تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    mehray
    يېڭى ماتروس
    دەرىجىسى : 6
    جۇغلانما نۇمۇر : 85
    mkka520@126.com

    يازما سانى : 4
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-7-30 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    فىردەۋسى (934 ـ 1021)



     فىردەۋسى (934 ـ 1021)

      شائىر فىردەۋسى (934 ـ 1021) نىڭ داستانى «شاھنامە» جەمئىي 120 مىڭ مىسرا بولۇپ، 50قىسىمدىن تەركىب تاپقان. ئۇنىڭدا ئىراننىڭ 4000 يىلدىن ئارتۇق داۋام قىلغان تارىختىكى 50 پادىشاھ ۋە خاننىڭ ئىش ئىزلىرى بايان قىلىنغان، ئۇ نۇرغۇن خەلق ھېكايىلىرى، قەدىمكى رىۋايەتلەر تارىخىي چۆچەكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، كلاسسىك ئالماش قاپىيە شەكلى بىلەن يېزىلغان. بۇ چوڭ ھەجىملىك داستاننىڭ مەزمۇنىنى ئۈچ قىسىمغا بۆلۈش مۇمكىن، بىرىنچىسى، ئەپسانىلار قىسمى بولۇپ، بۇ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 3223 ـ يىلىدىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 782 ـ يىلىغىچە بولغان ۋەقەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ۋەقەلەرنىڭ ئىچىدە تۆمۈرچى قاۋىنىڭ يىلان پادىشاھى چاخاتقا قارشى تۇرۇش ھېكايىسى كىشىنى قاتتىق تەسىرلەندۈرىدۇ. چاخات ئىراننى بېسىۋالغاندىن كېيىن، ھەر كۈنى يەرلىك بالىلارنىڭ مېڭىسىنى يەپ، ئۆز بەدىنىدىكى يىلاننى سەمرىتىدۇ، تۆمۈرچى قاۋىنىڭ 18 بالىسى بولۇپ، 17 سىنى يىلان يەپ كېتىدۇ، نۆۋەت 18 ىگە كەلگەندە قاۋى چىداپ تۇرالمايدۇ، ئۆز بەدىنىگە ئورىغان يېپىنچىسىنى بايراق قىلىپ كۆتۈرۈپ، خەلقنى يات مىللەتنىڭ زوراۋانلىقىغا قارشى كۈرەشكە باشلاپ، ئاخىرى غەلبە قىلىدۇ؛ ئىككىنچىسى، باتۇرلار قىسمى بولۇپ، بۇ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 782 ـ يىلدىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 50 ـ يىلغىچە بولغان ۋەقەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە باتۇر رۇستەمنىڭ ھېكايىسى كاتتا ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. رۇستەم 2000 يىللىق ئىران خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدا ئەڭ ھۆرمەتكە ئىگە قەھرىمان شەخس بولۇپ، ئېيتىلىشلارغا قارىغاندا، ئۇ قەدىمكى ئۇرۇقداشلىق تۈزۈم جەمئىيىتىدە تاجىكلارنىڭ بوۋىسى ئىكەنمىش. يات مىللەت ۋەھشىلىرىگە قارشى كۈرەشلەردە نۇرغۇن ئاجايىپ تۆھپىلەرنى ياراتقانمىش؛ ئۈچىنچىسى، تارىخ قىسمى بولۇپ، بۇ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 50 ـ يىلدىن مىلادى 642 ـ يىلغىچە بولۇپمۇ ئەرەبلەرنىڭ ئىرانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشتىن بۇرۇنقى ساسانىلار سۇلالىسى (مىلادى 226 = 642) دىن 28 پادىشاھنىڭ ئىش ـ ئىزلىرىنى، بەھرام گۆر، بەھرام چوبىنلەرنىڭ توپىلىڭى بىلەن مازداق خەلقىنىڭ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش قاتارلىق ھېكايىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ۋاھالەنكى شۇ مەزگىلدە، ئىرانغا 500 يىلدىن ئارتۇق ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئارىساڭ پادىشاھلىقى داستاندا تىلغا ئېلىنمىغان، چۈنكى شائىر فېئوداللىق ئەنئەنىۋى نۇقتىنەزەردە ئۇنى «قانۇنسىز ھوقۇق تارتىۋالغان» دەپ تونۇغان.

    فىردەۋسى دەۋر ھەم سىنىپنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغان. «شاھنامە» دە قەدىمكى ئىراننىڭ ئوتپەرەسلىكتىكى ئاتالمىش يامانلىق بىلەن ياخشىلىقنىڭ مەڭگۈلۈك كۈرىشى مۇھىم لىنىيە قىلىنىپ، فېئوداللىق مۇنتەزىل پادىشاھلىق ھاكىميەت ئىدىيىسى تەرغىپ قىلىنىپ، ئەجدادىدىن تارتىپ، خان بولۇش سېستىمىسى ھىمايە قىلىنغان. ئاقسۆڭەكلەردىن باتۇر چىقىدۇ، قوماندانلاردىن يولۋاس چىقىدۇ، دەيدىغان فېئوداللىق دەرىجە كۆز قارىشى تەكىتلەنگەن. ئەمما يەنە بىر داستاندا يات مىللەتلەرنىڭ ھۇجۇم قىلىپ كىرىشى ۋە فېئوداللىق پارچىلنىشقا كۈچلۈك قارشى چىقىش، مىللەتنىڭ مۇستەقىللىكى ۋە دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى تەكىتلەش مۇستەبىت پادىشاھلارنىڭ قاتتىق قوللۇق سىياسەتلىرىنى چەكلەش، گۈللەنگەن دەۋرگە ئىنتىلىش قاتارلىق ئىدىيىلەر تەرغىپ قىلىنغان. شەك ـ شۈبھىسىزكى، بۇ خىل ئىدىيە شۇ چاغدىكى خەلقنىڭ مەنپەئىتى ۋە تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇپ، شائىرنىڭ دېموكراتىك ئىدىيىۋى خاھىشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن «شاھنامە» يېزىلىپ پۈتكەندىن كېيىن، شائىرنىڭ كېيىنكى ئۆمرى ئەكسىيەتچى ھۆكۈمرانلارنىڭ دەھشەتلىك زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان.

    فىردەۋسى ئوتتۇرا ئەسىر ھۆكۈمرانلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ لېكىن، ئۇ ھامان كەڭ پارس (ئىران) خەلقىنىڭ قەدىرلىشىگە ئىگە بولغان. 1934 ـ يىل ئىران دۆلىتى شائىر تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن تەنتەنىلىك خاتىرلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن ھەم ئۇنىڭ مازىرى ئورنىغا فىردەۋس قەبرىستانلىقىنى ياسىغان، شائىرنىڭ يۇرتى تۇس شەھىرىنى فىردەۋس شەھىرىگە ئۆزگەرتكەن. «شاھنامە» ئىراننىلا ئەمەس، بەلكى ئىراق، ئاففانىستان، پاكىستان، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ كەڭ تارقالغان ھەمدە ياۋرۇپادىكى بارلىق ئاساسىي تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان.



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : فىردەۋسى , شاھنامە , چوڭ ھەجىملىك داستان , _
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-8-9 20:18:44
    تەھرىر : admiral
    باھا : 0 كۆزىتىش : 34
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证