تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    mehray
    يېڭى ماتروس
    دەرىجىسى : 6
    جۇغلانما نۇمۇر : 85
    mkka520@126.com

    يازما سانى : 4
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-7-30 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ھاپىز شىرازى(1300 - 1389)



     خوجاھاپىز(1300 - 1389)

    خوجاھاپىز (1300 - 1389)، ئەسلى ئىسمى شەمشىدىن مۇھەممەد بولۇپ، پارسلارنىڭ ⅣⅩ ئەسىردە ئۆتكەن ئەڭ ئۇلۇغ لىرىك شائىرى، ئۇنىڭ پۈتۈن ئۆمرى ئىراننىڭ پارس ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى شىراز شەھىرى ئۆتكەن. ئۇ تېئولوگىيە ۋە ئەرەب ئەدەبىياتىغا كامىل بولۇپ، ياش ۋاقتىدىلازېھنى ئاجايىپ ئۆتكۈر بولغانلىقى ھەمدە قۇرئاننى يادقا ئوقۇيالايدىغانلىقى ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان، كېيىنرەك بىر دىنىي مەكتەپتە تېئورلوگىيىدىن دەرس بەرگەن. ئۇ خېلى بۇرۇنلا شېئىر يېزىشقا كىرىشكەن بولۇپ، ئەرەب شېئىريىتىنىڭ گۈزەل شېئىر شەكلى بولغان گازىرا نەزمىسىنى ئۆز شېئىرلىرىنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى قىلغانلىقى بىلەن داڭ چىقارغان. ئۇ دادىللىق بىلەن بىر قىسىم «قەسىدە» لەرنى يېزىپ، شېرازار شەھىرىنى مەركەز قىلغان جەنۇبىي ئىران خانلىقىنىڭ ھوقۇقدارىغا تەغدىم قىلىپ زور شۆھرەت قازانغان. كېيىن باغدات ۋە دېھلى پادىشاھلىرى ئۇنىڭ داڭقىغا ھەۋەس قىلىپ، ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ ئوردا شائىرى بولۇشقا تۈرلۈك ئاماللار بىلەن تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ھاپىز مۇستەقىللىك ۋە ھۆرلۈكنى قەدىرلىگەچكە، ئۆز ۋەتىنىدىن ھەرگىز ئايرىلمىغان. 1387 ـ يىلى، ئاقساق تۆمۈر شېراز شەھىرىنى ئىشغال قىلىۋالغان چاغدا، ھاپىز ئۇچىسىنى ياپقىدەك كىيىم كىيىشكە، قورسىقى تويغۇدەك ئوزۇقلىنىشقا قۇربى يەتمەيدىغان بىر قېرى بولۇپ قالغانىدى. ئۇ تۆمۈرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن زېرەكلىك بىلەن ئۆزىنى چەتكە ئالغان بولسىمۇ، لېكىن ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن غەزەپ ـ نەپرەت ۋە غۇربەتچىلىك ئىچىدە ئالەمدىن ئۆتكەن.

    ھاپىز ياشىغان دەۋىردە پارسلار ئۈستى ـ ئۈستىلەپ يات مىللەتلەرنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچراپ، ئۇزاق مەزگىلگىچە يات مىللەتلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا قېلىپ، دۆلەت نۇرغۇنلىغان فېئوداللارنىڭ ئىلكىدىكى زېمىن بولۇپ پارچىلنىپ كەتكەنىدى. ئىنتايىن ئېغىر بولغان فېئوداللىق تۈزۈم ۋە زۇلۇم ئۇنىڭ ئۈستىگە چوڭ فېئوداللار ئارا ھەدەپ قورال ـ ياراقلارنى ئىشقا سېلىپ، ئېلىپ بېرىلغان ھوقۇق ۋە مەنپەئەت تالىشىش يېغىلىقلىرى، پارس خەلقىنىڭ تۇرمۇشىنى ئېغىر ئازاب ـ ئوقۇبەت گىردابىغا قالدۇرغانىدى. مۇنداق ئەنسىزچىلىك ۋە خەلق كۈن كۆرەلمەيدىغان دەرىجىگە چۈشۈپ قېلىشتەك ئېچىنىشلىق ئەھۋاللار ھاپىزنىڭ ئازاب ـ ئوقۇبەت ۋە تەسىراتلار ئىپادىلەنگەن شېئىرلىرىدا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، بۇلار ۋەھشى تاجاۋۇزچىلارنىڭ ۋە زورلۇق ـ زۇمبۇلۇق بىلەن تۈرلۈك ئالۋاڭ ـ ياساق ئالىدىغان ھۆكۈمرانلارنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنىڭ ئەينەن تەسۋىرى بولۇپ قالغانىدى. ھاپىز ھەر قانداق ھۆكۈمرانلارغا بولغان خام خىيالىنى تاشلىغان بولۇپ، ئۇ ھەم زامانداش بولغان بىر قىسىم خوشامەتچى زىيالىيلارغا ئوخشاش يۇقىرى قاتلام سىنىپلىرى ئۈچۈن تەشۋىقات ئېلىپ بارمىغان، ھەم ئۆزىنىڭ ئىلگىرى ئۆتكەن پىشقەدەم شائىرلارغا ئوخشاش قەدىمكى خان ـ پادىشاھ، لەشكەر بېشى ھەم ۋەزىر ـ ۋۇزۇرالارنىڭ ھەربىي ۋە مەمۇرىي جەھەتتىكى مۇۋەپپىقىيەتلىرىنى مەدھىلىمىگەن ئەينى زاماندىكى ھۆكۈمرانلار ئۈچۈنمۇ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ۋە تىنچلاندۇرۇش توغرىسىدا ھېچقانداق «رېتسىپ» يېزىپ بەرمىگەن.

