (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 521 = 485) تەختكە ئولتۇرۇپ، داۋاملىق كېڭەيمىچىلىك قىلغان، شۇنىڭ بىلەن شەرقتە ھىندى دەرياسىدىن باشلىنىپ، غەربتە كىچىك ئاسىيا، جەنۇبتا مىسىر قوشۇلۇپ پۈتكۈل ئوتتۇرا يېقىن شەرق رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، قۇللۇق تۈزۈمىدىكى بۈيۈك پېرسىيە ئىمپىرىيىسىگە ئايلانغان. بۇ چاغدا زورو ئاستېر دىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتىلگەن.

    پارس خەلقىنىڭ ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان ئەڭ قەدىمكى ھۆججىتى زورو ئاستېر دىنىغا دائىر كىتاب « ئاۋېستا» دۇر ئۇ تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىر ئارىلىقىدا شەكىللەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا پارس ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ نۇرغۇنلىغان قەدىمكى ئەپسانە ـ رىۋايەتلىرى، خەلق ناخشىلىرى ۋە ئېپوسلىرىدىن پارچىلار ساقلىنىپ قالغان. «ئاۋېستا» بولسا، قەدىمكى پارسلىقلارنىڭ تارىخى ۋە ئەدەبىياتىنىڭ ئومومىي توپلىمىدۇر.

    پېرسىيە مىلادىدىن ئىلگىرىكى 330 ـ يىلى ماكېدونىيە پادىشاھى ئالىكساندىر (ئىسكەندەر زۇلقەر نەپىن) تەرىپىدىن يوقىتىلغان مىلادىدىن ئىلگىرىكى 250 ـ يىلى پېرسىيىنىڭ شەرقى شىمال قىسمىدا فارفىيە پادىشاھلىقى باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، زېمىن دائىرىسى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربىي ئاسىيانى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇ، تەخمىنەن 500 يىل ئەتراپىدا دەۋر سۈرگەن. مىلادى 224 ـ يىلى پارسلار ئىچىدىكى ساسانىلار جەمەتىدىن بولغان ئارداشىر Ⅰ (مىلادى 226 = 241) لەشكەر تارتىپ فارفىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئىراندا ساسانىلار سۇلالىسى (مىلادى 226 = 642) نى قۇرغان. تارىختا بۇ «يېڭى پېرسىيە ئىمپىرىيىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. ساسانىلار سۇلالىسى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەت بولۇپ، ئۇنىڭ پەن ـ مەدەنىيىتى ئالاھىدە گۈللەنگەن. ھازىرغىچە ئۇنىڭدىن «ھۆكۈمرانلار تەزكىرىسى»، «پادىشاھ ئارداشىرنىڭ تۆھپىسى»، «مازداك تەزكىرىسى» قاتارلىق ئەسەرلەر ساقلىنىپ قالغان. ساسانىلار سۇلالىسى مىلادى 642 ـ يىلى يېڭىدىن گۈللەنگەن ئەرەب ئېمپىرىيىسى تەرىپىدىن يوقىتىلغان. بىراق پارسلىقلار ئۈلۈكسىز تۈردە ئەرەبلەرگە قارشىلىق كۆرسەتكەن. مىلادى 9 ـ ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، كەڭ رايونلار ئەرەبلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ، پارسلىقلار سامانىلار سۇلالىسىنى قۇرغان. Ⅺ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا سەلجۇق تۈركلىرى باش كۆتۈرۈپ كېڭەيمىچىلىك قىلغان. ئۇنىڭ زېمىنى شەرقتە ھىندۇقۇش تاغلىرىغىچە، غەربتە ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي قىرغاقلىرىغىچە سوزۇلۇپ، ئاسىيانىڭ غەربىدىكى چوڭ قۇدرەتلىك دۆلەتكە ئايلانغان. بۇ چاغدا پارس ئەدەبىياتىدا گۈللىنىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلگەن. ⅩⅢئەسىرنىڭ بېشىدا ئىران موڭغۇللار تەرىپىدىن ئىستلا قىلىنغان. ⅦⅩئەسىرنىڭ بېشىدا سافېي سۇلالىسى ئىراننى قايتىدىن بىرلىككە كەلتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ⅧⅩ ئەسىرگە كەلگەندە يەنە زاۋاللىققا يۈزلەنگەن.

    Ⅹ ئەسىردىن ⅤⅩ ئەسىرگىچە پارس ئەدەبىياتىدا گۈللىنىش بولغان دەۋر بولۇپ، بۇ دەۋردە مەيدانغا كەلگەن فىردەۋسى، ھاپىزشىرازى، ئۆمەر ھەييام، رۇداكى قاتارلىق شائىرلار ئوتتۇرا ئەسىر دۇنيا ئەدەبىياتىدا مۇھىم ئورۇن تۇتقانىدى.

    ئوتتۇرا ئاسىيادىكى پارسلار (تاجىكلار) قۇرغان سامانىلار سۇلالىسى دەۋرى (879 ـ 999) دە ئۆتكەن داڭلىق شائىر دەقىقى پارسلارنىڭ شەرقتىكى ھەرقايسى مىللەت خەلقىنىڭ ئەرەب ئېمپىرىيىسى بېسىپ كىرىشتىن ئىلگىرىكى تارىخىي ۋەقەلىرىنى كۈيلىگەنىدى. شائىر رۇداكى (858 ـ 941) لىرىك شېئىرلىرى بىلەن مەشھۇر بولۇپ، ئۇ ئۆز شېئىرلىرىدا جەمئىيەتتىكى باي ۋە كەمبەغەللىكتىن ئىبارەت تەڭسىزلىكنى ئەيىبلەپ، ئېزىلگۈچىلەرنىڭ دەرد ـ ئەلەملىرىگە ھېسداشلىق قىلغان، شۇنداقلا ئۇنىڭ يەنە فېئوداللارغا مەدھىيە ئوقۇغان شېئىرلىرىمۇ بار.

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : پارس ئەدەبىياتى , مەدەنىيەتلىك قەدىمكى دۆلەت , ئىران ,
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-8-9 20:31:00
    تەھرىر : admiral
    باھا : 0 كۆزىتىش : 954
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证