تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    aypalta
    كوماندېر
    دەرىجىسى : 3
    جۇغلانما نۇمۇر : 12350
    Enwerhamut@gmail.com
    0
    يازما سانى : 55
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-4-8 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    يالغانچى باھار



     

    Yalancı Bahar 

    Bekir Coşkun

    يالغانچى باھار

    بەكىر جوشكۇن ( تۈركىيە)

     

    ھاۋادا گۈل-چېچەك ھىدى،

    دەرەخلەر پوتلا چىقاردى.

    ئۈچقۇلاقلار يەر يېرىپ

    ئۈركىگىنىچە بېشىنى چىقاردى.

    قۇياش ئىسسىق، شامال نازلىق،

    قۇشقاچلار سۆيگۈ ساماسى سالار.

    لېكىن مەن بىلىمەن گۈلۈم،

    بۇ يالغانچى باھاردۇر، يالغانچى باھار...

     

    تۇيۇقسىزلا بىر سوغۇق شامال چىقار،

    قارا بۇلۇتلار يىغىلار

    تېخى تۆنۈگۈن باھارنىڭ كەلگىنىگە ئىشىنىپ قالغان قۇشلارنىڭ

    يېرىم قالغان ناخشىلىرىنىڭ ئورنىنى

    تامغا ئۇرۇلغان قاڭالتىرلارنىڭ ئاۋازى ئالار.

    قۇشقاچلار قېچىشار

    چىشى تۇرۇلغا گاڭگىراپ قالار

    تاڭ قويۇپ ھەممىنى قىش قايتىپ كېلەر.

    بوران-چاپقۇن، قەھرىتان سوغۇق...

    يامغۇر ئارىلاش قار.

    دەل شۇنداق چاغدا مەن

    گۈل غۇنچىلىرىنىڭ ئېچىلار-ئېچىلماستىنلا

    قورۇلۇپ يېنىشلىرىغا چىدىيالمايمەن.

     

    ھايات ئەزەلدىن « يالغانچى باھار» لارغا تولغاندۇر،

    بەزىدە بىر كۈلكە، بەزىدە نەچچە مىسرا خەت،

    بەزىدە بىر خىيال،

    بەزىدە بىر توي،

    بەزىدە بىر ئىش،

    بەزىدە كىچىككىنە بىر ئۈمىت.

    بىخلار سۈرەر

    قۇياش ئىسسىق، ئىللىق شامال...

    لېكىن يالغانچى باھار

    مەن يالغانچى باھارلارنى بىلىمەن.

    نېمە ئىدى ئەيتاۋۇر؛ چېچىمنى تۇنجى رەت تارىشىم،

    قوشنىمىزنىڭ قىزىغا يازغان

    تۇنجى سۆيگۈ خېتى،

    تۇنجى دىپلوم،

    تۇنجى خىزمىتىم،

    يەنە مەسىلەن؛ ساۋادىم يېڭى چىققان چاغ،

    دۇنيانى ئۆزگەرتىشنى ئويلاشلىرىم،

    ئەمەلگە ئاشۇردۇم دەپ ئويلىغان ئۈمىتلىرىم،

    بۇلار ــ ماڭا نېسىپ بولغان يالغانچى باھارلار ئىدى گۈلۈم.

     

    ھاۋادا گۈل-چېچەك ھىدى،

    ئەقلى-خىيالىم ھاۋادا ئەمدى،

    كۆزلىرىم ئۇپۇقلاردا بۇلۇت قوغلايدۇ.

    قۇشقاچلارنىڭ ناخشىسى يېرىم قالمىسۇن،

    بېشىنى تەبىئەتكە ئۇزاتقان بىخلار،

    ئۈركۈگەك گۈللەر قۇرۇپ كېتەر دەپ كۆزۈم بۇلۇتلاردا،

    يەنە بىر يالغانچى باھارمىدۇ دەپ ئۆتۈم قوپار

    مەن يالغانچى باھارلارنى بىلىمەن، گۈلۈم...

     

     

    تۈركچىدىن ئەنۋەر ھامىت( ئايپالتا) ئۇيغۇرچىلاشتۇردى.



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : بەكىر جوشكۇن , يالغانچى باھار , _
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-8-7 13:50:21
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 152
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证