    ھاپىزنىڭ يېزىپ قالدۇرغان لىرىك شېئىرلىرى 500 نەچچە پارچە بولۇپ، ئۇنىڭ ئىدىيىۋىلىكى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان لىرىك شېئىرلىرىدا ئۆزىنىڭ چىرىك ھۆكۈمرانلار سىنپىدىن ئۈمىد ئۈزگەنلىكى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ۋە شېئىرلارغا فېئوداللىق جەمئىيەتنىڭ يىرگىنىچلىك رېئاللىققا قارشى چىقىشتەك ئىدىيىۋى كەيپىيات سىڭدۈرۈلگەن، ئۇلاردا روھانىلارنىڭ ساختىلىقى ۋە ئىدىيىۋى نامراتلىقى رەھىمسىز تۈردە مەسخىرە قىلىنغان. بىراق، ئۇ ھۆكۈمران سىنىپلارنىڭ چىرىكلىكىدىن ئۇنىڭ مۇقەررەر گۇمران بولىدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەچكە، ئۇنىڭدا ئادەمنىڭ تەقدىرى «سىرلىق» ئىكەن، دېگەن ئۈمىدسىزلىك كەيپىياتى تۇغۇلغان، ئۇنىڭ بەزى شېئىرلىرىغا «ئىستىقبال قاراڭغۇ» دەيدىغان روشەن ھەسرەتلىك ئۇقۇملار ئارىلاشقان.

    ھاپىز گەرچە ئۆزى بىلەن زامانداش شائىرلارغا ئوخشاش سوپىزمچىلاردىن بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇمۇنتەزىل سوپىزمچىلاردىن ئەمەس ئىدى. سوپىزم پەلسەپە ئىلمىدىكى ناھايىتى سىرلىق بولغان بىر خىل دىنىي ئەقىدە بولۇپ، ئەڭ دەسلەپتە ئەرەبلەرنىڭ تەسىرىگە ئاستىرتتىن قارشى تۇرغان، ئۇ «فېئودالىزىمغا قارشى ھەرىكەت شەكلى» نىڭ بىر خىلىغا مەنسۇپ بولۇپ، كېيىن ھۆكۈمران سىنىپلارنىڭ ئېزىلگۈچى سىنىپلارنى بىخوتلاشتۇرىدىغان قورالىغا ئايلىنىپ قالغان. ھاپىز سوپىزمىنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا ئۆزىنىڭ ئەركىنلىك ئىدىيىسىنى خۇپىيانە ھالدا تەشۋىق قىلغان. ئۇ مۇھەببەت ۋە مۇسەللەسنى ئۆزىنىڭ شېئىر ئىجادىيىتىدە مۇھىم مەزمۇنلىرىنىڭ بىرى قىلىپ،ئىندىۋىدۇئال مۇستەقىللىك ۋە ئەركىنلىكنى تەشەببۇس قىلغان ھەم راھەتپەرەسلىكنى تەشۋىق قىلغان. شۇ ئارقىلىق سوپىزمچىلارنىڭ ساختا زاھىتلىقىغا ۋە ئىتائەتمەنلىك بىلەن بويسۇنۇش توغرىسىدىكى ۋەز ـ نەسىھەتلىرىگە بىۋاستە قارشى چىققان. مۇنداق جاسارەت ئەينى زاماندا ھەقىقەتەن قەدىرلەشكە ئەرزىيتتى.

