تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-شېئىر ›› ئانامنىڭ تۇزى-مەھمۇد مۇھەممەد (ئۆزلەت)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    zulhami
    يېڭى ماتروس
    دەرىجىسى : 6
    جۇغلانما نۇمۇر : 109
    zulhami@163.com

    يازما سانى : 5
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-7-7 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ئانامنىڭ تۇزى-مەھمۇد مۇھەممەد (ئۆزلەت)


    ئانامنىڭ تۇزى

    مەھمۇد مۇھەممەد (ئۆزلەت) 

     

    جېنىمغىنە –جېنىم.

    پۈتمەس قەرزىم.

    ئۆچمەس ئۈمىدىم.

    قۇشلار كەتسە قايتار يولچىدەك،

    گۈللەر توزۇپ باھاردا پورەك،

    ئەمما ئانام مىھمان، مەن گۆدەك،

    كۈتەر ئۇيقۇسىز

    يالغۇز چىراق غېرىب يۇلتۇزدەك.

    ياشالمىسام بىركۈن ئانا دەپ

    ئانا!

    مەندە تالاي ئەجرىڭىز قالدى،

    قانداق ياندۇراي ھەققىڭىز قالدى؟

    بىلىمەن

    ‹‹بالام›› دەپ سوقىدۇ سىزدە بىر يۈرەك!

    تۈگىمەس دەردىم.

    ئۈنلەيدۇ قەلبىم

    پايىڭىز ئاستىدا قىلالماي خىزمەت.

    قولۇمدىكى يارغا يازغان خەت

    ياشلىقىمدىن ئۆرۈپ ئالتۇن بەت

    ئەمما

    قاچان سىزگە باقتىم ئەركىلەپ؟

    بەلكىم پۇتى تالغان بولغىيدى،

    بەلكىم بېشى قايغان بولغىيدى،

    ھەتتەڭەي

    بىرپىيالە چاي تۇتسام دەملەپ...

    چىچەكلەر ئۈزۈلدى ‹‹بالام، بالام››  دەپ،

    بىر كۆچەت قويمىدىم تېخى ئانام دەپ،

    بىر كوزا تۇزنى كۆتۈردۈم ئاچچىق

    كىم ماڭا ئاخىر كۆيەر ئانامدەك؟

    تۈگىمەس دەردىم.

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئانامنىڭ تۇزى , مەھمۇد مۇھەممەد (ئۆزلەت) , _ ,
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-8-8 19:48:57
    تەھرىر : halil
    باھا : 0 كۆزىتىش : 63
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证