    ھاپىزنىڭ شېئىرلىرى تەسەۋۋۇرغا، چوڭقۇر مەزمۇنغا ۋە باي پەلسەپىۋى قائىدىلەرگە ئىگە. شېئىرلاردا ئىپادىلەنگەن ھېسسىيات سەمىمىي يالقۇنلۇق ۋە ساپ بولۇپ كىشىنى ئالىجاناب ھەم گۈزەل بىر مەنىۋى مەنزىلگە ئېلىپ كىرىدۇ. شۇڭا، ئۇنىڭ شېئىرلىرى پارس لىرىكىسىنىڭ يۈكسەك پەللىسى دەپ بىردەك ئېتراپ قىلىنىپ كەلمەكتە. ھاپىز شېئىرلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مۇكەممەل بولغان ھېكايە ۋەقەلىكى بولسىمۇ، لېكىن ھەربىر شېئىردا ئىپادىلەنگەن ئىدىيىۋى كەيپىيات باشتىن ـ ئاخىر ئوخشاش. ئۇ ئۆز شېئىرلىرىدا بەھرى ھەزەج شېئىر ئۇسلۇبىنى كۆپرەك قوللانغان، بۇ خىل شەكىلنىڭ جۈملە تۈزۈلۈشى پۇختا، سۆز ـ ئىبارىلەرنىڭ ئىشلىتىلىشى دەل جايىدا بولۇپ، خىلمۇخىل ئوبرازلىق ئوخشىتىشلارغا ئىگە. ھەربىر شېئىر ئادەتتە 7 بېيىتتىن 11 بېيىتقىچە (ھەربىر بېيىتى 2 مىسرا) بولغان بېيىتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھەربىر بېيىتنىڭ 2 ـ مىسراسىنىڭ ئاخىرقى بوغۇمى 1 ـ بېيىتنىڭ ئىچىدىكى ئوخشاش قاپىيىگە ئاھاڭداش بولۇپ، شېئىر تاكى ئاخىرغىچە قاپىيىگە چۈشىدۇ. ئادەتتە شېئىرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بېيىتىدە ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى كۆرسىتىپ بېرىلىدۇ ھەمدە شائىرنىڭ ئىسمىمۇ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، ھاپىز بەھرى ھەزەجدىن ئىبارەت شېئىر ئۇسلۇبىنىڭ «شەكلى» گە قىلچە بىپەرۋالىق بىلەن قارىماي شېئىرىيەتتە ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويغان. ئۇ: «شېئىرلىرىم دەل بەھرى ھەزەج‹شەكلى›دىن ئىبارەت مۇشۇ يىپقا ئۆتكۈزۈلگەن مەرۋايىت ئىدى. ئەگەر مۇشۇ يىپ بولمىغان بولسا، مەرۋايىتمۇ چېچىلىپ كەتكەن بولاتتى...» دەيدۇ.

    ھاپىزنىڭ شېئىرلىرى بىر نەچچە ئەسىر داۋامىدا قول يازما سۈپىتىدە ۋە خەلق سەنئەتكارلىرىنىڭ ئەۋلادتىن ـ ئەۋلادقىچە ئېيتىش شەكلى ئارقىلىق كەڭ تۈردە ساقلىنىپ كەلگەن بولۇپ، پارس خەلقىنىڭ قىزغىن سۆيۈشىگە مۇيەسسەر بولغان. بۈگۈنكى كۈندە بۇ شېئىرلار ھەممە ئادەمگە مەلۇم بولۇپ، ئوقۇغانلا كىشى ئاپىرىن ئوقۇماقتا. ھاپىزنىڭ «شېئىرلار توپلىمى» 1791 ـ يىلى تۇنجى قېتىم نەشىر قىلىنغانىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇنىڭ تەرجىمە نۇسخىسى ⅧⅩ، ⅨⅩ ئەسىرلەردە مىسىر، تۈركىيە، ھىندىستان، گىرمانىيە،ئەنگىليە، روسىيە قاتارلىق بىر مۇنچە دۆلەتلەردە ئارقىمۇ ـ ئارقا نەشىر قىلىنىپ، دۇنيا شېئىريىتىنىڭ تەرەققىياتىغا بەلگىلىك تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن. گىرمانىيەنىڭ مەشھۇر شائىرى گىيوتى ھاپىزنىڭ شېئىرلىرىنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەي تەرىپلەپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ ئۆزى شەرق ۋەقەلىكلىرىنى تېما قىلىپ شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان ۋاقتىدا ھاپىزنىڭ لىرىك شېئىرلىرىدىن نۇرغۇنلىغان پايدىلىق ئىلھاملارنى ئالغان.



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : خوجاھاپىز , لىرىك شائىر , شىراز شەھىرى , ئىران
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-8-9 20:21:38
    تەھرىر : admiral
    باھا : 0 كۆزىتىش : 66
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证